مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6011|ئىنكاس: 39

نىكاھتىن ئاجىرىشىش قىسمەتلىرى ۋە دەيدىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 02:29:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھتىن ئاجىرىشىش قىسمەتلىرى ۋە دەيدىغانلىرىم ،ئويلايدىغانلىرىم.  
ئالدىنقى ھەپتە بىر كۈنى توساتتىن تېلفۇنۇمغا خەنزۇچە كۈندىلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىدىن كەلگەن، ئۇچۇر دىكى <ئاجرىشىش نىسپىتى داۋاملىق تىز سۈرئەتتە ئشىۋاتىدۇ> دىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ،كۆڭلۈم بىر قىسىم بۇلۇپ قالدى،ياخشى ئىش ئەمەستە بۇ...
شەخسەن پىقىرمۇ بۇ ئىشتىن مۇستەسنا ئەمەس،مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ بېشىدىن ،دوسىت –بۇرادەرلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن نىكاھ تۇرمۇشى توغرىدىدىكى بۇ ھەقتكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلىدىم ۋە دوسىتلارنىڭ كۈڭۈللۈك ،خاتېرجەم ئائىلە تۇرمۇشى قۇرۇش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى توغرىسىدا ئاز-تولا پايدىسى بۇلۇپ قالار دەپ بۇ تىمىنى يوللاشنى خىيال قىلىپ قالدىم ...  
ئۆزەممۇ كىينكى تۇرمۇشۇمدا مۇشۇ نوقتىلارغا بەكىرەك دىققەت قىلسام بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.<دېمىسىمۇ ئىشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن يەرگە ئىككىنچى دەسسىمەيدۇ>دىگەن گەپ بار.   
مەن ھىس قىلغان ،دىققەت قىلىشقا ،ئويلىنىشقا ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە دەپ قارىدىم ...   
نىكاھتىن ئاجرىشىتىكى مەن ھىس قىلغان ،ئۇمۇميۈزلۈك يامراۋاتقان سەۋەبلەر.  
1. ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ئەردە ،ھوقۇق ئايالدا بولۇش(قانۇندىكى باراۋەرلىكنى ئاياللارنىڭ مۇتلەق ھىمايە قىلىپ،شۇ بويىچە ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىشى)  
ئايال بولسىڭىز ،ئىشەنمىسىڭىز، ئويلىنىپ كۈرۈڭ،ئەل –جامائەت بىلەن ئارلىشىپ ،تۈرلۈك پائالىيەتلەردە،ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداشتا ،باشقا كۈن چۈشكەندە،ئۆيدە كىلىشمەسلىك كەلگەندە ...تۈرلۈك ئىشلاردا قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئەرنىڭ زىممىسىدە،ئۆيدىكى يوق نەرسىلەر،تۇرمۇشقا لازىمەتلىكلەر...ئەرنىڭ زىممىسىدە...مەسلەن شۇ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن ئايال چىقالامدۇ؟ئەردەك قىلالامدۇ؟........   
شۇلارنى ئويلىسىڭىز يەنە تەڭ تۇرۇشقا پېتىنالامسىز...<كۈندە ساڭزا يەيدىغان ھېيىت بولمىغاندەك ،ياخشى كۈنلەردە،يامان كۈنلەرنىڭمۇ كېلىدىغان ،بولىدىغانلقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك،ئەرلەرمۇ بۇ مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىز قاچماسلىق كېرەك...  
2. باراۋەرلىكنى قوغلىشىش ،ئايال بولسىڭىز ئويلىنىپ كۈرۈڭ،سىز باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ قەيەرگە بارماقچى،ئەرلەر نىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە كۆرگەن –بىلگەنلىرى،نەزەر دائېرىسى ئەلۋەتتە سىزدىن كۆپ بولىدۇ،شۇڭا ئۇلار ئائىلىنى باشقۇرۇلايدۇ دەپ قارالغان،لىكىن سىز بۇ ھۇقۇققا تاجاۋۇز قىلىپ نىمىگە ئىرىشەلەرسىز ،ئەلۋەتتە ئىرىشكىنىڭىز ساختىلىق ،يوقاتقىنىڭىز ھەقىقى بەخىت ...  
مەن مۇنداق بىرگەپنى ئاڭلىغان ،ھەم مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ<ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەر،بۇسۇغىدا بىچارىلەرچە ئۆي ئىچىگە تەلمۈرگەن چاغدا ،ئائىلىڭىز ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ بولغان بولىدۇ>،چۈنكى بۇ بىر ئەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوقىتىش ،يەنى روھ يوقىتىش،پۇلنىڭ ئىشى بۇنىڭ ئالدىدا ئانچە چوڭ مەسلە ئەمەس،چۈنكى ھىچكىم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پۇل بىلەن چۈشمىگەن.  
3. ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئايالنىڭ ئەرگە ھەددىدىن زىيادە تاينىۋېلىشى.
مەسىلەن بىر ئائىلىدە ئەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ،ئايالنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ئايرىم بولىدۇ،لىكىن بۇلار بىرلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ،لىكىن يەنىلا <قۇشقاچ بولسىمۇ ،قاسساپ سويسا ياخشى>،<ئەرلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىشى ماھىيەتتە ئائىلىگە كۈيۈنگەنلىك ،نىكاھ تۇرمۇشنى مۇستەھكەملىگەنلىك >دەپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولىسىمۇ لىكىن <ئادەتكە ئايلانغان ئىشلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى> ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
ئەرلەر كەتمەن چاپسا چاپسۇنكى ،قارا ئىش قىلسا قىلسۇنكى ،ئۇششاق ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلدۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمەڭ.ئىرىم بىكار تۇرامدۇ دەپ ھەرگىز ئويلىماڭ ،قىلغۇزغىڭىز كىلىپ كەتسە ئەرگە خاس ئىشلاردىن تېپىپ بىرىڭ.   
4. ئەرلىرىنى ھە دىسىلا پۇل تاپقان ،يول تاپقان ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ ،ئۆزىنى ھە دىسىلا مودا كىيىنگەن ،ئىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغان ،ھە دىسىلا ئائىلە ئىشلىرىغا تازا سالىدىغان ،ھەتتا ئەخلاقسىز ئاياللارغا سېلىشتۇردىغان ئىشلارنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلانماق لازىم ،<چۈنكى ئاغىينەڭ قاغا بولسا ،يىيىشىڭ پوق>دىگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان ،ماھىيەتتە ئۆزىنى يامان خۇيدىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرۇش نەتىنجىسدە ئۈلگە ئالىدىغان ئىشلار مۇقەررەر شەكىللىنىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئېنىقكى ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.  
5. قانۇننىڭ ،ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ ،ھە دىسىلا قانۇننى قورال قىلىشنى ئويلاش،بۇنىڭدىن سىز ئايال بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئاتا –بوۋىلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن ئىسىل ئەخلاقنى،كۈيۈمچانلىقنى ،كەچۈرۈشنى قورال قىلىڭ،چۈنكى <دۆلىتىمىزمۇ پۇقرالارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئۆتەيلى >دەۋاتقىلى نىكەم.سىز قانۇننى قورال قىلىپ ئىرىڭىزگە تېتىپ قويماقچى بولغاندا ئىرىڭىزنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز ،ھىچ بولمىغانداسىزدىن ۋاز كىچىشنى،شۇ قانۇندىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۇلارمۇ ئويلاپ يەتكەن بولىدۇ...  
6. شەخسىيەتچىلىكنى چىكىدىن ئاشۇرۋېتىش.  
كۆپ ساندىكى ئاياللار توي قىلسىمۇ يەنىلا قېيىن –ئاتا –ئانسىنىنىڭ مىجەزىگە كۈنەلمەي ،يات كۈرۈپ كېلىدۇ ،ئۆز-ئاتا-ئانىسىغا قىلغاندەك قىلىپ بولالمايدۇ،ھەر شەنبىلىككە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئويلايدۇ،بارىدۇ،ئەمما ئەرنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭمۇ ئۆيىگە چۇقۇم يەكشەنبىنى ياكى شۇ شەنبىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ قويۇشنى ،ھەر ئىككى ئائىلىدىكىلەرگە ئورتاق قاراشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
چۈنكى ئىرىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ،سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزدەك ئۇنى شۇنداق جاپادا بېقىپ قاتارغا قېتىپ ،يەنە سىنى ۋە بالىلارنى بېقىپ ،بۇ ھاياتلىقنى ئۆزيولىدا داۋام ئەتتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان،قانداقلا بولمىسۇن ،قانداقلا قىلمىسۇن ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا باھانە تېپىشنىڭ ئۆزى ئۆزىنىڭ نىكاھ دەرىخىنىڭ ھۇلىغا پالتا ئۇرغانلىق ،ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ،ھەر قانداق يامان ئادەمنىڭمۇ ياخشى تەرىپىنى ئويلانساقلا تاپالايمىز.
7. قەتئى ئىسىڭىزدە بولسۇنكى <باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇشقا بولىدۇكى ،ئەمما يامانلىقنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ>،باشقىلاردىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنۇتماڭ،ئىتىڭىز سىزنى چىشلىۋالغان تەقدىردىمۇ ،ئۇنىڭ تالاي كېچىلەر سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى قوغداپ بەرگەنلىكىگىمۇ كۆز يۇمماڭ.
8. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىڭ،چۈنكى شۇ غۇرۇرى بولغاچقا شۇ ئىرىڭىز نۇرغۇن سىناق ۋە مۇشاققەتلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدۇ،ئۆزىنى تۇتۋالالايدۇ،ئەگەر بويسۇىندۇرۇپ ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرۇن بويسۇندۇرۋالدىمۇ دەيلى ،ئۇ چاغدا ۋىجدان ۋە غۇرۇرى نىمجان بولغان ئەردىن چۇقۇم بىر كۈنى بىزار بولىسىز ،ھەم شۇ ئەرمۇ ئۆزىگە ئىشەنىچ ئاتا قىلالايدىغان بىرىنى تاپقاندا ،ھىچ ئىككىلەنمەي سىزدىن يۈز ئۈرۈشكە تەييارلانغان بولىدۇ.
(ماڭا تەسىر قىلغان ئۇنتۇلماس ئەمەلىي مىساللار سېلىشتۇرمىسى:  
مەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم خەنزۇچە ئۆگىنىش كۇرسىدا بىر خەنزۇ ئايال ئوقۇتقۇچمىز(باشلانغۇچنىڭ)مۇنداق بىىر دەرىسلىك مەزمۇنىغامۇناسىۋەتلىك بىر مىسالنى كەلتۈرگەن.
1-مىسال<ھەپتىدە ئۈچ كۈن مەن تاماق ئىتىپ ،قاچا يۇيۇپ ،كىر يۇيىمەن،ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئىرىم شۇنداق قىلىدۇ،يەكشەنبە بىر كۈن تازا ئۇخلايمىز ،تاماقنى بازاردىن يەيمىز>دىگەندە ،نۇرغۇن قىز –ئاياللار دەردىنى سۆزلەپ ھەۋەسلىنىپ كەتكەن.بىر ئەر خىزمەتدىشىم نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈپ رەددىيە بەرسە شۇلار ئەيىپلىشىپ كەتكەن ،ئاندىن بىر نەچچىمىز سىنىپنى تاشلاپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالغان ،شۇ سىنىپتا 6`7چە ئەر ،30 دىن ئارتۇق قىز- ئايال بار ئىدى.
2-مىسال<شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىدا بىلىم ئاشۇرۋاتقاندا بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان 40 ياشلار ئەتراپىدا ،شۇنداق تەبئىي يۈرۈيدىغان ،ھەم چىرايلىق.ئۇمۇ شۇنداق بىر مىسال كەلتۈرۈپ قىز-ئاياللارنى ھەيران قالدۇرغان :<ئويلىسام ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن قىلىدىكەنمەن،چۈنكى كۆپىنچىسى مىنىڭ ئىشىمكەن ،ئىرىم ياردەملىشەيمۇ دەيدۇ ،بالىنى ئوينىتىپ كىرىڭ،تاماق پىشقىچە ئايلىنىپ كىرىڭ دەيمەن،ئىرىم ئاچچىقى كەلسە ئۇرۇپمۇ قويىدۇ،تەڭ تۇرمايمەن شۇڭا بەك ئۇرۇشمايمىز،لىكىن مەندىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ ،بەلكىم سەۋەپسىز ئۇردۇم دىمەيدىغاندۇ،ئەمما ئىرىمدىن پەخىرلىنىمەن ،چۈنكى ئەركەك مىجەزى بار،غۇرۇرى كۈچلۈك ،ئۆيدە مەن گىپىنى ئاڭلاپ دىگىنىنى قىلغاچقا ،تالادىكى نۇرغۇن قۇشقاچلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ...ھاھاھاھا>دەپ بۇمۇ تۇرمۇش ،مەنىلىك تۇرمۇش،ئاخىرى ياخشى چىقىدىغان تۇرمۇش ،ئەقىللىق تورداشلىرىم ئەمدىكى چۇڭقۇر ئويلىنىش ،تاللاش ۋە تۇلۇقلاش سىزگە قالدى ،تور دۇنيارىمىزدا مۇشۇنداق مەنىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق روھىيتىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ ،ئەقىل بۇلىقىمىزنى ،كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرشىمىزنى ئۈمىىد قىلىمەن.   

مەنبە:ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YITIMBALA + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
nurlan805 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15517
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 10185 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 05:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قويى بار ئادەم گۆش يەيدۇ،ئېرى بار ئادەم مۇش ،دەگەندەك گەپ بوپتۇ

مايكول سىكوفيوت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65438
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3356
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:14:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوي يىسىغۇ بۇپتۇ مەيلى ، لىكىن مۇش يىمەسلىكى كىرەكتە؟:curse::'(:'(:@:funk::funk:

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11428
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8190 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:25:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2- قەۋەتتىكى قانداق يولداش بۇ؟ مۇشۇ زاماندىمۇ مۇشتنىڭ گىپىنى ئىزا تارتماي قىلىۋاتىدۇيا!!! خۇدايىم ساقلىسۇن ، ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق مۇشت كۈتۈرىدىغان ئەرلەرگە تىگىپ قېلىشتىن . مىنىڭچە ئاتا ئانىسى مۇشت كۈتۈرىدىغانلارنىڭ بالىلىرى مۇشت كۈتۈرىدۇ . ھەرقانداق ئىشنى مۇشت كۈتۈرمەيمۇ چىرايلىقچە ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ .

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8602
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3178 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:43:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇساجان تىمىڭىزدا ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى بىلدىم .بىراق سىزنىڭ كىيىنكى باسقۇچتا نۇرغۇن -نۇرغۇن مەسىلىنى ئاياللارنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرۇپ «ئەرلىك»مەيدانىدا تۇرۇپ يازغان تىمىڭىز ماڭا ياقمىدى .چۈنكى مەن ئاياللىق مەيدانىدا تۇرۇپ قۇبۇل قىلمايدىغان تەرەپلەر نۇرغۇن ئىكەن.مەن ئاياللارنىڭ ئىرىگە نىسبەتەن باراۋەرلىك تەلەپ قىلىشىنى خالىمايمەن بىراق ھەربىر ئاياللىرمىزنىڭ .ىرىدىن مۇش يىمەسلىكىنى كۇچلۇك تەلەپ قىلمەن .
ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلمەن .بىراق ئاياللىق غۇرۇرىنىڭ ئەر ئالدىدا يوقلىپ كۇزگە ئىلىنماسلىقىنى خالىمايمەن.
ئەرنىڭ ئاتا -ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە كىيئوغۇلنىڭ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلغان ۋاپادارلىقى بىلەن تەڭ نىسبەتتە بولۇشىنى تىخمۇ تەشەببۇس قىلمەن.
ئەرلەر ئائىلە ۋە جەمىيەت ئالدىدا نۇرغۇن بىسىملارغا دۇچ كىلىدۇ ،بىراق ئاياللار ئەرلەر ئۇششاق ئىش دەپ قارىغان ئائىلە ئىشلىرى بىلەنلا بىسملارنىڭ كۇۋادىراتىغا تەڭلىشىدۇ .
ئەمىليەتتە تۇرمۇشتا تالاشقۇدەك ھىچنمە يوق ،نىمە بار پۇل دىسە پۇل يوق ،بالا دىسە تەڭ تاپقان .ئىمتىياز دىسە يا يىگىلى بولمايدۇ ،ھوقۇق دىسە خەجلىگىلى بولمايدۇ .
ئاجىرشىۋاتقانلارغا كەم بولغان تالاشقان نەرسە شۇ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش خاتالىقنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىۋەرسە كۇتۇرۇش كۇچىمۇ تايىنلىق تە ....
شۇڭا ئاجىراشقان ھەر ئىككى تەرەپ قەيەردە كەتكۇزۇپ قويغانلىقى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش كىرەك .

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12226
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:00:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  نوچى بوپتۇ بۇ تېما  . لىكىن ھازىرقى جەمىيەتتىكى  بەزى خوتۇنلارغا تازا يارماسلىقى مۇمكىن .    ‹ تازانى  تاز دىسە ئۆلگىسى كېلە ›

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurlan805 + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

توغرا يول ھەمىشە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12631
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 11:45:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتىمۇ ئەمەلىيەتچىل تېما بۇپتۇ ، ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا ئەر ئاياللارنىڭ بىر ئۆينى ئۆي قىلمىقى تولىمۇ تەسكەن ، مانا مەن ئۆزەمنى مىسال قىلسام ياتلىق بولغاننىڭ ياقى خىزمەت سەۋەبلىك يولدۇشۇم بىلەن ئاران ھەپتىدە بىر كۆرۈشكەچكە  ،ئامالنىڭ بارىچە كۆڭلىنى ئېلىپ ، ئاياللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كىلەتتىم ، ئۇنىڭدىن ئائىلىدە ئىمتىيازدا ئۈستۈنلۈك تالىشىشنى خالىمايدىغانلىقىمنىمۇ بىلدۈردۈم  .  بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىۋالغۇچە «مەن جاپا تارتىپ كەتتىم »دەپ خاقشاپمۇ قويمىدىم . قېينىئانامنى رازى قىلاي دەپمۇ قىلمىغانلىرىم قالمىدى ، قىسقىسى ، چوڭ بولغىچىمۇ تۇرمۇش بېسىملىرىنى كۆتۈرۈشكە كۈنۈپ كەتكەن مەندەك ئادەم قېينىئانامنىڭ  تۆھمەتلىرىنى ، زەھەردەك گەپلىرىنى كۆتۈرەلمىدىم ، ھەقىقەتەن بېسىم چىكىدىن ئېشىپ كەتسە  ئادەم تولىمۇ خورلۇق ھىس قىلىدىكەن  ، قىسقىسى ئاجرىشىش ھارپىسىدا مەندە يولدۇشۇمغا نىسبەتەن ئىچ ئاغرىتىشتىن بۆلەك ھىچقانداق تۇيغۇ قالمىدى ، چۈنكى ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىېلىشنى بىلمىدى .............ئەپسۇس ، ئۇنىڭ كىيىنكى نىكاھىدىمۇ بەخىتلىك بولالىشىغا مەن ھەرگىز ئىشەنچ قىلالمايمەن ....تۇرمۇش دىگەن مانا شۇ ...............

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51854
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2012-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 12:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزدە قىز ئاياللارنىڭ ساپاسى يوقىرى شۇڭا يامان دەيدىغان كېلىن يوق  بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز . قانۇندىكى باراۋەرلىكنى ئاياللارنىڭ مۇتلەق ھىمايە قىلىپ،شۇ بويىچە ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىشى دىگىنىڭىزدە ھازىرقى جەمىيئىتىمىزدە ئەر ئاياللارنىڭ  كىرىم مەنبەسى ئورتاقلىشىپ كەتتى بۇرۇنقىدەك ئەرلەر تېپىپ ئاياللار ئۆيدە بالا تەربىيلەپ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىنلا چىقىدىغان ئىش يوق ھازىر پۈتۈن بېسىم ئاياللارغا قارىتىلىۋاتىدۇ.ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىك مەسئولىيەتنى ئۇنتۇپ قالدى.ئەڭ ياخشىسى ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئەگەر ئاياللارنى بۇرۇنقى ئاشۇ ئانىلىرىمىزغا ئوخشاتماقچى بولسا ئۇلارمۇ ئاتىلىرىمىزدە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالالىشى كېرەك.ئايال كىشى ئىنتايىن سەۋىرچان ئايال كىشى قانچىلىك بەدەل تۆلىسىمۇ بالىنى ھەرگىىز تىرىك يىتىم قىلىپ قويۇشنى ئويلىمايدۇ.شۇڭا ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 12:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەمىلى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان تېمىكەن..مەنچە بولسا  ھازىرقى جەمئىيەتتىكى  ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ بۇنداق يۇقۇرى بولۇشى دەل  قانۇندىكى ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى..دىمىسىمۇ ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ بېسىمى جىق،ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلىنى چۇشۇنۇش كېرەك...  ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا  ئەڭ مۇھىمى ئەپۇچانلىق

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7120
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17223
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 01:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش