[/free]
شىپالىق رېتسىپلار .(ئۇيغۇرتىبابىتى)
1.بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
2) 40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.
3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.
5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.
6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.
7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.
دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك.
بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
2.سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى
1) ياۋا توشقان بېشى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان بىشىنى ئۈكلىگەندىن كېيىن 25گرام قارا ماش بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىش كېرەك، سۇغا سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل ۋە تۇز سېلىنىدۇ. يېمەكلىك تەييارلانغاندىن كىيىن سىيگەك بالىغا توشقان بېشىنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈش، مۇھىمى شورپىسىنى ئىسسىقىدا ئىچۈرۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
2) ياۋا توشقان كاۋىپى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان گۆشىنى ئوتتا قاقلاپ كاۋاپ قىلىش، كاۋاپقا مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق دورىلارنى سېپىپ، كاۋاپى سىيگەك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
3) ياڭاق بىلەن داۋالاش. ياڭاقنى قوقاسقا كۆمۈپ 15مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شاكىلىدىن ئايرىپ سىيگەك بالىلارغا يېگۈزۈش لازىم. بىر ياشقا توشىمىغان بالىلارغا بىر دانە، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئىككى دانە، ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ئۈچ دانىدىن بەش دانىغىچە ياڭاقنى ھەركۈنى كەچتە يۇقىردىكى ئۇسۇلدا يېگۈزۈش كېرەك.
4) قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن داۋالاش. قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ، بىر دانە قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمگە بىر دانىدىن قارىمۇچ قوشۇپ، ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزى بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، سىيگەك بالىلارغا ئۇدا بىر قانچە ئايغىچە يېگۈزۈش كېرەك، ھەركۈنى كەچكە يېقىن يېگۈزۈش مۇۋاپىق.
5) 15گرام قانىسە (توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسى)نى قورۇپ ئۇندەك سوقۇپ، 15گرام ئاپېلسىن پوستى قاينىتىلغان سۇ بىلەن قوشۇپ سىيگەك بالىلارغا كۈندە بىر گرامدىن، ھەركۈنى 2-3ۋاخ ئىچۈرۈپ بەرگەندە ئۇ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى
1) 250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.
2) 15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ دورا ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.
3) توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.
4) 30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.
5) 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.
3.ئېغىز پۇراشنى داۋالاش.
1. ئېغىز تازىلاش دورسى ئېشلىتىش، ئېغىز تازىلاشدورسىى ئېغىز بوشلۇقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرى كەلتۈرۈپچىقارغان سېسىق پۇراقنى ، شۇنداقلايېنىڭ دەرىجىدىكى بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىكەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىز پۇراش قاتارلىقلارنىۋاقتىدا ھەم ئۇنۇملۇكيوقىتالايدۇ. ئالدى بىلەن پاكىز سۇدىن بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىۋېتىپ، كەيندىنئېغىز تازىلاش دوروسىنى ئېغىزغا پۈركۈيىمىز، ئاندىن ئېغىزنى بىر نەچچەسېكۇنىتيۇمىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئېغىز بىر نەچچە سائەت پاكىز ھالەتتەتۇرىدۇ.
2. لىمون سۈيى ئېچىپ بېرىش. پاكىز سۇ ئېچىپ بەرگەندە ئېغىزنىڭنەملىكىنى ساقلىغىلىبولدۇ.سۇغا يەنە ئازراق لىمۇن قوشۇۋەتكەندە، بۇرۇنپۈتۈپ قېلىش، ئېغىز قۇرۇش ياكىئېغىز ئېچىدىكى يېمەكلەر قالدۇقى سەۋەبىدىنكېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
3. كۆكتات مېۋە – چىېۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش. كۆكتات ۋە مېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارچىشساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، چىش قاناشنىڭمۇئالدىنىئالىدۇ، شۇنداقلا ئېغىزدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يوقىتىدۇ.
4. ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشنى پاكىز چوتكىلاش كېرەك.
4.كۆيۈكنى داۋالاش
رىتسىپ:
چۇجە خوراز 1دانە
ئىشلىتىلىشى:
چۇجىنى ئۆلتۇرۇپ،قېنىنى پاكىزە قاچىغا ئىلىپ،كۆيگەن جايغا تەكشى سۇرتىلىدۇ.ئاندىنمىكرۇپسىز داكا بىلەن تېڭىپ قويىلىدۇ.
داۋالاش ئۇنۇمى:بىر قىتىم دورائىشلىتىش بىلەن ساقىيىپ كىتىدۇ.تارتۇق قالمايدۇ.
ئىزاھات:بۇ خەلق ئارىسىدىن كەلگەن رىتسىپ بولۇپ ئۇنۇملۇك.
دىققەت: (مەشخۇلات پاكىزە بولىشى،يۇقۇملۇنۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.)
5.قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
قان بېسىمى سەل يۇقرى كىشىلەرنىڭ ئوشۇق قىسمى مەلۇم دەرىجىدە قاتتىق بولىدۇ . ئوشۇق قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، قان بېسىمنى تېزدىن تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق : ئورۇندۇقتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ پۇتنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئوشۇق قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرىمىز . بۇ ھەرىكەتنى ئەتتىضىنى ۋە كەچقۇرۇن ئېلىپ بارساق ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، يۇيۇنغاندىن كېيىن ئېىلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئوشۇقنى ھەرىكەتلەندۈرضەندە ھەھرىكەتنى ئاۋايلاپراق قىلىش ، بەك كۈچىۋەتمەسلىك كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ئوشۇق قىسمدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار زەخمىضە ئۇچرايدۇ .
مەنبە:http://www.tebabat.cn//
[free]