مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4559|ئىنكاس: 45

ئانامنى ئىزدەيمەن(3-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 05:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(  3- بۆلۈم )

         يىگىت ئويىگە قايتىپ كەلسە ،ئانىسى دادىسىغا  ئەتىگەندىن بىرى بولغان ئىشلارنى تازا ئىزىپ چۇشەندۇرگىلى تۇرۇپتۇ ،دادىسى بولسا ئوغلىغا گەپ قىلما دەپ ئىشارەت قىلىپ ،ئانىسىنىڭ گىپى تۇگىگىچە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ ،،ئوغلىمۇ تاقەت قىلىپ ساخلاپتۇ ،ئانىسىنىڭ گىپى تۇگىگەندىن كىيىن دادىسى ئوغلىنى چاقىرىپ ئەمدى سەن سوزلە دەپتۇ ،ئوغۇل ئۇزىنى تۇتىۋېلىپ ،ئۇزىنىڭ قەشقەردىن غۇلجىغا بارغان ۋاختىدىن باشلاپ تەپسىلى سوزلەپ بىرىپتۇ .
دادىسى بىر دەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، بالام سىنىڭ بېشىڭغا كەلگەن كۇن مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلگەن ،مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ سۇزىنى يىرمايمەن دەپ ئاناڭ بىلەن تۇي قىلغان ،بىراق ئاتا-ئانام تۇگەپ كەتكەن بىلەن مىنىڭ دەردىم تۇگىمىدى ،ئاناڭنىڭ مىجەزىنى سەنمۇ بىلىسەن ،مەنمۇ سىنى يىتىم قىلمايمەن دەپ بۇ كۇنلەرگە ئۇلاشتىم ،سەن بولساڭمۇ بەختىڭنى تاپ ،ئاناڭغا ئۇزەم گەپ قىلاي ،ئۇنىڭمۇ يۇرىگى گوش بولغاندىكىن ،ئېرىپمۇ قالار ،سەن خاتىرجەم ئۇيقۇڭنى ئۇخلاپ ،ئەتىكى جەڭگە تەيارلىق قىل دەپتۇ ،ئوغلى چۇشەنمىگەندەك قىلىپ دادىسىغا قارىسا ، دادىسى كۇلۇپ كىتىپ ھەي بالام مەن ھەر قاچان ئاناڭنىڭ سۇزىنى رەت قىلغاندا ئۇيدە بىر مەيدان جەڭ قىلىمىزغۇ دەپتۇ ،بالىسى دادىسىنىڭ گىپىدىن خوشاللىققا  چۇمۇپ ،بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشنى  خىيال قىلغاچ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .
   ئەتىگەندە  ئادەتىكىدىن بالدۇر تۇرۇپ ،ئانىسىنىڭ قانداق جاۋاپ بىرىشىنى ساقلىغاچ ،قورونى رەتلەشكە باشلاپتۇ ،شۇ ئارلىقتا ئانىسى %180
  بۇرلۇش ياساپ ھىجايغىنىچە چىقىپتۇ دە ،ماڭسىلا غۇجام بالام ،ئا ئاغىنىلىرىگە خەۋەر بىرىۋەتسىلە ،ئەتە تۇي چېيى بىرىمىز دەپتۇ .
  ئوغلى چۇشەنمەي تۇرسا دادىسى كىرىپ، بالام مەن دىدىمغۇ ساڭا خاتىرجەم بول دەپ ،بۇلە چاققان  ھاڭۋېقىپ تۇرماي، ئاناڭ يېنىۋېلىشتىن بۇرۇن يۇلۇڭغا ماڭ دەپتۇ .
ئوغلى خوشالىقىدا يۇگۇرەپ دىگىدەك ئاغىنىسىنىڭكىگە كىلىپ ئۇلارغا رەخمەت ئېيتقاچ ،كىلىننى ئالغىلى كەلگەنلىگىنى دەپتۇ .قىز بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي تۇرغاندا ،دوستى ئۇنىڭغا بىز تېخى ئۇيۇڭدىكىلەر قۇشۇلماي قالسا ،بىز ئىگە بۇلۇپ توت ئادەمنى چاقىرىپ نىكاھىڭلارنى ئۇقۇتۇپ قۇيايلى دىيىشكەن ئىدۇق ،بۇمۇ ياخشى بوپتۇ،ھەنىم بولسا  تۇيۇڭنى ئوز ئۇيۇڭدە ئوتكۇزەلەيدىغان بوپسەن، دەپ ياخشى تىلەكلەر بىلەن يولغا ساپتۇ.
  قىز كەلگەندىن كىيىن ئانىسى ئۇنىڭغا ،ھۇيت خان بالام بۇ ياققا كىرسىلە سىلىگە گىپىم بار، دەپ ئىچكىرى ئويگە چاقىرىپتۇ ،قىز قوقۇمسىراپ يىگىتكە قارىسا كىرىۋىرىڭ دەپ ئىشرەت قىپتۇ ،قىز كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئانىسى ،دادا بالا ئىككىسىنى سىرىتقا چىقىپ تەيارللىقلارنى قىلغاچ تۇرسىلا دەپ چىقىرۋېتىپ قىزغا مۇنداق دەپتۇ .
ئالدىراپ خوشال بولمىسىلا مىنىڭ شۇ بىر تاللا ئوغلۇم بار ،مەن ئەسلى  ئوغلۇمنى ئۇزىمىز بىلەن تەڭ كەلگىدەك ،ئۇيىگە بارساق قوشلاپ كۆرپە سېلىپ قارشى ئالغىدەك يەردىن ئويلىمەكچى ئىدىم ،بىراق سىلە بېشىنى ئايلاندۇرۇپ بوپلا ،ئامال يوق بۇ ئويگە كېلىن بولماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس ،بىز چوڭ تۇي قىلىپ بەرگەن بىلەنمۇ ،بىزگە تەڭ قايتۇرغىدەك سىلىنىڭ ھىچنىمىلىرى يوخكەن ،شۇڭا ئۇرۇق-تۇقانلارنى چاقىرىپلا نىكاھىڭلارنى ئۇقۇپ قۇيايلى ،ئەمما ئوزلىرىنى بىلىپ يۇرىيلا ،مەن دىگەن گەپلەرنى بالامغا دىگۇچى بولمىسىلا ،بولمايدىغان بولسا بۇ ئۆيدە تۇرىمەن دەپ ئۇيلىمىسىلا دەپتۇ ،قىز بۇ ئايالنىڭ تەرىدىن  بۇنچىلىك دەيدۇ دەپ ئويلىمىغاچقا ،خوشاللىقتىن يىغلاپ تۇرۇپ رەخمەت ئېيتىپتۇ ،ئانا سىزنىڭ دىگىنىڭزچە بولسۇن دىيىشىگە ،ھۇيت خان بۇ دىگەنڭۋاغۇ  قەشقەر ،سىلىنڭ ئېلخولىرى ئەمەس چوڭلارنى سىز دىمەيلا ،مۇنداق سىلە ئوزلىرى ماقۇل ئانا دەيلا، بۇنىمۇ مەن ئۇگۇتۇپ يۇرەمدىم ئەمدى ؟ماڭسىلا ھە ئوينى تازلىسىلا گەپ تۇگىدى ،قالغىنىنى كىيىن كۇرەرمىز دىگىنىچە چىقىپ كەتتى .
قىز ئېغىر بىر تىنىۋالغاندىن كىيىن ،ئوي تازلاشقا چۇشۇپ كەتتى، قىز كچىك بولسىمۇ غۇلجىنىڭ ئادىتى بۇيچە ھەممە يەرنى پاك-پاكىز تازلاپ ،كىرلەرنى يۇياي دەپ تۇرسا دادىسى بىلەن يىگىتمۇ كىرىپ كەلدى .
  شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنڭ تۇيى ئادى-ساددا بولسىمۇ ،خېلى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بوپتۇ ،كېلىن بىلەن قېيىنئانىمۇ ئانچە-مۇنچە قىيدىشىپ دىگەندەك 5-6 ئاينى ئوتكۇزۈپتۇ .
بىر كۇنى كېلىن چاي تەيارلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بېشى قايغاندەك بۇلۇپ ،ئۈزىنى ئوڭشاپ بولغىچە يىقىلىپ چۇشۇپتۇ ،بۇنى كۆرگەن ئوغۇل جىدىلىشىپ ،ئايالىنى يولىگىلى كەلسە ،ئانىسى قاش-قاپاقلىرىنى سوزۇپ ،ھە غۇجام بالام ،ھىچ ئىش چايلىرىنى ئېچىپ دوكانغا ماڭسىلا ،خۇتۇنلىرىغىچۇ مەن بار دەپتۇ تەنە بىلەن .
ئوغلىمۇ ئاچىقىدا چېيىنىمۇ ئىچمەي ئىشىغا كىتىپتۇ ،بىراق دۇكانغا كىلىپ قارىسا، ئۆيدە بىر نەرسىسى ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىكەن .
بارايمۇ-بارمايمۇ دەپ ئىكىلىنىپ ئولتۇرسا ،تۇيۇقسىز يۇرىگىى بىرەر ئىش بۇلىدىغاندەك  ئېغىپ كىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بۇلالماي ئۆيگە قاراپ يول ئاپتۇ .
  ئوغلى كەتكەندىن كىيىن ،ئانىسى كېلىنىنىڭ يېنىغا كىلىپ ، ھە خان  ئارانلا تۇرۈپتىكەنلا ئە نەدىكىن دەپ ؟ نەچچە ئاي بۇلا-بولمايلا قۇساققا ئۇندۇرۇپ بوپتۇققۇ؟ ئەڭ ياخشىسى، ما باشقىلار بىلمەستە ئاۋۇ ھاراملىقنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسىلە ،ئەلىرىگە ھەرگىز دىگۇچى بولمىسىلا ،بولمايدىغان بولسا مەندىن  كۆرىدىغانلىرى بار دەپ شۇنداق قارىسا ،ئوغلى مىختەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ،ئەلپازىدىن قارىغاندا گەپنىڭ ھەمىمىسىنى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى ،بۇنى كۆرگەن ئانىسى ئالا-سېرىق بۇلۇپ ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ.
  ئوغلىمۇ ئۇشۇق گەپ قىلماي ئايالىنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ،تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن مەلۇم بۇلىشىچە ئايالى ھامىلداركەن ،بىراق قىز بەق كىچىك بولغاچقا دىققەت قىلمىسا خەتەرلىك ئىكەن ،بۇنى ئاڭلاپ ئوغلى دادا بۇلۇشنىڭ شېرىن خىيالىدا ئۆيدە بۇلۇنغان گەپلەرنى ئۇنتۇپ بۇ خوش-خەۋەرنى ئويدىكىلەرگە يەتكۇزۇشكە ئالدىراپتۇ .
  بىراق ئانىسى نىمە خىيالدا ؟بۇنى ئويلاپمۇ باقماپتۇ ، ئەمىلىيەتتە ئانىسى بەزى ئالامەتلەردىن  كىلىنىنىڭ بۇيىدا قالغانلىغىنى ئاللاقاچان بىلگەن بۇلۇپ ،قانداق قىلسا قۇساقتىكى بالىنى بىر تەرەپ قىلىپ، كىلىنىنى يولغا سېلىشنىڭ چارە-ئاماللىرىنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن ،بۇگۇن ئوغلى كىلىپ قالمىغان بولسا قىزنى ئالداپ ئاپىرىپ بالىسىنى ئالدۇرۋىتىشىنىمۇ ئويلۇشۇپ قۇيۇپتىكەن.
بىراق ئەمدى ئىش ئاشكارە بولدى ،قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئولتۇرغاندا داداىسى كەپتۇ ،ئانىسى بولغان ئىشلارنى ۋە  ئوزنىڭ ئويلىغانلىرىنى داداسىغا سوزلەپ ئولتۇرغانىنىڭ ئۇستىگە ئوغلىمۇ كىلىپ قاپتۇ .
   باياتىن بىرى سۇكۇتتە ئولتۇرغان دادا ئوغلىنى كۇرۇپ سىرىتقا مېڭىپتۇ ،ھەم ئوغلىنىمۇ سېرىتقا شەرەتلەپتۇ . بۇنىڭدىن بىر ئىشنى پەملىگەن ئوغۇل داداسى بىلەن سېرىتقا چىقىپ نىمىش بولغانلىغىنى سوراپتۇ .
   دادىسى بالام ئەسلى دىمەي دىگەنتىم ،ئۇزەڭمۇ بىلىسەن ئاناڭنىڭ مىجەزىنى ،ئۇنىڭ گېپىدىن قارىغاندا نەۋرىلىك بولغىسى يوخكەن ،بىزمۇ كەچكىچە ئويدە بۇلالمايمىز ،ئەڭ ياخشىسى خاتىرجەم ئۇتەي دىسەڭ ،ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتىڭلار،يىتىشەلمىگەن يەرگە مەنمۇ قاراپ تۇرماسمەن بولمىسا ئاناڭ شەيتاننىڭ كەيىنىگە كىرىپ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويمىسۇى يەنە دەپ مەسلىھەت ساپتۇ .
  ئەمىلىيەتتە ئوغلىمۇ خېلى بۇرۇنلا شۇنداق ئويغا كەلگەن بولسىمۇ ،باشقىلارنىڭ سوز-چوچەك قىلىشىدىن قورقۇپ ئاغزىدىن چىقىرالماپتىكەن .
   بۇ گەپ قېرى كالىغا پىچاق خوشياققاندەك خوپ كەپتۇ ،ئۇلار ئۆيگىمۇ كىرمەي ، بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەتمۇ سالماي ،ئۆي ئىزدەشكە باشلاپتۇ .
ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ،ئادەم ئولتۇرغىدەك قىلىپ قۇيۇپ ،ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئايالىلرىغا  چۇشەندۇرۇپتۇ ،ئانىسى بىر دەم چالۋاقاپ ،ئەگەر كۇچۇپ چىقىپ كەتسەڭ ئۆيدىن يىڭنە چاغلىق نەرسە بەرمەيمەن دەپ قوقاق سېلىپ بېقىپتۇ ،بۇمۇ كار قىلمىغاندىن كىيىن كۆنمەيمۇ نىمە ئامال ؟ قۇشۇلۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆي ئايرىپ چىقىنىغىمۇ بىر نەچچە ئايلار بوپتۇ ،تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆيىنىمۇ تىنىمەي مىھمان باشلىغىدەك قىلىۋاپتۇ ،ئايالىمۇ ۋاختى-سائىتى تۇشۇپ چىرايلىق قىزدىن بىزنى يەڭگىپتۇ ،ئانىسى بولسا كۆرگەنلا ئادەمگە بېقىپ چوڭ قىلىپ قۇيسام ،خۇتۇنىنىڭ كەيىنىگە كىرىپ مىنى تاشلىۋەتتى ، شۇنىڭغا چۇشلۇق ئوغۇل تۇغامدىكىن؟ دىسەم  ئۈزىگە ئوخشاش جادىگەردىن بىرنى تۇغۇپتۇ دەپ دات ئېيتىپ يۇرىۋېرىپتۇ ،بۇ ئەر-ئاياللارمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ چىرايلىق ئانا-دادا دەپ ھورمەتلەپ ئۇتىۋېرىپتۇ .
   ئەپسۇس بۇ بەخىتلىك كۇنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ، بالىسى ئەمدىلەتىن ئومىلگىدەك بولغاندا بۇ قىزنىڭ يەنە بۇيىدا قاپتۇ ،يولدىشىمۇ يەنە بىر ئوغۇللۇق بۇلۇش خىيالىدا ،كۆرگەنلا ئادەمگە خوشالىقىنى باسالماي ئۈزىنىڭ يەنە  دادا بۇىدىغانلىغىنى سوزلەپ يۇردى .
    ئانىسىنىڭ سوز-چۆچەكلىرى بۇلارنىڭ قۇلىغىغا يەتكەندەك، بۇلارنىڭ خوشاللىقىمۇ ئانىسىنىڭ قۇلىغىغا يىتىپتۇ ،ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئاجىراشتۇرۇشنى ئويلاپ يۇرگەن ئانىغا بۇ ئىش بەك ئېغىر كەپتۇ دە، كوڭلىگە يەنە قانداق شۇملۇقلارنى پۇكۇپ ئۇلارنى ئالداپ-سىلاپ ئەكىلۋېلىشنىڭ كۇيىغا چۇشۇپتۇ.
ئارىغا نەچچە ئادەم سېلىپ ، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالىدۇ ،ئۆيگە يېنىپ كەلسە مەن بېقىشىپ بىرىمەن دەپ ،تۇلا دۇئايى -سالام يوللاپ ،ئۆي-ۋاقىنى كۇچۇرۇپ ئەكەلدۇرۇپتۇ.
  ئەممە ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قاپتۇ ،كېلىنمۇ قۇچاقتىكى بالىسى كىچىك بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۈزىمۇ ئىككى قات ئۇينىڭ ئىشىغا بۇرۇنقىدەك قارىشالماي قاپتۇ ،ئانىسىغا بۇ باھانە بولۇپ بىرىپتۇ ،ھە دىگەندە تىل سېلىپ تىللايدىغان ،تېخى بەزىدە ئارلاپ قولمۇ سالىدىغان بۇلىۋاپتۇ ،قىزمۇ بۇنى يولدىشىغا دەي دىسە ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويماي دەپ ئۇنىنى چىقارماي يۇرىۋىرىپتۇ.
كېلىنىنڭ  تۇمۇرىنى تۇتىۋالغان ئانا تېخىممۇ ئەزۋەيلەپ يوق يەرلەردىن چاتاق چىقىرىپ جىدەلنى ئاۋۇتقىلى تۇرۇپتۇ.،ئوغلى بىچارە بولسا جىقراق پۇل تېپىپ ،ئانىسىنىڭ ئاغزىنى بېسىش ئۇچۇن، ئەتىگەن تۇرۇپ ،كەچ يېتىپ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كىتىپتۇ.
  بۇگۇنمۇ يەنە ئانىسى سول يېنىنى بېسىپ قوپقانمۇ قانداق ؟ ئەتىگەندىلا ئاچىقلاپلا قاپتۇ ،ئوغلىنىڭمۇ كوڭلى يېرىم ئىشقا مېڭىپتۇ ،  ئىشقا بېرىپتۇ يۇ قۇلى ئىشقا بارماپتۇ ،نىمىشقىدۇر كوڭلى ئېغىپلا تۇرىدىكەن .
ئۇ ئايالىدىن خاتىرجەم بۇلالماي ،ئۆيگە بېرىپ كەلمەكچى بۇلۇپ يولغا چىقتى.
    ئۇ كەلگەندە ئانىسى ھە دەپ كىلىنىنى چېچىنىدىن تۇتۇپ تالاغا سورەۋاتاتتى ،بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .
ئانىسىنىڭ قۇلىنى ئايالىنىڭ چېچىدىن ئاجىراتقاندىن كىيىن نىمش بولغانلىغىنى سوراپتۇ  .
    ئەسلى ئايالى ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ قاچىلىرىنى يۇيىۋاتقان ئىكەن ، كىچىك قىزى ئومىلەپ كىلىپ  چىنىلەرنى ئورىۋىتىپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئانىسى قىزىنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ ،ئايالى بالىسىغا چىدىماي ئانا نىماندا قىلىلا ؟ئۇ تېخى كىچىك تۇرسا ئۇرغانىنى نىمە بىلىدۇ ؟چېقىلىپ كەتسە دادىسى كەلگەندە يېڭىنى ئېلىپ بەرسە بولمىدىمۇ ؟دىيىشىگىلا ئۇلگۇرتۇپ ،ئانىسى تىللاپ كىتىپتۇ .
    ھە نىمە دەيسەن بۇزۇق ؟  بالاڭنى ئانچىكى ئەدەپلەپ قويسام چىدىمايۋاتامسەن ؟چىدىمىغان بولساڭچۇ يول ئۇچۇق ،سىنىڭ پۇلۇڭ جىق بولغاندىن كىيىن .ما كۇچۇگىنى ئېلىپ بۇ ئويدىن يۇقال،سەنچۇ (تېپىلماسىنىڭ خورمىسى ،پىتىر نانىڭ شورپىسى ئەمەس )
  مەن ئوغلۇمغا (چاقىرسا ئېتى بار ،تۇتسا سېپى بار )يەردىن چىكىپ تۇرۇپ قىز ئېلىپ بىرىمەن دەپتۇ .
بۇ سېسىق گەپلەرگە چىدىمىغان كىلىن ،مەنمۇ تۇيدۇم بۇنداق ئۇيدىن دىيىشىگە ،ھېلىمۇ تۇيمىدىڭ قەلەندەر ،بارار-تۇرار جايىڭ بولمىغاچقا ،ئوغلۇمنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ تېگىۋالدىڭ ،بۇنى ئاز دەپ تاس قالدىڭ ئانا- بالىلىقتىن كەچتۇرۋەتكىلى،گەپ قىلمىسام تېخى ماڭا گەپ ياندۇرغىدەك بولدىڭما ؟چىقە ما ئۆيدە ئاناڭنىڭ ھەقىقى بولمىغاندىكىن، دەپ تالاغا سۆرىشى ئوغلىنىڭ كىلىشىگە تۇغرا كىلىپ قاپتۇ.
      ئانىسىغا  بىر نەرسە دەي دىسە تىلى بارمايدىكەن ،ئايالىغا بىر نەرسە دەي دىسە ئۇنىڭدا ھىچ گۇناھ يوق. نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئايالىنىڭ قۇلىدىن يىتىلگىنىچە تالاغا قاراپ مېڭىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن ئانىسى  ئاچىققتىن يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قاپتۇدە  ،ئوغلىنىمۇ قۇشۇپ ھايداپ چىقىرىپتۇ.
   ئايالىڭغا چىدىمىغان بولساڭ سەنمۇ يۇقال ،بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسام،  يات بىر قانجۇقنى دەپ مەندىن كىچىۋاتامسەن؟ مىنىڭ ساڭا كىرىگىم بولمىغاندىكىن ،سېنىڭمۇ ماڭا كىرىگىڭ يوق ،ئىشىكتىن چىقىپ كەتسەڭلا قايتىپ كەلگۇچى بولما دەپ،دۇلىسىدىن ئىتىرىپ دىگىدەك تالاغا چىقىرىپ ئىشىكنى جاققىدە يېپىپ كىرىپ كىتپتۇ .  
     ئەلەمگە چىدىمىغان ئوغۇل ،بىر قۇلىدا ئايالىنى يىتىلەپ ،بىر قۇلىدا بالىسىنى كۆتۇرۇپ ئىزدەپ يۇرۇپ بىر ئۆينى تېپىپ ،ئايالىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ،ئازراق پۇل تېپىپ كىلەي دەپ چىقىپ كىتىپتۇ.
      ئايالى ساخلا-ساخلا  كەلمىگەندىن كىيىن ،بەلكىم كوڭلى يېرىم بولغاچقا ،دوستلىرى بىلەن بىر دەم ئولتۇرۇپ قالغان بولسا  كەچرەك كىلىپ قالار دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ،بىر چاغدا قىزنىڭ ئاچچىق يىغىسىدىن ئويغۇنۇپ قارىسا يولدىشى يەنە كەلمىگەن ،چىقىپ ئىزدەپ باقاي دىسە نەدىن ئىزدەشنىمۇ بىلمەيدىككەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئاۋايلاپ كۇتۇرۇپ ،بىر چاغلاردا ئۇزىنى باشلاپ بارغان دۇستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقماقچى بۇلۇپ يولغا چىقىپتۇ.
    ئىشىك ئالدىغا كىلەي دىگەندە ،ئاغىنىسى ئالدىغا ئۇچىراپتۇۋە ھەيران قالغاندەك قاراپ ،ئەتىگەندەلا كىلىپ قاپسىزغۇ؟ ئۇچۇ ؟ئۇ كەلمەپتىغۇ دەپ سوراپتۇ ،دوستىنىڭ بۇ سوزىدىن يولدىشىنىڭ  بۇ يەردە يوقلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپتۇدە ،ئۇزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كىتىپتۇ .
   ئاغىنىسى بۇ ئايالنىڭ يىغىسىدىن بىر نىمىنى چۇشەنگەندەك بۇلۇپ ،سىز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ،مەن چىقىپ ئىزدەپ باقاي دەپتۇ .
   شۇنداق قىلماقتىنمۇ باشقا نىمە ئامال ؟ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ ،ئۇزاققا قالمايلا ئاغىنىسىنىڭ ئوڭسۇلى يوق كىرىپ كەپتۇ .
    راستنى دىسەم ئۇ تونوگۇن پۇل سوراپ بىزنىڭكىگە كەپتىكەن ،خېلى جىق پۇلنىڭ گىپىنى قىلدى، مەندىمۇ ئۇنچىلىك  كۆپ  پۇل بولمىغاچقا  ئىككى كۇن ساخلاپ تۇر ،مەن ئامال قىلىپ باقاي دىسەم ،يەنە ساخلىيالمايمەن  ھېلىمۇ ئايالىم بىلەن بالام ئاچ قۇرساق ئۇيدە قالدى،مەن تىزدىن پۇل تېپىپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتمىسام ئۇلارنى قىيناپ قۇيىمەن ،بولدى سەنمۇ خىجىل بولما ،مەن باشقا يەردىن ئامالىنى قىلىپ باقاي دەپ كەتكەن .
بىز ئەر-ئايال ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ،بىرەر يەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقاي دەپ ماڭسام شىز ئۇچۇردىڭىز .
  مەن ئىزدە باقاي دەپ  سىرىتقا چىقسام  ، ھەممە بالىلارنىڭ ئەغزىدا يولدىشىڭىزنىڭ گىپى ،ئاڭلىشىمچە  ئۇ ئاخشام يەنە بىر دوستىمىزنى ئىزدەپ بېرىپتىكەن ،ئۇ دوستىمىز ئانچە دۇرۇس ئەمەس ئىدى .
ئۇنى ئىزدەپ بىر قىمارخانىغا بېرىپتۇ ،سالاپ ئولتۇرۇپ زىرىكىپ ئەل-ئومرىدە ھاراق  ئىچىپ باقمىغان ئادەم ،ئاچچىقىدا جىق ئىچىۋاپتۇ .
     ساۋۇتنىڭ پۇل ئۇتىۋالغىنىنى كۇرۇپ ،مەنمۇ ئۇينايمەن دەپ دوسلارنىڭ تۇسقىنىغا قارىماي قىمار ئويناپتۇ ،بىر دەمدىن كىيىن ساخچىلار كىلىپ ھەمىسىنى تۇتۇپ كىتىپتۇ ،بۇنى ئاڭلاپ سىزگە دەپ قۇيۇش ئۇچۇن يېنىپ كىردىم ،خالىسىڭىز ساخچىخانىغا بېرىپ سۇرۇشتۇرۇپ باقايلى دەپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئەغىنىسىگە ئەگىشىپ ساخچىخانىغا بېرىپتۇ ،لىكىن ساخچىلار ھازىر كۇرۇشكىلى بولمايدۇ ،بىز تەكشۇرۇپ دىلۇ تۇرغىزىمىز ،كىسىم  كىسىپ بولغاندىن كىيىن ،كۇرۇشەلەيسىلەر دەپ يولغا ساپتۇ.
    ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ئېرىنىڭ ئۇىگە بارالمايدۇ ،ئانىسىنىڭ قېشىغا ھەم شۇنداق ،بىرەر يەردە ئىشلەي دىسە قۇچاقتا بالىسى بار ئايالنى كىممۇ ئىشلىتىدۇ ؟ئىشلىمىسە نىمە يەپ ؟نىمە كىيىدۇ ؟قۇچاقتىكى بالىچۇ ؟  دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇراي دىسە ئۇلارنىڭ كۇنىمۇ ئۇتتۇرلۇق ،ھەم خەقنىڭ ئۆيىدە ئۇزاق تۇرغىلى بولمايدۇدە.
ئويلا-ئويلا ئاخرى بېشى قايغان ،پۇتى تايغان تەرەپكە كەتمەكچى بۇلۇپ ،ئاپىسىنىڭ ئۆيىدىن سېلىپ كەلگەن ھالقىسىنى سېتىپ كىرا قىلىپ ،بۇ يەرگە كەلگەندە پۇل تۇگەپتۇ  ،قاندەق قىلىشنى بىلەلمەي ئايلىنىپ يۇرۇپ بۇ باققال ئايالغا ئۇچىراپ قاپتۇ .
  شۇنىڭ بىلەن خىيالىدا بالامنى ياخشى نىيەتلىك كىشلەرگە باققىلى بېرىپ ،قۇساقتىكى بالا تۇغۇلغىچە ئىشلەپ ئازراق پۇلنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ يۇرتۇمغا كىتىمەن دىگەن مەقسەتتە بۇ ئۆيگە كىلىشىم ،بولسا مۇشۇ قىزىمنى بېقىۋالغان بولساڭلار ،بالام بولسىمۇ ياخشىراق كۇن كۆرسە مەن رازى دەپ مىڭ يەردەىن تۇكۇلۇپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
    باققال ئايالنىڭمۇ باشقا سىڭىللىرمۇ كىلىپ بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئىكەن ،ئۇلارمۇ تەڭ يىغلاپ قاپاقلىرى ئىشىپ كىتىپتۇ .\
  بوۋاقنى كىم بېقىش توغرىسىدا تالاش -تارتىش باشلىنىپتۇ، ئاخىرى ئۇلار  يولداشلىرى كەلگەندە مەسلىھەتلىشىپ جاۋاپ بىرىدىغان ،ئاڭغىچە بۇ ئايال مۇشۇ ئۇيدە تۇرۇپ تۇرىدىغان بۇلۇپ كىلىشىپتۇ .
      ئەتىسى توت قىز ،توت كۇيئوغۇللار  چوڭ ئۆيگە  جەم بۇلۇپ دادىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپتۇ ، شۇ ئەسنادا قىز بوۋاق يىغلاپ ھىچكىمگە ئۇنىماي بىر ئۇي كىشلىرىنى تازا پاراكەندە قىپتۇ ،بوۋاقنى ئۇ كۇتۇرۇپ ،بۇ كۇتۇرۇپ ئاخىرى 3-قىزنىڭ يولدىشى قۇچىقىغا ئالسا يىغىسى تۇختاپتۇ .
   بالىنى كۆتۇرۇپ تۇرغان ئادەممۇ  بۇنى كۆرۇپ بالىغا باشقىچە ئامراق بۇلۇپ قاپتۇ .
دادىسىمۇ قايتا-قايتا ئۇيلۇنۇپ بالىنى قىزىم ئايمنىسا باقسۇن ،قالغنڭلارنىڭ  3-4 تىن باللىرىڭلار بار ،بۇ قىزمنى بولسا بىرلا ئوغۇل ،بۇ قىز بىلەن بىروغۇل -بىر قىزى بۇلىدىكەن دەپتۇ ،قالغانلارمۇ قۇشۇلۇپتۇ بىراق ئايىمنىسا دىگەن قىزى قۇشۇلماپتۇ  ،يولدىشى باقىمەن دەپ ئايالى باقمايمەن دەپ يۇرۇپ دادىسىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ قىزنى باقىدىغان بۇلۇپ كىلىشىپتۇ.
            ئۇ ئايال قىزى بۇ ئۆيدىكىلەرگە كۇنۇپ بولغىچە، بىر ھەپتە بۇلارنىڭ ئۇيىدە تۇرۇپ ،شۇ مەھەلىدىكى بىر سودىگەر ئايال  بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ .  ئۇ ئايال كىتىدىغان چاغدا مۇنداق ھوججەت قالدۇرغان ئىككەن .
                                           ھۆججەت
       ھۆججەت مەزمۇنى :  مەنكى نۇرىگۇل  بىر يېرىم ياشلىق قىزىم چىمەنگۇلنى، ئاقسۇ  ۋىلايەتلىك كوناشاھەر ناھىيە  يىنىك سودا- سانائەت       ئىدارىسىدىكى  تۇرسۇن قادىرىغا بىر كۆينەكلىك شىپىڭ تاۋار ،50 يۇئەن نەق پۇلغا ساتتىم .
  ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ  دەۋا -دەستۇرۇم يوق ،ئەگەر بالىنىڭ دادىسى ياكى مەن ئەرىز قىلسام بالىنىڭ بارىلىق چىقىملىرىنى  ئۇسۇمى بىلەن تۇلەيمەن .
دەپ ھۆججەت بەرگۇچى :نۇرىگۇل
      
       باققۇچى : تۇرسۇن قادىر ،ئايمنىسا مامۇۇت
  گۇۋاچىلار :   ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايال قىزىنى ، يەنى مىنى  باشقىلارغا بېرىپ ،ئۇزى قۇساقتىكى بالىسى بىلەن يۇرتۇمغا بارىمەن دەپ كىتىپتىكەن .
        مىنى باقىمەن دەپ ئارزۇلاپ باققان دادام مەن 3 ياشقا كىرگەن يىلى ئاشقازان راكى بىلەن تۇگەپ كىتىپتۇ .
  مەن باققان دادامنىڭ چىرايىنىمۇ ئەسىيەلمەيمەن، بىراق باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مىنى باققان كۇندىن باشلاپ تاكى سەكىراتقا چۇشۇپ قالغىچە  مۇرىسىدىن  چۇشۇرمەي كۇتۇرۇپ بېقىپتىكەن ،بىراق رەھىمسىز كاج تەقدىر مىنى بۇ دادمدىنمۇ ئايرىدى .مەن يەنە يىتىملىك كۇچىسىغا تاشلاندىم .
    رھمەتلىك دادام بىر نەرسىنى چۇشەنگەن چېغى تۇگەپ كىتىدىغان چاغدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ .
    ( مەن ئۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئايالىم باشقا تۇي قىلسا ئۇي بىساتىم قىزىمغا قالىدۇ ،تۇي قىلماي بالىنى باقسا ئايالىمغا قالىدۇ )
     شۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ كۇچى بىلەن مەن شۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالدىم ،بىراق كۆرمىگەنى كۆردۇم .
   لىكىن مەن بۇنى 10 ياشقا كىرگەندە  ئاپامغا بىر ماتىريال ئىزدىشىپ بىرىۋېتىپ  بۇ ھۆججەتنى تاساددىبى كۇرۇپ قالدىم .
  ئەتىسى ھۆججەتنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئەينەن كۇچۇرۇپ ،بىر تۇقىنىمىزغا كۆرسەتتىم ،شۇ چاغدىلا مەن ئىشنىڭ ھەقىقى جەريانىدىن خەۋەر تاپتىم .
    مىنىڭ ھازىرقى ئىسمىم چىمەنگۇل ئەمەس ،بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئاپام تۇنۇشۇپ قالغان دوستىدىن سۇرۇشتۇرۇپ مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ،مىنى باققانلارمۇ ئۇينى سېتىۋىتىپ باشقا يەرگە كۇچۇپ كىتىپتۇ ،ھەم مىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ.
    مەن 12 ياشقا كىرگەن يىلى ،ئۆز داداممۇ ياكى ئاپامنىڭ ئىنىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئەر ئىزدەپ كىلىپ ،قېرىشقاندەك مىنى باققان ئاكامغا ئۇچىراپ قاپتۇ ،ئۇزىنى ئۇ ئايالنىڭ ئىنىسى دەپ تۇنۇشتۇرۇپتۇ ،ئاكام ئۇنداق بىرسىنى تۇنىمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ .
          مىنىڭ ئاڭلىشىمچە مىنىڭ ئاپا غۇلجىدا سودىگەرلىك قىلارمىش ،ئەمما دادام تۇغۇرلۇق ھىچكىم بىلمەيدىكەن .
        مەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن 15 ياشتا تۇي قىلىپ غۇلجىغا كەلدىم ،ئاپامنى ئىزدەپ رادىئو ئۇزۇلىغا خەۋەرمۇ بەردىم، دىرىگى بولمىدى.  سودىگەرلەردىن سۇرۇشتۇرۇپ كۆردۇم ئۇلارمۇ تۇنىمايمىز دىيىشتى.
         بەلكىم ئۇلار باشقا توي  قىلغاندۇ ،ياكى ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندۇ .
لىكىن دادامنى ئىزدەي دىسەم قەشقەرلىك ئىكەنلىگىدىن باشقا ،قەشقەرنىڭ نەرىدىن ؟نىمىش قىلىدۇ؟ ئىسمى نىمە؟  ھىچنىمىدىن خەۋەرسىزمەن . دادا-ئاپا سىلەر نەدە ؟مەن سىلەرگە ھەرگىز ئېغىرىمنى سالمايمەن، پەقەت ئۇ دۇنياغا بارغاندا  ئاتا-ئاناڭ كىم ؟دەپ سورىسا  جاۋاپ بىرەلمەي قالماي ،بۇ ئالەمدە مىنى تۇنىماس بۇلىۋالساڭلارمۇ ئۇ ئالەمدە شەرمىسار بولماڭلار .
       ئەزىز تورداشلار بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر ،خاپا بولماي ئەتىراپىڭلاردىكىلەردىن سۇرۇشتۇرۇپ باقارسىلەر . بۇ ھىكايىدىكىلەرنى تۇنۇيدىغانلار ،ياكى ئاڭلىغانلار بولسا ماڭا خەۋەر قىلىپ قۇيۇشنى ئۇنتىماڭلار رەخمەت سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

مەنبە :ئۆزۈم

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 06:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(1670154432) نىڭ تېمىسىغا

سىلەردىن سەمىمى كەچۇرۇم سورايمەن ،سىلەرنى ساخلىتىپ قۇيدوم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55056
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2131 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 06:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى نەدىن تاپامەن

شۇكرى اللا

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2380
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3594
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 06:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ تىمىنى باش قىسمى بىلەن بىرىكتۈرۈپ قويسا بۇپتىكەن.

ئاھ خۇدا نىم دېگەن ئېچىنىشلىق.ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارغا بىرىش ئاسانمۇ؟تەقدىر-قىسمەتدېگەن ئاجايىپ بۇلدىكەن.
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،ئادەم ھايات بولسا چۇقۇم كۆرشىدۇ.سىزمۇ چۇقۇم ئاپىڭىز بىلەن يۈز كۆرشىسىز قەيسەر بۇلۇپ ئىزدەشنى توختاتماڭ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17904
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 06:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر قىسمەتلەر كېلىدۇ-ھە؟

لېكىن سىڭلىم، مېنىڭچە سىز تىرىشچانلىقىڭىزنى توختىتىپ قويماڭ.
ھەممىگە قادىر ئاللاھ، سىزنىڭ ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشەلىشىڭىزنى
نېسىپ ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ھەر ۋاقىت ئاللاھقا چىن دىلىڭىزدىن
سېغىنىپ تىلەشنى ئۇنتۇماڭ.  مېنىڭچە، تورداشلارمۇ ياردىمىنى
ئايىمايدۇ.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 06:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(manapxa) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مۇشۇ تېما يوللانغان قۇرنىڭ تىگىگە قارىسىڭىز تاپىسىز.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 07:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(Qapaqhenim) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

رەخمەت ھەدە ،چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 07:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(fatima) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

رەخمەت ،چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن .

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 08:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 08:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش