ئازراق پىيازنى ئۇششاق توغراپ بوتولكىغا سېلىپ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاغزىنى بىر ئاز ئېچىپ قويۇپ پۇرىقىنى پۇراپ ياتسا،10مىنۇتقا قالماي ئۇيقۇ كېلىدۇ.
15گرام زەنجىۋىلنى ئېزىپ داكىغا ئوراپ ياستۇقنىڭ بېشىغا قويۇپ،پۇرىقىنى پۇراپ ياتسا تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ.يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلنى قوللانغاندا،10كۈندىن بىر ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا،ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.
پىيازنىڭ يېڭىچە رولى
پىياز سۈيىنى ھەسەل،تۇز ۋە مىلتىق دورىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۆگەل ۋە قارا داغ بار جايغا سۈركىسە،مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىياز ئادەم چېچى بىلەن بىللە سوقۇلۇپ،غالجىر ئىت چىشلىگەن جايغا؛تۇز،ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىپ چايان،ھەرە چاققان جايغا؛سوغۇقتىن بولغان ئىششىققا سۈركەلسە،تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىيازنى تۇخۇم سېرىقى ياكى يېڭى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەقئەتكە سۈركىسە ئىششىغانغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىياز تۆگە لوككىسىنىڭ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ تارتىشىپ قالغان پەي بار جايغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.
مەنبەسى: خوتەن گېزىتى
پىياز ئۇرۇقى يېغى مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.يىرىڭلىق يارىلارغا سۈركەلسە،دەرھال يىرىڭنى توختىتىدۇ،ئەت ئۆسۈشنى تېزلىتىدۇ.