ھۆسنىنى بۇزىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش
سەپكۈن
سەپكۈن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان پىگىمېنىت چۆكۇش خاراكتىرلىك تېرە ئەسۋىسى بولۇپ،كۆپىنچە بۈرۇن
ئەتىراپى،كۆز جىيىكى،پىشانا قاتارلىق جايلاردا پەيدا بۇلىدۇ.كىچىك چىكىتسىمان ھالاتتە،رەڭگى سۇس سارغۇچ ياكى قوڭۇر رەڭدە،شەكلى
يۇمىلاق ياكى سوقىچاق ،نۇرمال تېرە بىلەن بىر تەكشىلىكتە،چىگرىسى ئېنىق بۇلىدۇ ،ياز پەسلىدە قېنىقلىشىدۇ.
داۋالاش : ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سەپكۇن قان خىلىتى تەركىبىدە چىرىگەن ماددىلارنىڭ قوشۇلۇشى ۋە سەۋدا خلىتىنىڭ مىقدارى ئېشىش بىلەن
بەدەندە ئۇستۇنلىكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارەتنى تۇۋەنلىتىپ ،بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى
ئاستىلاشتۇرۇپ ،ماددا ئالماشتۇرۇش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرە تۇقۇلما ئارلىق بوشلۇقلىرىغا يىغىلىپ ،تەدىرجى قويۇلۇپ ،چوكمىگە چۈشۈش
ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولغاچقا ،داۋالاشتا قايسى خىلىت سەۋەبىدىن بولغان بولسا شۇ خىلىتقا قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئۇندىن باشقا
،سىرىتىدىن ئىشلىتىشكە تۆۋەندىكى نۇسخىلارنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى.
1.) سەدەپ 2 گىرام ،مەرۋايىت 2 گىرام ،ئىسپىغول 10 گىرام . بۇلاردىن سەدەپ بىلەن مەرۋايىتنى يۇمشاق سوقۇپ ،ئىسپوغۇلنىڭ لوئابىنى
ئارلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈركەپ بېرىلىدۇ .
2.)5 گىرام تاباشىر بىلەن 5 گىرام سەدەپنى يۈمشاق سوقۇپ ،5 گىرام بېھى ئۇرۇقى لوئابى ۋە تۇخۇم ئېقىنى ئارلاشتۇرۇپ ،مەلھەم قىلىپ
يۈزگە چېپىلىدۇ.
3.) موزا 30گىرام ،ئاقىر قەرھا 15 گىرام نۆشۈدۈر 10 گىرام ،قىزىل زەمچە 10 گىرام . دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ،قايماق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كەچتە يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
4.)10گىرام سەۋسەن يىلىتىزىنى ئەرقى شاھتەررىگە سۈركەپ ،15 گىرام گۈل يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىلىدۇ.
5.) پىياز ئۇرۇقىنى سوقۇپ ،سوغا چىلاپ لوئابنى چىقىرىپ ،كەچتە يۈزگە سۈركەپ ئەتىسى ئەتىگەندە يۈزىنى سوپۇنلاپ يۈيۈشنى داۋام قىلسا
داغ،سەپكۇن چۈشىدۇ.
6.) 10 گىرام نىشاستىننى تۇخۇم ئېقىغا ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە چاپسا سەپكۇن چۈشىدۇ.
7.) 15 گىرام گۈرۈچنى سۈتتە قاينىتىپ ،سوۋۇتۈپ سەپكۇن ئۈستىگە چېپىش لازىم .
8.)مەدەستاننى ئەرقى شاھتەررىگە سۈركەپ چېپىش لازىم .
9.)ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسىسىق سۇ بىلەن يۈزنى پاكىز يۈيۈپ،مەلۇم مىقتاردا ھەسەلنى چېپىش لازىم
10.)ھۆل ياڭاق مېغىزىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ چېپىش لازىم .
11.) كەرەپشە يىلتىزىنى ئېزىپ ،سۇغا چىلاپ قويۈپ ئىككىنچى كۈنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىدە يۈز يۈسا بۇلىدۇ .
12.)پىدىگەن (چەيزە)نى ياپىلاقلاپ توغراپ ،سەپكۈن بار جايغا ھەر كۈنى 5~قېتىم سۈركەپ بەرسە ،10 كۈن ئەتىراپىدا ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
13.)تەرخەمەكنى ياپىلاقلاپ يۈزىگە سۈركەپ ،سۈيى قۇرۇغاندىن كىيىن ئىلمان سۈدا يۈيۈۋەتسە بۇلىدۇ.
14.)يېڭى كاۋا ئىتىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ،سەپكۇن بار جايغا چاپسا بۇلىدۇ .
15.)ئاق قۇشقاچنىڭ مايىقىنى سىركىدە ئېزىپ ،يۈزگە سۈركەشنى داۋام قىلسا ،داغ ،سەپكۇن چۈشۈردۇ ،كۈندە بىر نەچچە قېتىم سۈركەپ بەرسە ساقىيىدۇ.
16.)كاۋا ئۈرۇقىنى مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى تەڭ مىقداردا تالقان قىلىپ ،ئوخشاش مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ ،ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۈرۈن سەپكۇن بار جايغا سۈرسە ۋە ئەتىگىنى يۈيىۋەتسە بۇلىدۇ.
17.)بىر دانە لىموننىڭ سۈيىگە يېتەرلىك مىقدارداشېكەر قوشۈپ ،مەلھەم قىلىپ ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم سۈركەپ بەرسە بۇلىدۇ.
18.) سەۋزىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ (30~10 مىللىلىتىر ) يۈزىنى يۇغاندىن كىيىن پاكىز سۈرتىۋېتىپ ،ئۆسۇملۇك مېيى سۈرتۇلگەن ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئېرتىپ بەرسە ھەم ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سەۋزە سۈيى ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ.
19.) قارا ھەشقىپىچەكنى ئېزىىپ ،تۈخۇم ئېقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كەچتە سۈركەپ ،ئەتىسى ئەتىگەندە يۈيۈۋەتسە بۇلىدۇ.
20.) ھۆل بېدىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ يۈزگە چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا داغ،سەپكۇننى چۈشۈردۇ ،4~5 قېتىم سۈرۈلدۇ .
21.)مەدەستان تالقىنىنى ئادەم سۈتى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن سەپكۇن بار جايغا سۈركەپ ،ئەتىسى ئەتىگىنى يۈيۈۋەتسە بۇلىدۇ.
22.) بۇدۇشقاق ئوينىڭ يۇمران ئۇچىنى ئازراق تۇز بىلەن سوقۇپ ئېزىپ ،ھەر كۈنى سەپكۈن بار جايغا 10 نەچچە قېتىم سۈركىسە بۇلىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى « ئۇيغۇر تىبابىتىدە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش» دىن