مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 11

ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش سۇئاللىرىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 05:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلغاندىن بېرى، ئەيدىز تەشۋىقاتى جەھەتتە خېلى زور زېھىنىي، خادىمىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۈملىدىن، بۇ يىلقى 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچىراق خاتىرىلەش، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئەيدىز مەسىلىسىگە بۇراش ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»نى تەشكىللىگەن ئىدى. بۈگۈن مەزكۇر پائالىيەت تولۇق ئاياقلاشتى. تۆۋەندە، ئۇشبۇ پائالىيەتتە تورداشلارنىڭ چېكىسىنى تەرلەتكەن 50 پارچە سۇئالنىڭ توغرا جاۋابلىرى كۆرسىتىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان تورداشلار پايدىلانسا دېگەن ئۈمىدتىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
                   ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
                  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى


1 - ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشى قانداق؟
A: ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى
B: ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى
C: تۇغما خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى
D: قوزغىلىشچان ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى
توغرا جاۋاب: B

2 - ئەيدىزنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى قانداق؟
A: HIV
B: AIDS
C: HBV
D: SARS
توغرا جاۋاب: B

3 - ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى قانداق؟
A: HIV
B: AIDS
C: HAV
D: HBV
توغرا جاۋاب: A

4 - ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاساسلىقى قايسى سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؟
A: نېرۋا سىستېمىسىغا
B: ھەرىكەت سىستېمىسىغا
C: ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا
D: ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا
توغرا جاۋاب: D

5 - بىر ئادەمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
A: چىرايىغا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ
B: قان تەكشۈرۈشكە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ
C: B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ
D: سۈيدۈك تەكشۈرۈشكە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ
توغرا جاۋاب: B

6 - «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» تارماق ئەيدىز بېكىتىنىڭ ئادرېسى؟
A: www.eldawa.com
B: aids.eldawa.com
C: www.eldawa.com/aidz
D: eldawa.com
توغرا جاۋاب: B

7 - ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنگە كىرسە ئانتىتېلا پەيدا بولىدۇ، ئۇنداقتا قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ؟
A: 6 ئاي
B: 12 ئاي
C: 3 يىل
D: 3 ئاي
توغرا جاۋاب: D

8 - ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى نېمە؟
A: تۇيۇقسىز قاتتىق قىزىپ كەتسە
B: بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتسە
C: توختىماي ئېغىز يارىسى چىقسا
D: قان سۇيۇقلىقىنى HIV ئانتېتىلاسى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى
توغرا جاۋاب: D

9 - ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەللىك قوزغالغىچە بولغان يوشۇرۇن كېسەللىك مەزگىلى قانچىلىك؟
A: 6 ئايدىن 8 ئايغىچە
B: 6 يىلدىن 12 يىلغىچە
C: 2 يىلدىن 10 يىلغىچە
D: 7 يىلدىن 10 يىلغىچە
توغرا جاۋاب: C

10 - ئەيدىز ۋىرۇسى قايسى يوللار بىلەن يۇقىدۇ؟
A: قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىشى مۇمكىن
B: ئەيدىز بولغان ئانىدىن تۇغۇتتا بالىغا يۇقىدۇ
C: زەھەر چېكىدىغانلار شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقىدۇ
D: يۇقىرىقى 3 خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز يۇقىشى مۇمكىن
توغرا جاۋاب: D

11 - دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟
A: كېسەللىك بايقىلىش مەزگىلىگە كىردى
B: كېسەللىكنىڭ تارقىلىش مەزگىلىگە كىردى
C: تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش مەزگىلىگە كىردى
D: پارتىلاش مەزگىلىگە كىردى
توغرا جاۋاب: C

12 - بۇ يىلقى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» نىڭ باش تېمىسى نېمە؟
A: پۈتۈن دۇنيا ئەيدىزگە كۆڭۈل بۆلەيلى!
B: ئەيدىزنى تۈگىتىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!
C: 0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!
D: ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى!
توغرا جاۋاب: C

13 - تۇرمۇشتىكى تۆۋەندىكى قايسى ئىشلاردا ئەيدىز يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار؟
A: ئەيدىز بار كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش
B: ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن سۆيۈشۈش
C: ئەيدىز بارلار بىلەن بىر قاچىدا تاماق يېيىش
D: قان سالدۇرۇش
توغرا جاۋاب: D

14 - ئەيدىز يۇقۇمدارى بولغان ئانا تۆۋەندىكى قايسى يوللاردىن بالىسىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرىدۇ؟
A: ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، بالا ئېمىتىش
B: ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، سۆيۈش
C: ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، قۇچاقلاش
D: قۇچاقلاش، سۆيۈش، نەپەسلىنىش
توغرا جاۋاب: A

15 - تۆۋەندىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلىدىن خاتاسى قايسى؟
A: جىنسىي مۇناسىۋەت ئوبيېكتى بىرلا بولۇش
B: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ قان يۇقۇندىلىرىنى ۋاقتىدا تازىلىۋېتىش
C: يۇقۇمدار ئاياللار ھامىلىدار بولمىسا كېيىنكىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ
D: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كىشىلەر توپىدىن ئايرىۋەتسە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
توغرا جاۋاب: D

16 - دۆلەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قايسى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟
A: تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش
B: ھەرىكەتنى توسۇش
C: قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش
D: يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
توغرا جاۋاب: D

17 - تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا تەۋە؟
A: جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇش
B: بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش
C: قالايمىقان شىپىرىس ئىشلەتمەسلىك
D: رەسمىي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ چىش تارتقۇزۇش
توغرا جاۋاب: B

18 - ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى دېگەن نېمە؟
A: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاللىبۇرۇن ئەيدىزنىڭ ئالامىتى كۆرۈلگەن كېسەل كىشىلەر
B: ئەيدىز بارلار بىلەن ئۇچراشقانلار
C: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقانلار
D: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، لېكىن تېخى ئەيدىزنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلەر
توغرا جاۋاب: D

19 - تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسىدا ئەيدىز يۇقۇپ قالىدۇ؟
A: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلىگەندە
B: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە بىر قاچىدا تاماق يېگەندە
C: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتكەندە
D: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن بىر كۆلچەكتە سۇ ئۈزگەندە
توغرا جاۋاب: C

20 - ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئەڭ تىپىك ئالامەتلەر قايسى؟
A: ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن تېمپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش
B: بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش
C: ئاستا خاراكتىرلىك ئىچى سۈرۈش
D: يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
توغرا جاۋاب: D

21 - ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتىن، قېنىدىن ئەيدىز ئانتىتېلاسى تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان ۋاقىتقىچە بولغان مەزگىلنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟
A: جىددىي خاراكتىرلىك يۇقۇملىنىش باسقۇچى
B: ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش باسقۇچى
C: كۆزنەك مەزگىلى
D: كلىنىكىلىق ئالامەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى
توغرا جاۋاب: C

22 - تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى ئەمەس؟
A: جىنسى مۇناسىۋەت
B: ئانا-بالا ئارىسىدىكى يۇقۇش
C: قان، قاندىن ياسالغان بويۇملار، ئەزا كۆچۈرۈش ۋە بۇلغانغان شىپرىس
D: پاشا چېقىش
توغرا جاۋاب: D

23 - تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ؟
A: يىڭنە ۋە شىپىرىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
B: جىنسىي مۇناسىۋەت
C: تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى بېرىش-كېلىش
D: ئانا بالا ئارىسىدا يۇقمايدۇ
توغرا جاۋاب: C

24 - ئەيدىزنى داۋالاشتىكى پرىنسىپ؟
A: يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش
B: ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەش ۋە قايتا ئىممۇنىتېتلاش
C: ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى داۋالاش
D: يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
توغرا جاۋاب: D

25 - دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قان ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللانغان تەدبىرى قايسى؟
A: پاھىشىۋازلىق سورۇنلىرىنى چەكلەش
B: ھەمجىنىسۋازلىقنى چەكلەش
C: مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش
D: ۋېنادىن ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسى ۋە شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشىنى چەكلەش
توغرا جاۋاب: D

26 - ئاللىبۇرۇن ھامىلىدار بوپ قالغان ئايال ئەيدىز بولۇپ قالسا، قانداق قىلغاندا ھامىلىگە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
A: ئىككىقات ئايالغا مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش
B: ئىككىقات ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە تۇغۇت يېقىنلاشقاندا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش
C: بوۋاققا مۇداپىئە ئۇكۇلى سېلىش
D: ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش
توغرا جاۋاب: B

27 - جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن تۈپتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى:
A: بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش
B: زەھەر چەكمەسلىك
C: ئەيدىز بارلار بىلەن بىللە بولۇشتىن ساقلىنىش
D: ئۆزىنى پاك ساقلاپ، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش
توغرا جاۋاب: D

28 - دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ خىزمەت مىخانىزمى بولسا:
A: ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، ئورۇنلار مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىش، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش
B: ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، سەھىيە ئورۇنلىرى مەسئول بولۇش، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش
C: ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، تەشۋىقات تەربىيەنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش
D: ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، دوختۇرخانىلار مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش
توغرا جاۋاب: A

29 - تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسى ئەيدىز يۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك ھەرىكەتكە كىرىدۇ؟
A: ئورتاق تىغ بىلەن ساقال ئېلىش
B: لۆڭگە ۋە ئوبۇرنىنى ئورتاق ئىشلىتىش
C: قاچا-قۇچا، ئىستاكاننى ئورتاق ئىشلىتىش
D: پاشا چېقىۋېلىش
توغرا جاۋاب: A

30 - ئەڭ ئاسان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان «خەتەرلىك توپتىكى كىشىلەر» كىملەر؟
A: نامراتلار، ئاق ياقىلىقلار
B: يۇقىرى كىرىمدىكىلەر، ئۆسمۈرلەر
C: قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغانلار، ھەمجىنىسۋازلار، زەھەر چەككۈچىلەر
D: خالىس قان تەقدىم قىلغۇچىلار
توغرا جاۋاب: C

31 - ئەيدىز كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەر توپى؟
A: زەھەر چېكىپ ئوكۇل ئۇرىدىغانلار
B: قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغانلار
C: ھەمجىنىسلار
D: يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
توغرا جاۋاب: D

32 - ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن قايسى ھۈجەيرىگە بېسىپ كىرىدۇ؟
A: قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە
B: ئاق قان ھۈجەيرىسىگە
C: لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ CD4 ھۈجەيرىسىگە
D: زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرگە
توغرا جاۋاب: C

33 - HIV دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
A: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى
B: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغانلىقىنى
C: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرتۈش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ
D: ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ
توغرا جاۋاب: C

34 - ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كىمنىڭ مەسئولىيىتى بار؟
A: ھۆكۈمەتنىڭ
B: سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ
C: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ
D: پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ
توغرا جاۋاب: D

35 - نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان رايون قەيەر؟
A: ياۋروپا قىتئەسى
B: ئاسىيا قىتئەسى
C: ئافرىقا قىتئەسى
D: ئامېرىكا قىتئەسى
توغرا جاۋاب: C

36 - 1981-يىلى، قايسى دۆلەت تۇنجى بولۇپ دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز بىمارىنى خەۋەر قىلغان؟
A: جۇڭگو
B: ئامېرىكا
C: جەنۇبى ئافرىقا
D: تايلاند
توغرا جاۋاب: B

37 - دۆلىتىمىزدە تۇنجى ئەيدىز بىمارى قاچان بايقالغان؟
A: 1982-يىلى
B: 1984-يىلى
C: 1985-يىلى
D: 1990-يىلى
توغرا جاۋاب: C

38 - نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ سانى () گە يېتىدۇ.
A: 35 ملىيۇن نەپەر
B: 33 مىليۇن 400 مىڭ نەپەر
C: 22 مىليۇن 400 مىڭ نەپەر
D: 34 مىليۇن نەپەر
توغرا جاۋاب: D

39 - نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر بولغان رايون؟
A: ئۈرۈمچى شەھرى
B: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
C: قەشقەر ۋىلايىتى
D: ئاقسۇ ۋىلايىتى
توغرا جاۋاب: B

40 - ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە قانداق قىلىش كېرەك؟
A: ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان قېچىش كېرەك.
B: ئۇلار بىلەن بىرگە تاماق يېمەسلىك، بىرگە ئىشلمەسلىك كېرەك.
C: ئۇلارغا ئەيىپلەش نەزىرىدە قاراپ، باشقىلارنىمۇ يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
D: قول ئېلىشىش، پاراڭلىشىش، بىرگە تاماقلىنىشتەك نورمال ئالاقىدە بولۇش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش كېرەك.
توغرا جاۋاب: D

41 - شىنجاڭدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى قاچان بايقالغان؟
A: 1985 - يىلى
B: 1995- يىلى
C: 1998- يىلى
D: 1988- يىلى
توغرا جاۋاب: B

42 - ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنىدىغان سەھىپە؟
A: ئەيدىز ئۇچۇرلىرى سەھپىسى
B: ئەيدىز ساۋاتلىرى سەھىپىسى
C: ئەيدىز ئەدەبىياتى سەھىپىسى
D: ئەيدىز ۋە زەھەر سەھىپىسى
توغرا جاۋاب: C

43 - دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تور بېكىتى؟
A: يارپ تورى
B: يۈكسەل بلوگى
C: تەڭرىتاغ تورى
D: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
توغرا جاۋاب: D

44 - ئەيدىز ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى قاراشلارنىڭ قايسىسى خاتا؟
A: ئەيدىز ۋىرۇسى نەم ھاۋادا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدۇ
B: ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نورمال تېمپىراتورىدا پەقەت بىر قانچە سائەتلا ياشىيالايدۇ
C: قورغاق مۇھىتتا، ئەيدىز ۋىرۇسى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ
D: تۇرۇبا سۈيىدە يۇيىۋەتكەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتقىلى بولمايدۇ
توغرا جاۋاب: D

45 - دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى:
A: جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى
B: جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى
C: سەھىيە مىنىستىرلىكى
D: گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمەت كومىتېتى

توغرا جاۋاب: D
46 - نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ سانى () گە يېتىدۇ.
A: 400000 نەپەر
B: 434459 نەپەر
C: 500000 نەپەر
D: 350000 نەپەر
توغرا جاۋاب: B

47 - نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ سانى () گە يېتىدۇ.
A: 10 مىڭدىن ئارتۇق
B: 20 مىڭدىن ئارتۇق
C: 30 مىڭدىن ئارتۇق
D: 40 مىڭدىن ئارتۇق
توغرا جاۋاب: C

48 - نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ( ) ۋىلايەت، ئوبلاستىدا ئەيدىز يۇقۇمى كۆرۈلدى؟
A: 6
B: 10
C: 12
D: ھەممە
توغرا جاۋاب: D

49 - شىنجاڭ ھازىر ئەيدىز يۇقۇمى جەھەتتە جۇڭگو بويىچە؟
A: بىرىنچى ئورۇندا
B: ئۈچىنچى ئورۇندا
C: تۆتىنچى ئورۇندا
D: بەشىنچى ئورۇندا
توغرا جاۋاب: D

50 - ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆلچەشتە، ئادەتتە قاندىكى قايسى ھۈجەيرە تەكشۈرۈلىدۇ؟
A: قىزىل قان ھۈجەيرىسى
B: CD4 ھۈجەيرىسى
C: TN ھۈجەيرىسى
D: ئاق قان ھۈجەيرىسى
توغرا جاۋاب: B


-----------------------------------------------------

مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى http://www.eldawa.com/

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1343
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 07:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بۇرۇنقى زەھەرلىك چىكىملىكنى ئىستىمال قىلىشتا  ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولۇش كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەشتىن جىنسى يول ئارقىلىق يۇقۇش كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرەپتىكى تەلىم تەربىيە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كىرەك، ئىستىلسىز ئىشلاردىن ئامال بار ساقلىنىش، ساقلىنالمىغان ئەھۋالدا توغرا مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ياكى بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇماسلىق كىرەك،

مۇنداق بىر توقۇلما بار، بۇ توقۇلما، شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ تاق يۇلۇنۇشلۇك شاخلاپ ئاۋۇپ كۆپۈيۈپ كىتىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،

بىر ئادەمنىڭ ئوغلى ئۈرۈمچىگە كوماندروپكىغا بارماقچى ئىكەن، دادىسى يىنىغا چاقىرىپ نەسىھەت قىپتۇ، بالام ئۈرۈمچىنى بەك قالايمىقان يەر دەيدۇ، ئەيدىز دەپ بىر كىسەل باركەن، سەن ئۇقۇشماي يۇقتۇرىۋالساڭ كىلىپ ئايالىڭغا يۇقتۇرىسەن، ئايالىڭ ماڭا يۇقتۇرىدۇ، مەن ئاپاڭغا يۇقتۇرىمەن، ئاپاڭ پۇتۇن مەلىدىكىلەرگە يۇقتۇرىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5773 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 07:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14635
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2033 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 07:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز ئىنسانلارغا قارىتا ئەڭ  چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى، بىراق .....
        ئەگەر ئەيدىزنى داۋالاش رېتسىپى ۋە ئۇنى  داۋالاش ئۇسۇلى مېنىڭ  قۇلۇمغا چۈشۈپ  قالسا مەن ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋېتەتتىم.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68486
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2011-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى  ئەۋەتكىنى ياخشى بوپتۇ  ئەمما مىنىىڭ قۇلۇمغۇمۇ چۇشۇپ قالسا مەنمۇ كويدۇرۋېتەتتىم !!!
خەي................

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6117
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.لىكىن قاتنىشالماپتۇق !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نېجىس كېسەلدىن يىراق تۇرۇڭلار

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94452
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1962 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  yaro كە 2011-12-05 07:04 PMئەۋەتىلدى  :
ھازىر ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بۇرۇنقى زەھەرلىك چىكىملىكنى ئىستىمال قىلىشتا  ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولۇش كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەشتىن جىنسى يول ئارقىلىق يۇقۇش كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرەپتىكى تەلىم تەربىيە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كىرەك، ئىستىلسىز ئىشلاردىن ئامال بار ساقلىنىش، ساقلىنالمىغان ئەھۋالدا توغرا مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ياكى بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇماسلىق كىرەك،

مۇنداق بىر توقۇلما بار، بۇ توقۇلما، شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ تاق يۇلۇنۇشلۇك شاخلاپ ئاۋۇپ كۆپۈيۈپ كىتىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،

بىر ئادەمنىڭ ئوغلى ئۈرۈمچىگە كوماندروپكىغا بارماقچى ئىكەن، دادىسى يىنىغا چاقىرىپ نەسىھەت قىپتۇ، بالام ئۈرۈمچىنى بەك قالايمىقان يەر دەيدۇ، ئەيدىز دەپ بىر كىسەل باركەن، سەن ئۇقۇشماي يۇقتۇرىۋالساڭ كىلىپ ئايالىڭغا يۇقتۇرىسەن، ئايالىڭ ماڭا يۇقتۇرىدۇ، مەن ئاپاڭغا يۇقتۇرىمەن، ئاپاڭ پۇتۇن مەلىدىكىلەرگە يۇقتۇرىدۇ.

مېنىڭچە تۇقۇلمىڭىزنىڭ بىر نىمىلىرى كەمدەكلا قىلامدۇ نىمە؟

بۇنداق تۇقۇلمىنى روياپقا چىقىرىدىغانلارنىڭ چوقۇم كاللىسىنىڭ سۈيى بار ياكى بولمىسا قارا قۇيۇقلا تەرجىمە قىلىپ ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىۋالغان.
ئامال بار بۇنداق تۇتۇرۇقسىز،بىمەنە تۇقۇلمىلارنى كۆتىرىپ چىقمىساق دېگەن نىيەتتىمەن.

ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل، ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22249
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5250 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 60% باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار .... (ئېرى ئاشنا ئوينىسا بىگۇناھ خۇتۇنىغا ، تېخى تۇغۇلغاندىن بېرى قۇچاقتىن ئايرىلمىغان سەبى بالا )
يۇقۇملىنىپلا 6 ئاي ئىچىدە ئۈلۈپلا كەتسە بۇ نىجىسلا .....
ئەگەر مىنىڭ قۇلۇمغا چۈسۈپ قالسا .....     كۆيدۈرىۋەتمەيمەن .... بەلكىم ياخشىلىقتىن بىشارەت بىرىشى مۇمكىن ھى ھى ھى

قان ئىچدە قان ......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1060
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 09:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ قىلغۇم يۇق !

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش