كۆكتاش ئەپەندىمنىڭ بۇ ئۇچۇرى قىممەتلىك ئۇچۇركەن ، بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ تۈنۈگۈن ئۇچۇر تورىدا كۆرگەن بىر ئۇچۇرنى مۈشۇيەرگە چاپلاپ قوياي .
ئەگەر ئايالىنى ئېلىپ كىلىدىغان شوپۇرلار بولسا ئايالىغىمۇ مۇۋاپىق قىلىدىغانغا ئىش چىقىدۇ .
ئۇچۇر تورىدىكى ئىلان
تارانچىدىكى ئېسل تاماقخانىغا ئاشپەزلەر لازىم
نۆۋەتتە قۇمۇل ۋىلايىتى تارانچى بازىرىدىكى ئېسىل زىننەتلىنىپ ياسالغان تاماقخانىغا ئاشپەز، ناۋاي، سامسىپەز، مانتىپەز، كاۋاپچى، مۇلازىمەتچى ۋە شۇنداقلا يېمەك- ئىچمەك كەسىپىدە ھۈنەرلىك ئىختىساسلىقلارنى جىددى تەكىلىپ قىلماقچى.
يىراقتىن كەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىكى بېلەتكە قاراپ ، يول كىراسىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ. ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ (تاماقنى ئاشخانىدىن)، ئەر-خوتۇن تەڭ ئىشلەيدىغانلار ياكى مۇقىم تۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار بولسا تېخى ياخشى. مۇئاش ئىقتىدارىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ (لېكىن ھەرگىز تۆۋەن بېرىلمەيدۇ)، ھەمدە ئاي توشقان ھامان بېرىلىدۇ.
قالدى گەپلەرنى تېلېفوندا دىيىشسەڭلەر بوىدۇ .
قوشۇمچە: قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى تارانچى بازىرى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمى ئىشچى- خىزمەتچى. ھۈنەرۋەنلەر بىر قەدەر ئاز ھەم ئەتىۋارلىق. ھۈنىرى بار ئادەمنىڭ پۇل تېپىشى ئاسان. ھۈنەر بولمىسمۇ پۇل تاپىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ. مۇھىتى بىر قەدەر تېنچ، ئاھالىلىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، يۇرتلۇقۇڭىزنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. مۇئاشىمۇ باشقا جايلاردىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى. پەقەت قولىڭىزدىن ئىش كەلسىلا، بۇ يەردە پۇل تېپىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئاسان.
ئالاقىلاشقۇچى: ھەجەرگۈل تېلىفون : 15999345611
باشقۇرغۇچىلار بۇئىنكاسنى ئىلگىرلىتىپ قويغان بولساڭلار . |