ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 39قەۋەت xadman0997 كە 2011-10-27 04:38 PMئەۋەتىلدى :
مىنىڭ ئايالىم يوق ....لىكىن ئاياللارنى بەزىدە ئۇرۇپ تۇرمىسا بولمامدىكىىن دەپ قارايمەن . 
ئاغىنە ، ئوخشاشلا تۇرمۇش قۇرماپتىمىز ، ئىددىيمىزدىن ‹‹ خۇتۇننى ئۇرۇش ›› دېگەن قاراشنى چىقرىۋېتەيلى !
ئىمزايىڭىزدىكى ‹‹ ئەخلاق ›› سۆزىگە لايىق گەپ قىلسىڭىزچۇ ؟ ئاجىزەلەرنى خورلاش ،
زۇلۇم قىلىش مەيلى دىنىمىز ياكى ئەخلاق نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ئېغىر گۇناھ ، چاكنا قىلمىش .
ئويلىنىپ باقايلى ! ئاللاھنىڭ ئېرادىسى ، ئاتا ـ ئاننىڭ رازىلقى ، ئېھتىياج ـ مۇھتاجلىق
تۈپەيلى كىشى بىزگە نەچچە يىل كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ باققان قىزنى بەردى .
بىز خالىغانچە يوق ئىشلارغا زولۇم قىلىپ ئۇلارنى ئازابلىساق ، بۇنداق
ئائىلدە بەرىكەت ، مېھىر ـ مۇھەببەت ، ھايا ، ھۆرمەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلارمۇ ؟
‹‹ ئايال كىشى ئەگرى قۇۋرىغىدۇر ، تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرۇپ قۇيىسەن ! لىكىن
ئۆز پېتىچە پايدىلانساڭ ، ياخشى گەپ بىلەن ئۇنىڭغا قۇلۇڭغا ، چاكرىڭغا
ئايلاندۇرالايسەن ›› !
يەنە ئويلىنىپ باقايلى ! بىز قىز پەرزەنىتلىك بولدۇق دەيلى ؟ بىر كۈنلەردە يۈرەك
پارىمىز تاياقچى بىرنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ خورلانسا يۈرىكىمىز ئېچىشماسمۇ ؟
بۇ ئۆتنە جاھان ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدە قالمايدۇ .
كەچكۇچە جىدەل ماجرا قۇرۇمايدىغان ئۆيدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنىتلەر
قانداق بولماقچى ؟
بىر قېتىم ئاچامنى ئېرى ئۇرۇپتىكەن ، خېلى قاتتىق ئۇرۇپتىكەن ، شۇنچىلىك زەردەم
قاينىدى ، ئۇ دەييۈزگە ئۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويماقچى بولۇپ ماڭدىم .
لېكىن ئاچامنىڭ يالۋۇرۇپ تۇسۇشى بىلەن توختاپ قالدىم .