مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1407|ئىنكاس: 13

فېليەتون :  بىزنىڭ «ئا كيۇ»لىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3982
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ «ئا كيۇ»لىرىمىز



(فېليەتون)

روزىمۇھەممەد ياقۇپ
(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)



    ئوقۇغانلار ئۈچۈن «ئا Q»(ئا كيۇ) تونۇشلۇق، ئۇ داڭلىق ئەدىب لۇ شۈننىڭ «ئا Q نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى بەدىئىي ئوبراز. مەن 20 يىل بۇرۇن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ئىدىم. تا ھازىرغىچە «ئا Q» نىڭ تاشقى قىياپىتى، گەپ-سۆزى، ئىش- ھەرىكىتى زادىلا ئېسىمدىن كەتمىدى. بۇ بەلكى «ئا Q» تىراگىدىيەسىنىڭ ماڭا شۇنچە تەسىر قىلغانلىقىدۇر ياكى ئارىمىزدا «ئا Q»غا ئوخشايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىدىندۇر.
    «ئا Q» تىپىك «روھىي غالىبىيەتچى» ئىدى، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئورنى، ئادىمىي قەدرى- قىممىتى يوق، «بار» بىلەن « يوق»نىڭ ئارىلىقىدىكى ئادەم ئىدى. ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا، ئۇرۇپ-سوقىدىغان بوكسيۇر خالتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، ھەممە كىشى ئۇنى كۆزگە ئىلمايتتى،  بوزەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ رېئاللىقنى تەن ئالمايتتى. « مېنىڭ ئاتا- بوۋام سېنىڭكىدىن ئاتاقلىقراق ئىدى، سەن نېمىدىڭ؟» دەپ ، ئۆزىنى غالىپ تۇتۇپ يۈرەتتى. ئۇرۇپ- سوقۇلغاندا بولسا « مەيلى، مېنى ئەرزىمەس بالام ئۇرغان بولسۇن» دەپ ئۆزىنى بەزلەيتتى. تېخى ئۇلارغا پۇل خەجلەپ رەھمەت ئېيتاتتى. ئارقىدىنلا «مەن يەڭدىم» دەپ، ئۆزىنى « بىرىنچى» ھېسابلايتتى، شۇنداق قىلىپ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق بەختسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەتنى تېزلا ئۇنتۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋاسىز يۈرەتتى. ئەمما ئۆزىدىن تۆۋەن دەپ ھېسابلايدىغان ساقاللىق ۋاڭ، شياۋD لارنى مەنسىتمەيتتى، ئۇلارنى بوزەك قىلاتتى. ئاقىۋەتتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ ئۆلۈمنامىسىگە نۆلنى يۇمۇلاق يازالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، «مېنىڭ بالىلىرىم چوقۇم ياخشى يازالايدىغان بولىدۇ» دېگەنىدى. قىسقىسى، ئۆز- ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن ئالداپ «ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي» بىپەرۋا ياشاش ئۇنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى ئىدى.
    «ئا Q»نىڭ ئۇرۇق- نەسەبى نائېنىق، ئىسمى ئەبجەش ، بېشىدىكى قالپىقىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس ئىدى. بەزىدە باشقىلارئۇنىڭ ئالا-جوقا سۆزلىرىنى ئانچە چۈشىنەلمەيتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا تىلىمۇ ئەبجەش بولسا كېرەك.
     لۇ شۈن بۇ ئەسەرنى كونا جەمئىيەتتە يازغانىدى. «ئا Q»مۇ كونا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مەنمۇ ئۇنى كونا جەمئىيەت بىلەن بىللە ئۆلۈپ تۈگىدى دەپ يۈرەتتىم . دېمىسمۇ ئۇ ئۆلگىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان «ئا Q»غا ئوخشايدىغان ئادەملەر كۆزۈمگە تولا چېلىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قاراپ «‹ئا Q› تىرىلىپ قالدىمۇ- نېمە ؟ »دەپ گۇمانمۇ قىلىپ قالدىم. لېكىن شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ قارىغاندا «ئا Q»نىڭ روھى تىرىلگەن ئوخشايدۇ. يا بولمىسا ئۇنىڭ مىكروبى ھازىرقىلارغا يۇققان، يۇققاندىمۇ بىرى مىڭ بولۇپ ئاۋۇغان ئوخشايدۇ. كىشىلىك ھاياتتا قانداق ئەخمىقانە ئىشلار بولمايدۇ دەيسىز؟ بەلكى ھەممە نەرسە مودا بولۇۋاتقان جەمئىيەتتە ئەمدى «ئا Q»نى دوراشمۇ مودا بولدىمۇ-تېخى!  ئەجەب ئىش، «ئا Q» ئاللىقاچان ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ «روھىي غالىبىيەتچىلىكى » مىللەت، دەۋر چېگرىسىدىن ھالقىپ كېتىپتۇ-دە!
شۇڭا بۇ ئا Qلارغا يېڭى تەرجىمىھال يېزىشقا توغرا كەلدى.
    تەرجىمىھال يېزىشتا مۇناسىپ ئىسىم قويۇش كېرەك ئىدى. ئىسىم قويۇشتا خېلى بېشىم قاتتى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭمۇ  ئۆز ئىسمى بارئىدى. ئۇلار كىمنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئىسىم ئاڭلىسا، قايسىسى قۇلىقىغا يېقىپراق قالسا، دەررۇلا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۈرگەچكە ھازىر ئەسلىي ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىم بىلمەس بولۇپ كېتىپتۇ. لۇ شۈنگە ئوخشاش ئۇلارنى «ئا Q» دەپ ئاتاي دېسەم دورامچىلىق بولغۇدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەۋەلىكى ۋە  كونىسى بىلەن يېڭىسىنىڭ پەرقى ئېنىق بولمىغۇدەك. شۇڭا بىرەر ياخشى ئىسىم تېپىلغۇچە ئۇلارنى« بىزنىڭ ئا كيۇلار» دەپ ئاتاپ تۇراي.
    بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ جىنسىغا كەلسەك، كونا «ئا Q» نىڭ جىنسىي پەرقى ئېنىق ئىدى. ئۇ ئاياللارنى كۆرگەندە ئۇ يەر- بۇيەرلىرىنى چىمداپ  ئەرلىكىنى نامايەن قىلاتتى. لېكىن  بىزنىڭ ئاكيۇلارغا قاراپ جىنسىنى پەرق ئېتىش قىيىنغا چۈشتى. ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ قويۇپ، قۇلاققا مونچاق، بوينىغا مارجان تاقاپ ئايالچە، ئاياللىرى ئۇزۇن چاچلىرىنى كەستۈرۈپ، كالتە كىيىملەرنى كىيىپ ئەرچە ياسىنىپ يۈرگەچكە «ئايالمىكىن»دەپ، ئەرلەرگە، «ئەرمىكىن» دەپ، ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ قويىدىغان، مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سالىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
    ئۇنىڭ ياسىنىشلىرىمۇ ئۆزگىچە. بىر زامانلاردا ئۇنىڭمۇ چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىملىرى باركەنمىش. ئەمما مودا قوغلىشىپ، كىم نېمە كىيسە دەررۇلا شۇنى دوراپ غەلىتە ياسىنىپ تۇرغاچقا، ھازىرغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ قانداق كىيىمى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىپتۇ. شۇڭا بەزىسى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈۋالسا، بەزى ئاياللىرى ئەرەنچە، ئەرلىرى ئايالچە ياسىنىدىغان بوپتۇ. تېخى بەزىسى قارا چېچىنى سېرىق بوياپ،  يۈزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، تېرىسىنى ئالماشتۇرغاچقا قايسى قەۋمگە  تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماس بولۇپتۇ. شۇڭا مەن بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ جىنسى، قىياپىتىنى سۈرەتلەپ  بېرىشكە ئاجىز كەلدىم.
    نەسەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، مەن بىزنىڭ ئا كيۇلار بىلەن قانداش ۋە نەسىلداش كېلىمەن. شۇڭا ئۇلارنى ياخشى تونۇيمەن. ئەمما بىزنىڭ ئا كيۇلار ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيدۇ. بەزىدە ئۆزگىلەرتەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا « مېنىڭ  ئاتا- بوۋام سېنىڭكىدىن داڭلىق ئىدى» دەپ  مەردانىلىق كۆرسەتكىنىگە قاراپ، كىملىكىنى بىلىدىغان چېغى دەپ يۈرەتتىم، قايسى كۈنى  بىرسى ئۇنىڭدىن « ئۇنداق بولسا ئاتا- بوۋاڭنىڭ ئىسمىنى دەپ باقە قېنى!» دېۋىدى، ئۇ دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمەي، ئىككى يېنىغا قاراپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھازىرچە بىرنەرسە دېمەي دېگەن قارارغا كەلدىم.
    تىلىغا كەلسەم، بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ گەپلىرى تېخىمۇ «مودا»، تېخىمۇ ئەبجەش! ئۇنىڭ بىردە ئەرەبچە، بىردە رۇسچە، بىردە فارسچە، بىردە خەنزۇچە سۆزلەپ يۈرگىنى، تۈزۈكرەك بىرنەرسە بىلمىسىمۇ، ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كىمدىن بىرەر سۆز ئۆگىنىۋالسا، ئۆزىنىڭ تىلىنى تاشلاپ ئەبجەش سۆزلەپ يۈرگەچكە، بەزىدە نېمە دەپ يۈرگىنىنى مەنمۇ بىلەلمەي قالىمەن . شۇڭا ھازىرچە  بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ تىل تەۋەلىكى ھەققىدە بىرنەرسە دېمەي دېگەن قارارغا كەلدىم.
    بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ خاراكتېرىگە كەلسەم، « بۇرۇن چىققان قولاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دېگەندەك، بىزنىڭ ئا كيۇلار«ئا Q»دىن ئېشىپ «روھى غالىبىيەتچى» ئىكەن ئەمەسمۇ؟
    ئۇلار باشقىلاردىن  تاياق يېسە، ئاغرىق ئازابىدىن غىڭشىپ تۇرۇپ «دۈمبەم خويمۇ قىچىشقان ئىدى، دەل ۋاقتىدا ئۇردىڭىز، رەھمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن» دەيدىكەن، تېخى ئۇلارنى ئېسىل نازۇ-نېمەتلىرى بىلەن مېھمان قىلىپ، ھەشقاللا ئېيتىدىكەن. «ئا Q» پىت تېرىشتە روھىي جەھەتتىن «ساقاللىق ۋاڭ»  بىلەن بەسلىشىپ، كۆينىكىدىن پىت ئاز چىقىپ قېلىپ، «ساقاللىق ۋاڭ» غا يېڭىلگىنىدە  ئەڭ ئاخىرقى بىرتال پىتنى دەر غەزەب بىلەن ئاغزىغا سېلىپ، «كاراس»لىتىپ چاينىغانىدى. بىزنىڭ ئا كيۇلارمۇ ئۆزىنىڭ پىت بولمىغانلىقىدىن ئاچچىقى كېلىپ، «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ»دېگەندەك، ئۆزىنىڭ ئېسىل «چاپانلىرى»نى سېلىپ تاشلاپتۇ. «ئا Q» ئۆلۈم خېتىگە قول قويغاندا نۆلنى يۇمۇلاق يازالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ « مېنىڭ نەۋرىلىرىم چوقۇم يۇمۇلاق يازالايدىغان بولىدۇ» دېگەن بولسا، بىزنىڭ ئا كيۇلارئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىگە چىرايلىق بەلگە قويۇشنى بىلگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىدىغان بوپتۇ. «ئا Q»نىڭ كاللىسى تاز بولغاچقا ئۇ  ھەمىشە « پاينەك»، «ئايدىڭ»، «شام»، «چىراغ » دېگەن سۆزلەردىن خۇدۈكسىنىپ يۈرەتتى. ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقى كېلەتتى. شۇ تۈپەيلى مۇشتلىشاتتى. مانا ئەمدى بىزنىڭ ئا كيۇلارمۇ شۇنداق سۆزلەردىن رەنجىپ، قورقۇپ، ئاچچىقلىنىدىكەن. بۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنىڭمۇ تاز بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردىم.
بىزنىڭ  ئا كيۇلارنىڭ كەچۈرمىشىمۇ ئۆزگىچە:
   قايسى يىلى بىر ئا كيۇرىمىزنىڭ يالغۇز ئوغلى قازا قىلدى. ئۇ ئەسلىدىنلا ھاراقكەش ئىدى. ماتەم كۈنى ئۇ قوشاق قېتىپ ئوغلىنى ياخشى باقمىغانلىقى، ئۇنى باغچىلارغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتالمىغانلىقى، ئەتە- ئاخشام قېشىدا تۇرۇپ ئەركىلىتەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ بوراندەك يىغلىدى. ئۇنىڭ ئازابلىق نالىسى نامازغا كەلگەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ ، ياش تۆكۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئەمما  ئۇ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاراق ئىچىپ يۈردى. باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىۋىدى، ئۇ  پەرۋاسىز ھالدا « ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ» دەپ قويدى.
     يەنە بىر ئا كيۇرىمىزنىڭ  دادىسى ئېغىر كېسەل ئىدى. ئۇ دادىسىنى تاشلاپ قويۇپ، كېچىچە دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچتى. ئەپسۇس شۇ كېچە دادىسى جان ئۈزدى. تۇغقانلىرى ئۇنى ئىزدەپ، قاۋاقخانىدىن قايتۇرۇپ كەلگەندە ئۇ دادىسىنى ياخشى باقمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، زار-زار يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىدىن يۈرەك باغرى ئېزىلمىگەن، ياش تۆكمىگەن ئىنسان قالمىدى. ئەسلىدە بۇ يىغا ھاراقنىڭ كۈچىدىن كەلگەن ئىدى. باشقىلار بۇنى بىلگەندە ئۇنى سۆرىگەنچە ئاپىرىپ بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇشتى. ئەمما بۇ ئا كيۇرىمىز دادىسنىڭ مىيىتى ئۇزىتىلغاندا  خورەك تارتىپ مەستلىك ئۇيقۇسىنى قېنىپ ئۇخلىدى. تېخى بىر ھەپتىمۇ ئۆتمەي، يەنە  ھاراق ئىچىشنى باشلىۋەتتى . كىشىلەر ئۇنى ئەيىبلىۋىدى، ئۇمۇ ئوخشاشلا « ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ» دەپ قويدى.
    دۇرۇست، «ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ». ئەمما پۇشايمان قىلىپ تۇرۇپ، پۇشايمانلىق يولىنى تاللىغىنى بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ تۈزەلمەس كېسىلى بولسا كېرەك.
بىر يىلى بىر ئا كيۇرىمىز يۇرت ئاتلاپ بېرىپ، قايتار چېغىدا  دوستلىرى ئۇنى «قۇلاق چىلاشقۇچە» ئىچۈرۈپ، مەست پېتى يولغا ساپتۇ. ئەمما بۇ ئا كيۇرىمىز ئاپتوبۇسقا چىقىپلا ئۇنى «قوتان» دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، بىردىنلا ئادەملىكىدىن ھايۋانلىق تەبىئىيتىگە قايتىپتۇ-دە، شۇنچە ئەر- ئاياللارئارىسىدا  كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، «ھەي-ھەي»گە قاپتۇ. كېيىن باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىسە، ئۇ پەرۋايىدا يوق« ئادەمنىڭ ئەسلىي تەبىئىتى شۇنداققۇ» دېگۈدەك.
    دەرۋەقە، بىزنىڭ ئا كيۇلار ئەنە شۇنداق نۇقسانلىرىنى تەن ئالماي، ئۆزىنى«ئاق بالىخان» كۆرسىتىشكە ئۇستا. شۇڭا ئۇلار«ئىشەك بىر قېتىم سېپىلغان كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ»دەپ، تەمسىل ئېيتىدۇيۇ، ئەمما ئۆزى بىر ئەمەس، نەچچە قېتىم سېپىلىپمۇ يەنە شۇ كۆۋرۈكتىن، شۇ يوسۇندا ئۆتۈۋېرىدۇ.
    بەزى ئا كيۇلىرىمىز ھاراق سەۋەبىدىن نەچچە قېتىملاپ ھادىسىگە ئۇچراپ، پۇت- قوللىرى سۇنۇپ، ئۆمۈرلۈك مېيىپلىق ئازابىغا قالغان تۇرۇپمۇ، «خۇدادىن كەلگەن قازا» دەپ، گۇناھنى خۇداغا ئارتىپ قويۇپ، يەنە بىخىرامان ھالدا  ھاراق بىلەن ئۈلپەت بولۇشتى.
قايسى كۈنى بىر ئا كيۇرىمىز غەرق مەست ھالدا دەلدەڭشىپ كوچىدا كېتىۋېتىپتۇ. قولىدا بىر سۇلياۋ خالتىدا قېتىق بارئىدى. ئۇ ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە قېتىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «بۇنىڭدا ئانامنى باقىمەن، دادامنى باقىمەن. مەندەك كۆيۈمچان ئادەم بارمۇ؟..» دەيتتى. مەن ئۇنىڭ نە ئاتا- ئانىسى، نە خوتۇنى، نە باش تىققۇدەك ئۆيى يوقلۇقىنى، گەندە چىقىرىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ، تاپقان پۇلىغا ھاراق ئىچىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەردە توپىغا مىلىنىپ ياتىدىغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. توۋا، ئۇمۇ ماختىنىپ يۈرسە...
    مانا قاراڭ، بۇلارنىڭ ئۆزى روھىي غالىبىيەتچىلىكقۇ؟
       بىزنىڭ ئا كيۇلار ھاراققا ئاشىقى بىقارار بولغاندىن بۇيان قولى ئىشقا بارمىدى. ئىشلىرى ئاۋۋال تاپمىدى. بېشىغا ھەددى- ھېسابسىز قىسمەتلەر قار- يامغۇر بولۇپ ياغدى؛ ئېرىق- ئۆستەڭلەرگە شۇڭغۇدى ، يۇندا ئازگاللىرىدا ياتتى؛ ئەل كۆزىدە شەرمىسار بولدى؛ تاياق يېدى؛ جىسمى زەئىپلەشتى؛ روھى بۇلغاندى؛ دوست- يارەنلەر دۈشمەنلەشتى؛ ئەر- ئايال ئارىسىدا جىدەل - ماجرالار ئۆكسىمىدى. روزىغارى توزىدى. ئائىلىسىدىن مېھرى- شەپقەت يوقالدى؛ ئاتا- ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا شەرمى- ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. يامىنى ئەۋلادى زەھەر ئىچىدىن مەستخۇش بولۇپ تۇغۇلدى. بۇنداق ساۋاقنى يەكۈنلەش ئورنىدا تېخى جەڭدىن ساق قايتقان غازىدەك، ئىچكەن ھارىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىپ، ماختىنىپ يۈرۈشتى. ئۇچرىغان پالاكەتلىرىنى غالىپلارچە بىر- بىرلىرىگە  ھېكايە قىلىشتى. بەزىسى ھاراق ئىچىشتە مۇسابىقىلىشىپ، زەھەرلىنىپ ئۆلدى. بەزىسى ئۆز قىزىغا ھايۋانلىق قىلدى. بەزىسى پاھىشەخانىلارنىڭ دائىملىق خېرىدارىغا ئايلاندى. بەزىسىنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلدى. تېخىمۇ يامىنى ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان مەستلىكتە بىر- بىرىگە پىچاق تىقىشىپ ئۆلۈش، باشقىلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۆزئۇرۇق- پۇشتنى ئۆلتۈرۈش، كوچىدا قېلىپ مۇزلاپ ئۆلۈش،  موتودىن يىقىلىپ ئۆلۈش،  ماشىنا بېسىپ ئۆلۈش...تەك دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ پەرۋا قىلمىدى. ئىبرەت ئالمىدى. نەسىھەتكە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە خۇددى«ئا Q» باشقىلاردىن تاياق يەپ تۇرۇپمۇ، ئۇلارغا پۇل بېرىپ، «تەشەككۈر» ئېيتقاندەك، بىزنىڭ ئاكيۇلارمۇ ھاراقتىن تۈگىمەس پەشۋالارنى يەپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭغا پۇل خەجلىدى. خۇشال بولسىمۇ، قايغۇرسىمۇ ئوخشاشلا ئۇنى ئىزدىدى. ئۇنىڭغا يېپىشتى.  تېخى  ئۆزىنى غەلىبە قىلغۇچى ھېسابلاپ ، «ھاراق مارشى»نى بولۇشىغا توۋلاپ، رېستۇران، قاۋاقخانىلارنى بېشىغا كىيىدى. جاھان ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئويناپ- كۈلۈپ يۈرۈۋەردى. ھاراقتىن ئەدىپىنى يەپ، قان قۇسقان چاغلاردا  ھاراقنى، ھاراقنى پەيدا قىلغۇچىلارنى  يەتكۈچە تىللاپ،   «خەپ ئەمدى ، ھاراق دېگەن نەرسىنى ئاغزىمغا ئالىدىغان بولسام، ئۇنداقچى بولاي، مۇنداقچى بولاي » دەپ قانچىلاپ پۇشايمان قەسىمى ئىچىشتىيۇ،  لېكىن مەستلىكىدىن يېشىلگىنىدە  ھەممىنى پاك- پاكىزە  ئۇنتۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، يەنە ھاراق ئىچتى...يەنە ئىچتى...
خۇددى كوچىدىكى بىكار تەلەپلەر «ئا Q»نىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇنى خالىغانچە ئۇرۇپ- دۇمبالاپ ، تامغا ئۈستۈرۈپ، ئۇنىڭ نالىسىدىن ھوزۇرلانغاندەك ، كۈلۈپ كۆڭۈل ئاچقاندەك، «ھاراق» دېگەن بىكار تەلەپمۇ بىزنىڭ ئاكيۇلارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئويناتتى؛ خالىغانچە كولدۇرلاتتى؛ ئاچچىق قىسمەتلىرى ئۈستىدىن كۈلدى؛ ھوزۇرلاندى.
    ھەيھات، بۇنداق ئازغۇنلۇقنىڭ مەنزىلى بارمىدۇ؟ غالىبلار كىم، مەغلۇبىيەتچىلەر كىم ؟ بۇنى  لىللا ئايرىيدىغانلارنەدىدۇ؟!    
    مانا، بىزنىڭ ئاكيۇلار ھاراق ئاستىدا يېتىپمۇ، يەنە «غالىپ»لىق ناخشسىنى ياڭراتماقتا:    
ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
تاماكا چىكىدۇ دەيدۇ.
ھەركىم، ھەرنېمە دەيدۇ،
دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ...
   قاراڭ،  بىزنىڭ ئاكيۇلارشۇنچىلا « دەرد» لەرنىڭ ئىچىملىك ۋە چېكىملىكتىن كېلىۋاتقانقىنىنى تېخى بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟!
قارىغاندا بۇ «كېسەل» تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە يۇققان چېغى:
ئەنە، بىرلىرى رېستۇرانلاردا ماتەم مۇزىكىسىنى ياڭرىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇل، تانسا ئويناۋېتىپتۇ. بىرلىرى ھاراقلارغا چىلىشىۋېتىپتۇ.
..ئېلىپ كىرگەندە لەھەت ئىچىگە،
مۈرىڭىزدىن ئىتتىرەلمىدىم.
يەتتە قېرىنداش قاتارىدا مەن،
بىر كەتمەن توپا تاشلىيالمىدىم...
-        ۋەيت...ۋەيت! خوشە، ...خوشە!
قاراڭلار، بۇ ئاكيۇلارنى، ئۇلار تېخى ھايات نېمە، ئۆلۈم نېمە، قايغۇ نېمە، خۇشاللىق نېمە، ئويۇن نېمە، ماتەم نېمە؟ بولارنىڭ  پەرقىنىمۇ بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ!
يەنە بىرلىرى  بەس تالىشىپ، تالاي قەرزلەرگە بوغۇلۇپ، ھەشەمەتلىك ئۆي سېلىپ، شۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا كۆزى قىيماي، كىچىككىنە ئاشخانىغا كەپلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. قەرزلەرنى تۆلەيمەن دەپ، يېمەي- ئىچمەي بىر تىيىننىڭ تۈشۈكىدىن مىڭ كىرىپ ، مىڭ چىقىۋاتقىنىچۇ؟ ئۇلارنىڭ تىرىك تۇرۇپ،  ئۆزىگە ھەيۋەتلىك قەۋرە ياساۋاتقانلاردىن نېمە پەرقى؟
يەنە بىرلىرى « ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس  دەپتىكەن» دەپ، ئابرۇي قوغلىشىپ، نارەسىدە بالىلىرىنى يالغۇز تاشلاپ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان قاتار چايغا قاتراۋاتمامدۇ؟
تېخى ئاڭلىسام يېشى 50تىن ھالقىغان، يا خىزمىتى، يا ھېچقانچە كىرىمى يوق بىر ئا كيۇرىمىز توخۇسىنىڭ توخۇمىنى يېمەي سېتىپ، قاتارچايغا قاترارمىش. ئۇنىڭغا نېمە ھال- ئەمدى؟
يەنە بىرلىرى يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماي،  مودا قوغلىشىپ،  يىللاپ تاپقانلىرىنى ياسىنىشقىلا خەجلەۋاتمامدۇ؟ بۇنىغۇ مەيلى دەيلى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى ئۈچۈن بىرەر كىتاب  ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيمىغان ئىچى قۇرۇق «بايۋەچچە» خېنىملارنىڭ سودىگەرگە قاتمۇ-قات قەرزلەرگە بوغۇلۇپ، نەچچە ئايلىق مائاشى ئالدىغا خەجلەش ھېسابىغا، نېسىگە ئەڭ يۇقۇرى باھالىق كىيىملەرنى بەس تالىشىپ كىيىپ گىدىيىپ يۈرگەنلىرىنى نېمە دېگۈلۈك؟ تېخى يېقىندىلا  بىزنىڭ بىر ئا كيۇرىمىز 12مىڭ يۈەنگە بىر پەلتۇ سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى « كۆز- كۆز» قىلىپ ئۈلگۈرگۈچە، ئېرى ئۇنى شۇ زامان « تالاق» قىلىپ  ئۆيدىن قوغلاپتۇ. «رەھمەت» دېدىم ئىچىمدە، ھەنېمىدۇر ئۇنىڭ ئەرلىك روھى ئۆلمەپتۇ. مەلۇم شەھەردە يېرىم يالىڭاچ خوتۇنىنى قولتۇقلاپ رەستىگە چىققان، ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالىتى ئارقىلىق بارچە ئەرلەرنىڭ شەھۋانىي ھېسسىياتىغا ئېلان بەرگەن «ئەركەك» نىمۇ ئۇچراتقىدىم. ئۇلارغا   قارىغاندا يۇقارقى ئەرنىڭ «ئەركەك»لىكى باركەن-دە!.
بىزنىڭ ئا كيۇلارغا كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان باھانە ناھايىتى كۆپ. بىر يىل ئىچىدىكى بايراملارنىڭ كۆپلۈكى يەتمىگەندەك يەنە ئۆزىچە بايرام پەيدا قىلىشلىرىچۇ-تېخى! مانا قاراڭ، ئەمەلنى قاملاشتۇرالمىسىمۇ «ئەمەلگە ئۆسكەن كۈنىنى خاتىرىلەش»، ئۆيىدە جىدەل-ماجرا ئۆكسىمىسىمۇ «توي قىلغان كۈنىنى خاتىرىلەش»، ماتەم تونىنى سېلىۋېتىش ئۈچۈن رېستۇرانغا بېرىپ، ھاراق ئىچىپ، ئويۇن-تاماشا قىلىپ، «قارىلىق سۇندۇرۇش»...ۋاي-ۋۇي، قايسى بىرىنى ئاتاپ بولاي بۇلارنىڭ!
بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە   مەلۇم رايوندا ئىككى مەنمەنچى ئا كيۇرىمىز  بىر سورۇنغا بېرىپ قېلىپ، بىرى 50 يۈەنلىك پۇلغا قولىنى سۈرتۈپ تاشلىسا، يەنە بىرى 100يۈەنلىك پۇلدا قول سۈرتۈپتۇ.
قاراڭ، بۇ نېمە ھال؟ نېمە مەنمەنچىلىك؟
ئۇلار نەچچە يىللار ئىلگىرى  ئاچلىق، نامراتلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتمىغانمىدى؟ كۇنجۈرە، چىگىت پوستى، مەدەك  ئارىلاشتۇرۇلغان، ئىتمۇ يېمەيدىغان نانلارنى تالىشىپ يېمىگەنمىدى؟ يوقسۇزلۇق دەستىدىن كىرمىگەن گۆر، يېمىگەن گەندە قالمىغان ئەمەسمىدى ؟ ئەمدى ئازراق ھاللىنىپلا كۆرەڭلەپ يۈرگىنىنىڭ نېمىسى!؟ ئەتراپىمىزدا يەنە تويۇنمىغان، ئوقۇيالمىغان بىچارىلەر يوقمۇ؟
ئاڭلىسام بىزنىڭ بەزى ئا كيۇلىرىمىز ئاتا- ئانىسىنىڭ پۈتۈن بىساتىغا ئوقۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىسا ، ئەيىبنى ئۆزىدىن كۆرمەي، ئائىلىسدىن يامانلاپ، ئىچكىرىگە چىقىپ، ئىپپەت سودىسى قىلىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ئاتا- ئانىسى، تونۇش-بىلىشلىرى ئالدىدا «ئىش» تاپالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچىغۇ؟ بۇنىڭ تاياق يەپ تۇرۇپ، ئۆزىنى«يەڭدىم» دەپ ھېساپلايدىغان « ئا Q» دىن نېمە پەرقى؟  ھەي... يېڭى دەۋرنىڭ ئا كيۇلىرى!
بىزنىڭ يەنە بەزى ئا كيۇلىرىمىزبار. مەھەللە باشلىقىغا چاغلىق ئەمەل تۇتقان كۈنى « ئا Q» غا ئوخشاش «قولۇمدا سىم قامچا بار مېنىڭ، ئۇرۇپ يىقىتسام دەيمەن!»دەپ، كۆرەڭلەپ، قول ئاستىدىكىلەرگە رەھمى كەلمەيدۇ. خۇددى  « ئا Q» كۈچلۈكلەرگە تىز پۈكۈپ، ئۆزىدىن تۆۋەن ھېسابلايدىغان « ساقاللىق ۋاڭ» بىلەن«شياۋD»نى بوزەك قىلغاندەك!
ئارىمىزدا يەنە پولۇ يېيەلمىسىمۇ بۇرۇتىنى دۈمبىدە مايلاپ، «پولۇ يېگەن»لىكىدىن ماختىنىدىغان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي چىرايى سارغىيىپ كەتسە يۈزىگە سۇرۇخ يېقىپ  قىزارتىپ يۈرۈيدىغان ، بەشمىڭ يۈەن تاپسا، 50مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم دەپ تەشۋىق قىلدۇرىدىغان  «دۆلەتمەن» ئا كيۇلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
ئېيتىپ كەلسەم بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ بۇنداق ھېكايىلىرى ناھايىتى جىق!
بەزىلەر ئا كيۇلىرىمىزھەققىدە گەپ بولۇنسا، ئۇلارغا بولۇشۇپ: «بۇنداق دېمىسەڭ بولاتتى. ئۇلارنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ» دېيىشىدۇ.            
مەنمۇ ئەسلىدە «بوپتۇلا، ئاران نىسىپ بولغان خۇشاللىقىدىن لەززەتلىنىۋالسۇن، غالىبىيەتچىلىكنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋالسۇن» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق خىلدىكى «روھىي غالىبىيەتچى» لىكىنى كەچۈرۈۋېتەي دېگەن ئىدىم. ئەمما بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ «ئۆلۈۋېلىش مۇسابىقىسى» دا «بىرىنچى»لىكنى تالىشىشىغا، ئۆزىنى ئورۇنسىز ئەجەلگە تۇتۇپ بېرىشىگە چىداپ تۇرالمىدىم. تاقەت قىلالمىدىم. يەنە بىرتەرەپتىن  شۇنچىلا «تېزىمىز» تۇرۇپ، «مەنچىلىكمۇ بولالمايسەن» دەپ ماختىنىپ يۈرۈشتىن ئۇيالدىم. ئەگەر شۇنداق قىلسام  مېنىڭمۇ «ئا Q»دىن نېمە پەرقىم؟
بىز ئەمدى نەزەرىمىزنى باشقا ئا كيۇرىمىزغا ئاغدۇرۇپ باقايلى:
«ئا Q»نىڭ ياخشى يېرى ئۇ ھەرقانچە بوزەك قىلىنسىمۇ، تاياق يېسىمۇ، غەزەبلەنسىمۇ ئەمما «ئۆلتۈرۈش» ۋە «ئۆلۈۋېلىش»تىن خالى ئىدى. بىزنىڭ ئا كيۇلارئۆلۈمنى ئويۇن ھېسابلايدىغان بولۇۋالدى.  
مەلۇم جايدا ئىككى ياش سوقۇشۇپ قالدى. بىرى قارشى تەرەپتىن بىر- ئىككى مۇشتنى ئارتۇق يەپ يېڭىلگەن بولدى. يېڭىلگۈچى ئۆيىگە كېلىپ ئەھۋالنى ئاتىسىغا ئېيتتى. بۇ ئا كيۇرىمىز ئەسلىدە ئوغلىغا تەسەللىي بەرسە، تەربىيە بەرسە، بۇ ئىش شۇنداقلا پەسىيىپ قالاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن « مەن ساڭا نان بېرىپ باقمىدىممۇ؟ ئاناڭ سېنى ئىككى قولۇڭ بىلەن تۇغمىدىمۇ» دەپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى. ئارقىدىنلا بالا-چاقىلىرىنى توپلاپ، « ئالە- پىچاقنى، ئالە- كەكە، توقماقنى» دەپ، ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ،  قارشى تەرەپ ئۈستىگە باستۇرۇپ بېرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى . دېمەك ئۇ رەقىبى ئۈستىدىن ۋاقىتلىق غالىب كەلدى. ئەمما ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟  تۈرمىگە قامالدى.
قاراڭلار، بۇئا كيۇلارنى! ئۇلار «غالىب» بولماقچى ئەمەسمىدى؟ ئەمما نېمىگە ئېرىشتى؟
ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر ئا كيۇرىمىز قويۇۋەتكەن خوتۇنىنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى پىچاق تىقىپ، ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە بىر ئا كيۇرىمىز ئايرىلىپ كەتكىلى بىر ئاي بولغان خوتۇنىنى ئالداپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، پىچاق بىلەن  ئىچ باغرىنى چۇۋۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە يېقىندىلا بىر ئا كيۇرىمىز دادىسى بەرگەن20مىڭ يۈەننى قىماردا ئوتتۇرۇۋېتىپ، قايتا پۇل سورىسا بەرمىگەن دادىسىنى 37يەرگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.  ئون يىل ئىلگىرى بىر ئا كيۇرىمىز ئارغامچا بىلەن ئۆز ئانىسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، قوتانغا كۆمگەن بولسا، ئۈچ يىل ئىلگىرى ئىككى كېلىن يەر پاسىلىنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالسا ، ئۇكىسى ئا كيۇ خۇتۇنىنىڭ « يا ئاكاڭنى ئۆلتۈر، ياكى يەڭگەڭنى ئۆلتۈر» دېگەن شەرتىگە ماقۇل بولۇپ،  ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى  سۇغۇرۇپتۇ.
يېقىندا گېزىتتىن كۆرۈشۈمچە مەلۇم رايوندا بىر ئاكيۇرىمىز ئاكىسىنىڭ خوتۇنى ئاجراشقىلى ئۇنىمىسا، ئۇنىڭ دەردىنى چىقىرىپ بىرىمەن دەپ، كېچىدە بېرىپ، يەڭگىسىنى تاپالماي ئاكىسىنىڭ ئۆگەي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ قالماي، ئۆگەي ئوغۇل ۋە ئۇنىڭ بوۋىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
ھەي، ئا كيۇلار! بۇنداق قانخورلۇق ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ نېمىگە ئېرىشتىڭلار؟ ئەجەبا ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئامان قالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟!
ھەي، ھەممسى « روھىي غالىبىيەتچىلىك» نىڭ كاساپىتى ئەمەسمۇ؟
كۆرۈڭلار! تۈزۈكرەك تېخنىكا ئىگىلىمەي تۇرۇپ، چاقنى ئارانلا  يورغىلاتقۇدەك سەۋىيەدە كوچىغا چىقىپ موتسىكلىت، ماشىنىلىرىنى قارا بوراندەك قوغلاپ كېتىۋاتقانلارنى! كۆرۈڭلار، قاتناش بەيگىسىدە ھايات شېخىدىن خازاندەك تۆكۈلۈپ، تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلارنى! كۆرۈڭلار، كۆزدىن ئاققان قان، زەرداپلارنى! ئاڭلاڭلار، ئەتراپىمىزدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھەسرەتلىك يىغا- زارىلەرنى!
تېخى يېقىندىلا، بىزنىڭ بىر ئا كيۇرىمىز ھاراق ئىچىپ، ماشىنىدىكى چوكانلارغا ئۆزىنى كۆرسەتكىلى ئالدىراپ ، ماشىنىنى بولۇشىغا ھەيدەپ، تۆت جاننىڭ جېنىغا زامىن بولمىدىمۇ؟ يەنە بىر ئا كىيۇرىمىز  مەست ھالدا ماشىنا ھەيدەپ، يولدىكى ئادەمنى پاجىئەلىك بېسىپ ئۆلتۈرمىدىمۇ؟ ھەپتە ئىلگىرى بىر ئا كيۇرىمىز يېزىنىڭ تارغىنا يولىدا ئاپتوبۇسىنى شامالدەك ئۇچۇرۇپ، ئالتە ئادەمنى باستۇرۇپ، نەخ مەيداندا ئىككىنى ئۆلتۈرمىدىمۇ؟ يېقىندا 12ئادەم سالغان ئۈچ چاقلىق موتونىڭ ماشىنا بىلەن بەس تالىشىپ، 12ئادەمنىڭ ھەمىسىنىڭ  ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدىمۇ؟ مۇنداق ئىشلار كۈندە بىر، قەدەمدە بىر بولۇۋاتمامدۇ؟ ئۇلارغا ھايات شۇنچە قەدىرسىزمۇ؟ ئۇلارغا مۇنچە ئالدىرىغۇدەك نېمە باركىنە؟ يوق- يوق! ئۇلار ئۆزىنىڭ موتسىكىلىت، ماشىنا مىنگەنلىكىنى كۆز- كۆز قىلماقچىغۇ! روھىي جەھەتتىن باشقىلاربىلەن بەسلىشىپ، تىز ھەيدىيەلەيدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقچىغۇ؟!
ئېسىت!  مۇنداق روھىي غالىبىيەتچىلىكنى ئۇلار«ئا Q» دىن ئۆگەنگەن بولغىيمىدى، ياكى «ئا Q» بۇلاردىن ئۆگەنكەن بولغىيمىدى؟
بىزنىڭ ئا كيۇلارنىڭ بەزىلىرى جەننەت ھوزۇرىنى سۈرىمىز دەپ، پۈتۈن بىساتىنى سورۇپ « ئاق» چىكىپ، ئۆزىنى« دوزاق»قا تۇتۇپ بېرىۋاتسا، يەنە بەزىلىرى شەھۋەتنىڭ شەيتانلىرىغا ئەگىشىپ، «ئەيدىز»نىڭ ئەجەل توزىقىغا چۈشۈپ ، ئۇنىڭ قانسىرىغان قېلىچى ئاستىدا نابۇت بولمىدىمۇ؟
بەزىلىرى ئىت جېنىنى بېقىش كويىدا  نارەسىدە قىزلارنى، بالىلارنى ئالداپ سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىقبالىنى نابۇت قىلمىدىمۇ؟
بۇنداق لەنىتى ئىللەت نەدىن يۇقتى بۇ ئا كيۇلارغا؟!
    بىزنىڭ ئا كيۇلار دورامچىلىق كوچىسىغا كىرىپ، ئاتا- بوۋىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ئەخلاق مىزانلىرى ۋە  ئېتىقاد ئەڭگۈشتەرىنى  يوقاتقاندىن بېرى، ئادىمىي شەيتانلارغا ئۆزگىرىپ، رەڭگا-رەڭ قىسمەتلەرنىڭ ھەقدارىغا  ئايلاندى. ئەل ئىچىدە مېھرىبانلىق ئورنىنى ياۋۇزلۇق، ئىناقلىق ئورنىنى ئۆچمەنلىك، سەمىمىيلىك ئورنىنى كۆرەڭلىك، ئەپۇچانلىق ئورنىنى قىساسكارلىق، سېخىلىق ئورنىنى ئاچكۆزلۈك، پاكلىك ئورنىنى نىجاسەتلىك، مۇھەببەت ئورنىنى- ئالدامچىلىق، راستچىللىق ئورنىنى يالغانچىلىق، ساداقەت ئورنىنى ۋاپاسىزلىق، باتۇرلۇق ئورنىنى  ئاسىيلىق، نومۇسچانلىق ئورنىنى شەرمەندىلىك، ساخاۋەت ئورنىنى جىنايەت ... ئىگىلەپ، خۇشاللىق- قايغۇغا، كۈلكە- يىغىغا، بەخت- بەختسىزلىككە،  ئامەت - ئاپەتكە ئايلاندى.
ۋادەرىخ،  بۇنداق غالجىرلىق كېسىلىگە داۋا نەدىدۇ؟!
    ئارىمىزدا ئۇلار دورىغۇدەك، ئۆگەنگۈدەك ئادەم، ئىشلار يوقمۇ؟ بار، ئەلۋەتتە بار. ئەنە،  خىزىر سۈپەت، سېخى، مەرد، مەردانە  ئەزىمەتلەر تاپقانلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەي ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئاتىمىدىمۇ؟  مەكتەپ، دوختۇرخانا، ساناتورىيە سېلىپ، يىتىملار، يوقسۇزلارنى يۆلىدىمىدىمۇ؟ يەنە بەزىسى ، ئەقىل- پاراسەت مېۋىسىى- ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرىنى جەمئىيەت ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەقدىم قىلمىدىمۇ؟ نۇرغۇن مېھرىبان ئانىلار قاتار چايغا خەجلەش ئورنىدا پۇل يىغىش قىلىپ، يىتىم، نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتمىدىمۇ ؟ ئۇلار ئادىمىي خىسلىتى بىلەن ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش، نېمىنى قىلىش، پۇلنى نەگە خەجلەش، قانداق ياشاش، قانداق تۆھپە يارىتىشنىڭ ئۈلگىسنى تىكلىمىدىمۇ؟
ئەمما ئا كيۇلىرىمىز بۇنداق پەزىلەتنى ئۆگىنىش ئوياقتا تۇرسۇن، نېمىنىڭ يامىنى بولسا شۇنى تاپتى. نېمە زىيانلىق بولسا شۇنى ئۆگەندى. نېمە رەزىل بولسا شۇنى دورىدى. نېمە قاباھەتلىك بولسا شۇ يەرگە چاپتى. ئۇلار گۆھەر-نېمە ، تاش-نېمە، ئىقبال يولى نېمە ، ھالاكەت يولى نېمە؟- بۇنى بىلمىدى. بىلىشنىمۇ خالىمىدى. شەپەرەڭگە ئوخشاش يورۇقلۇقتىن قېچىپ،  قاراڭغۇلۇققا ئۆزىنى ئاتتى.
قىسقىسى: نادانلىقتىن ئىبارەت پاھىشە ئايال - ئاچكۆزلۈكنى، مەنمەنچىلىكنى، شۆھرەتپەرەسلىكنى، ھاراقكەشنى، زەھەركەشلىكنى،  نومۇسىسىزلىقنى، ئاسىيلىقنى ، رەھىمسىزلىككە ئوخشاش ئىنسانغا بالايى- ئاپەت ياغدۇرىدىغان ھارام تۆرەلمىگە سېزىك بولدى، ئۇنى توختىماي تۇغدى، ناپاك قوينىدا پەرۋىشلەپ ئايناتتى. ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق تەڭلىمىسى: « ھايات= نادانلىق= جىنايەت= تىراگىدىيە» دىن ئىبارەت بولدى.
مەن ئا كيۇلىرىمىزدىكى «روھىي غالىبىيەتچى» لىكنى «نادانلىقنىڭ مەھسۇلى» دەپ يۈرەتتىم. ئەمما  بۇ كېسەلنىڭ يەنە بەزى دانىشمەنلىرىمىزگە يۇقۇپ بولغىنىنى كىم بىلسۇن؟
ھەريىلى ھەپتىلەپ، ئايلاپ مەكتەپلەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ تۇرىمەن. قارىسا كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان مەنزىرە. تاملار كۆتۈرەلمەي قالغان تەقدىرنامىلەر (بۇنداق بولغىنىغۇ ناھايىتى ياخشى) بۇنىڭغا بىر قاراپلا ھەرقانداق ئادەم «ياخشى» باشقۇرۇلغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ. «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرىدىغانلار» بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما بۇنداق رەڭ- بوياقلارنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ  كۆرىدىغان بولسا، «ئا Q»نىڭ قالپىقى ئۇنىڭ تاز بېشىنى يوشۇرۇپ بولالمىغىنىدەك  بىرتالاي مەسىلىلەر كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ. «تېشى پال- پال، ئىچى غال-غال» دېگەن سۈپەتلەشنىڭ ئۇلارغا ئۆلچەملىك تىكىلگەن كىيىمدەك ماس كەلگىنىنى قارىمامدىغان!  
دەرس ئۆتمەي ئۆتمىگەن دەرسكە يالغاندىن خاتىرە يېزىش، تاپشۇرۇقنىڭ جاۋابىنى بىر تۇتاش يازدۇرۇپ، يالغان تاپشۇرۇق پەيدا قىلىش، دەرس سورىماي ساختا نومۇر خاتىرىلەپ قويۇش، دەرسنى ياخشى ئۆتمەي كۈن ئۆتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولماي ساۋاتسىز قويۇش،  ئىمتىھاندا پىرسەنت قوغلىشىپ  كۆچۈرۈشكە يول قويۇش... ۋاي-ۋۇي، قايسىى  بىرىنى دەپ بولاي بۇلارنىڭ. ئۇلار«چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ»، ساختا نەتىجە پەيدا قىلىشقا شۇقەدەر ماھىركى، ئۇلارنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرى ئالدىدا شەيتانمۇ ئالدىنىپ قالىدۇ. قاراڭ،  بۇنداق يالغانچىلىقنىڭ مۇددىئاسىمۇ ئۆزىنى« كاچاتلاپ سەمرىتىپ»،« سېمىز» لىكتە «بىرىنچى» بولۇش ئەمەسمۇ؟
مۇنداق مەكتەپلەرنىڭ پىشانىسىگە تەقدىرنامە دەمسىز، گۇۋاھنامە دەمسىز بىر تالاي تاختاي، جاھازلار توشۇپ كەتكەن. ئەمما ئولارنىڭ ئارىسىدا « ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن » دەيدىغان بىر ۋاراقمۇ قەغەز يوق. ئەگەر ئۇلاردىن« مەكتەپنىڭ ۋەزىپىسى نېمە» دەپ سورىسىڭىز دەررۇلا« ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش» دەيدۇ بولمىسا. ئۇلارنىڭ رەڭۋازلىقى نەچچە يۈز گىرام ئالتۇن مۇنچاقلارنى ئېسىپ، يۈز- كۆزلىرىنى پەردازلاپ، ھەشەمەتلىك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان، ئەمما ئىچ كىيىمىدىن قىغ ھىدى بۇخسۇپ تۇرىدىغان چوكاندىن نېمە  پەرقى؟!
ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزقۇيرۇقىنى- ئۆزى يەپ، تۈگىشىدىغان يىلانغا ئوخشاپ قېلىشىنى بىلمەمدىكىنا؟
شۇنداق بولسىمۇ «ياخشى» دېمەي، «توغرا قىلمىدىڭ» دەڭچۇ-قېنى! دەررۇلا چىرايى تاتىرىدۇ ئۇلارنىڭ.
مەن دەل يۇقارقى قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، بىزنىڭ ئا كيۇرىمىزنىڭ قەھىرلىك چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. ئۇمۇ «تاز، ئايدىڭ، شام، چىراۈ» دېگەندەك سۆزلەردىن بەك قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئەپسۇس  مەن شۇنداق يېزىپ قويدۇم. مەندىمۇ«تاز»نى « تاز» دېمەي نېمە ئامال؟ ئەگەر ئەقلىنى ئىشقا بۇيرۇپ، ۋاقتىدا بېشىنى داۋالاپ، تۈزۈلۈپ قالسا  بۇنىڭ يولى باشقا. بەلكى ئۇ قاتتىق تېرىكىپ، ماقالە قەغىزىمنى كۆتۈرگەن پېتى «ئەجنەبى شەيتان»نىڭ قېشىغا بارار. ئاندىن دات ئېيتىپ:  «قاراڭلا، مېنى <تاز>» دەپتۇ. «مانا، بۇيەردە  <ئايدىڭ>  دەپ يېزىپتۇ». «مانا، ماۋۇ<شام> دېگىنمۇ مەن ئەمەسمۇ؟».«تېخى <چىراغ> دېگىنىچۇ؟»- دەپ داۋراڭ كۆتۈرەر.چۈنكى بۇنداق ئىشلار بۇرۇنمۇ بولغان. دېمىسىمۇ باش مالتىقىمنى  چىقىرىپ تۇرۇپ، « ياخشى» دېيىش ۋە دېگۈزۈش «روھىي غالىبىيەتچى»لەرنىڭ ئورتاق خاراكتېرىغۇ !
تۇرۇپلا بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم. ئىلگىرى ياشىغانلار تەنقىدنى توغرا تونۇغان چېغى، شۇڭا ئۇلار « تەنقىد ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق» دەپ ئېيتىپتىكەن. ئەمدى بۇنى  ئا كيۇرىمىزغا يېقىشلىق قىلىپ: «تەنقىد ئاچچىق، ماختاش تاتلىق»دەپ ئۆزگەرتىش كېرەكمىدۇ ؟ يەنە بىرتەرەپتىن بىزنىڭ ئا كيۇلارنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، ئۇمۇ قىلغانلىرنى«ياخشى»غا چىقىرىشنى ئويلايدۇ-دە. چۈنكى ئۇ  «روھىي غالىبىيەتچى» ئەمەسمۇ؟!
«ئا Q»نى بىر قېتىم بىر نامەلۇم بوۋاي « «ئا Qئىشقا چىۋەر ئادەم» دەپ بىرلا قېتىم ماختاپ قويۇۋىدى، «ئا Q» ناھايىتى خۇشال بولغانىدى. ئەمدى بىزمۇ ئا كيۇرىمىزنىڭ  يامان قىلغىنىنى « ياخشى» غا چىقىرىپ، ئۇنى « سىز زامانىمىزدىكى ئۇلۇغ ئەرباب، سىزنىڭ تۆھپىلىرىڭىز تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدۇ. سىزدىن پۈتۈن دۇنيا خەلقى پەخىرلىنىدۇ» دەپ، ئۇنى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن تازا ماختايلىچۇ! نەتىجىسى قانداق بولار؟ ئەلۋەتتە «مەن لايىق ئەمەس » دېيەلمەيدۇ . تېخى گېپىڭىزدىن ھوزۇرلىنىدۇ. خۇددى كولومبۇ ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقاندەك، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يوق «پەزىلەت» نى بايقىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇ سىزدىن چەكسىز مىننەتدار ۋە رازى بولىدۇ. يەنە سىز ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى سىلاپ قويۇۋاتقاندەك خۇش يېقىپ،  سىزگە ماسلىشىپ، «راستمۇ»، «شۇنداقمۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن  پەپىلەيدۇ.  
قاراڭ بۇمۇ روھىي غالىبىيەتچىلىكقۇ!
يىغىپ كەلسەم: بىزنىڭ ئا كيۇرىمىزنىڭ روھىدا «ئا Q»چە « كېسەل» بار. كەچۈرمىشىدە  ئا Qچە تىراگىدىيە بار. مەن دەسلەپ  ئا كيۇرىمىزنىڭ تەقدىرىگە ئىچ ئاغرىتقان، ھېسداشلىق قىلغان،  يىغىسىنى يىغلاپ ، كۈلكىسىنى كۈلگەن ئىدىم. بىراق ئۇ بۇنىڭغا ئەرزىمەيدىكەن.  ئۇچىغا چىققان ھاماقەت، ئۆتۈپ كەتكەن نادان ۋە  ئەخمەق ئىكەن. بۇنى بىلگىنىمدە  غەزەبلىنىپ قالدىم. بۇنداق بىخۇت ، بىغەرەزنىڭ  «كېسىلىنى» ساقايتىش كېرەك، تىزرەك ساقايتىش كېرەك!
ئەمدى ئۇلار «ئا Q»غا ئوخشاش  ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىگە چىرايلىققىنا  بەلگە قويۇشنى ئويلاپ يۈرمىسۇن!

                                    2008-يىلى ماي

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
unimayman + 100 ئېسىل،مېغىزلىق!
haci + 100 ھەق گەپلەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7992
تۆھپە نۇمۇرى: 1890
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتكۈچ

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8149
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:53:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىل گەدەنگە چۈشكەندە ئادەم ھەر نېمىنى قىلىدۇ.   
__________________________________________
  ياخشى تىما، چوققىلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:00:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:04:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن،دېمىسىمۇ جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئاكىيۇۋلار ساماندەك

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5541
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6547
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:10:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2407
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:20:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تمىلار يوللىنىۋاتىدۇ  جۇمۇ ،خۇمار بېسىققىۇدەكلا...................

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمىسا كىشىگە.

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:28:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  gadankax كە 2011-12-11 12:10 AMئەۋەتىلدى  :
    مانا بۇ ئۇلىنىش http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=13087دىكى پىرسۇناژلارمۇ بىزنىڭ ئاكتىيۇرلىرىمىز.
بۇنىڭدىكى تىمىنى كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتىم~

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8267
تۆھپە نۇمۇرى: 1490
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 10:23:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مان بۇ تىما بوپتۇ .....

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ......ئاۋۇ ئانا-تۇپراقتىكى سەنئەتكارلارمۇ  ئادەمنى ھەيران قالدۇردىكەن......     

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش