ئازگال مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ تەننەرقى ئاران 300 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ شاپاق نەرقى دېيشكە بولىدىكەن. نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، جۇڭگولۇقلار يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چۆچۈتكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، يىغىش-سۈزۈش، يۈزە پىششىقلاپ ئىشلەش، ھايىنىغا سېتىش، يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق 6 چوڭ ھالقىنىڭ بىرى بولغان ئازگال مېيى قارا ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرى سۇ يۈزىگە قايتا لەيلەپ چىقتى.
دۆلەتلىك يېمەكلىك مېيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ ماي خام ئەشياسى ۋە ماي خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ۋۇخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى خې دوڭپىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھازىر دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغان ئازگال مېيى 2 مىليۇن توننىدىن 3 مىليۇن توننىغىچە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىستېمال مىقدارى 22.5 مىليۇن توننا. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، بىز يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن.
ئازگال مېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكىلەر تاشلىۋەتكەن قالدۇق تاماقتىن كەلگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ خىل تاشلاندۇق تاماقنى يىغىپ كېلىپ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ يەنە تاماق ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
ئۇنداقتا، ئازگال مېيىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى: يىغىۋېلىش پرىنسىپلىرىنى كونكرېتلاشتۇرۇشى كېرەك
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ھازىر ئاشخانا ئەخلەتلىرى ۋە كېرەكسىز تاماق مېيى قاتارلىقلارنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىكەن. «ئازگال ژۈندىلىرىنى ئادەتتە باشقىلار ئاكتىپلىق بىلەن كېلىپ يىغىپ كېتىدۇ، بىز ژۈندە يىغىۋېلىش ھەققى ئالىمىز. ئۇلار ژۈندىلەرنى ئېلىپ كېتىپ چوشقا، توخۇ باقىدۇ.» مانا بۇ 2 يەردە گۇاڭدۇڭچە قورۇما مەيخانىسى ئاچقان نوپۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋۇ لىمىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزى. ئۇ مۇخبىرغا گۇاڭدۇڭدىكى كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى مەيخانا-رېستۇرانلارنىڭلارنىڭ ژۈندىسىنىڭ ھەممىسى شەخسلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدۇ، دەپ بىلدۈردى. ئەمما 10 غا يېقىن ئوتتۇرا تىپتىكى تېز تاماقخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان گۇڭجۇلۇق لى مىڭچۈەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا راستچىللىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: تاماقخانىمىزنىڭ كېرەكسىز ژۈندىلىرىنىڭ بىر قىسىمى مۇھىت ئاسىراش ئىشخانىسىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغاندىن باشقا قالغان قىسمىنى شەخسى ژۈندە يىغىۋالغۇچىلار يىغىۋالىدۇ.
9-ئاي كىرگەندىن بېرى، «گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئاشخانا ئەخلەت-چىقىرىندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش ھۆججىتى)»، «گۇاڭجۇ شەھەرلىك تاشلاندۇق يېمەكلىك مېيىنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش ھۆججىتى)» قاتارلىق ئىككى پارچە باشقۇرۇش چارىسى ئاقىمۇ-ئارقا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئاممىنىڭ پىكىرى قوبۇل قىلىندى.
ناھايىتى ئېنىقكى، نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى مۇكەممەل بولغان تاشلاندۇق يېمەكلىك مېيىنى يىغىۋېلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق پۈتكۈل ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئازگال مېيىنىڭ قايتىدىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، كۆپ ساندىكى يېمەكلىك ساھەسىدىكى كىشىلەر بۇنداق مۇكەممەل باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىدىن ئەنسىرىمەكتە.
گۇاڭجۇدىكى يەنە بىر نوپۇزلۇق زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىنىڭ مەسئۇلى يې جى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: زەنجىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى (四联单制度) يېمەكلىك ژۈندە مېيىنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالمايدۇ.يېمەكلىك ژۈندە مېيىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى نازارەت قىلىپ بېكىتىش بۇ قىيىن مەسىلە، ئەگەر تاماقخانىدا 4 تۇڭ يېمەكلىك ژۈندە مېيى بولسا، ئەمما تاماقخانا مەسئۇللىرى زەنجىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەدۋىلىگە 2 تۇڭ دەپ ئېلان قىلسا، قالغان 2 تۇڭ يېمەكلىك ژۈندە ماينى ئوخشاشلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا سېتىپ بەرسە، بۇ خىل ئەھۋالنى بايقاش تەس بولغاچقا، بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يەنىلا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن.
مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار مۇنداق دەيدۇ: يىغىۋېلىش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت باش بولۇپ نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر قانچە نوپۇزلۇق كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يىغىۋالسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق ژۈندىسى، كېرەكسىز تاماق مېيىنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، مەنپەئەتنىڭ كۈچىدىن بولغان. ھازىر كۆپ ساندىكى يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ ژۈندە ماي تۇڭلىرى مەخسۇس كىشىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىۋالغۇچى يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىغا مەلۇم مىقداردا ھەق تۆلەيدۇ. قىسمەن يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ كېرەكسىز ژۈندىلەرنى سېتىپ قىلغان كىرىمىمۇ نەچچە 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئىشقىلىپ، نورمال ئىش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرگەندە، ھەر قايسى جايلاردىكى نازارەت تارماقلىرىنىڭ قوللىنىدىغىنى «كىم ئىشلەپچىقارغان بولسا، شۇ ھەق تاپشۇرۇشقا مەسئۇل» بولغانلىقتىن، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ۋۇ لىمىن مۇنداق بىلدۈردى: يىغىۋېلىشتا ئەگەر يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرى قايتا ھەق تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. ئەمما كەسپىي خادىملار تاشلاندۇق ماينىڭ زادى ئەخلەتمۇ ياكى بايلىقمۇ؟ بۇ ھەقتە قايتا بېكىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ.
مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى