ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار ھەممىڭلارنىڭ تىنى سالامەت ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي،
ئۇزۇن بۇلۇپتۇ سىلەربىلەن كۇرۇشمىگىلى، ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە راك قورىمىسىنى
يوللاپ قۇيۇيغان ئىدىم خېلى بەس مۇنازىرە بۇلۇپتۇ شۇڭا تورداشلارنى بىلمەي مىۋىلەر بىلەن يېۋىلىپ دوختۇرغا بېرىپ يۇرمىسۇن
دەپ بۇ تىمىنى يولىدىم ، بولمىسا مىنى ................
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن كېيىنلا مېۋە يېگەندە ئوڭايلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ.چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ كۆپىنچە مېۋىلەرگە ئوخشاش تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ،دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى كۆپ ئىستېمال قىغاندىمۇ ئاسانلا ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،دېڭىز مەھسۇلاتلرىدىن بېلىق،راك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە كالتىسي بولۇپ ،ئۈزۈم،ئانار،دولانا،ئەبنۇس قاتارلىق مېۋىلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي،يەنە ئاشقازاندا ئۆزئارا رىئاكسيلىشىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بىر خىل ماددا ئىشلەپ چىقىردۇ.بۇ ھال ئاشقازاننى غىدىقلاپ بىئارام قىلىپ،كۆڭۈل ئېلىشىش ،قۇسۇش،باش قېيىش،قۇرساق ئاغرىش،ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئېغىر بولغاندا،ئاشقازان قانايدۇ
چۇنكى راكنىڭ تەبىئىتى مۇز سوغۇق
شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى يېگەندە بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن مېۋە يېيىش كېرەك
.ئەگەر يۇقىرقىدەك بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ،ماشنى بەش مىنۇت قاينىتىپلا،ئىچىۋەتسە بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ .
مەنبە
ئاشپەز تورى