مەنمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاي دەپ تۇرغان. بوپتۇ مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قوياي.
[color=#c00000]ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدا 6.0 بال يەر تەۋرىدى
2011- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى(10:05) جۇڭگۇ رادىيو- تېلىۋىزىيە تورى خەۋىرى
جۇڭگۇ رادىيو- تېلىۋىزىيە تورى 1- نويابىر غۇلجىدىن بەرگەن خەۋىرى ( مۇخبىرلار: جاڭ لېي، سۇن تاۋ) جۇڭگۇ يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ۋە توققۇز تارا ناھىيەسى تۇتاشقان جايدا 6.0 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش نۇقتىسىنىڭ كوردىناتى شىمالى كەڭلىك 43.6 گىرادۇس، شەرقى ئۇزۇنلۇق 82.4 گىرادۇس بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلىقى 10 كېلومىتىرغا يىتىدۇ.
غۇلجا ناھىيەسىدە تەۋرەش بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى، لىكىن ھازىرغا قەدەر ئادەملەرنىڭ يارىلىنىشى ياكى مال- مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئوچرىشىغا ئالاقىدار مەلۇمات يوق. توققۇز تارا ناھىيەسىدىن 200 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى شىخۇ شەھىرىدىمۇ تەۋرەش بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. تەپسىلىي ئەھۋاللار تخىمۇ كونكىرت تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
سىنا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى مەنبە:
http://news.sina.com.cn/c/2011-11-01/100523395778.shtml