مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1419|ئىنكاس: 6

بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسراشتىكى 7 پرىنسىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50880
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2011-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 07:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا بالىلار جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق بالىلار يەسلىگە بارغاندا چىشىنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى %40 بولىدىكەن. جوڭگۇلۇق بالىلاردىمۇ ئوخشاش مەسىلە مەۋجۇت. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ تۇنجى چىشى چىققاندىن باشلاپ، ئۇلاردا ياخشى بولغان ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئامېرىكا «ئېنتېرنىت تېببىي دوكتورى تورى» بۇ ھەقتە «بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسراشتىكى 7 پرىنسىپ» ناملىق ماقالىنى ئېلان ئېلان قىلىپ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.


1. چىشنى ئاسىراشنى بالا 1 ياش ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دوكىلاتىدا، چىش ئاسىراشنى قانچىكى بۇرۇن ئېلىپ بارسا، چىش ساغلاملىقى ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق شۇنداقلا داۋالىنىش خىراجىتىنى تىجەيدۇ دەپ كۆرسەتتى. باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1 ياش ۋاقتىدىلا چىش ئاسراش تەدبىرىنى قوللانغان بالىلاردا 5 يىلدىن كېيىنكى چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش خىراجىتى %40 تۆۋەنلىگەن.
2. بالىلارنىڭ چىشىنى چوتكىلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا چىشىنى چوتكىلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. بالىلار چىش مۇتەخەسسىسى بېلفىر لاجىنت دوكتور بالىنىڭ تۇنجى چىشى چىققاندىن باشلاپ بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلاش، ھەتتا بالىنىڭ چىشى چىقىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار داكا ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلىشى كېرەك. چىش چىققاندىن كېيىن، يۇمشاق تۈكلۈك چىش پاستىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
3. ئېمىزگە بوتۇلكىسىدىن چىشنى قۇرت يېيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلار چىش دوختۇرى ۋە چىش دوختۇرلىرى ئىزچىل ھالدا ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنىڭ ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى شورىغىنىچە ئۇخلىماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئېغىزدىكى سۈت تەركىبىدىكى قەنت ماددىسى بالىنىڭ چىشىغا چاپلىشىۋېلىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ باكتېرىيەلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كىسلاتالىق ماددا ھاسىل قىلىپ چىشنى قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، چىش ئاغرىقى بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە تىل ئۆگىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر بالىدا ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى شورىغىنىچە ئۇخلاش ئادىتى بولسا، ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى ئەڭ ياخشىسى پاكىز يۇيۇپ، ئىلمان قايناقسۇ قاچىلاپ بېرىش كېرەك.
4. ئىچىملىك ئىچكەندە يىپېتكا (吸管) نى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. نۇرغۇن بالىلار يىپېتكا ئارقىلىق سۇ ۋە مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مېۋە شىرنىسى ۋە باشقا قەنتلىك ئىچىملىكلەر بالىلارنىڭ چىش ساغلاملىقىغا پايدىسىز. بولۇپمۇ بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلار ئۇزۇن مۇددەت يىپېتكا (吸管) نى ئىشلەتكەندە، ئوتتۇرا چىش ئارقا قىسمىنى قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا مېۋە شىربىتى قاتارلىقلارنى ئىچكەندە ئىمكانقەدەر كەڭ ئېغىزلىق ئىستاكانلاردا ئىچىش كېرەك.
5. بالا 2 ياشقا توشقاندا بالىنى ئېمىزگىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك. 1 ياشقا كىرگەن بالا ئۈچۈن ئېمىزگە بوۋاقتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ئېمىزگە ئىشلەتكەندە، چىشنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق.
ئېمىزگىنى كۈچەپ شوراش بالىنىڭ ئاستى-ئۈستى چىشنىڭ رەتلىك تىزىلىشىغا پايدىلىق، ھەتتا ئېغىز شەكلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بالا 2 ياشقا توشقاندا ئېمىزگىنى تاشلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
6. ئېغىز بوشلۇقىغا پايدىسىز دورىلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان بالىلار دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسى بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر چىشقا چاپلىشىۋېلىپ چىشنى قۇرت يىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىچىك بالىلار دەم سىقىش كېسىلى (小儿哮喘) ۋە يۈرەك كېسەللىك دورىلىرى ئاسانلا چىشنى قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانتىبىئوتىكلار (抗生素) ۋە بەزىبىر زىققا كېسىلى دورىلىرى فېرمېنتلار (酵母) نىڭ كۆپلەپ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەمبۇرۇغ (真菌) دىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز چايقاش كېرەك.
7. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئائىلە-باشلىقلىرى بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارغا چىش چوتكىلاشنى ئۆگىتىش ناھايىتى قىيىن، ھەمدە كىچىك ئىشنى چوڭايتىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز ساقلاش ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، چوقۇم قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك، سۇسلۇق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.


(«ھاياتلىق گېزىتى» 2011-يىلى 7-ئىيۇل)

QQ:413625200

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1497
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2488 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ قىزىممۇ 2ياشقا كىرەي دەپ قالدى.لېكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىمىۋاتىدۇ.شۇ سەۋەپ بىلەن قىزىمنىڭ ئۇستىنكى ئوتتۇرا 4تال چىشى ھازىر قۇرۇت يەپ چىرىپ كەتتى .دوختۇرخانىغا ئاپارساق دوختۇر چىشىنى چوتكىلاپ بەرسەڭلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.دېدى ئاندىن بالاڭلار ئىمىۋاتامدۇ ئاخشىمى ئىمىپ ئۇخلامدۇ دەپ سورىدى.قىزىمدا دەل شۇنداق ئىشلار بار.ئىمىپ ئۇخلىمىسا ھەرگىز ئۇخلىمايدۇ.كېچىسى نەچچە رەت ئىمىدۇ .لېكىن مەن بىرە قىتىممۇ كەينىدىن قايناقسۇ ياكى سۇ ئىچكۈزۇپ باقمىدىم.شۇ نەيچە بىلەن ئىچىملىك ئىچىشكە بەك ئامراق.كاڭ خانىم قىزلارلارغا كۈچلۈك تەۋسىيەرىم بالىنى ئۇزاق ئىمىتسە ياخشى .لېكىن كەچلىكى ئىمىتىپ ئۇخلىتشتىن قاتتىق  ھەزەر ئەيلەڭ.نەيچىلىك ئىچىملىكنى ئاز بېرىڭ.لېكىن قىزىم بەك ئەقىللىق ،گەپ قىلىشى بەك ياخشى .شۇ چىشىنى ھەر قېتىم كۆرسەم بەك ئازاپلىنىمەن.چوتكىلىتىشىم بەك تەسكە توختايدۇ.ھەر قېتىم يىغلايدۇ ئۇنىمايدۇ.بەك تەسكەن كىچىك بالىنىڭ ئاغزىغا چوتكا سالماق..ھەي لېكىن بۇنىڭدىنمۇ ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇنى سۈتتىن ئايرىيالمايۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1497
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2488 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن.
كاڭ خانىم قىزلار ئەمەس....كەڭ خانىم قىزلارغا....

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4235
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4265 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 10:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا بالدۇرراق بىلگەن بولسا بۇرۇنلا ئاپامغا دەپ قوياركەنمەن ،،مىنىڭ چىشىمنىمۇ ئۆلچەملىك قىلىپ چوڭ قىلاركەن ئەمەسمۇ،،ئىسىت

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11852
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 12:16:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىق بولغان بارلىق كىشىلەر بىلىۋالساق بولىدىغان تىماكەن،
رەھمەت سىزگە

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8428
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4116 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:31:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشلەرگەن، مەنمۇ ئوغلۇمغا چىش چوتكىسى ئېلىپ بەرسەم بولغىدەك، دائىم چىشىمنى چوتكىلىسام مەنمۇ چوتكىلايمەن دەپ تۇرۋالاتتى.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51024
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1489
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:40:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە مەنمۇ دەرھال ئۇكامغا چىش پاستىسى ئېلىپ بېرەي

ئادەم  نېمىلەرگە كۆنمىگەن  دەيسىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش