مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: pazilatlikbol

قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1148
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 10:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە شارايىتغا قاراپ ئىش قىلىسمۇ بولامىكى ..باشقىلارغا گۆش  كىرگۈزۇش دىگەن ساۋاپ ئۇچۈنلا بولسا ئەڭ ياخشىسى كىرگۈزمىگەن ياخشى ساۋاپ يىزىلمايدىغان بولسا نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى ئىش قىلمايدىغان ئوخشايدۇ...

ھەقىقەت پەقەت قىيامەت كۈنىلا مەۋجۇت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40745
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2153
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2987 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:06:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس ، مەن قۇربان ھېيىتنى(بىزنىڭ ھېيىت بايراملىرىمىزنى)  كۆڭلۈمدىلا ئۆتكۈزۋاتقىلى بەش يىلچە بولدى.مۇشۇ كۈلەردە كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ دىسە!

سەن گىلەمگە سانچىلغان يىڭنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس،بەلكى پۇتۇڭنىڭ چىدىماسلىقىدىن ئاغرىنىشىڭ كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21137
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2894
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 3970 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2011-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:14:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ  قۇربانلىق  قوينى  مەسچىتىمىزنىڭ مەزىنى  ياكى  ياشقا چوڭراقلار بوغۇزلاپ بەرسە  ئاندىن سويىمىز ..

مەردان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52433
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 475
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 558 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2011-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 06:11:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21058
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3551
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 2970 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 11:51:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىندىشىم.ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62243
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ قالدىم ،مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ قۇربانلىق بەرگۇچىگە ساۋاپ يېزىلامدۇ ؟يا شۇنى
ئاڭلاپ قالدىم مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ قۇربانلىق بەرگۇچىگە ساۋاپ
يېزىلامدۇ؟يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18877
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 862 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئىسلامدىكى مۇھىم ھۆكۈملەر ،دىگەن بۇ كىتاپ ئۇيغۇرچىمۇ ياكى ئەرەپچە؟ بۇ يەردە تاپقىلى بولامدۇ؟

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1028
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2011-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 02:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز
قۇربانلىق قىلىش يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قىلىنپ كەلگەن بىر ئىبادەتتۇر. مائىدە سۈرىسىنىڭ 27 – ئايىتىدە ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قۇربانلىق قىلغانلىقىنىڭ بايان قىلىنىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئىنسانلار بۇ ئىبادەتنى پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە قىلغاندا ئاللاھقا ئاتاپ، پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلىشىپ دىنغا ئۆزلىرى چاغلاپ شەكىل بېرىشكەن چاغلىرىدا بۇتلىرىغا ياكى ئۆزىلىرى چوڭ بىلىدىغان نەرسە ۋە كىشىلەرگە ئاتاپ قىلىشقان.
دېمەك، قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ تارىخى دەسلەپكى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتى يا ئۇنداق يا مۇنداق بىر شەكىلدە مەۋجۇتتۇر. توغرا يولدىكىلەر ئاللاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدۇ. خاتا يولدىكىلەر ئۆزىلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدۇ ۋە قىلماقتا.
ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرقى كىتابى بولغان قۇرئان كەرىممۇ ئۆز مەنسۇبلىرىنى قۇربانلىق قىلىشقا ئەمر قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلغان ۋە ئۈممىتىدىن كۈچى يەتكەنلەرنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان.
قۇربان (قۇربانلىق) نىڭ مەنىسى
1- «قۇربان» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى:
قۇربان «قربان» سۆزى ئەرەب تىلىدىكى قەرۇبە يەقرۇبۇ «قرب يقرب» پېئىلىنىڭ سۆز تومۇرى بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «يېقىنلاشماق، يېقىن بولماق ۋە يېقىنچىلىق قىلماق» دېگەنلىكتۇر.
(لىسانۇلئەرەب، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغەت، مۇفرەدات ئەلفازىلقۇرئان، ئەسسىھاھ، ئەلقامۇسۇلمۇھىت قاتارلىق لۇغەت كىتابلىرىنىڭ «ق ر ب» بۆلۈمىگە قاراڭ).
ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 28 – ئايىتىدىكى قۇربانەن «قربانا» كەلىمىسى مانا مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
2- «قۇربان» سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى:
قۇربان، ئاللاھ تەئالانى رازى قىلىپ، يېقىنلىقىنى قازىنىش ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلدۇر. ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 183 – ئايىتىدىكى ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 27- ئايىتىدىكى «قۇربان» كەلىمىلىرى مانا بۇ مەنىدە كېلىدۇ.
دېمەك، قۇرئان كەرىمدە 3 يەردە قۇربان كەلىمىسى كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى لۇغەت مەنىسىدە، ئىككىسى ئىستىلاھ مەنىسىدە كېلىدۇ.
«ناماز قۇرباندۇر» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىستىمۇ قۇربان كەلىمىسى ئۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسىدىدۇر- (بۇ ھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
3- ئۇيغۇرچىدىكى قۇربانلىق
ئەرەبچىدىكى قۇربان كەلىمىسى ئۇيغۇرچىغا قۇربانلىق دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچىدا قۇربانلىق دېگەن سۆز قۇربان ھېيتتا ئاللاھ يولىدا مال سويۇش ۋە ئاللاھ يولىدا سويۇلغان ياكى سويۇلىدىغان مال دېگەن مەنىلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ.
دېمەك، قۇربان كەلىمىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى ئومۇمىي مەنىسىنى يوقىتىپ، مەلۇم بىر ئەمەل ۋە مەلۇم بىر نەرسىگىلا ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالەتتە يەرلەشكەن.
قۇرئان كەرىمدىكى نۇسۇك، مەنسەك سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدىكى قۇربانلىق سۆزى ئىپادىلىگەن مەنىلەرنىڭ ئۆز ئەينىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 196- ئايتىدىكى ۋە ئەنئام سۈرىسىنىڭ 162 – ئايىتىدىكى نۇسۇك «نسك» كەلىمىسى، ھەج سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتىدىكى مەنسەك «منسك» كەلىمىسى مانا مۇشۇ مەنىدىدۇر.
4- قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى مەنىسى:
قۇربانلىق قىلىش، ئىقتسادى يار بەرگەن كىشىلەر ھەر يىلى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە زۇلھەججە (12 – ئاي) نىڭ 10 – كۈنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھغا يېقىنىلىشىش مەقسىتىدە ئەنئامدىن يەنى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 – كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ۋە داۋامىدىكى 3 كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق، ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىق قىلىش دېيىلىدۇ.
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى  
قۇربانلىق قىلىش قادىر بولالىغان مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنداقتا رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل. سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام – نىشانى قالمايدۇ»- (كەۋسەر سۈرىسى).
«ئېيتقىنكى: مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»- (ئەنئام سۈرىسى 162 – ۋە 163 – ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇلغان بىر ئىبادەتكە ئەينى زاماندا پۈتۈن ئۈممەتمۇ بۇيرۇلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل ئۈممەتكە پەرز قىلىنغانلىقىغا، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىغا كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ:
«بىز، ھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت تۆت پۇتلۇق ھايۋانلىرىنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھغا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئۇلار «ئاللاھ» دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ئۆتەيدىغان ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
بىز سىلەرگە، قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىسىلەر. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا ھەم ئۆزۈڭلار يەڭلار ھەم ئېھتىياجىنى يوشۇرغان ۋە يوشۇرمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى، شۈكۈر ئېيتقايسىلەر!
ئاللاھقا قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ نە گۆشلىرى يەتمەيدۇ، نە قانلىرى يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنى ئۇلۇغلىغايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» (ھەج سۈرىسى 34 – 37).
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى
ئا- ئاللاھقا يېقىنلىشىش
قۇربانلىق قىلىش، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنداقتا رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل. سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام – نىشانى قالمايدۇ»- (كەۋسەر سۈرىسى).
«ئېيتقىنكى :مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»- (ئەنئام سۈرىسى 162 – ۋە 163 – ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەر قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت بىر ھېكمىتىنىمۇ بايان قىلىدۇ.
ئە- ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىش
يەنى ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھايۋانلاردىن كۈچىمىز يەتكىنىنى ئاللاھ يولىدا سويۇش ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش. ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ ئاخىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«…ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى، شۈكۈر ئېيتقايسىلەر».
ب- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى تىرىلدۈرۈش
يەنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن ئىلاھى ئىمتىھاننى ئەسلەش ۋە ئۇ ھادىسىنى زېھىنلەردە جانلاندۇرۇش. بۇ ئىمتىھاننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرگەن. پەيغەمبەرلەر چۈشىدە بۇيرۇلغاننىمۇ بەجا كەلتۈرۈشى لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشى ھەقتۇر.
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرگە خاس ئىمانى ۋە ئاتىلارغا خاس مېھرى بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا: «ئى ئوماق ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن بۇ ئىشقا قانداق قارايسەن!» دەيدۇ.
ئوغۇل دادىسىغا: «ئى دادىكا! ھېچ ئويلانمىسلا، ئاللاھ ئۆزلىرىگە نېمە ئەمر قىلغان بولسا ئۇنى قىلسىلا! ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچان بالا ئىكەنلىكىمنى كۆرىلا!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن: «دادا- بالا ئىككىيىلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزىدۇ»، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تەئالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ئۇ چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ!» دەپ نىدا قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا ئارقىسىدىنلا: «بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ، ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز ساڭا، ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق» دەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ- (بۇ ۋەقە ساففات سۈرىسىنىڭ 102 – ئايىتىدىن 107 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ).
پ- گۆش يېيىش ۋە يېگۈزۈش
يەنى ھېيت كۈنلىرى ئۆزى ۋە بالا – چاقىلىرى كەڭ – كەڭرى گۆش يېيىش ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە گۆش ھەدىيە قىلىش.
ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ تۆۋەندىكى قىسمى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: «…ئۇلارنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا ھەم ئۆزۈڭلار يەڭلار ھەم ئېھتىياجىنى يوشۇرغان ۋە يوشۇرمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار….«
قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەزىلىتى
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ناھايىتى كۆپ پەزىلەتلىرى بار. بۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىس بايان قىلىپ بېرىدۇ:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەھىر كۈنى (زۇلھججىنىڭ 10- كۈنى) دە ئادەم ئەۋلادى ئاللاھقا، قان تۆكۈشتىنمۇ ياخشىراق بىر ئەمەلنى قىلالمايدۇ. بوغۇزلانغان قۇربانلىق مېلى قىيامەت كۈنى مۈڭگۈز، تۇياق، يۇڭ ۋە تىۋىتلىرى بىلەن كېلىدۇ. قۇربانلىق مېلىنىڭ قېنى يەرگە تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىش مەنزىلىگە يېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قۇربانلىق قىلىپ پاكلىنىڭلار»- (تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
2- زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن «قۇربانلىق قانداق ئەمەل؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ سۈننىتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار يەنە: «ئۇنىڭدا بىز ئۈچۈن قانداق ئەجىر – ساۋابلار بار؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ ھەر تۈكىگە ساۋاب بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار يەنە: «يۇڭىغىچۇ؟» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەر بىر تال يۇڭىغىمۇ ساۋاب بار» دەپ جاۋاب بەرگەن- (ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
قۇبانلىقنىڭ شەرتلىرى
كەۋسەر سۈرىسىنىڭ 2 – ئايىتى ۋە ھەج سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتى قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيسا، ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنىڭ شەرتلىرىنى ۋە قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىنىڭ قانداق قىلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئايەت (نىڭ تەرجىمىسى) مۇنداق:
«بىز سىلەرگە، قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىسىلەر. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا ھەم ئۆزۈڭلار يەڭلار ھەم ئېھتىياجىنى يوشۇرغان ۋە يوشۇرمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى، شۈكۈر ئېيتقايسىلەر!».
بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا ئەلبۇدنە «البدن» دېگەن كەلىمە بار. بۇ كەلىمە بەدەنە «بدنة» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ مەنىسى «گەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئەلبۇدنە كەلىمىسىنىڭ سۈپەت ئىكەنلىكى ۋە بېشىدىكى ئەل «ال» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ گەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن ۋە چىرايلىق ماللار بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
مەزكۇر ئايەتنىڭ «ئۇلارنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا ھەم ئۆزۈڭلار يەڭلار ھەم ئېھتىياجىنى يوشۇرغان ۋە يوشۇرمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمىنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان بارلىق ماللارنى كۆرسىتىشى، ئۇئايەتنىڭ داۋامىدىكى 37 – ئايەتنىڭ باش تەرىپىدە «ئاللاھقا قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ نە گۆشلىرى يەتمەيدۇ، نە قانلىرى يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمىنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىنغان بارلىق ماللارنى كۆرسىتىشى يۇقىرىدىكى مەنانى تەكىتلەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھەدسىلىرى ئەنە شۇ ھەج سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتى بىلەن 36 – ئايىتىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان ھايۋانلارنى بايان قىلىمىز:
1- قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار:
ئا- قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 – ۋە 34- ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى ئەنئام «أنعام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىلا ئىپادىلەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك ۋە توخۇ… قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن قۇربانلىق قىلمىغان.
بۇ ھايۋانلارنىڭ (يەنى ئەنئامنىڭ) ئەركەك، چىشى، ئېرىك (پىچىۋېتىلگەن ياكى سوقۇۋېتىلگەن قوچقار) بولۇشى ئوخشاشتۇر، ھەممىسى قۇربانلىق قىلىشقا يارايدۇ.
ئە- يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماللارنىڭ يېشىغا توشقىنىنى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەنئامنىڭ يېشىغا توشقىنىنى قۇربانلىق قىلىڭلار» دېگەن- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.(
تۆگىنىڭ تۆت ياشنى توشقۇزۇپ بەش ياشقا ماڭغىنى، كالا ۋە قوتازنىڭ ئىككى ياشنى توشقۇزۇپ ئۈچ ياشقا ماڭغىنى، قوينىڭ بىر ياشنى توشقۇزغىلى قوپقىنى، ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى توشقۇزۇپ ئىككى ياشقا ماڭغىنى «يېشىغا توشقان» بولىدۇ. ئايەتتىكى «گەۋدىلىك» كەلىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
2- قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان ھايۋانلار:
قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك ياكى تۈۋىدىن كېسىۋېتىلگەن، مۈڭگۈزى/ مۈڭگۈزلىرى سۇنغان ياكى تۈۋىدىن سۈنۈپ كەتكەن، كېسەل ۋە بەك ئۇرۇق ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «توكۇر، قارىغۇ، بەك ئۇرۇق، كېسەلچان ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا ھەدىسى بار، (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھايۋانلار ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىكى ئەلبۇدنە «گەۋدىلىك ھايۋانلار» دېگەن سۈپەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى
1- قۇربانلىقنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بوغۇزلاش كېرەك. بولمىسا قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن مال بوغۇزلىغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن بوغۇزلىغان بولىدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىن مال بوغۇزلىغان كىشى قۇربانلىق قىلغان بولىدۇ»- (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
قۇربانلىق مالنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بوغۇزلاش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى بىرىنچى كۈن نەھىر (قۇربانلىق كېسىش) كۈنىدۇر. ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كۈنلىرى (تۆتىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە) بوغۇزلاشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تەشرىق كۈنلىرىدىمۇ قۇربانلىق كېسىشكە بولىدۇ» دېگەن- (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ھەدىستىكى «تەشرىق كۈنلىرى» كۆپلۈك بولۇپ، ئەرەبچىدە كۆپلۈك ئاز دېگەندە ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ھەدىستىكى «تەشرىق كۈنلىرى» ئۈچ كۈندۇر. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى نەھىر كۈنى دەپ ئاتىلىپ، تەشرىق كۈنلىرىدىن ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بىلەن بىرلىكتە تۆت كۈن بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ھەدىس، ھەج سۈرىسىنىڭ 28 – ئايىتىدىكى «بىلىنگەن كۈنلەردە» ئىپادىسىدىكى «كۈنلەر» نىڭ تۆت كۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولىدۇ.
قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر
1- بىر قوي قۇربانلىق قىلىش پۈتۈن ئائىلىگە كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۆزى ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى نامىدا بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغانلىقى» رىۋايەت قىلىنىدۇ، (مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد)
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىدىن قۇربانلىق قىلالمىغانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ۋە ئۈممىتى نامىدا مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئېرىكنى قۇربانلىق قىلغان»- (مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).
3- قۇربانلىقنى بوغۇزلايدىغان پىچاقنى ئىتتىكلىتىش، بۇ ئارقىلىق مالغا بوغۇزلىغاندا راھەت بېرىش كېرەك. مالنى قىبلىگە قارىتىپ ياتقۇزۇش ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش ياخشى:
«مەن، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھقا يۈزلەندىم. باتىلدىن ئايرىلىپ، ھەققە قايتتىم. مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن. نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان ئىككى ئېرىكنى قىبلىگە قارىتىپ ياتقۇزغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى مۇشۇ دۇئانى ئوقۇپ بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
4- مالغا پىچاق سۈرۈشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھى ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئى ئاللاھ !بۇنى سەن ئاتا قىلدىڭ، بۇنى سەن ئۈچۈن قۇربانلىق قىلدىم. ئى ئاللاھ !بۇنى مەندىن ۋە ئائىلەمدىن قوبۇل قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇش ياخشىدۇر.
5- قۇربانلىق گۆشىنى ئۈچكە تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى ئائىلىسىگە يېگۈزۈش، بىر قىسمىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىش، بىر قىسمىنى ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە دوست – بۇرادەرلىرىگە ھەدىيە قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن كىم قۇربانلىق قىلغان بولسا، گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىمىسۇن». ئىككىنچى يىلى كىشىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلىدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟» دەپ سورىغاندا ، رەسۇلۇللاھ: «ياق، يەڭلار، باشقىلارغىمۇ بېرىڭلار ۋە ساقلاڭلار. ئۆتكەن يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ يىلى قۇربانلىق گۆشتىن كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشىڭلارنى خالىغان ئىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن- (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
6- قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى ياكى پۇلىنى ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىش كېرەك.
7- قۇربانلىقنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ياكى باشقا ئەزالىرىدىن (مەسىلەن: كاللا – پاچىقىنى، تېرىسىنى) ئەجرىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن ئەجرىگە ھېسابلىماي بېرىشكە بولىدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ مېنى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلىشىمغا، گۆش، تېرە ۋە يۇڭلىرىنى سەدىقە قىلىشىمغا، مال سويۇپ بەرگۈچىگە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكىمگە بۇيرۇدى»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس يۇقىرىدىكى ئىككى مەسىلىگە دەلىل بولىدۇ.
8- تۆگە ۋە كالا يەتتە كىشىگە قۇربانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر تۆگە يەتتە كىشى ئۈچۈن، بىر كالا يەتتە كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (مۇسىلىم، ھەج 355؛ مۇۋەتتا، داھايا 9؛ تىرمىزى، ھەج 66؛ ئەبۇداۋۇد، داھايا 7؛ نەسەئى، داھايا 16) .
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
مەنبە مۇسۇلمانلار تورىhttp://www.musulmanlar.com/?p=1475

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

دۇنيادىن كىتىدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1026
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 04:58:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،خۇددى ئۇسسىغانغا سۇ بەرگەندەكلا  دەل ۋاختىدا بۇ تېمىنى يوللاپسىز.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش