مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: aybanum

توقسۇن توي بېيىتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇرمۇش مەڭگۇ ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2633
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10507
تۆھپە نۇمۇرى: 563
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممىدىن مۇشۇ   بىيت ئېيتىشىدىغان يىرىگە ئامراق ،، بەك قىزىيدۇ،،،،

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10134
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 01:17:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىيىت ئېيتسا بەك قىزىيدۇ ، بىر چاغدا يۇرتتا مۇنداق ئېيتىشقان ،

شەھەرنىڭ ياخشىسى گۇاڭجۇ ،
مىۋىنىڭ ياخشىسى شاڭجو ،
ئىككى قۇدا توي قىلىپتۇ
بىر بىرىگە باڭجۇ ...

مەن بەك كۈلىۋەتكەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52305
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 01:23:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل جايدىن قىز ئەكەلدۇق
كېلىن قىلسىلا
ماختاپ-ماختاپ گەپ قىلىپ
ئىشلىرىغا سالسىلا
بۇنى بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشقاندا، قىزنىڭ قولدىشى قىزنىڭ قېينىئانىسىغا دىگەن، يۈزىنى ئاچىدىغان چاغدا.

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 01:31:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنشا ئاللاھ بىزمۇ يېقىندا توقسۇندىن كېلىن يۆتكىمەكچى   نەۋرە ئاكامغا توقسۇنلۇق قىز يېقىپ قاپتۇ ، قىزمۇ بۈگۈرگە كېلىن بۇلۇشنى خالاپتۇ ،ئاللاھ نىسىپ قىلسا  يېڭى يىلدا توي ئوينىغۇدەكمىز

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 12:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز ئۈزۈلمىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62296
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 735 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 06:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:توقسۇن توي بېيىتلىرى( داۋامى )

داۋامى
مەسلىھەت چايدا ئېيتىلىدىغان بېيىت :

بالاڭنى مەيلىگە قويساڭ ئوچاقنى بۇزۇر ،
توي ئىشىنى دوست – دۈشمەنگە دەۋەرسەڭ تويۇڭنى بۇزۇر ،

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ھارغاندا ئېشەك مەپىدىن ياخشى ،
قورساق ئاچقاندا قوناق نان مانتىدىن ياخشى ،
مۇشۇ كۈنلەر ،پەسىللەر ،توي قىلىشقا ھەجەبمۇ ياخشى .

بوغچا ئاچقۇ ، بوغچا ئاچقۇ ،
مىھمانلارغا كۆڭۈل ئاچقۇ .
نىكاھ چۈشتى بىر جۈپ ياشقا،
كۆز تەگمىسۇن قەلەم قاشقا .

قىز تەرەپ ئېيتىدۇ :
يازدا مىھمانغا بارسام ،
چاڭلىرى يېتىشمىدى .
قىشتا مىھمانغا بارسام ،
كاڭلىرى يېتىشمىدى .
قىزىمىزنىڭ چىرايلىقلىقىدا ،
كۆيگەنلەرگە يېتىشمىدى.

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
ئەتىياز كىرىشى بىلەن يەۋەردۇق،
بىدە بىلەن سۈزىنى .
مۇشۇنداق كاتتا توينى مۇبارەكلەپ ،
ئېيتىۋەردۇق بېيىتنى .

بوغداي پىشقاندا ئورغاق سالىمىز ،
چاچلار چۇۋۇلسا ، تاغاق سالىمىز .
مۇشۇنداق چىرايلىق قىزلارنى بەرسە ،
يەنە 10- 15 نى ئالۇرمىز .

تۈندە ئايدەك قىزىمىز ،
كۈندە كۈندەك قىزىمىز .
خۇدا بىزگە نىسىپ قىلغان،
تولۇن ئايدەك قىزىمىز .

ساندۇق ئاچقاندا ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
ئالتۇن ئەكەلدۇق سىزگە ،
گۆھەر ئەكەلدۇق سىزگە .
قىزىل گۈلدەك قىز بەردى دەپ،
كېسەك ئالتۇن ، شايى – دۇردۇنلارنى ،
پەتنۇستا ئەكەلدۇق سىزگە .

رەڭمۇ رەڭ كىيىم سالدۇق،
كېلىن قىزنىڭ تويىغا .
دوسلىرى كەيدۈرۈپ باقسۇن،
قاملىشىدۇ ، تال چىۋىقتەك بويىغا .

قىز تەرەپ ساندۇق ئاچقاندا ئېيتىدۇ :

قىرچىن تالنى كەسلەپ قويغان ،
قۇرۇغاندا قالاي دەپ.
ئاش ،چايلاردا جىدەل قىلمىدۇق،
بۇ سوۋغاتلارنى  توي كۈنى ،
شايى دوردۇن ، كېسەك ئالتۇن بىلەن ئالاي دەپ.

ئالما گۈلىدەك قىز بۇ ،
خىنە گۈلىدەك قىز بۇ .
شۇنچە خالايىق كېلىپمۇ ،
ئالالمىغان قىز بۇ .

ئادەمدە بار ئالەمدە يوق ،
كۆڭۈلدە بار ، بازاردا يوق ،
بىزنىڭ قىزدەك چىرايلىق،
ئۆيدىلا بار ،دۇنيادا يوق .

باغنىڭ ئىشىكى چاخسا ،
يېپىلسا ئېچىلمايدۇ.
بىزنىڭ قىزدەك ئايتۆرۈك ،
شىنجاڭدىن تېپىلمايدۇ .

يازدا سايرىغان بۇلبۇللار،
قىشتا سايرىماس بولدى .
قىزىمىزنى ئالالمىغانلار ،
بىزگە قارىماس بولدى .

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
يۈزلىرى ئايدەك قىز ئىكەن،
سۆزلىرى بالدەك قىز ئىكەن .
قاشلىرى قەلەمدەك قىز ئىكەن .
بويلىرى تالدەك قىز ئىكەن .

بارنىڭ غېمى مىڭ ئىكەن ،
يوقنىڭ غېمى بىر ئىكەن .
نىكاھ چۈشكەن بۇ قىزىم ،
باغدا ئېچىلغان گۈل ئىكەن .

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ئوقۇمىغانلار سايدىكى تاش ئىكەن،
ئوقۇغانلار تەخسىدىكى ئاش ئىكەن .
ھەجەپمۇ قاملىشىپتۇ ، ئىككىلا قۇدا ياش ئىكەن .

ئاسمان بىلەن زىمىننى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن،
ئادەم بىلەن ھاۋانى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن.

قۇياش بىلەن تولۇن ئاينى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن .
بىر جۈپلەرگە مىھمانلارنى گۇۋاھ قىلىپ ،
جۈپلىۋاتتىڭ ئاللاھ سەن .

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
قاشلىرى قارا ئىكەن ئوسما قويغاندىمۇ؟
كۆزلىرى شەھلا ئىكەن ،سۈرمە سۈرگەندىمۇ ؟
يۈزلىرى نۇرلۇق ئىكەن 15 كۈنلۈك ئايدىمۇ ؟
نىمانداق چىرايلىق بۇ قىزىم ، باغدا ئېچىلغان گۈلدىمۇ؟

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ئوسما ئاشىقى قاش ئىكەن،
تاغاق ئاشىقى چاچ ئىكەن .
مەرىكىمىزگە كەلگەن مىھمانلار ،
بىر – بىرىدىن ياش ئىكەن .

ئاي بىلەن كۈن دوست ئىكەن ،
چولپانغا ھەمراھ يوق ئىكەن ،
مۇشۇنداق كاتتا مەرىكىلەردە ،
ئەجداتلىرىمىز يوق ئىكەن .

قىزغا ئېيتىلىدۇ :
قاپقارادۇر قاشلىرىڭىز،
يەلپۈنەدۇ ساچلىرىڭىز.
سىزگە نىمە بولدى بۈگۈن ،
تۆكۈلەدۇ ياشلىرىڭىز .

يېڭى كىيىم كىيگەنلەرنى باينىڭ بالىسى دەيدۇ ،
كونا كىيىم كىيگەنلەرنى  كانتۇ ئوغرى دەيدۇ .
بۇ بىر جۈپلەرنى كۆرگەنلەر ئەمدى ،
پەرھات بىلەن شىرىن دەيدۇ .

مىھمانلار :
ئاسماندىكى يېڭى ئاي ،
ئون بەش كۈندە بىر تولار ،
ئېيتىپ كەتتۇق بېيىتلەرنى،
توختاپ قالساقمۇ بولار .

قىز تەرەپ:
دۇنيا كۆزى بەيتۇللا،
قىبلى نامى بەيتۇللا،
قىزىمىزغا تىكىۋاتتۇق ،
9 يوتقان ، 9 كۆرپىنى ،
ئىچى – تېشى تەيتۇللا.

ئوغۇل تەرەپ ؛
ئون بەش كۈنلۈك ئايمۇ سىز،
سەھەر چىققان كۈنمۇ سىز .
كېچە كۈندۈز تىلىۋىدۇق ،
خۇدا بەرگەن قىزمۇ سىز .

قىزلار لەغمەن سوزىدۇ ،
رەندە سالغان تاختىدا .
ئىككى قۇدا توي قىلىۋالدى ،
ئەجەپ ئوبدان ۋاقتىدا .


قىز تەرەپ (قىزنى ئۇزاتقان چاغدا ئېيتىدۇ )
قىزىمىزنىڭ ئايدەك يۈزىنى ،
ئېچىپ قويسىلا ،
ئىپار پۇراقلىق تەنلىرىنى ،
پۇراپ قويسىلا،
ھۆر پەرىدەك دوستلىرى بىللە بارىدۇ ،
ئاي پەرىلەر كەلدى دەپ ،
كۈتۈپ قويسىلا.
ئوغۇل تەرەپ :
قىزىمىزنىڭ ئايدەك يۈزىنى ،
ئېچىپ قويىمەن،
ئىپار پۇراقلىق تەنلىرىنى ،
پۇراپ قويىمەن،
ھۆر پەرىدەك دوستلىرى بىللە بارسا ،
ئاي پەرىلەر كەلدى دەپ ،
كۈتۈپ قويىمەن.

ئۆلۈكلەر دۇئاغا تويمايدىكەن ،
تىرىكلەر دۇنياغا تويمايدىكەن .
مىھرىبان ئاتا- ئانىلار ،
ئوغۇل – قىزلىرىغا تويمايدىكەن.

قىزنىڭ يۈزىنى ئاچقاندا يىگىت ئانىسى ئېيتىدۇ:
قىزىمنىڭ يۈزىنى ئاچسام ،
ئىپار پۇرىقى كەلدى .
پىشانىسىگە سۆيۈپ قويسام ،
ئەتىر پۇراقى كەلدى .
40 ماشىنىدا كۆچۈرۈپ كەلسەم ،
گۈلدەك دوسلىرى بىللە كەلدى .

ئاتنىڭ بالىسى تاي ئىكەن ،
كۈننىڭ بالىسى ئاي ئىكەن .
بىزگە نىسىپ بولغان قىزىمىز ،
15 كۈنلۈك ئاي ئىكەن .

مىھمانلار ، قۇدىلارغا ئېيتىدۇ :
بىزنىڭ گوڭشى ئىلانلىق ،
ھەممە يېرى چىلانلىق .
تويلىشىۋالغان قۇدىلار ،
نىمانداقلا پىلانلىق .

يىگىت ئانىسى ئەينەك تۇتۇپ ئېيتىدۇ :
ئەينەك دىگەن جىڭ ئىكەن ،
كىملا قارىسا ئۆزىكەن .
ئەينەكتىكى بۇ قىزىم ،
ئون بەش كۈنلۈك ئاي ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73680
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 02:00:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
一起交流!对这个话题感兴趣的朋友们












浙江投影机,浙江投影机维修http://www.hzycty.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش