مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1856|ئىنكاس: 22

ئارتىسلار غا تەۋسىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14488
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9045
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 03:25:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارتىس دىسە ھەممە ئادەم دەرھاللا ،ھە :ناخشا ئوقۇيدىغان ،ئۇسسۇل ئوينايدىغان كىشىلەر دەپ ئۇلارنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ كىم پۇل بەرسە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكنى بىلمەيدۇ.بىلگەنلەرمۇ يوق ئەمەس بار،مۇنداق دىسەم بىر تەرەپلىمە گەپ قىلىدىكەنسىز
دىيىشىڭلار مۇمكىن، ئەمسە مەن پاكىت بىلەن سۆزلەي.سىلەر كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپنى كۆرگەنسىلەر ھەقاچان،مانا شۇنىڭدا
بىر ئىتۇت چىقىدۇ،مەخسۇس كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ماختاپ مانا شۇنىڭغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.مۇنداق دىسەم ئاشۇرۋەتتىڭىز دىيىڭشىڭلار مۇمكىن،ئۇنداقتا مەشرەپنىڭ تەڭدىن تولىسىنى مۇشۇ كارخانىلار ۋە شىركەتلەر ئۇيۇشتىرىۋاتىدۇغۇ؟نىمە ئۇچۈن بۇلار ئۇيۇشتۇردۇ؟بۇنىڭ جاۋابى بەكلا ئاددىي يەنى،ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ۋە شىركىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ مەشرەپتىن پايدىلىنىپ ئىلان بىرىپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا
ساختىلىق بىلەن ياخشى كۆرىنىش.بۇنى چۈشەنمىگەن بولساڭلار مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي.ئويلاپ بىقىڭلار ناننىڭ ياخشى ئوزۇقلۇق يىمەكلىكىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر لىكىن،ناننى داڭلاپ بىرەر ئىلاننىڭ چىققىنىنى ياكى بىرەر مەشرەپنىڭ چىققىنىنى بىلەمسىلەر ؟ياق ،ئۇنداق مەشرەپ ھەم چىقمىدى ۋە
چىقمايدۇ،نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى نان ئۆزى ياخشى يىمەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ شۇڭا، ئۇنىڭغا ئىلان كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى كىشىلەرگە ۋە ياخشى نەرسىلەرگە ئىلان بىرىش ۋە كۆپتۈرۈپ داڭلاش ھاجەتسىز چۈنكى،ئۇ نەرسىلەر نەگە بارسا شۇ يەردە باشقىلارغا ھۇزۇر بىرىدۇ ۋە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشىدۇ.مىسال:مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ يىزىپ قالدۇرغان كىتابىغا قاراڭلار ،گەرچە نەچچە ئەسىر بۇرۇن يىزىلىپ ،بىر مەزگىل بىلىنمەي تاشلىنىپ قىلىپ،ئۇزۇن ئۆتمەي دۇنياغا داڭلىق بولۇپ تا ھازىرغىچە تىللاردا مەدھىيلەنگىنىنى،مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلار كىتابنى يازغان بىلەن،كىتابنى كۆز - كۆز قىلىپ شەھەرمۇ شەھەر يۈرگىنى يوق.ئۆزىنىڭ كىتابىنى داڭلاپ شىئىر يازغان ياكى بىر - ئىككى بەت نەسىر يازغان يىرى يوق بەلكى ھەقنى ۋە خەلققە پايدىلىق نەرسىنى يىزىپ قالدۇردى،بىر ئۆمۈر خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتتى،شۇڭا ئۇلارنىڭ نامى ئەبەدىل - ئەبەد ئۆچمىدى.گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى،ھەرۋاقىت يادىڭىزدا بولسۇنكى سىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن خەلقىڭىزگە ۋاپاسىزلىق ۋە ساختىلىق قىلىدىكەنسىز بۇنىڭ زىيىنىنى ئۆزىڭىز تارتىسىز،ئارتىسلار سىلەرمۇ دىققەت قىلىڭلاركى،سىلەرنىڭ بۇگۇنىڭلارنى بىز خەلق بەرگەن يەنى بىز دىھقانلار بەرگەن،ئارتىسلار قايسى بىرىڭلار مەن دىھقاننىڭ بالىسى ئەمەس دىيەلەيسىلەر؟شۇڭلاشقا دائىم ‹‹دىھقان بولماق تەس›› دىگەن ناخشىنى ئىيتىپ يۈرىيسىلەر ،بىزنىڭ سىلەردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز مۇشۇ ناخشاڭلارنى ئاغزىڭلارنىڭ ئۇچىدىلا ئىيتىپ قويماي بەلكى چىن يۈرىكىڭلار بىلەن شۇ دىھقان خەلقىڭلارغا يۈز كىلەلىگىدەك ئىيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!
ماقال: ئۆز ئىلىڭنىڭ نىنى يە ، كىچە - كۈندۈز غىمىنى يە

مەنبە:ئۆزۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37450
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3926
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 12226 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 05:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز ناھايتىمۇ بىر تەرەپلىمە بوپقاپتۇ .سىز ئېلاننىڭ نېمىلىكىنى ،رولىنى تېخىى تونۇپ يەتمەپسىز . كىيىنچە روناق تېپىپ بىرەر شىركەت زاۋۇت قۇرغىنىڭىزدا سىزمۇ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ شۇ ئارتىسلارنى دېپىڭىزغا ئۇسۇل ئوينىتىپ قالارسىز . گەپ قىلسام گەپ جىق ،يەنىلا بولدى قىلاي .

تاغنى پەسلەتمەي  تۇرۇپمۇ تاغدىن ئۆتكىلى بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:00:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت-نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا،
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھىچقاچان دىمەيدۇ ناخشا.

دىمەك ،ھەقىقى سەنئەتكار ،ھەقىقى ناخشىچى خەلقى ئۈچۈن كۈيلىيەلىسە ،ئىززىتىنى قىلغان خەلقىنى بىشىدا كۆتۈرەلىسە بۇ ناخشىچى ،بۇ سەنئەتكار ھەقىقى ھۆرمەت تائىپىسىگە كۆتۈرلەلەيدۇ !!!ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئەل قەلبىدىن پالاندى بولۇپ ئۆز-ئۆزىنى ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ !!!
ئاپلا ،باللا مەن ماۋۇ ئېنكاسنى يەنە بىرسىگە يوللىماقچى ئىدىم !!!قارىسام تېما ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتكەندەكلا قىلدى ...شۇڭا مەزمۇنىغا تولۇق قارىماستىن يوللاپتىمەن!!!توغرا چۈشىنەرسىلەر...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

تۇنۈگۇن+بۈگۇن=ئە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4732
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8341
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1082 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا سىز بىر قىتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ باقسىڭىز بولغۇدەك  بۇ پائالىيەتكىمۇ مىنىڭچە خىراجەت كىتدۇ.بىز مەلىمىزدە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرساق خىلى ئىقدىسات كىتىدۇ .لىكىن بىزنىڭ بۇ مەشرىپتە ئىلان يوق.

نىمە ئۈچۈن بۈگۇنى قەدىرلىمەيمىز؟

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8149
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشرەپلەردە ئۇيۇشتۇرغۇچى كارخانا- ئورۇنلار ھەققىدە ئىتوت ئىشلەش توغۇرلۇق شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر زىيارىتىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى كارخانىلار ئۆزى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىكەن، مەشرەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەشىرەپ تەشكىلىمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىماي ئىلاجى يوق ئىكەن.
   دىمىسىمۇ سەنئەتكارلارغا ھەق بىرىش كىرەك، ھەق بەرگەن كىشى ئەلۋەتتە ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ دە. كونا كارخانىلارغۇ مەيلى، ئەمما يىڭى قۇرۇلغان ياكى يىڭىچە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان كارخانىلار مۇشۇنداق پۇرسەتلەردە ئۆزىنى تونۇتمىسا ئۇلارنىڭ چىقارغان چىقىمى بىكارغا كەتكەن بولىدۇ. قىسقىسى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەشرەپ پىروگىراممىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىمۇ شۇ، ئاممىغا ئىسىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى تەقدىم ئىتىش، مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ سورۇننى ساقلاپ قىلىش، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە رايونىمىزدىكى ھەر خىل كارخانا- ئورۇنلار، شەھەر- بازارلارنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش؛ شۇڭا بۇنى يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
  ئەمما ئىلان خاراكتىرلىك ئىتوتلارنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، بەزى مەھسۇلات، بىر قىسىم ئورۇنلارنى تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلىنىپ تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ، لىكىن بىر قىسىم نەرسىلەرنى زولاپ، خۇددى تاشنى تاياققا تاڭغاندەك قىلىپ تونۇشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، شۇ خىل ئىتوتلارنى يازغان قەلەمكەشكىمۇ ئاسان ئەمەس. مىنىڭچە بولسا، تېلىۋۇزۇردىكى بىر قىسىم ناچار ئىلانلارغا باققاندا بۇ خىلى تىتىملىق ئىش، بۇ ئورۇنلار يالغان گەپ قىلغان، ياكى تايىنى يوق نەرسىنى ماختىغان بولسا مۇنبەردەك كۆپ ئادەم كۆرىدىغان يەردە خەۋەر قىلىپ قويساقلا بولدىغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68823
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3022
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسىلىدە يۈزەكى پىكىر قىلساق بولمايدۇ.بىر مەيدان مەشرەپنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ،بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدۇ،شۇڭا كۆپىنچە ھالدا كارخانىلار ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ ھەم سەنئەتكارلار ئارقىلىق روياپقا چىقىرىۋاتىدۇ.ئەلبەتتە مەبلەغ چىقارغان كارخانا ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىگە دائىر مەزمۇنلارنى نامايان قىلىشقا ھەقلىق ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا بىز مەشرەپ پائالىيىتىنىڭ بىزگە لازىملىق قىسمىدىن ھوزۇرلانساق،ئېلان خاراكتېرلىق قىسمىغا كەلسەك كۆزىمىزنى بىردەم يۇمۇپ ئارام ئېلىۋالساقمۇ بولىدۇ.پۇل چىقارغانلارنى ئېلان بەردىڭ دەپ قاخشىساق،ئۆزىمىز «كۆڭۈلدىكىدەك»مەشرەپنى ئەسلى ئۇيۇشتۇرالمىساق،ئۇنداقتا بۇنداق مەشرەپ يوقالسا بولىدۇ شۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58015
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3985
تۆھپە نۇمۇرى: 637
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبىيات-سەنئەت ، سەنئەت كېچىلىكلىرى، خەۋەر ۋە ئىيلانلارغا ئوخشاش تەشۋىقات ۋاستىلىرى يەنى مۇددىئا  خەلق ئۇچۇن ئەمەس بەلكى  پۇلدارلارنىڭ،كۈچلۈكلەرنىڭ بولسا شۇنىڭ دېپىنى چالىدۇ، سەنئەت ئوز خاسلىقىنى يوقاتتى،
ئەگەر بىر ئارتىست خەلقىنىڭ  ئارزۇ-ئارمىنى، دەرد-ھەسرىتىنى ئورۇندىماقچى بولسا ،سەھنىگە چىقىشى مۇمكىنمۇ ، ياكى ئاشۇ لارنىڭ ئەپتۇبەشرەسىنى تەڭقىتلەسە ئۇنىڭغا ئورون بىرەرمۇ ياق ،شۇنىڭ ئۇچۇن ناخشا مۇزىكا  دېگەن نىڭ  تەمىمۇ قالمىدى ،ھەربىر نۇمۇرلاردا  سۇنىلىك پۇراپلا تۇرىدۇ

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 07:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇمۇ قىلاي دېسە گەپ بوپتۇ. مەشرەپلەردە ناخشا ئېيتىپ ئىتوت ئويناپ پۇل تاپسا نېمە بوپتۇ. ئارتىسلارنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇلى شۇ. كىمنىڭ نېمىدە تالانىتى بولسا شۇنى جارى قىلدۇرۇپ پۇل تېپىش كېرەك. ئەمدى سەنئەتكار پۇلغا ناخشا ئېيتتى دەپ شۇنىڭدىنمۇ پۇتاق چىقىردىغان گەپما. بەك قىزىق، كاللىسى ئاددىي ئىنسانلار باردە جەمئىيەتتە. ئۇيغۇرلار پۇل تاپسۇن، بېيىسۇن، شىركەت قۇرۇسۇن.
ئاپتۇر سىزنىڭچە شۇ سەنئەتكارلار ھۆكۈمەتتىن بەرگەن 2000-3000 كوينى پۇلنى خەجلەپ قوشۇمچە كىرىم قىلمىسا بولغىدەكتە.
پۇل بولسا ئۆزىمىزنىڭ تۇنۇتۇپ ياشىيالايمىز.
مەشرەپلەردە ئېيتامدۇ، رېستۇرانلاردا ئېيتامدۇ ناخشىنى لايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقاندىكىن بولدى. ئۇلار ھىچكىمگە يۈز كېلەلمىگىدەك ئىش قىلغىنى يوق.
سۆكۈس كەلسە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان ناچار ئادەملەرنى، ناچار يولدا پۇل تاپقانلارنى سۆكۈك...

ھەزىرىتى ئۆمەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24873
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 07:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۈستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن .

بىر قوتان مىلىڭ بولسىمۇ ، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بومىسا بىكار .

تۇنۈگۇن+بۈگۇن=ئە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4732
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8341
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1082 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 07:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۇ ئىتوتى سىزگە نىما زىيان ئىلىپ كەلدى.ئۇنداقتا سىزمۇ شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بارلىق  دىھقان قىرىنداشلارغا ئىتوتنىڭ ئۇرنىغا بىردىن  تىراكتۇر ،ماشىنا قاتارلىقلارنى سوغا قىلىڭ مەشرەپ پىرگۇرامىسدا سىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرڭىزنى تەشۋىق قىلدۇ.

نىمە ئۈچۈن بۈگۇنى قەدىرلىمەيمىز؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش