مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1338|ئىنكاس: 7

2ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ئېيتىدىغانلىرى...(ئاپا سا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 01:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ››دىگەننى ‹‹ئوغۇلنىڭ دەردىنى دادا بىلىدۇ››دەپ ئالدىم ...ھەم شۇ بالامنىڭ تىلىدا ئازراق ئورتاق دەردىمنى بىر تۈكىۋېلىشنى ئويلىدىم ،بۇ يولدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئاپا ،سەن بۇ دۇنيانىڭ تارازىسى بۇلۇشقا،ھەمىشە ئۆزەڭنىڭكىنىلا راسىت قىلىپ ،ھەممە مىنىڭ ئويىمچە بولىدۇ ،بولمىسا جازاسىنى بىر مەندىن تارتىدۇ...
مەن بۇ دۇنياغا شۇنىڭ ئۈچۈنلا كەلگەن دەپ ئويلامسەن...سەن ئۈچۈن ئۆزەڭ ۋە ئۆزەڭنىڭ ئائىلىسى(چوڭ بولغان ئۆي)،شەخسى مەنپىئەتىڭدىن باشقا مۇھىم دەپ قارىغۇدەك ئىشلار يوقمۇ،ياكى بەكلا ئازمۇ؟ دۇنيا سەن ئۈچۈنلا ئايلانسا رازى بولامتىڭ...
سەن شۇ ئائىلەڭدە يىتىلدۈرگەن شۇ شەخسىيەتچى ،يولسىز مىجەزىڭ بىلەن باشقىلارغا تۇزدەك تېتىپ ،باشقىلارنى قاقشىتىپ بىر ئۆمۈر ياشمىماقچىمۇ،ئەجەبا شۇ يولدا ھەتتا ھەر قانداق قارا سۆزلەرنى قىلىشتىن ،ۋە ئۆزەڭنىڭ نەپسى پايدىسى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا تەييارمۇ؟...
مەنمۇ بىر كۈنى چوڭ بۇلىمەن،ھەممە ئىشلارنى بىلىمەن،ئۇ چاغدا ..................
سەن شۇمىجەزىڭنى ھىچ ئۆزگەرتەلمەي،باشقىلاردىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنۇتساڭ ئۇنۇتتۇڭكى،ھەر گىز يامانلىقنى،ئازراق گەپ -سۆزلەرنىمۇ ئۇنۇتمىدىڭ،چۈنكى سەن دەل ئاشۇ مىجەزىڭدە باشقىلارنى يېڭىپ ،ياشاپ كەلگەن....نىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن بولغىنىدەك شۇ سەنىمىڭدە مېڭىۋەردىڭ...ئاخىرى دادامنىڭ ئاپسىنى ئاچچىق تۈپەيلى ،چارچاپ ،خاپا بۇلۇپ تۇرغاندا دىگەن كىچىككىنە گىپى ئۈچۈن تىللاپ،يىغلاپ تۇرسىمۇ كارىڭ يوق ،تازا تېتۋالدىڭ...ئويلاپ باق ،سەن نەۋرەڭنى بېقىشتىن قاچسەن دەپ تىللىغان ،شۇنداق  يىغلىتىۋەتكەن قېيىن ئاناڭ سەن مىنى تۇققاندا دوختۇرخانىدا ھەپتە مىنى باققان،دادام سىنى باققان ئەمەسمۇ...ماڭا نۇرغۇن كىيىم تىكىپ بەرگەن ئەمەسمۇ،ماڭا ئىسسىقلىق قىلىپ دۇرا تۇتقان ئەمەسمۇ...ھەپتىلەپ ،يېرىم ئايلاپ مىنى شۇنداق ياخشى باققان ئەمەسمۇ...ماڭا شۇنداق ئامراق ،مەنمۇ شۇنداق ئامراق ئەمەسمىدىم ،كىچىككىنە بىر ئېغىز خاتا كەتكەن گىپى ئۈچۈن ،ئاشۇنچىۋالا ئازار بەرسەڭ ،دادامنىمۇ ،ئاپسىنىمۇ كۆزگە ئىلمىساڭ ،دادام يەنە پۇرسەت بەرسە، جاھىللىق قىلىپ تۇرساڭ ،يەنە ساڭا قانداق قىلىپ بەرسە بولاتتى...مەنمۇ دادامدىن ئۇنچىۋالا جىق سەۋىر تەلەپ قىلىپ كىتىشكە ھەققىم يوقتۇر بەلكىم ،بىلسەڭ ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر چىكى بولىدۇ،سەن شۇ چەكتىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۋەتتىڭ...ۋە داۋاملىق ئاشۇرۋاتىسەن...بىلىسەن چۈنكى سەن شەھەردە چوڭ بولغان ،جىق ئىش كۆرگەن شۇڭا ھەممىگە كۈزۈڭ يىتىدۇ ،شۇڭا قىلىسەن ،ئەمما داداممۇ ئانچە بوش ئادەم ئەمەس.چۈنكى ئۇمۇ ئوقۇغان ،نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ،ئەمما ئاددىي-ساددا ياشاپ كەلگەن ئادەم ،ئۆزىنى بىلىدۇ ،سوراپ تۇرىدۇ،ۋىجدان تارازىسىغا ئۆزىنى سېلىپ تۇرىدۇ...
بولمىسا شۇنچىۋالا ئىشلارغا دەرىتلەرگە ،ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرىپ ،سىنىڭ جىمى تەلەپلىرىڭىزنى ئۇرۇنداپ بۈ كۈنلەرگىچە كىلەلەمتى؟!!!
بىلىمەن ،سەن دادامدىن مەن ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى،سىنىڭ ئۆچ ئېلىشلىرىڭ تېخى توختاپ قالغىنى يوق ،شۇنى بىلىپ يەتكەن دادام مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كەچتى...بىنادىن تىزىملىتىپ ئېلىشقا قۇربى يىتىدىغان ئۆينى ساڭا بەردى،ئىلىگىرى -كىيىن بۇلۇپ ئالغان ئالتۇنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ،ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىنى تالاشتىڭ ،بەردى ھەتتا دادامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوستىغا دەپ ئەكەلدۈرگەن ،دائىم مىنى رەسىمگە تارتىدىغان ئاپراتىغىچە تالاشتىڭ ...بەردى...ئەمدى دادامغا نىمە قالدى...(ئۆيدىكى پۇلغا يارىماس قاتتىق -قۇرۇق چايدان .ئىۋرىق ،ئاپسى تىكىپ بەرگەن يوتقان كۆرپىسىلا قالىدۇ،يەنە تېخى سەن ئايدا دادامنىڭ:‹‹ بالىغا،قانداق ئىشلەتسەڭ ئىشلەت 300 كويدىن بىرىمەن ،قالغىنىغا ئۆزەم نەرسە ئېلىپ بىرىمەن، ھەر شىنچىدە(ئارام ئېلى كۈنلىرىدە) كۆرىمەن...دىگەن تەلەپلىرىنىمۇ رەت قىلىپ ئايدا ئەڭ كامىدا 400 يۈئەندىن بىرىسەن ،ئاغرىپ قالسا داۋالىتىسەن .....سىنىڭ ئۇ-بۇ پۇللىرىڭ بار...نەگە ئاپىرسەن ....پەقەت مىنىڭ رۇخسىتىم بىلەن 4كۈنلا كۆرىسەن ...دەپ شۇنداق نۇرغۇن يولسىز تەلەپلەرنى مۇرەسسە نامىغا يازدۇرۋالدىڭ ....بىلسەڭ دادام يامان ئىشلاردا يوق ئىدى،ھەرگىز يوق ئىدى،بالامغا ،ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ،بالامغا ئۈلگە بولمىسام ،تۈزۈك ئادەم قىلمىسام بولمايدۇ ،دەپ نۇرغۇن ئېزىقتۇرۇشلار دا ئازماي كەلگەن ،ئۆزىنى تۇتۋالغان ئىدى.....سىنىڭ ئۆيۈڭدىكلەرنىمۇ چوڭ بىلەتتى...ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە قىلمىغان ياخشى ئىشلارنى سىنىڭ ئۈيۈڭدىكىلەرگە ،ساڭا ،ماڭا قىلاتتى...ياردەملىشەتتى...ھازىر چىش -تىرنىقىغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن جەمەتىڭ ،شۇ چاغلاردا ماختاپ بىر بۇلۇپ كەتكەن ،بۇنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى،يەنىلا شۇ سىنىڭ جاھىللىقىڭ ۋە ئاداۋەتخورلۇقۇڭ...بالا نەپسىڭ.................................

دادام ئاخىرى ...بوپتۇ .........سوتمۇ ئاياللارنى ئاشۇنداق قوغداپ بەرگىلى تۇرسا ،مەندە نىمە ئامال دەپ ئامالسىز يول قويدى...
ئەمما سەن شۇ سىنىڭ تەلىپىڭنى ئۇرۇنداپ بەرگەن سوتنىڭ تامغىلىق قەغىزنىمۇ بىر تىيىن قىلپ ،مەن ساق ئادەمنى ئاغرىپ قالغان دەپ....يەنە دادامغا كۆرسەتمىدىڭ...شۇنىڭ بىلەن دادام سىنى ‹‹يەپ تويمىغان يالاپ تويماس ›› دىگىنى راسىتكەن ،ئەمدى قالغان بالا نەپسىڭنى سوت بىر تەرەپ قىلسۇن ،ئىككى يىل ئۆي تۇتۇپ بىر شاپلاق سالالمىغان ئادەم بولغاندىكىن ھەرقانچە بولسىمۇ ،ھەق-ناھەق ھەر قانچە ئۈستۈن -ئاستىن بۇلۇپ  يولسىزلىق قىلىپ تارتىۋېلىشىڭ بىلەن ،دادامنىڭ لاتىلىقى بىلەن ساڭا تەڭ كىلىپ بولالماي،(چۈنكى سىنىڭ جەمەتىڭ بوش ئادەم ئەمەس،جېدەلنى پۇلغا سېتىۋېىلىپ ،پايدا ئېلىپ كۈنۈپ قالغانلاردىن ،بولمىسا ....)پۇل كەتسىمۇ بىر سوتقا چىقمىسام بولماپتۇ دەپ تۇرۋاتىدۇ ،ئەمما قېرىشقاندەك سوتنى ئېچىپ ئەرىز قۇبۇل قىلمايۋاتىدۇ...مەنمۇ مۇشۇنداق سىنىڭ تۇتقۇنۇڭدەك دادام بىلەن كۈرۈشەلمەي كۈڭۈللۈك ئوينىيالماي كىلىۋاتىمەن ،خەيىر بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشار،شۇ چاغدا داداممۇ سەندەك ئىككى- ئۈچ ئايلاپ كۆرسەتمەي باقسۇن قېنى سەن قانداق بوپ كىتىسەن ...لىكىن ماڭا داداملا بولسا ئاشۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينىتىپ تۇرسىلا سىنى ئانچە يادىمغىمۇ ئېلىپ كەتمەسمەن...شۇ قىلغىنىڭنى دىسەم...
مەن دادامغا بەكمۇ ئامراق ئىدىم ،چۈنكى مەن كىچىك بولساممۇ 2ياشقا كىردىم ،ئەقلىم شۇنداق جايىدا ...مىنى سەن ئۆيگە ئاپاڭغا بېقىش پۇلى بىرىپلا تاشلاپ بەرگەن بىلەن دادام ھەرگىز ئاپىسىغا تاشلاپ بەرمەيتى ،چۈنكى ئۇ چوڭ ئانىلارمۇ ئارام ئېلىشى كېرەكتە...
،بىللە يەيتۇق...ئەمما لىكىن سەن مىنى ئۆيگە ،قۇيۇپ قۇيۇپ كۈنلىرىم شۇنداق زىرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ.......
بىلسەڭ دادام مىنى كۈڭۈل خۇشى تېپىپ قۇيۇپ كارى يوق يۈرگەنلەردىن ئەمەس ...كېچىسى سەن باقتىم دەپ ئۇخلىۋالساڭ كۈندۈزى كەچكىچە بازار ئايلاندۇرۇپ ،سەن قانداق قىلساڭ ،داداممۇ شۇنداق باققان ،بىر 8ئاي سىنىڭدەك ئىمىتەلمىگەنلا يېرى بار...مۇھىمى مىنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كىچەلىدى،ھەم كىچەلەيدۇ،ئەمما مەندىن كىچەلمەيدۇ ،ھەم كەچمەيدۇ،تاس قالدىڭ مىنىڭ دىگىنىمنىڭ سەممىسىنى بەرمىسەڭ بالام يوق دەپ ياز دەپ دادامنىڭ ئاچچىقتا ئەقلىنى كەستۈرۋەتكىلى...ئەمما  دادام .............ئەمدى سەن بەدەل تۆلەپ قېلىشىڭ مۇمكىن ....
چۈنكى مەن ئۇنىڭ تىلەپ تاپقان بالىسى...ئاغرىپ قالسام كېچىلەپ ،ھەتتا سىنىڭ ئۆيۈڭگە چىقىپ دىگۈدەك ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ،بىر تەرەپتىن دورا ئالسا ،بىر تەرەپتىن مەخسۇس كىتاپلارنى ئېلىپ ،يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالاپ ،ساقىيىپلا قالسام ،بازاردىن ئەكىرمەي دىگۈدەك ئويناتقان دادام شۇ ...مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم دادا دەپ تىلىم چىققان ،ھەتتا سىلەر ئاجراشماقچى بولغاندا سىنىڭ كەينىڭدىن ماڭماي ،شۇڭا دادامنىڭ كەينىدىن ماڭغان...چۈنكى دادام مىنىڭ خوشاللىقىم ،مەن دادامنىڭ خوشاللىقى ئىدىم....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4530
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 2495 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 10:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي..توغرا بۇ ئويلىنىشقا تېگشلىك مەسىلە....چۇنكى...بۇ دېگەن خېلە كۆپ ئائىلىنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ئىش....مەنچە،،،بۇ جاھاندا.كۆپ ئىشلارنىڭ مەنبەسى مۇشۇ بىز خىق مىكىن دەيمەن...بىز ئايياللار ۋىجدانلىق ئىمان ئېتىقاتلىق بولساق ۋاپادار بولساق نى نى ۋاپاسىز يىگىتلەرنى بويسۇندارالايمىز دەيمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29304
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8210
تۆھپە نۇمۇرى: 595
توردا: 4974 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا  ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ``ھەرقانداق ئاتا - ئانىنىڭ مەسۇلىيتى بالىنى ياخشى تەربىيلەشتۇر ``

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15372
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3309 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:48:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم ،  بەكمۇ  تەسىرلىك  يېزلىپتۇ، ئەتراپىمىزدا ئاشۇنداق  ئانىلارمۇ  يوق  ئەمەس ،  ئاياللىق  مەجبۇرىيتىنى  ،ئانىلىق  مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ  كىتىۋاتقان  شۇ  ئاياللار جەمىيەتتىكى  نۇرغۇن  ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرگە  سەۋەپچى  بولۇۋاتىدۇ ، شۇلار بۇ  تېمىنى بىر  ئۇقۇپ  ئويلانسا  بوپتىكەن  ......

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6894
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 33985
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3018 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى يازمىڭىز ئارقىلىق ئېيتىپسىز،قاتتىق ئازار يىگەن كۆڭۈل دەردىنى تۆكىۋالسا ئازىراق يېنىكلەپ قالىدۇ، ئىلگىرىمۇ   كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى تۆكۈپ بىر تېما يوللىغىنىڭىز ئېسىمدە تۇرىدۇ،ئىچىڭىزگە بەك ئېپ كەتمەڭ،ھەر كىم قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ،اللاھنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68308
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 12:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ئاز ئېشىپ كەتتىمۇ ؟چۈنكى بالىنىڭ ئاتسىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇش لازىم.

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 01:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ماجرالىرىڭىز تېخى ھەل بولمىغان  ئوخشايدۇ. بۇ يازغانلىرىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. مېنىڭ سىزگە ھېسداشلىق قىلىپ، ئايالىڭىزنى ئەيىپلىگۈم يوق. چاۋاق بىر قولدىن چىقمايدۇ، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلى بەكلا رەنجىگەن بىرەر ئىش بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ بالىڭىزغا ئاپىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ.  قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، ئاشۇ ئانىمۇ بالىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. سىز ئۇنداق خاتا چۈشەنچە تۇغدۇرماڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 12:27:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئوغلىڭىزچوڭ بولغاندا چۇقۇم سىزنىڭ قىلغان ئەجرىڭىزنى چۈشىنىدۇ .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش