ئۇلۇغ مۇبارەك قۇربان ھىيىت كىلىۋاتىدۇ ، ماۋۇ ئوزنى مەن ئوغۇل بالا دەۋاتقان دوسلىىرىم ... پىچاق تۇتۇپ قۇربانلىق قىلشنى ئۇگنىۋىلىڭلار .
مەنمۇ تولا ھالدا باشقىلارغا قىلدۇراتتىم كىيىن ئويلىسام بۇ ئىش تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن، ئوزۇم بىر ئۇگىنەيچۇ ! دەپ نەچچە قۇربانلىق قويلارنى ياكى يولدشى يوق مۇسلىم ئاياللارنىڭ قوينى پىچاق سۇرۇپ دىگەندەك يىرىم ئۇستام بولۇپ قالدىم نەچچە قىتىم باشقىلارنىڭ بىرەر ھادىسە بىلەن جان تالىشۋاتقان ماللارنى بوغۇزلاپ بىرىپ ماللىرىنى ئىشىتقا يەم بولۇشتىن ساقلاپ قىلىشتا سەۋەبچى بولۇپ قالدىم .
بەزى ۋاقىتلاردا بەزى ماللارنىڭ جىنى چىقمىغاندا ئىچىپ ئاغىرىپ تاشلاپ قىچىپ بىراق يەنە شۇ مالنىڭ جىنى قىينىلىپ كەتمىسۇن دەپ ئىچىم ئاغىرىپ يىنىپ كىلىپ كۆزۇمنى يۇمۇپلا بۇينىنى ئۇزىۋەتكەن يەرلىرىم بار ....
يۇقارقىدەك ئىشلار بىلەن قۇربانلىق ياكى باشقا پالىيەتكە ئىشلىتىلمەكچى بولغان ماللارنى ھازىر ئوزۇم بىمالال قىلالايدىغان بولدۇم
، بىراق ئىچكى ئەزالىرىنى پاكىز ئالالمايمەن
، تولا ھالدا چىرمىشىپ كەتكەن ئۇچەيلىرىنى بىر پۇتۇن ئالالماي ( توۋ ئۇلۇغ رەببىم مۇشۇنداق چىلگىش بولۇپ كەتكەن شۇنداق نىپىز ۋە شۇنداق ئىنچىكە نەرسىدىن يىگەن ئىچكەن نەرسىلەرنى 60-70 يىل بىر يەردە توختۇپ قويماي بىمالال ماڭدۇرغىنىغا قاراپ ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا ئېنژىنىر ئىگىسگە لايق بولغان سۇپىتىگە بولغان ئىتقادىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
ۋە شۇكۇر رەبىبىم دەپ سانا ئوقۇيمەن ) مانا ئەمسە دەپ 50-60 سانتىدىن كىسپ ، ئوپكىللىرىنىمۇ نەچچە يەردىن تىشىپ دىگەندەك ئاران ئالىمەن
، ئانام تولا قاخشاپ ، بۇلار كارغا كەلمەيدۇ ماڭ دەرھال بازارغا چىقىپ ئوپكە ھىسىپ ئەكەل دەپ بازارغا چاپتۇرغان بازارغا بارسام ئوپكە ھىسىپ ساتىدىغان ئوپكە-ھىسىپتەك ئاچاشلار ئوتتۇرغا ئىلىۋىلىپ ۋاي ئۇكام ماۋۇ ياخشى يىڭى قوينىڭ ئاۋۇ ياخشى پاقلاننىڭ ... ئۇچەيلىرى بىر كىلومىتىر كەلمىسە قۇلۇقىمنى ساپالدا كىسىپ بىرىمەن دەپ ھۆكىمەت ئوقۇپ ،مىنى ئون ئونبەش مىنۇت سوپىنىڭ مۇرۇتلىرىدەك پىر چورگىلتىۋاتىدۇ
ئاخىرى بىشىم قىيىپ مەس بولاي دىگەندە قايسى ئاچاش سورەپ غەلبە قىلسا شۇ ئاچاشنىڭ بىر مۇنچە كالىمىشاڭ نەرسىللىرىنى كۆتۇرۇپ ئويگە ئەكەلسەم، ئانام بۇلارنىڭ ئۇچى بىلىەن ئاخرىنى تىپىپ بولالماي ماڭا بىر مۇنچە كايىدۇ ...
ھى ھى ھى ئىشقىلىپ قۇربالنىق قىلىپ بولغۇچە ئانامىڭ سۆزى بويچە توت ( يولداش ) شەھەر ئالغاندەك ھىرىپ كىتىمەن .
ھە راسىت ! بولسا قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى قۇربانلىق قىلىشتىن بۇرۇن پاكىز سۇ بىلەن سۇغۇرۇپ ۋە تويغۇدەك بىر نەرسە بىرۋىتىپ، قۇربانلق قىلىڭلار بەزىلەر ۋاي ! بۇنداق قىلىپ نىمە كەپتۇ ، بەرىبىر سوغۇرۇپ قويساقمۇ ھىلىراقتا ھامان ئولتۇرلىدىغان تۇرسا دەپ پەرۋا قىلمايدىكەن ، بۇ ئەخلاقسىزلىق. بىراق قۇربانلىق قوينى ئۇلۇغلاپ يۇڭلىرىنى يۇلۇپ ئس چىقىرىپ بەختى توختاپ قالغان قىز-ئوغۇللارنىڭ بۇرنىغا پۇرتۇش ، قۇربالىق مالنى سۆيۇش ( مەن ئانچە مۇنچە بايقاپ قالدىم ) ... قاتارلىق بىدئەت ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق لازىم
... قۇربانلىق قىلىشنىڭ نۇرغۇن ھىكىمىتى بار دوسلىرىم ، بۇ پەقەت بىر مالنى قۇربانلىق قىلىشنلا كۆرسەتمەستىن . دىن-ئىسلامنىڭ چىرىغى بولغان ھەر بىر ئەركەكنىڭ ئوز قولى بىلەن ئولتۇرشى كاتتا ساۋاب بۇ ئىشنى چوڭقۇر تەكەپپۇر قىلغاندا ئاللاھنىڭ بۇ قۇربانلىقتىن ئىبارەت پائالىيەتتە بىز كۇندىن- كۇنگە پاڭقۇش بولۇپ كىتىۋاتقان، كاللىمىز ھىس قىلىپ بولالمىغۇدەك ئاللاھنىڭ ھىكىمەتلىرى بار .