مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8086|ئىنكاس: 68

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىسسىي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 02:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىسسىي مۆجىلىرى:         



1. ئاينىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى

مۇشرىك ئەرەبلەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ئەگەر سەن راستىنلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولىدىغان بولساڭ، بىزنىڭ تەلەبلىرىمىزنى ئورۇنلايسەن. ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ بىرەلىسەڭ، ساڭا بىز ئەگىشىمىز» دىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ كۆرسىتىپ بىرىشىنى سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەقەلىكنى ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە باشقىلار قاتارلىق مەشھۇر ساھابىلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى سۆزلىگەن. ئىمام بۇخارىمۇ «سەھىھۇلبۇخارىي» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ راستلىقىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلغان. ئاللاھ قۇرئاندا ئۇنىڭ راستلىقىنى ئىلان قىلىپ: «قىيامەت يىقىنلاشتى، ئاي يىرىلدى. (كۇففارلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ”داۋاملاشقۇچى سىھىردۇر“دىيىشىدۇ» (قەمەر سۈرىسى 1 ـ ئايەت) دىگەن.

2. ئىسرا ۋە مىراج

ئاللاھ قۇدرىتى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى بىر كىچىدىلا مەككىدىكى مەسجىد ھەرەمدىن پەلەستىندىكى مەسجىد ئەقساغا ئاپارغان. بۇ «ئىسرا ــ كىچىدە يۈرۈش» دەپ ئاتالغان. يەنە شۇ كىچىدە، ئاللاھ ئۇنى يەتتىنچى ئاسمانغىچە ئىلىپ چىققان ۋە شۇ جايدا ئۇنىڭغا ھەم ئۇممەتلىرىگە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. مانابۇ، «مىراج ــ ئۆرلەش» دىمەكتۇر. بەش ۋاخ نامازنىڭ «مۇسۇلماننىڭ مىراجى» دەپ ئاتالغانلىقىمۇ، ئۇنىڭ يەتتىنچى ئاسماندا پەرز قىلىنغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى.

ئاللاھ قۇرئاندا ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەسىنىڭ راستلىقىنى ئىلان قىلىپ: «بىر كىچىدە، ئۇنىڭغا قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ، بەندىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسجىد ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئىلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (ئىسرا سۈرىسى 1ـ ئايەت)، «ئۇنىڭ (يەنى جىبرائىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يوقىرى ئۇپۇقتا تۇردى. ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا(مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا) يىقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى. ئۇ (ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىن يىقىنراق يىقىنلاشتى. ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرائىل ئارقىلىق تىگىشلىك) ۋەھىيلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى( يەنى راست كۆردى)»
(نەجم سۈرىسى 6 ـ 11 ـ ئايەتلەر) دىگەن.

3. بوران ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇننىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ياردەم قىلغانلىقى

مۇسۇلمانلا مەدىنىنى مۇشرىكلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكنىڭ بىر تەرىپىدە، مۇشرىكلار قارشى تەرىپىدە تۇراتتى. توساتتىق قاتتىق بوران كىلىشى بىلەن مۇشرىكلارنىڭ چىدىرلىرى، سۇلىرى، ئات ـ ئولاقلىرى ئەجەللىك ۋەيرانلىققا يۈز تۇتىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ كۆپىنچىسى نامەلۇم قوشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. نەتىجىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن مەككىدىن كىلىپ، مەدىنىنىڭ ئەتراپىنى كۈنلەرچە قورشاپ ياتقان مۇشرىكلار ئىغىر قولدىن بىرىشكە ئوچراپ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئارانلا قۇتۇلدۇرغان ھالدا، چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇسۇلمانلار بولسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا(كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن(پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۈرغۇچىدۇر.»
(ئەھزاب سۈرىسى 9 ـ ئايەت)

4. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھىجرەت ئەسناسىدا پەرىشتىلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى

مەككە مۇشرىكلىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش قارارىغاكىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ كىرىدۇ. ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سادىق ھەمراھى ئەبۇ بەكرى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنىدى. مۇشرىكلار بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلۈك ياكى تىرىك تۇتۇپ ئىلىپ كەلگەن كىشىگە 100 تۆگە مۇكاپات بىرىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سەھرا يولباشچىلىرى ئارقىدىن قوغلاپ كىلىپ بۇ ئىككىسىنى تىپىۋالغىلى ئازلا قالغاندا بۇلار ھىرا غارىغا يوشۇرۇنىۋالىدۇ. بىر پەستىن كىيىن بۇ ئىككىسى غاردىن چىقىپ يولىغا داۋام قىلغىنىدا، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان مەشھۇر سەھرا يولباشچىسى سۇراقە ئىبنى مالىك ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىقىنلىشىشى بىلەن تەڭ ئىتىنىڭ ئىككى پۇتى قۇرسىقىغىچىلىك قۇمغا پىتىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۇراقە چارىسىزلىقتىن ئاتتىن چۈشۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا بۇ ۋەقەلىككە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار(ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغانىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (ئەبۇ بەكرى) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. ( رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: ”غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە“دەيتتى. ئاللاھ ئۇنىڭغا( پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بىغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (شىرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (ئىمان كەلىمىسى) ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»
(تەۋبە سۈرىسى 40 ـ ئايەت)

5. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ چىققانلىقى

ئەنەس ئىبنى مالىك باشچىلىقىدىكى بىر توپ ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلىدۇ: «ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالغانىدى. تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن يىتەرلىك سۇ يوق، پەقەت بىر قاچىدىلا ئازراق سۇ قالغان ئىكەن. ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدۇق. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا قولىنى سىلىپ تۇرۇپ، باشقا ساھابىلارنىمۇ ”كىلىڭلار، تاھارەت ئىلىڭلار“ دەپ چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن بولاقتەك سۇلار چىقىپ تۇراتتى. ھەممىمىز تاھارەت ئالدۇق. سانىمىز 300دىن كۆپرەك كىشى ئىدى.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) مۇندىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرىدا ۋە سەپەرلىرىدىمۇ ئەينى مۆجىزىنىڭ بىر قانچە قىتىم كۆرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان ھەدىسلار كۆپتۇر.

6. ئازغىنە تاماقنىڭ كۆپ كىشىنى تويغۇزغانلىقى

مەدىنىدە خەندەك كولاشقا قاتناشقان بىر توپ ساھابىلارنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خەندەك كولاۋاتاتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھەممىمىزنىڭ قورسىقى قاتتىق ئىچىپ كەتتى. جابىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قىسىم ساھابىلارنى غىزالاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قوي سويىغان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك مەيدانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى چاقىردى. سانىمىز 1000دىن ئارتۇق ئىدى. ئاز ـ ئازدىن كىرىپ جابىرنىڭ ئۆيىدە غىزالاندۇق. ئاللاھ گۆش بىلەن نانغا شۇنداق بەرىكەت ئاتا قىلغانكى، ھەممىمىز تويۇپ قايتتۇق» (بۇخارىي رىۋايىتى). بۇ مۆجىزىنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەتلەردە بىر قانچە قىتىم قايتىلانغانلىقىغا دائىر ھەدىسلار كۆپتۇر.

7. ياغاچنىڭ يىغلىغانلىقى

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدى خورما ياغاچلىرى بىلەن تۇرغۇزۇلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ھەمىشە بىر تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپ خۇتبە ئۇقۇيتتى. كىيىنچە مەسچىتكە يىڭىدىن مۇنبەر ياسىلىپ، ئۇ بۇ تۈۋرۈككە يۆلىنىپ خۇتبە ئوقۇمايدىغان بولغانىدى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ھىلىقى تۈۋرۈك خۇددى كىچىك بالىدەك ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى. مەسجىد ئەھلى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. ئاخىرى ئۇلارمۇ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قوللىرىنى مەزكۇر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە قويىۋىدى ئۇنىڭ يىغىسى توختاپلا قالدى. (بۇخارىي، تىرمىزى رىۋايىتى)

8. قەتادەنىڭ كۆزىنىڭ شىپا تاپقانلىقى

قەتادە ئىسىملىك بىر ساھابىنىڭ ئوھۇد غازىتىدا بىر كۆزى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ چىقىپ كەتكەن كۆزىنى مۇبارەك قولى بىلەن ئورنىغا سىلىپ قويۇشى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ”چىقىپ كەتكەن بۇ كۆزۈم يەنە بىر ساق كۆزۈمدىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولدى“ دىگەنلىكى كۆپلىگەن مەشھۇر ساھابىلار تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان.

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوقىرىقى مۆجىزىلىرىنىڭ ھەر بىرى ئۇنىڭ راستىنلا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلىدۇر.

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى مەيلى مۇسۇلمانلاردىن بولسۇن، مەيلى مۇشرىك ئەرەبلەردىن بولسۇن ھىچكىم ئىنكار قىلالىغان ئەمەس. ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر كىشى بۇ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغان بولسا ئىدى، تارىخ ئەلۋەتتە ئۇنى قەيت قىلغان بولاتتى.

مۆجىزە ـ بىز يوقىرىدا ئىيتقاندەك ـ پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ دەۋاسىدا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان بىردىنبىر پاكىت ۋە دەلىل ـ ئىسپات بولغىنىدەك، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بىرى كەلگەن ھەر بىر پەيغەمبەر ئاللاھ ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلگەنلىكىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر.

ئەمما ئىسلام تارىخلىرىدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىن بىرى «راستچىل مۇھەممەد» ۋە «ئىشەنچلىك مۇھەممەد» دىگەن شۆھرەتلەرگە ئىگە بولغان، ھاياتىدا بىرەر قىتىممۇ يالغان سۆزلىگەنلىكى كۆرۈلمىگەن ۋە ئەدەپ ـ ئەخلاقتا ئالاھىدە ئۆلگە ياراتقان بىر مەسۇم زات ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ھىچقانداق بىر مۆجىزە كۈتمەستىن ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. چۈنكى 40 ياشقا كەلگىچىلىك يالغان سۆز قىلىپ باقمىغان ۋە راستچىللىقتا شۆھرەت قازانغان بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندىلا يالغان سۆزلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە يالغانچى بولۇپ قىلىشى ئەقىلغا سىغامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! مەسىلەن: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بالىلىق ۋاقتىدىن بىرى ياخشى بىلەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشاتتى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ راستچىل، توغرا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ماڭا ئاللاھتىن ۋەھىي كەلدى. مەن پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدىم» دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان ھىچبىر ئىككىلەنمەستىن، ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ ئەرلەردىن ئەڭ دەسلەپ ئىمان ئىيتقان بىرىنچى كىشى بولۇپ، تارىختىن ئورۇن ئالغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى ۋەھىينىڭ باشلىنىشىدا قورقۇپ كىتىپ، ئۇنىڭغا «مەن قورقۇپ كەتتىم، مىنى يۆرگەپ قويۇڭ» دىگەن سۆزىگە جاۋاب بىرىپ: «سىز ياخسى ئادەمسىز ــ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىسىز، يىتىملارنىڭ بىشىنى سىلايسىز. ئاللاھ سىزنى ھەرگىز خورلىمايدۇ» دىگەن مەشھۇر سۆزىنى ئىيتىش ئارقىلىق ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى شەخس بولغانلىق سۈپىتى بىلەن تارىخقا قەيت قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىچىكىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان بىر يىگىت ئىدى. ئۇ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ــ راستچىللىقىنى، ئەدەپ ـ ئەخلاقنىڭ ئۆلگىسى ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلا ـ ئاڭلىماس دەرھال ئۇنى ئىتىراپ قىلىدۇ ۋە دەسلەپ ئىمان ئىيتقانلارنىڭ ئۈچىنچىسى، ياشلاردىن بىرىنچى بولۇپ تارىخقا كىرىدۇ.

نىمە ئۈچۈن بۇ ئۈچ كىشى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئىيتقان؟ تەبىئىيكى، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇنى ئەڭ ياخشى تونۇيدىغان ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن ئەھۋاللىرىنى ئەڭ تولۇق بىلىدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى كىشىسى مەئىشەتتە ئۇنىڭ بىلەن شىرىك بولغان ئايالى، ئاندىن قولىدا چوڭ بولغان بالىلىرى ۋە ھەمسۆھبەت بولغان يىقىن دوستلىرى ئىكەنلىكى ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان بىر رىئاللىق بولغان يەردە، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۇنى ئەڭ ياخشى تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقىنى تولۇق بىلىدىغان كىشىلىرى ئۇنىڭ ئايالى، بىقىۋالغان بالىسى ۋە ئەڭ قەددىناس دوستى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇلار ئۇنىڭ راستچىللىقىدىن شۈبھىلەنگەن بولسا، ھەرگىزمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ بۇ يىڭى دىنىنى قوللىمىغان بولار ئىدى، ئەلۋەتتە.

ئۇمماننىڭ پادىشاھىغا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يىڭى دىنىنىڭ دەۋىتى يىتىپ بارغاندىن كىيىن، ئۇ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە دەۋەت قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى ئاڭلاپ ”ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پەيغەمبەر كىشىلەرنى بىرەر ياخشىلىققا بۇيرىماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۇنى ئۆزى قىلىدۇ، ئۇلارنى بىرەر ئىشتىن مەنئى قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ئۆزى قول ئۇزىدۇ. بۇ خىسلەتنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ چوقۇم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ“ دەپ گۇۋاھلىق بىرىدۇ ۋە مۇسۇلمان بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئەسلى يەھۇدىي) مۇنداق دەيدۇ: ”مەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بايقىماقچى بولۇپ، ئۆيىگە كىردىم. دەسلەپ ئۇنىڭ مۇبارەك يۈزىگە قاراپلا بۇ يۈزنىڭ يالغانچىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى ھامان بايقىغانىدىم.“

ئەلۋەتتە، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىماسى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە سۆز ـ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە مۆجىزىسىز دالالەت قىلىپ تۇراتتى. ھەقىقەتنى تونۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى خالىغانلار ئۇنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە خۇسۇسەن ئۇنىڭ راستچىللىقتا تونۇلغان شۆھرىتىگە كۇپايە قىلىپ، مۆجىزە بىلەن ھىسابلاشماستىن ئىمان ئىيتقان. چۈنكى، ھەقىقەتنى ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم ئۈچۈن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ھەممىگە بىردەك ئايان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قەتئىي ئەگەشمەسلىك مەۋقىئەسىدە چىڭ تۇرغان بىر قىسىم مۇتەكەببىر ئەرەبلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن مۆجىزە كۆرسىتىشىنى سورىغان. ئۇلار سورىغان مۆجىزىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئورۇنلاپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلالمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ روشەن ھەقىقەتلەرنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى ھىس قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇرۇن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «مەجنۇن»، «سىھىرگەر»، قۇرئانغا بولسا «سىھىر» دىگەن تۆھمەتلەرنى توقۇپ كەلگەن بۇ ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنى چىن قەلبلىرىدىن ئىتىراپ قىلىپ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىپىگە قوشۇلىدۇ. كىيىنچە بۇلار بۇ دىننى باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىتىش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش يولىدا تاللانغان ئۆلگىلىك ئەزىمەتلەردىن بولۇپ، تارىختىن ئورۇن ئالىدۇ.

ھەر قانداق بىر ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولغاندەك، ئىسلام دىنىنىڭمۇ دۈشمەنلىرى ئاز بولمىغان. ھەتتا ئۇلار بۇ يىڭى دىننى بۆشۈكىدىلا بوغۇپ قويۇش ئۈچۈن بارچە چارىلىرىنى ۋە ھىلە ـ مىكىرلىرىنى ئىشقا سالغان. ئەمما ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھەق دىنىنى قوغداش ۋە تا قىيامەتكىچە داۋام قىلدۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقتىن، بۇ دىن ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىممىتى بىلەن ئەسلىدىكى ھالى بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە ۋە داۋام قىلىدۇ! چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر. «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى(ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئىغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر. مۇشرىكلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۇستىدىن غالىپ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى» (سەف سۈرىسى 8 ـ 9 ـ ئايەتلەر)

دىمەك، ئەبۇ جەھىل، ئەبۇ لەھەبلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن نىسىۋىسى بولمىغانلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئىسلامنىڭ شاراپىتىدىن مەھرۇم قالغان. چۈنكى كور ئادەم قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرەلمىگەندەك، ئەقلىنى ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرىۋالغان، دىلى كور ئادەممۇ ھەقىقەتنىڭ سادالىرىنى ھەمىشە دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرسىمۇ ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا بۇنداقلارنىڭ ھالىنى بايان قىلىپ: «ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لىكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ(يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلىقى ئەمەس، بەلكى دىلنىڭ كورلىقىدۇر. كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ)»
(ھەج سۈرىسى 46 ـ ئايەت) دەيدۇ.

ھەقىقەتنى ئىزدىمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا مۆجىزە كۈتمەستىن ئۇنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلىپ، سىپىنى كۆپەيتىدىغانلىقى ئىنىق بولغان بولسىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھىكمىتى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلىگەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلغاننىڭ سىرتىدا، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس مۆجىزىنى بەرگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۆتىۋەر مۆجىزە ـ قۇرئاندۇر!

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
eliyarmusic + 30 ئىسىل تىما !!رەھمەت!!
Kiyok + 100 ئېسىل!!
希特勒1 + 10 ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئىسىل تىمى
hvsniya + 20
erol + 20
OMAR0998 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 280   باھا خاتىرىسى

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57981
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1354 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 08:31:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن . قەلىمىڭىز ھارمىغاي.............

http://img165.poco.cn/mypoco/myphoto/20111118/13/64458301201111181318382064715053353_063.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58474
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3334
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 09:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن 。。。

شۇنداق بىر تېرشىڭلاكى ،بۇ ئالەم سىلەر ئۈچۈن سەھەر ۋاقتىىغا ئوخشاش بولسۇن ،ھەرگىزمۇ گۇگۇم ۋاقتىغا ئوخشىمسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 09:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت توختىماي يوللاپ تۇرۇشۇڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن .

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 09:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49461
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىمان ئىتقادلىق قىلسۇن

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسسي مۆجىزدە دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىنى بەرمەپتۇ،،،،مەنمۇ چۈشەنمىگەن ئىدىم

ھەرقاچان خۇشال ياشىغىن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5637
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:48:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى ساپ قىلسۇن...... تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 12:28:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېما. ئاللاھ بىزنى ئازغۇنلاردىن قىلمىسۇن، ئامىن!

ئەسلىڭنى ئۇنۇتم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10365
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9167
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 05:16:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، ياخشى تېما يولللاپسىز .

ئەسلىڭنى ئۇنۇتما ، نەسلىڭنى قۇرۇتما .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش