ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم
پاراغەت قەسىرى
رىۋايەت قىلىنىشچە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ دادىسى سابىت بىر كۈنى تاھارەت ئالماقچى بولۇپ ، ئېرىق بويىغا كەپتۇ . شۇ پەيىتتە ئېرىقتىن ئېقىپ كىلىۋاتقان بىر قىزىل ئالمىغا كۆزى چۈشۈپتۇ . سابىت ئالمىنى ئېلىپ بىر چىشلەپتۇ . چىشلەپتىيۇ ، « ئاپلا ، بۇ قايسى باغنىڭ ئالمىسىدۇ ؟، ئىگىسىنى رازى قىلماي يەپ قويۇپتىمەن يا ! ئاخىرەتتە بۇنىڭ جاۋابىنى قانداق بىرەرمەن » دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئالما ئېقىپ كەلگەن تامان مېڭىپتۇ .
بىر ئاز يۈرگەندىن كىيىن ئالدى تەرەپتە بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ . سابىت باغدا سۇ تۇتۇپ يۈرگەن باغۋەندىن :
ــــ بۇ ئالما سىزنىڭ بېغىڭىزنىڭمۇ ؟ دەپ بايىقى ئالمىنى كۆرسىتىپتۇ .
ـــ ھەئە ، مىنىڭ بېغىمنىڭ ئالمىسى ئىكەن .
ـــ ئۇنداقتا ئالمىنىڭ ھەققىنى ئېلىڭ ياكى رازى بولۇڭ ، مەن بىلمەستىن ئالمىنى يەپ ساپتىمەن .
باغۋەن ئالدىدا ھالال ، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر يىگىتنىڭ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ . كۆڭلىدە ئويلىغان ئويى تىلىغا كۆچۈپتۇ ۋە :
ـــ بىر شەرتىم بار ، ئەگەر شۇ شەرتىمگە كۆنسىڭىز مەن ئالمىغا رازى بولىمەن .
ـــ شەرتىڭىزنى ئېيتىڭ ، دەپتۇ سابىت .
ـــ بىر قىزىم بار ئىككى كۆزى كور ، تىلى تۇتۇق ، ئىككى پۇتى ۋە ئىككى قولى پالەچ . شۇنى نىكاھىڭىزگە ئالىسىز .
سابىتنىڭ كۆكسىدىن « ۋاھ » دىگەن نىدا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ . شەرتىگە كۆنەي دىسە بىر ئالمىنى دەپ ھاياتىنى بىر ئۆمۈرگە مەجرۇھ قىز بىلەن ئۆتكۈزدىكەن . كۆنمەي دىسە ئالمىنىڭ ئىگىسى رازى بولماي قىيامەت كۈنى ئەلەم تارتىپ قالىدىكەن . سابىت ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى شۇ قىزغا ئۆيلىنىشكە رازى بوپتۇ . چۈنكى قىيامەتنىڭ ئازابى قاتتىق دە .
كەچتە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشتىراكچىلقىدا نىكاھ ئوقۇلۇپتۇ . سابىت قىز بار ھۇجۇرىغا كىرىپتۇ . كىرىپتىيۇ ، ھەيران قاپتۇ . ئالدىدا ھەممە ئەزايى بىجرىم،پەرىزاتتەك بىر قىز سابىتقا سالام بىرىپ تۇرغىدەك .
سابىت ھەيرانلىقتا :
ـــ ئەي قىز ، سىز كىمسىز ؟
ـــ مەن باغۋەننىڭ قىزىمەن ، بۈگۈن سىزگە نىكاھلاندىم ، دەپتۇ ساھىبجامال قىز .
سابىت ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى باغۋەندىن سوراپتۇ .باغۋەن سابىتقا دىگەن شەرتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ :
ــ كور دىگىنىم ، ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ھارام ئىشلارنى كۆرمەگەن ئىدى . تىلسىز دىگىنىم ، مۇشۇ ۋاققىچە يامان ۋە بىئەدەپ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان . ئىككى قولى پالەچ دىگەنىم ، كىشىنىڭ ھەققىگە قول ئۇزۇتۇپ باقمىغان . ئىككى پۇتى پالەچ دىگىنىم، گۇناھ ئىشلارغا قەدەم قويۇپ باقمىغانلىقىدۇر ، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ .
سابىت بۇ بەخىتتىن خۇرسەن بولۇپ ، ئۆزىگە بۇنداق پاك ، ھالال جۈپنى ئۇچراشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىپتۇ . ئەنە شۇ پاكىزە ۋە ھالال بىر جۈپلەردىن ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەتۇللاھدەك بۈيۈك زات دۇنياغا كەلگەن ئىكەن .
ئائىلە ـ مۇقەددەس دەرگاھ . ئۇنى پاك ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك بۇزۇق ئىشلاردىن يىراق بولۇش ، خۇسۇسەن پەرزەنىتلەرنى ھالال يول بىلەن بېقىش ، تەربىيەلەش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئاتاـ وۋىللىرمىز بۇ ئىشلارغا يۈكسەك ئىتبار بىلەن قارىغان ئىدى . چۈنكى پەرزەنىتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ، ئاساسەن ئائىلە مۇھىتىغا ۋە ئاتا ئانىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇلار ياخشى بىلىشكەن ئىدى .
دىنىمىزدا ئائىلە قۇرۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئىمكان بولغاندا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئائىلە قۇرشى تەرغىپ قىلىنىدۇ . جۈملىدىن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) بىر ھەدىس شەرىفتە شۇنداق دىگەن :« ئەي يگىتلەر جامەسى ، سىزلەردىن كىم ئۆيلىنىشكە قۇربىتى يەتسە ئۆيلەنسۇن ، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ئاياللارغا قاراشتىن ۋە نەفسىمىزنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ . ئەگەر ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىسە روزا تۇتسۇن . روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر » . ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم راۋايىتى )
دەرھەقىقەت ، ئىنساننىڭ چىرايلىق رەۋىشتە ، شەرئىي نىكاھ قىلىشى ئۇنى يامان يوللاردىن ئاسىرايدۇ . بۇ ھەم ئازـئازدىن جەمىيەتتە خۈنۈك ئىللەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كىتىشىگە توسۇق قويىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيلىنىش ، پاك ئائىلە قۇرۇش ئىنسان مەنىۋىي ئالىمىنىڭ، جەمىيەتنىڭ روناقلىقى ۋە ئاۋاتلىشىشنىڭ ئاساسىدۇر .
لىكىن بۈگۈنكى تەرەققى قىلغان دۇنيانىڭ « مەدەنىيەت» لىك ئىنسانلىرى ھاياتىدا ئائىلىنىڭ قەدىرى بارغانسىرى يوقىلىپ بارماقتا . بۇ ھال دۇنيا ئاممىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويماقتا . ھەتتا غەرىپ ئائىللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار مەخسۇس « ئائىلە ئىنىستىتۇتى » قۇرۇش قارارىغا سەۋەپ بولماقتا .
20ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يەرىمىدە غەرىپ مەملىكەتلىرىدە ئايرىم گورۇھلار « ئەركىنلىك» ، « كىشىلىك ئەركىنلىكى » دىگەندەك شۇئارلارنى كۆتەرىپ ‹ ئائىلىنڭ كىرىكى يوق ، نىكاھ شەرىت ئەمەس ، ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلاپ قويىدۇ › دىگەندەك دەۋالار بىلەن چىقتى . ئەنە شۇ بىمەنە ھەركەتكە قوشۇلۇپ مىليونلاپ كىشىلەر ھازىر بۇ سەپسەپتە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئازابىنى تاتىپ تۇرۇپتۇ . مىڭلاپ ئائىللەر پاراكەندىچىلىككە يۈز تۇتتى ، كۆپلەپ بالىلار تىرىك يىتىم بولدى ، جەمىيەتتە زىنا ، فاھىشە ، تۈلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋجىگە چىقتى . ھەرخىل بىداۋا كىسەللىكلەر ، جۈملىدىن ئەيدىس كەبى نىجىس كىسەللىكلەر ئىنسانىيەت بېشىغا بالالارنى ياغدۇردى . فاھىشە ئىشلارنى تەرغىپ قىلغۇچى مەكفۇرە رادىيو ، تىلۋۇزور ، مەتبۇئات سەيىپىللىرى ھەتتا بالىلار ئوقۇيدىغان كىتاپلارغا ھەم ‹ چاڭ › سالدى .
بۈگۈن ئىنسانىيەت مەزكۇر ئاسارەتلەردىن قۇتۇلالماي ھەيران . ئاقىۋەتتە ئاشۇ «ئەركىنلىك » دەپ جار سالغۇچىلار ھەم ئائىلىنىڭ ، ئۇنىڭدىكى پاك ھاياتنىڭ ئىنتايىن زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرغىپ قىلىش ۋە ئەرـئاياللارنىڭ ئائىلە قوينىغا قايتىشى ئۈچۈن مىليونلاپ مەبلەغ سېلىپ ، مەخسۇس قانۇنلار تۈزۈپ چىقماقتا .
تۆۋەندە ئادەم ئاتا يارالغاندىن تارتىپ ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئائىلە تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنىشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز .
ئىككىنجى جاھان ئۇرۇشىدىن كىيىن «ئاممىۋىي مەدەنىيەت» نىقابى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «جىنسىي ئىنقىلاپ» قارشى ئەنئەنىۋىي ئائىلە تۈزۈملىرىگە جىددىي زەرەر يەتكۈزدى . زىنا ، فاھىشە ئىشلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاۋۇپ كىتشىگە سەۋەپ بولدى . ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى دۆلەتلەردە زىناغا قانۇندا يول بىرىلىپ ، ئۇلاردا رەسمىي رويخەتتىن ئۆتكەن فاھىشخانەلەر پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا . بۇ نەرسىگە ئايرىم ئادەملەرنىڭ« ئەركىن ـ ھوقۇق نۇقتىسىدىن بۇ تەبئي ئىشلار »دەپ قارىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقتۇر . ئائىلىدە ئاتا ـ ئانا ۋە پەرزەنىت مۇناسىۋەتلىردىكى ئەزەلىي ئەنئەنىلەرگە زەررە يەتتى . جەمىيەتتە ئاجىرشىشلارنىڭ سانى كەسكىن ئېشىپ ماڭدى . مەسىلەن بىرلا بۈيۈك بېرتانىيەدە 1970ـ يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ % 40 گە يېقىنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدە ئائىلىدە پەقەت دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن ياشىغان . شۇنىڭدەك ئائىلە بۇزۇلۇشلىرى پەرزەنىتلەرنىڭ روھىيىتى ۋە تەربىيىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن .
ئائىلىۋىي جەمىيەتنىڭ بۇنداق ھالەتتە ئۆزگىرىپ مىڭىشى ئىنسانلارنى بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بولۇپ باقمىغان تەشۋىشلەرگە سىلىپ قويدى . مەسلەن 1985ـ يىلى «بوستون ژورنىلى» نىڭ بىر ژورنالسىتى شۇنداق دەپ يازىدۇ :« ئەسكى مەنىسىكى ئائىلىۋىي ھايات ئۇنۋىرسىتىتلىرىمىزنىڭ خاراكتىرىگە بەلكى جەمىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خەۋىپ كەلتۈرۋاتىدۇ ». شۇنىڭدەك 1980_يىلى بۈيۈك بېرتانىيەدە كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ئائىلىۋىي چۈشەنچىنى سىياسەت دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلغان . 1986_يىلى باش ۋەزىر مارگىرت ماچچىر خانىم بىر سايلام رىقابىتى سەھنىسىدە " بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئائىلىدىن ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەمللىكىدىن باشلىنىدۇ " دەپ سۆزلىگەن .
ھۈللەس ، جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئاداشقان ئىنسانلار ھەم تەن ئالماقتا . لىكىن ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئىلاج يوق . ئەمدى گەپ كىيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ،ئۇلاردا ئىسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئائىلىۋىي ھاياتتىن توغرا پايدىلىنىشنى ئۈگۈتۈشىمىز كىرەك .
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ ) شۇنداق دىگەنلەر ، :" قايسى قەۋىمدە زىنا تارقالسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاتا بوۋىللىرىدا كۆرىلىپ باقمىغان كىسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ ". بۈگۈنكى كۈندىكى سەراتان ، ئەيدىس كەبى ئەسىرمىزدىكى ۋابالار ئىلگىرى بولغان ئەمەس . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىلەرنىڭ قىلۋاتقان قىلمىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاپەتلەر ئەمەسمىكەن ؟ ھىم ، ئائىلىدەك پاك، مۇقەددەس بارگاھنى تاشلىۋىتىش ، ئۇنى تۈرلۈك بۇزۇق يوللارغا ئالماشتۇرۇش ئەقلى ھۇشى جايىدا ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەر تىپىلىدىغان خەلىقلەر تەرپىدىن ئاقلانغان ئەمەستۇر .
بىز مۇقەددەس ئائىلىۋىي ھاياتنى پۈتۈن ۋە پاك ساقلاپ ، ئۇنىڭ ئەسلى قەدىر قىممىتىگە يىتشىمىز كىرەك . شۇنداق قىلغىنمىزدا ئۇ بىز ئۈچۈن جەزبىدار ، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان راھەت_پاراغەت قەسىرىگە ئايلىنىدۇ .
ئۆزبەكچە مەرىفەت غەزىنىسى ناملىق كىتاپتىن ئۆزلەشتۈرلۈپ تەرجىمە قىلىندى .
تاھىربەگ