مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3746|ئىنكاس: 56

قايغۇلۇق خەۋەر : يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، شائىر ، تالانىتلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى. كۆزگە كۆرۇنگەن تېلىۋېزىيە پىروگرامما تەھرىرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بۇگۇن ئەتتىگەن تۇيۇقسىز قوزغالغان كىسىلىنى داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ۋاپات بولدى. ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.



ئەخمەتجان قۇرباننىڭ تەرجىمھالى




ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە درامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ،ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان.
1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق<< شىنجاڭنى سۆيىمەن >>دېگەن تېمىدامۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتائۇنىڭ ناخشاتېكىستىگە ئىشلەنگەن<< تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ>>،<< يۇلتۇزۇم>>،<< تولۇنئاي >>دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ، ناخشا-ئۇسۇل، دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىرگۇراممىلىرى،<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. ئۇ، مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.
             ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.  ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى<<تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >>پرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان<<يۈكسەل قورغا, س>>،<<سېھىرلىك سىمپونىيە>>،<<پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار >> ، <<باغرىڭنى ئاچ باغراش>>،<<خسىلەتلىك بۇلاق>>،<<ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك>> قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە<<ياشلىق ساداسى>>،<<نوزۇر ناۋاسى>>،<<ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى>>،<<ناۋا ۋە جۇلا>>،<<نورۇز شادلىقى>>،<<دۇنيا ۋە ئاياللار>>،<<ئىللىق دۇنيا>>،<<غۇلجا ناھىيىسىدە مەشرەپ>>قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى،ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى،ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغان>>قىممەتلىك ھايات>>، <<يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-******* >>،<<كارۋان ھېكمىتى>>،<<سىڭلىمغا>>،<<جۈپ پەرزەنت>>،<<نورۇز ناۋاسى>>، <<تۇرنىلار>>،<<ھايات دېگەن سىرلىق تېپىشماق>>،<<دوستلۇق كۇيى>> قاتارلىق 150دىن ئوشۇق ناخشا رادىئو تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا،ئۇنىڭ يەنە <<قىز بالا بولسا نېمە بولۇپتۇ>>، <<باجگىرنىڭ باش قېتىمچىلىقى>>،<<بالىلىرىنى كۈتۇش>>،<<ئانىسىز ئۆي>>،<<مېھىرى شەپقەت>>،<<يىراق يېزىدىكى مۇھەببەت>> قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان.ئۇ بۇ جەرياندا<<مەخسۇس پروگراممىلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،<<تېلېۋىزىيە ئېكرانىنى رەڭدارلاشتۇرايلى>>،<<ئالتۇن كۆزنەك پىروگراممىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<<ئۇن-سىن بازىرىدىكى ئويلار>>،<<تېلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<< ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىتوتچىلىقى ھەقىدە>>قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە،ئۇ ھازىر <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>>،<<كۆڭۈلدىكى سۆز>>،<<قانۇن ۋە پۇقرا>>،<<مائارىپ گۈلزارى>>،<<مۈنبەت تۇپراق>>،<<پەن ۋەمائارىپ >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان <<<سىرلىق ئۆڭكۈر>>،<<سۆيگۈ گۈلى>>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>> ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى<<يالغانچى تۇسۇق>>قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق<< شېئىر >>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>>،<<يالغۇز تام>>،<<بىزنىڭ دۇكان>> قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،<<تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر>>،<<سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر>>،<<يىللار ۋە ئىنسانلار>> قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،<<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا شاراپ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە>>،<<ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا>>،<<ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى.   
                  يېقىندا ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (1-5) » ئۇيغۇر مەسەللىرى خەزىنىسىگە قۇشۇلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .   
             ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:   
1 .   كالتە قۇيرۇقلۇق چاشقان .
2. بالىلار يۇمۇرلىرى .
3. بالىلار چاقچاقلىرى .
4.تۇنۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر( 3 قىسىم)
5 . ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە بالىلار تېپىشماقلىرى ( 5 قىسىم)
6.ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى (6 قىسىم)
7.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى (5 قىسىم)
8.ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى (5 قىسىم)
9.ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (5 قىسىم)
10. كۈندە بىر كۈلكە (2 قىسىم)
11. كۆك ئۆستەڭ (رومان)  (كىيىن ياتلىق بولالمىغان قىزلار-دېگەن نام بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغان)
12.ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىزىقارلىق سۇئال-جاۋاپلار (10 قىسىم)
13. ئۇنىڭ يېقىندا «ئورمانلىقتىكى ئويۇنلار» ناملىق بالىلار رومانى ۋە «بالىلار ھېكايىلىرى» ناملىق 5 قىسىملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
14. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان «مۇقام ۋارىسلىرى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر» ناملىق بالىلار رومانى نەشىردىن چىقىدۇ..
15. يېقىندا شىنجاڭ<<ئارمان>>شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «مەشىرەپ» پروگراممىسىدا ئۇنىڭ يازغان «ئارمان مېھرى» ناملىق  ناخشا تېكىستى ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەرىپىدىن سەھنىدە ئوقۇلدى.

ماتېماتىكا تەييارلىدى.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق كۇنلەدە  ۋاپات بوپتۇ   
ياتقان يىرى  جەننەتتە بولسۇن

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41672
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4559
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 3950 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ يازغۇچىنىڭ كۆك ئۆستەڭ دىگەن كىتاپنى ئوقۇغاندىم.ئىنشائاللاھ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۈمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!
مەرھۈمنىڭ يىقىندا ئىلان قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ تېزىملىكىنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تولۇقلىيالماي قالدىم.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8149
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۈمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئون.
ياتقان يېرى جەننەتتەبولسۇن. مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىكەن ئەمەسمۇ! كىمكىن دەپتىمەن.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3182 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمغا ئۇنىڭ مەسەللىرىنى ئوقۇپ بىرەتتىم .باللىرى بىلەن چۇشكەن كىتاپ مۇقەددىمىسىدىكى سۈرەتكە قاراپ كۇڭلۈم تىخىمۇ يىرىم بولدى .
ئاللا ئاخىرەتلىكىنى بەرسۇن .بالىلىرىمزغا قالدۇرغان ھىممەتلىرىدىن سۈيۈنىشىمىز كىرەك.

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:41:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يىرى  جەننەتتە بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64520
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3268
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ((قىممەتلىك ھايات)) دىگەن شېئىرسىنى ئەمدى بىلدىم، مەن بۇ ناخشىنى تولىمۇ ياختۇراتتىم،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!
      امىن!!!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ئەجىرىنى بەرسۇن ،ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش