مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 5

ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىدىن خۇلاس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:08:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» 12-ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، مەقسەت 24 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلەش باھانىسىدا تورداشلارغا ئەيدىز بىلىملىرىنى تارقىتىش ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى»ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر پائالىيەت تەشۋىقاتى ئۈچۈن يېتەرلىك سورۇن ھازىرلاپ بەردى. 12- ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» پروگراممىسىدا مۇخبىر مۇرادىلجان ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچە شەكىلدە خاتىرلىمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاتتى ۋە خەۋەر جەريانىدا ئەلداۋا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يۈكسەل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.


1. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالى
مەزكۇر پائالىيەت 12-ئاينىڭ  5 - كۈنىگىچە ئۇدا 5 كۈن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا جەمئىي 263 نەپەر تورداش پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 50 پارچە  زېھىن سىناش سوئالىنى تولۇق ئىشلەپ تاپشۇردى. تورداشلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر 96، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 24، ئوتتۇرىچە نومۇر 65.23 بولدى؛ ئېرىشكەن نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغانلار 7 نەپەر، 85 دىن يۇقىرى بولغانلار 23 نەپەر، 80 دىن يۇقىرى بولغانلار 49 نەپەر، 60 دىن يۇقىرى بولغانلار 204 نەپەر، 60 دىن تۆۋەن بولغانلار  59 نەپەر بولدى.
2. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئانالىزى
بىرىنچى، تورداشلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، پوزىتسىيىسى ئاكتىپ ئىكەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەت گەرچە تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن، تەشۋىقات خىزمىتى يېتەرلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، 263 نەپەر تورداشنىڭ 50 پارچە سۇئالنى ئېرىنمەي، ئەستايىدىل ئىشلەپ چىقىشى بىزنى سۆيۈندۈردى ۋە بىزگە زور ئىلھام-مەدەت بولدى.
ئىككىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇپ، %77 تورداش 60 نومۇردىن ھالقىغان. %23 تورداش لاياقەتسىز بولغان. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز بىلىملىرىگە پىششىق تورداشلارنىڭ سانى يەنىلا ئاز، چىقىرىلغان سوئاللار ئەيدىزگە ئائىت بىلمىسە بولمايدىغان، ئەڭ ئاددىي ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرگە ئائىت بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە مۇكاپات ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان 90 نومۇردىن ھالقىغان تورداش ئاران 7 نەپەر؛ زور كۆپ ساندىكى تورداشلار 60 دىن 80 گىچە نومۇرغا ئېرىشكەن.
ئۈچىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان ئېتىبار بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. كۆپىنچە تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت سوئاللاردا كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئانچە زەڭ قويمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھالبۇكى، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەر بىر كىشىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە روشەن ئەمەس ئىكەن. كۆپ ساندىكى تورداشلار ئەيدىزنىڭ قان، مەنىي، ئانىدىن بالىغا تارقىلىش يولى ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، يەنى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن نورمال بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېتەلمىگەن ياكى جەزىم قىلالمىغان. ئاز ساندىكى تورداشلار ھەتتا پاشا چاقسىمۇ ئەيدىز يۇقىدۇ، دەپ قارىغان.
بەشىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمىستمەسلىك ھەققىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. خېلى ساندىكى تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان مۇئامىلە سۇئالىدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان جاۋابلارنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن ئۇلاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.


3. مۇكاپاتلاش توغرىسىدا
پائالىيەت ئۇقتۇرۇشىدا، نومۇرى 90 دىن ھالقىغان 20 نەپەر تورداشقا ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى ھەر بىر تورداش ئۈچۈن 50 يۈەن تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات بەرمەكچى ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم 90 دىن ئاشقان تورداش ئاران 7 نەپەر بولۇپ، كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقماي قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئەلداۋا شىركىتى تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نومۇرى 85 دىن ھالقىغان 23 نەپەر تورداشنىڭ ھەربىرىنى 50 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. مۇكاپات بۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 كۈن ئىچىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولىنىدۇ. يۇقىرىقى 23 نەپەر تورداش بىلەن ئالاقىلىشىشقا شىركىتىمىز مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
4. خۇلاسە
مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بەزى ئايرىم نۇقتىلاردا تەشۋىشلىك ئەھۋالدا. شۇ ۋەجىدىن، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات- تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭەيتىش يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى جەمئىيەت ۋە تورداشلار ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان كەسپىي ساغلاملىق تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىم-ئۇچۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلغۇسى!
قىسقىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەشكىللىگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»  كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك ئېتىشى، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتكە  قىزغىن قاتناشقان بارلىق تورداشلار ۋە قوللىغان تور بېكەتلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! ئۇشبۇ پائالىيەتنى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەش ئۈچۈن بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان ئىسكەندەر جېلىل كۆكتاش، ماھىنۇر سادىق كروران، ئابلىز مۇھەممەد (پامىر تور تېخنىكا شىركىتى) لەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى

---------------------------------------------------------------------------
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نىڭسۇئاللىرى ۋە ئۆلچەملىك جاۋابى بۇ يەردە! كۆرۈپ قويۇڭ!
  http://news.eldawa.com/quick/2011/1205/1363.html

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29304
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5178
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4972 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قاتناشقانتىم  ئاران 60 نومۇر ئالدىم ```   بىزگىمۇ يوغما ``

فىلىم ئشلەش ھەۋە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4363 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 03:43:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5623
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1444 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 09:20:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداقتەس ئەڭياخشىسى مەن ئالغاننومىرىمنى دىمەي

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 12:36:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قاتناشماپتىمەن

قانائەت--تۈگىمەس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1445
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 3289 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەجەپ بىلمەي قاپتىمەن ، ھەي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش