ئەھمەد يەسەۋى كىم؟
خوجا ئەھمەد يەسەۋى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئەسىرلەرچە تەسەررۇپى داۋام قىلغان ۋە «پىرى تۈركمىستان»، «ھەزرىتى تۈركمىستان» ناملىرى بىلەن ئاتالغان بۈيۈك بىر تۈرك مۇتەسەۋۋۇپى، ۋە بىر كامىل مۇرشىدتۇر. سۇفى بىر شائىر ۋە تەرىقەت ساھىبى بىر مۇرشىد بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يەسەۋىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ئورناتقان ھەمدە ھازىر پۈتۈن دۇنيادا كەڭ دائىرىدە تارقالغان نەقىشبەندىيە تەرىقىتى بىلەن، كۇبرەۋىييە، چىشتىييە قاتارلىق رايون خاراكتىرلىك تەرىقەتلەرگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەھمەد يەسەۋىگە ئاتالغان مەنقىبەلەردە قەيت قىلىنغان كارامەتلىرى كاشىغەردىن بالقانغىچە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەندۇر. ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە ياشىغان تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا شۆھرىتى ئەھمەد يەسەۋنىڭكىدەك كەڭ تارالغان باشقا ھېچبىر ئەۋلىيا يوق. پۈتۈن تۈرك جۇغراپىيەسىدە، تارىختا ئەسىرلەر مابەينىدە «ھەزرىتى پىرى تۈركىمستان» ۋە «ھەزرىتى سۇلتان»غا ئوخشاش چوڭ كۆرىلىدىغان ئۇنۋانلار بىلەن تونولىشىمۇ بۇ شۆھرەتنىڭ دەلىلىدۇر. قازاقىستاننىڭ تارىخى ئىسمى يەسى بولغان، ئەمما سوۋىت دەۋرىدە تۈركىمستان ئىسمى بېرىلگەن شەھرىدىكى مەقبەرىسى، ھازىرمۇ پۈتكۈل تۈركىمستاننىڭ مەنىۋى مەركىزى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتىدۇر.
ئەھمەد يەسەۋى غەربىي تۈركىمستاندا، ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبىدىكى چىمكەنت شەھرىگە يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان سايرام دېگەن يەردە تۇغۇلغان. ئەھمەد يەسەۋىنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دىۋانى ھىكمەت»تىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ھىكمەتتە تۇغۇلغان يېرى ۋە يۇرتى تۈركىمستان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. سايرام بازىرى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كەلگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە مەشھۇر تۈرك داستانىنىڭ قەھرىمانى ئوغۇز خاننىڭ ئىدارە مەركىزى دېيىلىۋاتقان يەسى(= تۈركمىستان) شەھرىگە 157 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر بازار.
ئەھمەد يەسەۋىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، ئەمما ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان «فەقىرنامە» ئىسىملىك رىسالىدە قەيت قىلىنغان، <73يىل ياشىغان ۋە 1166-يىل ۋاپات بولغان> شەكلىدىكى مەلۇماتلار نەزەرگە ئېلىنسا، 1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. يۇسۇف ھەمەدانىيغا باغلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغانلىقى شەكلىدىكى تارىخى ماتېرىياللارمۇ نەزەرگە ئېلىنسا، مىلادى 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان بۇ تارىخنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.
ئەھمەد يەسەۋىنىڭ دادىسى سايرامدا ياشىغان، مەشھۇر بىر ئالىم بولغان شەيخ ئىبراھىم، ئانىسى ئائىشە (قارا ساچ) ئانا. مەنبەلەردە ئىبراھىم شەيخنىڭ ھەزرىتى ئەلى(ك.ۋ)نىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەد ھەنەفىنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىغا ئائىت مەقبەرىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى سايرامدا. ئەمما بىر-بىرىدىن ئۇزاق يەردە بولۇپ، بۇ مەقبەرىلەرنى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ياساتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
كومپىيۇتېر باسمىسىداخوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتىدىن
ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى
ھاياتى بىجە نەشىرگە تەييارلىغان «دىۋانى ھىكمەت» ناملىق كىتاپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
2011 - 12 - 25
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-11 05:29 PM):
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-11 05:35 PM):
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: شەۋقىي مۇنبىرىدىن _ سەيياھ
ئەسلى مەنبەسى:
http://www.shewqiy.com/forum.php?mod=viewthread&tid=194