ئەزىمەتلىرىمىز شىنجاڭدا
ھەممىمىزگە مەلۇم، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمىز دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھەمدە جۇڭگو B ،A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئۆز كارامىتىنى نامايەن قىلىپ، ھەممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ھەتتا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىلىرىمۇ بۇ ئەزىمەتلەرگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. يېقىندا، بۇ ئەزىمەتلىرىمىز پۇتبول مۇسابىقىلىرى توختىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا قايتىپ، ئۇلارغا ئۇزۇندىن بۇيان تەقەززا بولۇپ تۇرغان پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن دىدارلاشتى، پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى ئەنۋەر ئەزىز، ئېلزات ئىلھاملار «پۇتبول چولپانلىرىمىز ئۈرۈمچىگە جەم بولدى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرىدە بۇ پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپتۇ. تۆۋەندە بۇ ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
* بارى مۇھەممەتئېلى
بارى مۇھەممەتئېلى 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2005-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى «ئەڭ چاقنىغان يۇلتۇز» بولۇپ باھالانغان. 2007-يىلى «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى» پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى خاڭجۇ «لۈچىڭ» كوماندىسىغا تاللىنىپ، 2010-، 2011- يىللىق مۇسابىقە پەسىللىرىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھەمدە ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 21 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان.
* ئەكرەم ئەخمەت
ئەكرەم ئەخمەت 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. 1999-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا توپ ئوينىغان. 2003-يىلى ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2006-يىلى «شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2007-يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى جۇڭگو B دەرىجىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭدۇڭ «تيەندى 1-نومۇر» كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە كوماندىنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 2009-يىلى خۇنەن «شياڭتاۋ» پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنداقلا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى» بولۇپ باھالانغان. 2011-يىلى بۇ كۇلۇب ئەكرەم ئەخمەتنى يەنە بىر يىل تەكلىپ قىلغان.
* دىلمۇرات باتۇر
دىلمۇرات باتۇر 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى شىنجىن «قىزىل ئالماس» كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* يەھيا ئابلىكىم
يەھيا ئابلىكىم 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2010-يىلى لياۋنىڭ «شەرقىي شىمال يولۋىسى» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى شىنجىن «قىزىل ئالماس» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* ئابدۇۋېلى ئابلەت
ئابدۇۋېلى ئابلەت 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ماھىر سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، غەربىي مۇسابىقە رايونى بويىچە 1-بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزۈپ، كوماندىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. 2010-يىلى لياۋنىڭ «شەرقىي شىمال يولۋىسى» كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى 3-ئايدا شىنجىن «قىزىل ئالماس» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* ئارافات مىجىت
ئارافات مىجىت 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. بۇ جەرياندا مەملىكەتلىك «نەيك» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك «ئادىداس» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك «غالىبلار» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. 2007-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پۇتبولچى بولغان. 2011-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چېڭدۇ «شېفىلىيەن» كوماندىسىغا تاللانغان.
* ئېلشات ئۆمەرجان
ئېلشات ئۆمەرجان 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2011-يىلى 1- ئايغىچە شەندۇڭ «لۇنىڭ» پۇتبول مەكتىپىدە تەربىيەلەنگەن. بۇ جەرياندا 2006-يىلى دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان. 2009-يىلى «ۋېيفاڭ» لوڭقىسى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2009-يىلللىق مەملىكەتلىك 19 ياشلىقلار «غالىبلار» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2010-يىلى مەملىكەتلىك تەييارلىق كوماندىلار بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2011-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چېڭدۇ «شېفىلىيەن» پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان.
مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/ty/201111/t20111129_166395_1.html