مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: erkinaz

ئوچۇق دېرىزە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

.ئانا دەپ100قىتىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3754
تۆھپە نۇمۇرى: 223
توردا: 3297 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى؟قاتىل چوقۇم ئابلىز  .................

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1750
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25914
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2110
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 4590 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:12:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ سىز بىر بولقا تېپىپ، قاتىللىق جەريانىنى بىزگە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىڭ،_ دېدى ئۇ ھېلىقى ساقچىغا.
_ خوپ،_ دېدى ئۇ ۋە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. مەن تېپىلغان نەرسىلەر بىلەن نەق مەيداننىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئۈچۈن، نەق مەيدانغا يەنە كىردىم. ساقچىلار جەسەتنىڭ ئورنىنى يەرگە سىزىۋېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كەتتى.
_ تالون قەيەردىن تېپىلدى؟_ دەپ سورىدىم مەن ساقچى باشلىقىدىن.
_ كرىسلونىڭ ئاۋۇ تەرىپىدىن،_ دەپ كرىسلونىڭ جەسەتكە يىراق تەرىپىنى كۆرسەتتى ساقچى باشلىقى.
ئىككى ساقچى ئېلىپ قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانلىرىنى خاتىرلەۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن پەستىن توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەسلىدە بولقىنى ئېلىپ 2- قەۋەتكە ياماشماقچى بولغان ھېلىقى ساقچى تەييار بولۇپ بولغان ئىكەن.
_ ئەمىسە باشلاڭ!_ دېدى ساقچى باشلىقى دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ. مەن باشقا دېرىزىدىن كۆرۈپ تۇراي دېسەم، ئىشىكتىن كىرىشتىكى دېرىزىنىڭ ئىككى ئېچىلىدىغان قانىتىنى كرىسلو توسۇۋاپتۇ. خىزمەت شىرەسى ئىككى كۆز دېرىزىنى ئايرىپ تۇرۇپتۇ. ئىشكاپ ئەڭ ئاخىردىكى بىر دېرىزىنى توسۇۋاپتۇ. پەقەت مۇشۇ ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىنلا پەسكە قارىغىلى بولىدىكەن. شۇڭا مەن ساقچى باشلىقنىڭ ئارقىسىدا ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ئۇ ساقچى بىردەمدىلا يامىشىپ 2- قەۋەتنىڭ دېرىزىسىگە چىقتى. ئۇ سول قولىدا دېرىزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن بېلىگە قىستۇرۇۋالغان بولقىنى سۇغۇرۇپ ئالدى ۋە بولقىنى شىلتىپ ئۇرغان ھەرىكەتنى دورىدى. قارىماققا بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغاندەك تۇراتتى. ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى بەزى تۈگۈنلەر يېشىلمىگەن ئىدى. بۈگۈن مۇقىم تېلېفوننىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى راستلا توغرا كېلىپ قېلىشمىدۇ؟ ئاندىن ھېلىقى يۈتۈپ كەتكەن تالۇن، نېمىشقا بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تېپىلىدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھىچ بولمىغاندا ئىشخانىنى تازىلىغاندا تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ ئۆلگۈچىنىڭ يارىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بېشىغا تەككەن زەربە ئىنتايىن قاتتىق بولغان. دېرىزىنىڭ سىرتىدا ئېسىلىپ تۇرۇپ، بىرقولدا ئاشۇنداق قاتتىق ئۇرغىلى بولارمۇ؟
_ سېنىڭچە قانداق؟_ دەپ خىيالىمنى بۆلدى ساقچى باشلىقى،_ قاسىم مۇئەللىمنى تۇتۇپ ئىدارىگە ئاپىرىپ بوپتۇ. بۇيەردىكى تەكشۈرۈشلەر تۈگىسىلا ، قايتىپ ئۇنى سوراق قىلىمىز.
_ مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق. مېنىڭچىمۇ سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز توغرىدەك تۇرىدۇ،_ دېدىم مەن،_ قوشۇلسىڭىز مەن ھاجەتخانىغا كىرىۋالسام.
_ بولىدۇ. بۇ قەۋەتتىكىگە كىرمەي ئۈستىگە چىققىن،_ دېدى ئۇ.
مەن رەناغا ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەممە قەۋەتتىكى سىنىپلارغا كىرىپ تەكشۈرۈپ باقتىم. ھەممە سىنىپنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئىدى. ئاساسلىق تەكشۈرگەن يېرىم، ئۈستىدىكى قەۋەتلەرنىڭ بالكونى بولدى. باشقا ئالاھىدە نەرسىلەرنى بايقىمىدىم. 6- قەۋەتكە چىقىپ، بالكونغا كىردىم. ئابلىز يايغان كىيىملەر تېخىچە ئېسىغلىق تۇراتتى. مەن بالكوننىڭ چىرىقىنى يېقىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈردۈم. 2- قەۋەتتىكى ئوچۇق دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىنىڭ رېمىدا يېڭى سۈرۈلگەن ئىز تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ كاللامغا يالت قىلىپ بىر خىيال كەلدى. دەرھال ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ، ئۈستىگە چىقىپ، كىيىم يايغان تانىنى تەكشۈردۈم. تانا ئۈچ قەۋەت تارتىلىپتۇ. بۇ تانا تارتىلغان ئارىلىق 4 مېتىر ئەتراپىدا ئىدى. دېمەك، تانىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلەتتى. تانىدا يەنە دېرىزىنىڭ قىزىل سىرى يۇقۇپ قالغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ شۇ ھامان كاللامدا ھەممە مەسىلە ئايدىڭ بولۇپ كەتتى. مەن ئىككىنچى قەۋەتكە قايتىپ چۈشتۈم. بۇ چاغدا ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىز بايانىنى خاتىرلەپ بولغان ئىكەن. ساقچى باشلىقى ماڭا:
_ قاسىمنى سوراق قىلساقلا ، بۇ دېلومۇ ئۈزۈل- كېسىل پاش بولىدۇ. ئەمدى ھەممىمىز قايتساق بولىدۇ،_ دېدى ئۇ.
_ ياق، _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا،_ بۇ دېلونىڭ جەريانى سىز دېگەندەك ئەمەس. قاسىم مۇئەللىممۇ قاتىل ئەمەس.
ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. باشقا ساقچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ سۆزۈمنى ئاڭلىغان ئىدى. ھەممىسىنىڭ دىققىتى ماڭا تىكىلدى. ساقچى باشلىقى مېنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى بايقىغانلىقىمنى بىلدى بولغاي:
_ ئەمىسە سەن دېلونىڭ جەريانىنى سۆزلەپ باققىن ،_ دېدى ساقچى باشلىقى سىنىپتىكى ئورۇندۇقتىن بىرىدە ئولتۇرۇپ،_ ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ پەرھاتنىڭ تەھلىلىنى ئاڭلاڭلار.
_ باشلىق، بۇ كىچىك بالا قانچىلىك نېمە بىلەتتى؟_ دېدى بىر ساقچى ،_ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى. ھېلىمۇ بەك كەچ بولۇپ كەتتى.
_ مەن دېگەندىن كېيىن جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلا،_ دېدى ساقچى باشلىقى،_ سەن ئۇنى تېخى بىلمەيسەن. ئۇ بۇرۇن خېلى مۇرەككەپ بىر دېلونى پاش قىلغان.
بۇنى ئاڭلاپ ھەممىسى ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپ قالدى. مەن بۇنى كۆرۈپ سەل ھودۇقۇپ قالدىم. رەناغا قارىسام، ئۇ يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. شۇ تاپتا ئۇ: «دادىللىق بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ تاشلاڭ!» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنى كۆرۈپ يەنە تەمكىن ھالىتىمگە قايتتىم. دوسكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خۇددى دەرس سۆزلىگەندەك ھالەتتە سۆز باشلىدىم.
_ بۇ دېلودا مۇنداق تۆت گۇمانلىق نۇقتا بار،_ دەپ باشلىدىم مەن تەھلىلىمنى،_ بىرىنچىسى، ئىشخانىنىڭ تېلېفونىنىڭ بۈگۈن بۇزۇلۇپ قېلىشى. نېمىشقا يا بۇرۇن يا كېيىن بۇزۇلماي دەل بۈگۈن بۇزۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇ ھەرگىز تاساددىپىلىق ئەمەس. ئىككىنچىسى، يۈتكىنىگە بىرنەچچە كۈن بولغان تالوننىڭ بۈگۈن تېپىلىشى. ئۇ تالون مېنىڭ دوستۇمنىڭ بولۇپ ئۇ ئۈچ كۈن ئىلگىرى تالوننى قولىغا ئېلىپلا يۈتتۈرۈپ قويغان. ئۈچ كۈندىن بۇيان بۇ تالون بايقالماي، بۈگۈن بايقالغان. بۇمۇ بىر غەلىتە ئىش. ھىچ بولمىغاندا بۇندىن بۇرۇن ئىشخانىنى تازىلىغاندا بولسىمۇ بايقىلىشى كېرەك ئىدى. ئۈچۈنچىسى، ئۆلگۈچىنىڭ ئوچۇق دېرىزە ئالدىدا يىقىلىپ قالغانلىقى. ئۇ دېرىزىگە ياماشقان ئادەمنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغان بولسا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدىغۇ؟ ئۇنى ئەينەكتىن كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما، ئۇ دېرىزە ئالدىغا بېرىپ سىرتقا قارىغان. تۆتىنچىسى، ئۆلگۈچىنىڭ بېشىدىكى يارىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى. بۇ يارا ھەرگىزمۇ بولقىدىن قالغان يارا ئەمەس. كىچىك بولقىدا ئۇرسا ئۇنداق ئېغىر يارا قالمايدۇ. چوڭ بولقا بولسا ئېغىر بولۇپ، بىر قولدا ئۇنداق قاتتىق ئۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتىل دېرىزىدىن كىرگەن دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ.
_ بۇ قىززىق گەپ بولدى،_دېدى ساقچى باشلىقى،_ ئەمىسە ئۇ ئىشىكتىن كىرىپتۇ-دە. لېكىن ئۇنتۇپ قالما، سىنىپتا 30 نەچچە ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار ھىچكىمنىڭ كىرگىنىنى كۆرمىگەن.
_ مەن قاتىلنى ئىشىكتىن كىردى دېگەن گەپنى قىلمىدىم،_ دېدىم مەن.
_ سەن ئېنىقراق سۆزلىگىن،_ دېدى ساقچى باشلىقى چۈشىنەلمەي،_ سەن ئۇنى ئۆزى ئۆلىۋالغان دېمەيدىغانسەن؟
_ ياق، بۇ ئېنىق قاتىللىق دېلوسى،_ دېدىم مەن،_ ئەمما قاتىل بىر ئۇستىلىق ئىشلىتىپ، ئۆزى كىرمەي تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن غۇلغۇلا قىلىپ كەتتى. قاتىلنىڭ ئۆزى كىرمەي تۇرۇپ قاتىللىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمايۋاتاتتى.
_ توختا، توختاپتۇر،_ دېدى ساقچى باشلىقى رۇسلىنىپراق ئولتۇرۇپ،_ سەن قاتىلنى بىرەر قۇرۇلما ئىشلەتكەن دېمەكچىمۇ؟
_ دەل شۇنداق،_ دېدىم مەن.
_ ئەمىسە پۇلنى ئۇ قانداق ئېلىپ كەتكەن؟_ دېدى يەنە بىر ساقچى.
_ پۇلنى قاتىل ئېلىپ كەتمىگەن،_ دېدىم مەن،_ قاتىلنىڭ پۇلنى ئېلىش نىيىتى يوق، ھەتتا ئۇ پۇلنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
_ ئەمىسە قاتىل كىم؟ تېزراق دېمەمسەن؟_ دېدى ساقچى باشلىقى.
_ قاتىل بىزنىڭ ئارىمىزدا، پۇلنى ئېلىۋالغان ئادەممۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا،_ دېدىم مەن.
_ ھەجەپ سىرلىقلاشتۇرىۋەتتىڭغۇ؟_ دېدى ھېلىقى مېنى كۆزگە ئىلمىغان ساقچى تاقەتسىزلىنىپ،_ قاتىلنىڭ ئىسمىنى تېزراق دېمەمسەن.
_ قېنى تەھلىلىڭنى داۋاملاشتۇرغىن،_ دېدى مەندىن جاۋابنى ئۇنچە ئىتتىك ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ساقچى باشلىقى. ئۇ دېلو پاش قىلغۇچىلارنىڭ قاتىلنىڭ ئىسمىنى ئەڭ ئاخىرىدا داغ-دۇغا بىلەن ئاشكار قىلىدىغانلىقىنى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇمارىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
_ قاتىل بۇ ئىشخانىغا كىرمىگەن ئىكەن، دېمەك، پۇلنى ئېلىۋالغان ئادەم دەل قاتىللىق يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىشخانىغا بىرىنجى بولۇپ كىرگەن ئادەم،_ دېدىم مەن.
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ساقچى باشلىقى ئىشارەت قىلىۋىدى، ئىككى ساقچى بېرىپ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
_ پۇلنى راست سىز ئالدىڭىزمۇ؟_ دېدى ساقچىلاردىن بىرى.
_ ياق، ئۇ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ،_ دېدى ئۇ ئىتتىك،_ ئۇنىڭ نېمە پاكىتى باركەن؟
_ ئۇنداق بولسا ئاختۇرۇپ باقايلى،_ دېدى يەنە بىر ساقچى.
_ ئاختۇرساڭلار ئاختۇرۇڭلار،_ دېدى ئۇ خاتىرجەم غۇلىچىنى ئېچىپ،_ قورسىقىمنىڭ ئاغرىقى يوق، تاۋۇز يېيىشتىن قورقمايمەن.
ساقچىلار ئاختۇرۇپ ھېچنىمە تاپالمىدى. ساقچى باشلىقى ماڭا سوئال نەزىرىدە قارىدى.
_ ئۇ دېلو يۈز بەرگەندىن باشلاپ بۇ يەردىن ئايرىلمىدى. شۇڭا پۇلنى چوقۇم مۇشۇ ئۆينىڭ بىر يېرىگە يوشۇرۇپ قويدى،_ دېدىم مەن.
ساقچىلار ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئاخىرى كرىسلونىڭ بۇلۇتى ئاستىدىكى ساندۇقىدىن بىر باغلام پۇلنى تاپتى. ئۇلار پۇلنى ساقچى باشلىقىغا تاپشۇردى.
_ بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟_ دېدى ساقچى باشلىقى،_ ھەممە ئەھۋالنى تەپسىلىي سۆزلە.
تۇرسۇن مۇئەللىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپ باشلىدى.
_ ماڭا جىددى پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ، ئەلىدىن سورىسام ئۇ پۇل بېرىپ تۇرمىدى،_ دېدى تۇرسۇن ،_ بايا دەرستىن يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا يەنە بىر سوراپ باقاي دەپ كىرسەم ، يەردە يېتىپتۇ. قاراپ بېقىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدىم. بۈگۈن ئۇنىڭ تارتمىسىدا پۇل بارلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا پۇلنى ئېلىۋالسام، ساقچىلار ئۇنى قاتىلغا بىرلەشتۈرۈپ ئويلايدۇ دەپ ئويلىدىم. تارتمىدىن پۇلنى ئېلىپ كرىسلونىڭ بۇلۇتى ئاستىدىكى ساندۇقىغا تىقىپ قويدۇم. ھەممە ئىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇلنى ئېلىۋالماقچى ئىدىم. ئەمما ئەلىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مېنىڭ قىلچە ئالاقەم يوق، راست دەۋاتىمەن.
_ ئۇنىڭ راستىنلا قاتىللىق بىلەن ئالاقىسى يوق،_ دېدى مەن . بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىققىتى يەنە ماڭا بۇرالدى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم:
_ مەن قاتىلنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن، قاتىل قاتىللىق قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. قاتىل بىر ئېغىر مىتال جىسىمنى تانىغا باغلاپ، جىسىمنى ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىنىڭ قىرىغا قويۇپ قويغان. تانىنى بىر ئۇچىنى مۇشۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بالكوننىڭ مۇشۇ قەۋەتتىكى بالكوننىڭ ئوچۇق دېرىزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىگە باغلاپ قويغان. باغلاشقا ئىشلەتكەن يېرى- دېرىزنىڭ شامالدا يېپىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېكىتىلگەن ئىلمەكنىڭ ئىلىپ قويىدىغان ھالقىسى. ئاندىن تېلېفوندا ئۆلگۈچى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭقا دېرىزىدىن سىرتقا قاراشنى ئېيتقان. ئۆلگۈچى دېرىزە ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تانىنى تارتىپ ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىدىكى جىسىمنى چۈشۈرىۋەتكەن. تانىنىڭ يەنە بىر ئۇچى مۇشۇ بىنانىڭ دېرىزىسىگە باغلانغان بولغاچ، جىسىم تانىنى بويلاپ چۈشۈپ ئۆلگۈچىنىڭ بېشىنى ئېزىۋەتكەن. ئىشتىن ئىلگىرى قاتىل تانىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ، ئۆزى تۇرغان جايدىن ئۆلگۈچى تۇرغان جايغىچە بولغان ئارىلىق ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئىنچىكە ھېسابلىغان. ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ تانىنى تارتىپ چىقىرىۋالغان.
مەن سۆزۈمنى توختىتىۋالدىم. ساقچى باشلىقى ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىتتىك ئېسىگە كېلىۋىلىپ:
_ دېمەك بۇ ئىشنى قىلىشقا مۇۋاپىق ئورۇن....._ دەپ توختاپ قالدى .
_ دەل 6- قەۋەتنىڭ بالكونى،_ دېدىم مەن ،_ چۈنكى ئىككى بىنانىڭ ئارلىقى بىلەن 2- قەۋەتتىن 6- قەۋەتكىچە بولغان ئارىلىق ئوخشاش. يەنە 6- قەۋەتنىڭ دېرىزىدە يېڭىدىن سۈرۈلگەن ئىز بار. كىيىم يېيىلغان تانىغا دېرىزىنىڭ قىزىل سىرى يۇقۇپ قالغان. ئىشلەتكەن ئېغىر جېسىممۇ بار. ئۇ دەل چىنىقىشتا ئىشلىتىدىغان قول شىتانكىسى. ئەگەر تەھلىلىم خاتا بولمىسىلا، ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئاشۇ دېرىزىگە ئۇدۇل كېلىدىغان يېرىدە قول شىتانكىسى سىرىلىپ چۈشكەندە قىپقالغان سۈرۈلگەن ئىز بار.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەممەيلەن ئابلىز مۇئەللىمگە قارىدى. ئۇ تاتارغان ھالدا، گەپ قىلماي قېتىپ تۇراتتى.
_ دېمەك قاتىل ، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا دەل شۇ بالكوندا تېلېفون بېرىۋاتقان ئابلىز مۇئەللىم، دەل سىز!_ دېدىم مەن.
ساقچى باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىدىكى ساقچىغا:
_ دەرھال 6- قەۋەتنى تەكشۈرۈپ باق،_ دېدى. يەنە بىر ساقچىغا:
_ سەن ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ تەكشۈرۈپ باق، ئىز بارمىكىن،_ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇلار يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
_ بىراق بىر قول شىتانكىسى چۈشكەنگە ئادەم ئۆلەمدۇ؟_ دېدى بىر ئوقۇتقۇچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25914
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2110
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 4590 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:13:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قولۇمغا بور ئېلىپ دوسكىغا يېزىپ چۈشەندۈرۈشنى باشلىدىم.
_ بىز ھېسابلاپ باقايلى، ئۇ شىتانكا كەم دېگەندە 15 كېلوگرام كېلىدۇ. ئۇنىڭ تۇرغان يېرى ئۆلگۈچىنىڭ بېشىدىن 10 مېتىر ئېگىزلىكتە. شۇڭا ئۇنىڭ ئىگە بولغان ئېغىرلىق كۈچى پوتنىسىئال ئېنىرگىيسى جىسىمنىڭ ماسسىسى ، ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى ۋە ئېگىزلىكنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ. ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى تەخمىنەن 10 دەپ ئالساق، قول شىتانكىسىنىڭ پوتنىسىئال ئېنىرگىيسى 1500 جوئۇل بولىدۇ. ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بويىچە، بۇ ئېنىرگىيە شىتانكا ئەڭ تۆۋەندىكى نۇقتىغا چۈشكەندە پۈتۈنلەي ھەرىكەت ئېنىرگىيسىگە ئايلىنىدۇ،_ مەن بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك فورمۇلالارنى دوسكىغا يېزىۋاتاتتىم،_ دېمەك، ھەرىكەت ئېنىرگىيسىمۇ 1500 جوئۇل بولىدۇ. ھەرىكەت ئېنىرگىيە فورمۇلىسىدىن تېزلىكنى تاپساق، تەخمىنەن 14 مېتىر ھەر سىكۇنت بولىدۇ. بۇنى كىلومېتىرھەر سائەت بىلەن ئالساق تەخمىنەن 50 كىلومېتىر ھەر سائەت بولىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، 15 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تۆمۈر 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئادەمنىڭ بېشىغا تەگسە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
بۇنى ئاڭلاپ ھەممىسى جىم بولدى. ئۇلار شىتانكىنى ۋەيران قىلىش كۈچىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغاندەك قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئىككى ساقچى قايتىپ كىردى.
_ ھەقىقەتەن پەرھات ئېيتقاندەك ئىكەن،_ دېيىشتى ھەر ئىككىسى.
_ ئەمما، شىتانكىنى باغلىغاندا سېپىدىن باغلاشقا توغرا كېلىدۇ،_ دېدى بىر ساقچى،_ بۇنداق باغلىغاندا، تانا شىتانكىنىڭ بېشىغا پۇتلىشىپ، ساڭگىلاتقان چاغدا تۈز ساڭگىلىمايدۇ. بۇنداق بولغاندا شىتانكا ئارغامچىنى بويلاپ چۈشكەندە تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ پىرقىراپ كەتمەمدۇ؟
_ بۇ بەك ئاسان،_ دېدىم مەن،_ ئۇ شىتانكىنى بىرنەچچە قەۋەت سولياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى چىڭ بوغقان، ئاندىن سولياۋ خالتىنىڭ بېغىغا تانىنى چەگكەن. بۇنىڭ بىلەن سىز دېگەن تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى ھەل بولۇپلا قالماي، يەنە شىتانكىغا قان يۇقۇپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
_ لېكىن ئۇ قانداق قىلىپ ئۆلگۈچىگە دەل تەككۈزەلەيدۇ؟_ دېدى ساقچى باشلىقى،_ ئەگەر ئۆلگۈچى سەل ئوڭغىراق ياكى سولغىراق تۇرۇپ قالسا تەگمەسلىكى مۇمكىنغۇ؟
_ قاتىلنىڭ ئۇستىلىقى دەل مۇشۇ يەردە، ئۇ ھەممىنى ئاۋۋال پىلانلاپ قويغان،_ دېدىم مەن جاۋابەن،_ مەن ئەمدى ئۇنىڭ قاتىللىق قىلىشىنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرەي. ئەڭ ئاۋۋال ئۇ ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئۆزىنىڭ چىنىقىشتا ئىشلىتىدىغان قول شىتانكىسىدىن بىرنى ئەپچىقىپ يوشۇرۇپ قويغان. ئاندىن بۈگۈن ئىشىخانىدىكى كرىسلونى ئوچۇق تۇرغان دېرىزىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈدەك يەرگىچە سۈرۈپ يۆتكەپ قويغان. پەقەت 20 سانتىمېتىر يۆتكەلگەن بولغاچ، ھېچكىم كرىسلونىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان. بۇنىڭ بىلەن كرىسلوغا چاپلىشىپ تۇرغاندىلا، دېرىزدىن پەسكە قارىغىلى بولىدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق بولغاندا دېرىزىدىن قارىغان ئادەمنىڭ ئورنى تەبىئىي ھالدا مۇقىم بولىدۇ. دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بۇ ئىشخانىدا پەقەت ئاشۇ بىر دېرىزىنىلا ئاچقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۆلگۈچىنىڭ باشقا دېرىزىدىن سىرتقا قارىشى مۇمكىن ئەمەس.
_ كرىسلونىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟_ دەپ سورىدى كاسسىر قىز ھەيران قىلىپ،_ سىز تېخى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كەلدىڭىزغۇ؟
_ دوستۇمنىڭ تالونى ئۈچ كۈن ئاۋۋال يۈتۈپ كەتكەن ئىدى،_ دېدىم مەن،_ ئۇ سىزنىڭ تالوننى كېسىپ بەرگىنىڭىزدىن باشقا ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمىدى. دېمەك، تالون مۇشۇ ئىشخانىدا چۈشۈپ قالغان. ئاندىن باشقىلارنىڭ پۇتى تېگىپ، كرىسلونىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن. كرىسلونىڭ پۇتى ئىنتايىن پاكار بولغاچقا، ئىشخانىنى تازىلىغاندىمۇ تالون بايقالمىغان. بۈگۈن كرىسلو يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، تالون كرىسلو ئاستىدىن ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قالغان.
_ مۇنداقكەندە،_ دېدى ساقچى باشلىقى.
_ مەن تالوننىڭ تېپىلغان ئورنىنى بىلگەن چاغدىلا، كرىسلونىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ گۇمانىم قوزغالدى. ئىشخانىنىڭ مۇقىم تېلېفونىنىڭ بۈگۈن بۇزۇلۇپ قالغانلىقى گۇمانىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى،_ مەن ئابلىزغا قاراپ تۇرۇپ سۆزلىدىم،_ ئادەتتە يانفوننىڭ خىراجىتىنى تىجەش ئۈچۈن، كۆپىنچە ئادەم ئىشخانىسىدىكى چاغدا، مۇقىم تېلېفونىنى ئىشلىتىدۇ. تانىنى تارتىپ شىتانكىنى چۈشۈرىۋېتىشنىڭ دەل پەيتىنى تاللاش ئۈچۈن، ئابلىز مۇئەللىمگە ئەلىنىڭ « مەن دېرىزىدىن قاراۋاتىمەن.» دېگەن گېپى لازىم بولاتتى. شۇڭا ئەلى چوقۇم يانفوندا سۆزلىشىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەلىنىڭ مۇقىم تېلېفوندا تېلېفون بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېلېفوننى ئالدىنئالا بۇزۇۋەتكەن. ئاندىن ئۇ ئەلىگە بۈگۈن مۇھىم بىر گېپىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈشكە 10 مېنۇت قالغاندا، يەنى 7 دىن 40 مېنۇت ئۆتكەندە، ئۆزىگە تېلېفون بېرىشىنى ئېيتقان. ئەلى سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋابنى بەرگەن. ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما ئۇ چوقۇم ئەلى قىزىقىدىغان مۇھىم بىر ئىش. بىرىنجى سائەتلىك دەرستىن چىققاندىن كېيىن ، ئۇ بالكونغا چىقىپ، تانىنىڭ بىر ئۇچىنى ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئاتماقچى بولۇپ، كىيىم يايىدىغان تانىنى بوشىتىپ ئېلىۋاتقاندا، تاساددىپى ھالدا مەن كىرىپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تانىنى چىگىۋاتقان بولىۋالدى. مېنىڭ كىرىپ قىلىشىم ئۇنىڭ پىلانىدا يوق ئىدى. ئۇ گۇمان قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، دەرھال كىيىم يايماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ياتىقىغا كىرىپ، كىيىملىرىنى قۇرۇق سۇدىلا ھۆل قىلىپ، داسقا سېلىپ ئېلىپ چىقتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا كىيىملەرنىڭ پاكىز يۇيۇلمىغانلىقىدىن ئەجەپلەنگەن ئىدىم. مەن بالكوندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ھەممە كېيىمنى يەنە داسقا سېلىپ قويۇپ، تانىنى يېشىپ ئالغان. ئاندىن تانىنىڭ ئۇچىغا بىر ئېغىر بىر نەرسىنى باغلاپ، ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئاتقان. تانىنىڭ ئۇچى ئۇتەرەپكە ئۆتكەندىن كېيىن،بالكوندىن سىنىپقا قايتىپ كىرىپ، بىزگە ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىپ، ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، ئالدىن يوشۇرۇپ قويغان قول شىتانكىسىنى تانىغا باغلىغان. دېرىزىگە ئۇدۇللاپ، بىنانىڭ ئۆگزىسىنىڭ قىرىغا قويۇپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ دەرس ۋاقتىدا قايتا-قايتا سائەتكە قارىشىدىن، ئۇنىڭغا دەرس خوشياقمايۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەلىنىڭ تېلېفون ئۇرۇشىنى ساقلاپ، تىت-تىت بولۇپ كەتكەن. ئەلى دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتا تېلېفون ئۇرغان. ئابلىز بالكونغا چىقىپ، سۆزلىشىۋىتىپ، ئۇنىڭغا: « ئۇدۇلدىكى بىنادىكى پالانى ئۆيگە قارىغىن.» دېگەن. ئەلى نېمە بولغىنىنى بىلمەي، دېرىزە ئالدىغا كېلىپ، ئۇدۇلدىكى بىناغا قارىغان، ئابلىز:« قارىدىڭمۇ؟» دەپ سورىغان، ئەلى: « ھەئە.» دېيىشىگە ، ئابلىز تانىنى تارتىۋەتكەن. ئىنچىكە ھېسابلانغان بولغاچ، شىتانكا ئەلىنىڭ بېشىغا تېگىپ، ئۇنى ئارقىسىغا تىك موللاق چۈشۈرىۋەتكەن. ئاندىن ئابلىز تانىنى تارتىپ چىقىرىۋىلىپ، شىتانكىنى سولياۋ خالتىدىن چىقىرىپ، چىنىقىش ئەسۋابلىرى ئارىسىغا قويۇپ قويغان. شىتانكىدا قىلچە قان يۇقى بولمىغاچقا ھېچنىمىدىن ئەنسىرىمىگەن. ئاندىن قان يۇقى سولياۋ خالتىسىنى تەتۈر ئۆرۈپ، پوملاپ يانچۇقىغا سېلىپ، تانىنى جايىغا چىگىپ، داستىكى كىيىملەرنى قايتا يېيىپ قويغان. ئاندىن سىنىپقا قايتىپ كىرىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك دەرسىنى ئۆتۈۋەرگەن. بۇ دېلودىكى پولاتتەك ئىسپات دەل سولياۋ خالتا. ئۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ قان يۇقى بار. ۋەقەدىن كېيىن ئابلىز دەرس ئۆتتى. ئاندىن كېيىن ئىزچىل مۇشۇ يەردە بىز بىلەن بىللە تۇردى. شۇڭا ئۇ تېخى سولياۋ خالتىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمىدى. شۇڭا ئىشىنىمەنكى، سولياۋ خالتا ھېلىمۇ ئۇنىڭ يانچۇقىدا.
ئابلىز گەپ قىلماي قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. بىر ساقچى بېرىپ، ئۇنى ئاختۇرۇپ، يانچۇقىدىن ئاق سۇلياۋ خالتىنى تاپتى. سولياۋ خالتىنىڭ ئىچىنى ئۆرۈۋىدى، قان يۇقى مانا مەن دەپلا چىقتى.
_ راستلا سىز ئۆلتۈردىڭىزما؟_ دەپ سورىدى ھەيرانلىقتا كاسسىر قىز،_ ئۇ سىزنىڭ كىچىكىڭىزدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يېقىن دوستىڭىز ئىدىغۇ؟
_ ئۇنى قانداقمۇ دوست دېگىلى بولسۇن،_ دېدى ئابلىز، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى يىراق بىر جايغا قاراۋاتقاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ئىدى،_ ئۇ بىر باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تارتىۋېلىپ جان باقىدىغان چىلبۆرى.
_ ئەمما ئۇ سىزگە خىزمەت ۋە تۇرىدىغانغا ياتاق بەردىغۇ؟_ دېدى كاسسىر قىز،- ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇردىڭىزما؟
_ مېنى بۇ نەرسىلەرگە خۇشتار دەپ قالدىڭىزما؟_ دەپ ۋارقىرىدى ئابلىز،_ مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئاشۇنداق مەرد، سېخىي قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئامراق. ھېچكىم ئۇنى مەندەك چۈشەنمەيدۇ. ئۇ بىر نومۇسسىز ئوغرى.
ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلماي تۇردۇق. ئابلىز يەرگە قاراپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك قىلاتتى. بىز ئۇنىڭ سۆزلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتۇق. ئۇ ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىپ قويدى ئاندىن ئالدىرىماي، بوغۇق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئۇلار ئېيتقاندەك، ئەلى ئىككىمىز راستىنلا كىچىكىمىزدىن ئىنتايىن يېقىن دوست،_ دېدى ئۇ ، لېكىن كۆزىنى يەردىن ئۈزمىدى،_ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ بىللە ئوقۇدۇق، بىر ياتاقتا ياتتۇق. مەنمۇ ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ چاغلايتتىم. تاكى جەمىيەتكە چىققۇچە شۇنداق ئويلايتتىم.
ئۇ توختاپ چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ قويدى، كۆزلىرى ئاجايىپ بىر خىل قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەلىنى ئۆلتۈرۈپمۇ ئۇنىڭ دەردى چىقمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
_ ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ باشقا كەسپتە ئىدى. لېكىن مەن داۋاملىق تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا ئۇمۇ دائىم باراتتى. ئۇنى شۇ يەردە كۆرۈپ قالاتتىم. كېيىنچە مەن ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈنلا شۇ ئاشخانىغا بارىدىغان بولدۇم. بۇ ئىشنى تەبىئىي ھالدا ئەلىمۇ بىلەتتى. ئۇ ماڭا تۈرلۈك ئامال- چارىلەرنى كۆرسىتەتتى. شۇنداق قىلىپ بىر يىل بولاي دېگەندە ئاخىرى ئۇ قىز بىلەن تونۇشۇۋالدىم. نۇرغۇن تەرەپلەردە ئورتاقلىقىمىز بار ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ياخشى دوستلار بولۇپ قالدۇق. پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان، ئۇ يەر- بۇ يەرلەرگە بىللە بارىدىغان، بىللە بازار ئارىلايدىغان بولدۇق. كېيىن مەن بىر پۇرسىتىنى تېپىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلدىم. ئۇمۇ دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىز مۇھەببەتلەشتۇق. ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى كېتىپ باراتتى. مېنىڭ ئوقۇشۇممۇ ئالاھىدە ياخشى ئىدى. ئېنگىلىزتىلى ، كومپىيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ دەرىجە ئىنتىھانلىرىدىن قىينالمايلا ئۆتتۈم. خىزمەتكە چىقىشتىن قىلچە غېمىم يوق ئىدى. ئەمما جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئىشلىرىم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. قىز دوستۇم بىر شىركەتتىن ياخشى بىر خىزمەت تېپىۋالدى. قىرىشقاندەك ماڭا خىزمەت چىقمايۋاتاتتى. ئەلىمۇ بىكار يۈرەتتى. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭغا بىر ئىنگىلىز تىلى كورس ئېچىش ئويۇم بارلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىققا ماس كېلىدىغان دوستلارنىمۇ ئويلاپ قويغانلىقىمىنى ئېيتتىم. ئۇ بۇنىڭغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كورسلار كۆپ بولۇپ ، رىقابەت كەسكىن ئىكەن. مېنىڭ ئۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالىشىم ناتايىن ئىكەن. مەنمۇ بۇنىڭ بىلەن بوشاپ قالدىم ۋە باشقا خىزمەت ئىزدەپ يۈردۈم. بۇ مەزگىلدە قىز دوستۇم بىلەن مۇناسىۋىتىم تازا ياخشى بولمىدى. ئۇ مېنىڭ بىكار يۈرگىنىمدىن بىزار بولغاندەك تۇراتتى. بىر نەچچە قېتىم خېلى ئېغىر سوقۇشۇپ قالدۇق. بىر نەچچە ئاي كۆرۈشمىدۇق. كېيىن ئۇقسام بۇ مەزگىلدە ئەلى ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپتۇدەك، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپتۇدەك. مېنىڭ ئاچچىقىم كەلدى. كېيىن تۇيۇقسىز ئەلىنىڭ ئىنگىلىزتىلى كورسى قۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئېيىتقان دوستلىرىم ئىدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ ئەلىنى ئىزدەپ باردىم. ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىپ قايتىپ چىقتىم. ئاچچىقتىن بوغۇلاتتىم. بىرسىنى ئىزدەپ دەرد تۆككۈم كېلەتتى. ئاخىرى قىز دوستۇمنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ كۈنى ئۇ دەم ئاپتۇ. ئۇنىڭغا تېلېفون بەرسەم ئالمىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى تولىمۇ غەلىتە تۇراتتى. كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيدى. ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىسام، ئۇ دەپ بەرمىدى. مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئاڭلىغانلىقىنى، مېنىڭ لۈكچەكلەرچە قىلىقىمدىن نومۇس قىلغانلىقىنى، يېقىن دوستۇمنىمۇ كۆرەلمەي ئىچى تارلىق قىلىشىمنى ئويلاپ باقمىغانلقىنى ، مەندىن بەك رايى قايتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا ئايرىلىش تەكلىۋىنى قويدى. مېنىڭ بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى.ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا قاتتىق ئېغىر كەلدى. ئەمما غورۇرۇم ئۈستۈن كەلدى. خەير دېدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئەلى بىلەن توي قىلدى. بۇ مېنىڭ غەزىۋىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. كېيىن قىزدوستۇمنىڭ بىر دوستىدىن، ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى ئەلىنىڭ قىز دوستۇم بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرغانلىقىنى، بىر قانچە يەرگە ئوينىغىلى ئاپارغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ھەممىنى چۈشەندىم. يېقىن دوستۇم دەپ يۈرگىنىم ئەسلى بىر سۇيقەستچى چايان ئىكەن. مەن شۇ چاغدىلا بىر پۇرسەت تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. ئەلۋەتتە ، مېنىڭ ۋاپاسىز قىز دوستۇممۇ بار. ئۇنىمۇ قەتئىي كەچۈرەلمەيتتىم. مەن ئامال ئويلاپ يۈرگەندە، ئەلىنىڭ كورسىدا ئىشلەپ يۈرگەن بىر دوستۇم سەنمۇ كېلىپ ئىشلىسەڭ بولمامدۇ؟ دەپ قالدى. مەن كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يەرگە ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشنى قارار قىلدىم. باشتا ئەلى مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن ھەيران قالدى. ئۇ سەل ھودۇقۇپراق مېنى قوبۇل قىلدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات، بىز دېگەن كىچىكىمىزدىن دوست، يەنە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتۈۋېرەيلى دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم. ئۇ مەن بىلەن ئەپلىشىپ قالغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدى. ماڭا ئالاھىتەن ياتاق ئاجرىتىپ بەردى. مۇئاشىمنى ھەممىدىن يۇقىرى قىلدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكىمنى چاندۇرمىدىم. مەن قولايلىق بىر پۇرسەت كېلىشىنى كۈتەتتىم،نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزەتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ ئايالى يەنى مېنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇمنىڭ ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قالدى. ئۇ ئايالىنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ. لېكىن قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋېتىپتۇ. مەن بۇنى ئاڭلاپ ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم. خوپ بولدى، ماڭا ۋاپا قىلمىغان يەردە ساڭا ۋاپا قىلامتى ؟ دەپ ئويلايتتىم. كېيىن بۇنىڭدىن پايدىلىنىش قارارىغا كەلدىم. ئۇنى قانداق ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ بولغان، لېكىن دەل ئۇنى قىزىقتۇرغۇچ كەم ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئايالىنى بىر يەردە ئۇچرىتىپ قالغانلىقىمنى، بۈگۈنمۇ شۇ يەرگە بارىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە مېنىڭ تونۇشۇم بارلىقىنى، ئۇ كەلگەن ھامان ماڭا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەلى دەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. مەن ئۇنىڭغا بۈگۈن كەچ دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ماڭا تېلېفون قىلىشىنى ئېيتتىم. ئۇ نېمىشقا كەچ كىرگىچە ساقلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنەلمىدى. مەن ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا تېلېفون قىلساڭ ھەممىنى شۇچاغدا بىلىسەن دېدىم. ئۇ ئامالسىز ماقۇل بولدى. دېگەندەك ۋاقتىدا تېلېفون قىلدى. مەن ئۇنىڭغا ئايالىڭ ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ 4- قەۋىتىدىكى بىر ئۆيدە، ھازىر قارىساڭ كۆرەلەيسەن دېدىم. ئۇ كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئوچۇق دېرىزىنىڭ ئالدىغا بارە دېدىم . ئۇ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ، مانا كەلدىم دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تانىنى تارتىۋەتتىم. ئۇنىڭ ئۈنى ئۆچتى. مەن ئۇنى چاقىردىم. تېلېفوندىن جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدىم. قالغان ئىشلار ماۋۇ ئىنىم ئېيتقاندەك، قىلچە خاتاسى يوق.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى.
_ ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق يامانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام، مەن يەنە بىر كۈن تۇرۇپ تۇرغان بولاتتىم،- دېدى ئۇ.
_ بۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق،- دېدىم مەن،- قاتىللىق قىلغان ئىكەنسىز، پاش بولماي قالمايتتى.
مۇشۇنداق دەپ ساقچىلارغا ئازراق يۈز قالدۇرغان بولدۇم. ساقچىلار ئۇنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى. ھەممەيلەن ماڭا خۇددى مەن باشقا بىر پىلانىتتىن كېلىپ قالغاندەك قارىشىپ كەتتى. رەنا يېنىمغا كېلىپ:
- قالتىس ئىش قىلدىڭىز،- دېدى،- ئەقلىڭىزگە بارىكاللا.
- ئۇنچىلىك دەپ كەتكۈچىلىكى يوق،- دېدىم مەن خىجىل بولۇپ.
ساقچى باشلىقى ئىلھام :
- بىزگە چوڭ ياردەم قىلدىڭ ئۇكام،- دېدى،- سەن كەسپىڭنى خاتا تاللاپ قويغاندەك تۇرىسەن.
- تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ قالدى،- دېدىم مەن،- سىز توپلىغان يىپ ئۇچلىرى بولمىغان بولسا، دېلونى پاش قىلالمىغان بولاتتىم.
- شۇنداق،شۇنداق،-دېدى ئىلھام- كېيىن يەنە ئىش بولسا سېنى ئىزدەيمەن. ئادرىسىڭنى ماڭا يېزىپ بەرگىن.
مەن بىر پارچە قەغەزگە ئادرىسىم ۋە تېلېفون نومۇرۇمنى يېزىپ ئۇنىڭغا بەردىم.
- خوش ،- دېدى ئۇ قەغەزنى يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن،- كەچ بولۇپ كەتتى. تېز مەكتىپىڭلارغا قايتىڭلار، ھوي، بۇ قىزنى ئېلىپ سىرتتا قالايمىقان قاتراپ يۈرمە جۇمۇ.
_ ماقۇل،- دېيەلىدىم مەن ئاران. ئۇنىڭ چاقچىقىدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالغان ئىدىم. رەنا بىلەن بىنادىن چۈشتۇق. قارىساق ئابدۇقەييۇم بىلەن زۇلپىيە بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن.
- تۈگىدىمۇ؟- دېدى ئابدۇقەييۇم.
- تۈگىدى،- دېدىم مەن.
قىزلارنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتتۇق. سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. مەكتەپكە 11 لەردە بارالىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
- ئەستا،- دېدىم مەن ،- قورساق بەك ئېچىپ كەتتى. كەچلىك تاماق يېمىدىم تېخى. بىلگەن بولسام چۈشتىكى تامىقىمنى ئاشۇرۇپ قويماس ئىكەنمەن.
- ھەرنېمە بولسا بايا سىلەرنى ساقلىغۇچە، زۇلپىيە بىلەن تاماق يېۋاپتىكەنمەن،- دېدى ئابدۇقەييۇم.
مەكتەپكە كەلگەندە ياتاقنى تاقاپ بولغان ئىكەن. بىز ئامالسىز كېچىدە تىجارەت قىلىدىغان تورخانىغا كىرىپ كەتتۇق.


تامام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25914
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2110
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 4590 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:16:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىنى ئاۋارە قىلمايلا يوللىۋەتتىم، بۇ ئىزدىنىشقا يوللانغىلى خېلى بولدى.

ئۇلۇغ اللە ! مىنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45301
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2200
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1705 سائەت
تىزىم: 2011-6-22
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 01:02:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمگنىڭ ، كۆرمىگەننى كۈرسەن ئۆلمىگىنڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3396
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللاپ قويغۇنىڭىزغۇ بىزگە ياخشى  لىكن تىما ئىگىسى نىمە دەپ قالار،...‹؟
بۇ ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىپ ،كىيىن بۇنداق تىمىنى يازماي قالارمۇ؟؟؟

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3396
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:12:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگەسىگە ئازراق ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي:
  ئۆلگۇچى دەرىزىدىن ئۇدۇلغا قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا،يۇقىرىدىن ئۆزىگە قاراپ ئۇچۇپ كىلىۋاتقان جىسىمنى كۆرەلىشى ،يەنە كىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالالىشى مۇمكىن.چۇنكى نورمال ئادەمنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرالىشى تەبىئي.  سىز «پەستە ئايالىڭ كىتىپ بارىدۇ ياكى پەسكە قارا» دىگەندەك يازغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
لىكىن بۇمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ.داۋاملىق يىزىشىڭىزنى ئۈمۇد قىلىمەن.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 753
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 4617 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:50:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت  MUHAPIZATQI كە 2011-12-26 11:12 AMئەۋەتىلدى  :
تىما ئىگەسىگە ئازراق ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي:
  ئۆلگۇچى دەرىزىدىن ئۇدۇلغا قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا،يۇقىرىدىن ئۆزىگە قاراپ ئۇچۇپ كىلىۋاتقان جىسىمنى كۆرەلىشى ،يەنە كىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالالىشى مۇمكىن.چۇنكى نورمال ئادەمنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرالىشى تەبىئي.  سىز «پەستە ئايالىڭ كىتىپ بارىدۇ ياكى پەسكە قارا» دىگەندەك يازغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
لىكىن بۇمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ.داۋاملىق يىزىشىڭىزنى ئۈمۇد قىلىمەن.
بۇنداق ھاللاردا كۆپلىگەن كىشىنىڭ مىڭىسى تورموزلىنىپ قالدۇ ، ئالدىڭىزغا بىر ماشىنا تىز سۈرەتتە كەلگەندىمۇ شۇنداق ،،،،

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 04:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامغا تەشنامەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش