بىزدە «تەن ساقلىق زور بايلىق» دەيدىغان ھېكمەت بار. كېسەل كۆرسىتىش تەس، داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىقى ئاتىلار سۆزىگە بولغان ئىشەنچىمىز يەنە ئون چامدام ئاشماقتا. دەر ھەقىقەت، ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. كىشى ئۈچۈن ساغلاملىققا يېتىدىغان دوست بولمىغىنىدەك، كېسەللىككە يېتىدىغان ھەم دۈشمەن يوق. ئىنسان ئۈچۈن ساغلاملىق مەڭگۈلۈك تېما، تەن ساغلام بولمىسا قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار.
كۈنىمىزدە ھەممە شۇنداق تېز تەرەققىي قىلماقتا، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلەشمەكتە. ماددىي تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ بوش كەلمەي تېز كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئاراساقلىق ھالىتىدە ساقسىزلىق بېكىتىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېسەل كارۋىتىغا تەكرار يىقىلماقتا... مانا بۇلار ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ساغلاملىق ساۋاتلىرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت ئەلداۋالىقلارنىڭ قەلبىدە ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بەجاندىل خىزمەت قىلىدىغان مۇقەددەس بىر ئوتنى تۇتاشتۇردى. مانا بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتى (
www.eldawa.com ) مۇشۇ پەيتلەردە كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتىمىز ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، مەزكۇر تور بېكەت مەخسۇس تېببىي خادىملار تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، دىيارىمىزدىكى تونۇلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىدىغان، شۇنداقلا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تور بېكىتىدۇر.
«ئەلنىڭ داۋاسى بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ھەمدە ئۆز ئەجرىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئەلداۋالىقلارنىڭ يەتمەكچى بولغان بۈيۈك مەنزىل-نىشانىدۇر.
ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
www.eldawa.com