يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكنى ئۇنىڭ خىلمۇ خىللىقىدا دەپ ئېيتىش مۇمكىن . يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق مۇساپىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى . ئەدەبىي ژانىرلار تولۇقلىنىپ ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللاشتى ، تېما دائىرىسى كېڭەيدى ، مەزمۇنى چۇڭقۇرلاشتى ، بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى . شۇ سەۋەپتىن بۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋر ئەدەبىياتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ چىقىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . يازغۇچى ، شائىرلار ناھيىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ ، تارىختىكى زور قوشۇنغا ئايلاندى . ئەسەرلەر نىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى . ئەسەرلەر ئىچىدە مۇھىم ، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى . نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ، شائىرلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر خىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر لەرنى يازدى . ھەتتا بەزىلىرى تېما جەھەتتە خاسلىققا يۈزلىنىپ ، تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇلۇققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى .
جۈملىدىن «دېھقان شائىرى» دەپ ئاتالغان مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ (1944 – 2001) يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى . روزى سايىت 1944- يىلى 9- ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ . 1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىغا چۈشۈپ دېھقان بولىدۇ . روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ . روزى سايىت مۇنداق دەيدۇ : «يېشىم 30 دىن ئاشقان ، ئالىقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ ، تال-تال يېرىلىپ قەلەم تۇتۇشقىمۇ قولاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم . ئوقۇش مەزگىللىرىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ نەمۇنىلىرى ، كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگەندىم . ئەپسۇس سىستېمىلىق نەزەريىۋىي بىلىم ئېلىش ، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم . شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى . شۇ تۈپەيلىدىن قوشاقچى دېھقان روزى قوشاق بولۇپ قېلىۋەردىم». روزى سايىت 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە «دېھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ» ناملىق تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ . بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ (ئۇ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم . لېكىن بۇ مەزگىلدە يازغان شېئىرلىرى خاتىرلىنىپ ساقلانمىغان ) ."
روزى سايىت ئىجادىيەتكە كىرىشىش جەريانى ھەققىدە توختالغاندا: «مەن يىراق ، تولىمۇ چەت بىر تاغدا ، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەربى فورما كىيىپ ، مىلتىق بىلەن ھەپىلىشىپ كۈن ئۆتكۈزگەن كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . مېنىڭ باشقا تەلەيلىك قەلەمداشلىرىمدەك ناھايىتى كۆپ قوشاق يادلىغان ، نۇرغۇن چۆچەك ، لەتىپىلەرنى بىلىدىغان چوڭ ئاپام ، كۆزەينىكىنى تاقىۋېلىپ رۇستەم، ھاتەم ھەققىدىكى قىسسە ، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان بوۋاممۇ يوق ئىدى . ئون ئۈچ-ئون تۆت يېشىمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلىپ يېزىغا باردىم . ئۇدا يەتتە يىل دېھقانچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ دېھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ئازغىنا دارامەت ھېسابىغا تىرىكچىلىكىمنى قامداپ تۇرمۇش ئۆتكۈزدۈم . 17 يىل كەتمەن بىلەن ئاشنا بولۇپ يەر تېرىدىم ، ئۆستەڭ قازدىم ، سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدىم ، بوز يەر ئاچتىم » دەيدۇ . كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ يىراق چەت جايلاردا ئاددىي دېھقانلار ئارىسىدا ، ئېتىز-قىرلاردا دېھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈپ ، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنى ھېس قىلدۇرغان . كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى بىلەن سىڭىشىپ سەبىي قەلبىدە ساناقسىز سوئاللارنى پەيدا قىلغان . ئۇ تۇرمۇش ئېغىرلىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا ھېس قىلىدۇ . ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز دولقۇنلىغان ھېس-تۇيغۇلىرى ، دېھقانلار تىلىدىن ئوقۇلغان جاراڭلىق ئاۋازدىكى ناخشا-قوشاقلار ئۇنىڭ قەلب تارىسىغا سىڭىپ كېتىدۇ . ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار، جاپا- مۇشەققەتلىك دېھقانلار تۇرمۇشى ، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلار ئۆسمۈر روزى سايىتنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئارمانلارنى بىخلىتىدۇ . دېھقانلارنىڭ تىلىدىن ئېيتىلغان شۇ قەدەر ساپ ، شۇقەدەر چۇڭقۇر خەلق قوشاقلىرى روزى سايىتنى ئەدەبىياتنىڭ رەڭگا-رەڭ بەدىئىي دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ . شۇنداقلا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئايرىلماس بىر تەن بىر جانغا ئايلاندۇرىدۇ .
ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان روزى سايىت ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ چەكلىك بولغان ئاشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كلاسسىك نەمۇنىلىرىدىن باشقا ، شۇ دەۋردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ ئوقۇغان . بۇ ھەقتە شائىرنىڭ قەلەمداش ھەم سىرداش دوستى نۇرمەھەممەت توختى : بىز كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە ، قەيەرلەردىدۇر ساقلىنىپ قالغان كىتابلار ۋە خاتىرىدىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ مەخپى تارقىلىۋاتقان ، «پۇل» ،«گۈزەل نايادا جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا» ، «مۇقەددەس» ، «سۆيگۈ دىسسېرتاتسىيىسى » ، «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» ، «ئاخىرقى سىناق» ، «قىز قەلبى» دېگەن ئەسەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى . بىز ئۇلارنى بىرگە ئوقۇيتتۇق ، بىللە مۇلاھىزە قىلاتتۇق ، ھەتتا گېزىتلەرنىڭ قەرەلسىز ئەدەبىيات بەتلىرىدە چىققان ئوخشاش مەزمۇنلۇق مەدھىيىلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقاتتۇق ، دەيدۇ .
1972- 1973- يىللاردا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئارزۇنىڭ غۇۋا سىيماسى كۆرۈنگەندەك ، ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئەراپتىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقاندەك بولىدۇ . روھىغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئېگىز- پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئۇ ئۆزى ئېرىشمەكچە بولغان بىلىم تەشنالىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ . لېكىم بۇ ۋاقىتتا كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىز قالغان ئېگە چاقىسىز روزى سايىت ئاللىقاچان 31 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى . ئوقۇش ، ئالىي مەكتەپ ، ئەدەبىيات ۋە شېئىر ، ئائىلە ، ئەمدىلا ئايىغى چىقىۋاتقان قىزى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئۆركەشلىگەن دېڭىز دولقۇنىدەك تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا روزى سايىت ئۈچۈن ئائىلە ياكى ئالىي مەكتەپتىن بىرىنىلا تاللاش پۇرسىتى بار ئىدى . چۈنكى بۇ مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايتتى . بۇ خىل رېئاللىق روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى ، ھايات ھەققىدىكى ، نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى تاشلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلەرگە جاۋاپ ئىزدەشكە باشلايدۇ . ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئەكس ئېتىۋاتقان ئوقۇش قىزغىنلىقى، شېئىر ، ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .
ئون نەچچە يىللىق دېھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى بىر قەدەر كېچىكىپ باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ 1973- يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان . لېكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادىپىيلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى ، شائىرنىڭ ئىجادىيىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنېرگىيە جۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن ، شائىر ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ، شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇرىنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى ئېنىق . نەتىجىدە ، روزى سايىتتا ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن تېگىشلىك ھازىرلىقلار جۇغلانغان ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتلاپ چىقىشقا قارار تاپتى . ئۇلار زورلاپ يېزىلغان بىردەملىك قىزغىن ھېسسىيات ئەمەس ئىدى ، ئۇلارنى يېڭى مەنزىلگە ئېيتىلغان مەدھىيە كۈيى دېگەندىن كۆرە ، شائىرنىڭ جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچىنىڭ بىر مەزگىللىك تېڭىرقاش ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەردىن كېيىن قايناپ ، تېشىپ چىقىشى دېگىنىمىز تۈزۈك ، ئەلۋەتتە .!
روزى سايىتنىڭ 1976- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى ئۇنى بىر قېتىملىق چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بولسا ، 1980- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ ، «يېڭى قاشتېش» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدۇ .
. 1980- يىللىرىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىر توپلاملىرى ، روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭىچە بىر قەدەم بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ كېڭەيگەن باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ . روزى سايىت 1981- يىلى ۋەكىللىك ئەسىرىدىن بىرى بولغان «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» (شېئىرىي چۆچەكلەر) نى ئېلان قىلدۇرىدۇ . شائىر بۇ شېئىرىي چۆچەكتە خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان خەلق چۆچىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ، ئۇنى شېئىري شەكىلدە ، يېڭىچە بەدىئىي تۈس بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ . خەلق چۆچەكلىرىنى شېئىرىي چۆچەكلەرگە ئايلاندۇرۇش روزى سايىتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى سىناق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلغان يېڭى قەدەم . بۇنىڭدا ئۇ خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە دېتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان . روزى سايىت «ئاي قوشىقى» (1981) «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» (1978-1982) «بەختى دېھقان بەختلىك دېھقان» (1982) «دوستلۇق ناخشىسى» (1983) «مەرھابا» ، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار» (1988) «مۇھەببەتتىن پۈتۈلگەن ناخشىلار» (1982-1988) «رۇبائىي ۋە تۇيۇقلار» (1990-1996) ... قاتارلىق شېئىر-داستانلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شېئىرىيەت ئاسمىنىدا ھەقىقىي چاقناشقا باشلىدى . ئۇنىڭ توپلاملىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولىشى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىشى بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىچە بىر تۈس بىلەن نامايان بولدى .