مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9018|ئىنكاس: 53

دىيارىمىزدىكى يۇرت ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:15:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.شىخو_  ئۇيغۇرچە بۇرۇنقى نامى « قاراسۇ » . شىخو دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ،بۇ ئىسىم بەلكىم قاراسۇدىكى  نىلوپەر كولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىن .  خەنزۇچە نامى ۋۇسۇ ، بۇ قاراسۇ دىگەن ئۇيغۇرچە نامى بىلەن ئاھاڭداش .

2. ئاقسۇ_ ئۇيغۇرچە مەنىسى ئاق رەڭلىك سۇ .
سۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا دەريا دىگەن مەنىدە ، شۇڭا بۇ يەر نامى تۈركى خەلقلەر بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بار .

3. كۇچا_ ئۇيغۇرچە «تار كوچا ، خاڭ يولى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
يوقۇرقىدەك دىيىش خاتا ، بۇ خەتنىڭ ئەسلى شەكلى كۇشان ، كۈسەن ، كۆسەن بولۇپ تارىخىمىزدىكى كۆسەن دولىتىمىزنىڭ پايتەختى . كۇچا دىگەن سوز كۇشان دىگەن سوزدىن قىسقىراپ بارلىققا كەلگەن .

4. شايار _ ئۇيغۇرچە مەنىسى « يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كويۈنىشى » دىن ئىبارەت .
يوقۇرقى قاراش خاتا ، بۇ شاھ+يار ، يەنى پادىشا يار بولغان زىمىن دىگەن مەنىدە . بۇ يۇرت بىر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن قارا خانىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر شاھى تەرىپىدىن قايتا ئاۋات قىلىنغان . يۇرتىمىزدىكى پەيزىۋات دىگەن يۇرتمۇ قارا خانىلارنىڭ پەيزۇللاھ ئىسىملىك بىر شاخزادىسى تەرىپىدىن باياشات قىلىنغان .  

5. باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى« قەد كوتۈرۈپ تۇرۇش» .
خاتا؛ باغراش ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر  قەبىلىسىنىڭ ئىسمى . ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە باغداش دىگەن يەر بار . بۇمۇ مەركۇز ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن باغلىنىدۇ . ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق قەبىلە نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرى خېلى بار . مەسىلەن :قارلۇق دىگەن يەر نامى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ، خۇتەننىڭ كىرىيە ناھىيەسىدە ۋە قۇمۇلدا تەڭلا مەۋجۇت . قارلۇق قەبىلىسى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ رايونلارغا تارالغان بولىشى مومكىن . بۇنداق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرىدىن يەنە مەركىت ، بارىن ، يوپۇرغا ، بۈگۈر ، ئىتارچى، بارلاس قاتارلىقلارنى كورسىتىش مومكىن . شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ قەبىلە ناملىرى قازاق ۋە مۇڭغۇللاردىمۇ ئۇچرايدۇ .ئۇيغۇر قازاق بىر مەنبەلىك . مۇڭغۇللارنىڭمۇ تارىختا بىز بىلەن باغلىنىشى كوپ ھەم بىزگە ئوخشاش ئورتاق ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ قەبىلە ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچىدا تەڭلا ئىشلىتىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس .

6.  باي_ئۇيغۇرچە «باي بولماق ، بايلىق» دىگەن مەنىدە .
چالا؛ تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ يۇرت «باي ياغاچ» دەپ يېزىلغان . بۇرۇنقى ئۇيغۇرچىدا ياغاچ ئورمان دىگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ . بەلكىم بىپايان ئورمان دىگەن مەنىدە بولسا كېرەك .

7. ئاۋات_ئۇيغۇرچە مەنىسى « گۈللەپ ياشنىماق ، ئاۋاتلاشماق » .
خاتا ؛ ئاۋات دىگەن سوزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا « شەھەر» دىگەنمۇ مەنىسى بار . خۇددى كەنىت دىگەن سوزنىڭ شەھەر دىگەن مەنىدە بولغىنىغا ئوخشاش .
نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كوپۈيۈشى ۋە تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەپلىك ، دىيارىمىزدا نۇرغۇن شەھەرلەر خاراپ بولغان ، ياكى شەھەرلەر تارىيىپ كەنىتكە ئايلىنىپ قالغان . ھازىرقى بىز ئاۋات نامى بىلەن ئاتاۋاتغان يەرلەر ئسلى شەھەر بولۇپ ،كېيىن خاراپ بولۇپ بۈگۈنكى كىچىك-كىچىك ئاۋاتلار پەيدا بولغان بولىشى مومكىن .

8. بايىنبولاق  _ موڭغۇلچە مەنىسى «كەڭرى يايلاق» .
خاتا؛ مەنىسى باي بولاق .

9 . خۇشۇت_ موڭغۇلچە «خېخىتې» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، قەبىلىنىڭ نامى .
توغرا ؛ مۇڭغۇۇللارنىڭ خۇشۇت قەبىلىسى 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى 10 يىللار ئەتراپىدا مانجۇ خانلىغى تەرىپىدىن چىگرىلارنى مۇستەھكەملەش ھىسابىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كوچۈرۈپ كېلىنگەن . شىبە ، مۇڭغۇل ، داغۇر ، مانجۇ ، سۇلۇن قاتارلىق بۇنداق بىڭتۇئەن قەبىلىلەرنىڭ نامى  ھازىرغىچە دىيارىمىزدا قوللىنىلماقتا . مەسىلەن: جۇڭغار ئويمانلىغى ، بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى يارىش يىزلىقى ئىدى . يارىش - مۇسابىقە دىگەن مەنىدە بولۇپ ، تۇركىيە تۈرۈكچىسىدە ھازىرمۇ بۇ سوز بار . خۇددى يازلاق يازلايدىغان يەر ، قىشلاق قىشلايدىغان يەر مەنىسىدە كەلگەنگە ئوخشاش .

10.غۇلجا _ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا مارالنىڭ بىر تۈرى .

11.خۇتەن _ قەدىمى ئۇيغۇرچىدا ئۇدۇن . بۇ سوزنىڭ تومۇرى ئۇد ، ئۇد_ئويلانماق ، تەپەككۈر قىلماق دىگەن مەنىدە . مۇشۇ بويىچە تەپەككۈر قىلغاندا ئۇدۇن دىگەن سوز تەپەككۈر قىلغۇچى پەيلاسوپ دىگەنلىك بولىدۇ . ئەگەر ئۇدۇن سوزىنىڭ تومۇرىدىكى ئۇد سوزىنى ئۇتماق مەنىسىدىكى ئۇت يىلتىزىدىن كەلگەن دىسەك ، ئۇتقۇچى ، يەڭگۈچى ، غالىپ دىگەنلىك بولىدۇ . بۇ سوزنى بەزىلەر ھىندىچە قۇستانا دىگەن سوزدىن كەلگەن دەيدۇ . لېكىن بۈيۈك تىلشۇناس بوۋېمىز  دىۋانىدا ئۇدۇن دەپ يازغان . شۇڭا يەڭگۈچى ۋە تەپەككۈرچى دىگەن مەنە ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن .

12. تۇرپان _ تۇرغان ، ماكانلاشقان شەھەرلەشكەن ، كوچمەنلىكنى تاشلاپ تۇرۇپ قالغان دىگەن مەنىدە . تۇرپان ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىكنى تاشلاپ بەرپا قىلغان ئەڭ قەدىمكى شەھەر . مۇشۇ مەنىدە بولغاندا تارىخقىمۇ ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ .

13.قاغىلىق _ ئۇيغۇرچە مەنىسى « ئولتۇراقلىشىقا بولىدىغان جاي ، قاغا بىر قەدەر كوپ جاي» .
خاتا : قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا بۇ يەر قارغالۇق دەپ يېزىلغان . مەنىسى قارغا ئالىدىغان، قارغا ئاتىدىغان يەر دىگەن مەنىدە .

14. مەكىت _ ئۇيغۇرچە «ئوتتۇرا بەلباغدىن كوچۈپ كەلگەن ئادەم »دىگەن مەنىگە ئىگە .
خاتا ؛ بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ بىرى ، بۇ قەبىلە دولان قەبىلىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن ، شۇڭا مەركىتلىكلەر ئوزىنى ئۇيغۇر دولانلىرىدىن دەپ قارايدۇ .

15.قەشقەر _ «ئۇيغۇرچە مەنىسى ھەر-خىل رەڭدىكى خىش ئوي »، قەدىمقى ساك تىلىدا « قاشتىشى توپلانغان جاي دىگەن مەنىدە» .
قەشقەر كونا شەھەر « توپرىقى مۇنبەت، خەلقى باي» .
يوقارقى كارامەت ئۇيغۇرچە مەنىلەرنى بىر ئۇيغۇرنىڭ چىنپۈتۈپ كوچۈرۈپ يۈرگۈنىگە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ .
قەشقەر ئەسلى قاش تېشى دىگەن دىگەن مەنىدىكى قاش سوزىگە ئۇستا، ھۈنەرۋەن مەنىسىدىكى كار، كەر، گار ،گەر  قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان . بوۋېلىرىمىز خۇتەندىن تاش قېزىپ قەشقەردىكى دۇنيا يەرمەنكىسىگە قويغان ، قولى گۈل قەشقەر ئۇيغۇرلىرى تاشتىن ھۈنەر بىلەن گۈل چىقىرىپ جاھانغا ساتقان . ئۇيغۇر دىيارىدا ھۈنەرۋەنچىلىك  بىلەن باغلىنىشلىق يەر ناملىرى بەك كوپ . مەسىلەن: ياركەنت ۋە يېڭى شەھەردىكى تاغارچى ، كورلىدىكى كۆنچى ، غۇلجىدىكى قازانچى قاتارلىقلار ...

16. قىزىلسۇ_ قىرغىزچە مەنىسى « قىزىل - سۇ » .
     ئاقتۇ _  قىرغىزچە مەنىسى « ئاق تاغ ».
    ئۇلۇغچات_ قىرغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال » .
    ئاقچى _ قىرغىزچە مەنىسى « ئاق چىغ » دىن ئىبارەت .
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قىزىلسۇنىڭ قىرغىز ئوبلاست دىيىلگىنىگە قاراپلا تاپقان گەپلەر . ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى قىرغىز مىللىتى1916-يىلىدىن باشلاپ  دىيارىمىزغا روس ئاسمىلاتسىيىسىدىن قېچىپ كەلگەن . ئۇيغۇر خەلقى تىلى ۋە دېنى بىر بولغان بۇ تۇرۈك قەۋمىگە تەۋە بۇ قېرىنداشلىرىنى ئۇلار خالىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇدا باج بولۇپ ئىتىپاق ياشىغان . ئۇلۇغچات ( ئۇلۇغ ئاچال، ئۇيغۇر تىلىدىكى چات سوزىنىڭمۇ ئاچا دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىگى ئېنىق .) ئاق تاغ ، ئاق چىغ ، قىزىلسۇ دىگەن ناملار قىرغىزلار كېلىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى.  پەقەت قىرغىز قېرىنداشلار كەلگەندىن كېيىن بۇ جاي ناملىرى پەقەت تەلەپپۇز جەھەتتىن قىرغىزچىلاشقان . مەسىلەن :  ئاق تاغ دىگەندىكى «تاغ »سوزىنى قىرغىزلار « توۋ » دەپ تەلەپپۇز  قىلىدۇ .

17. كورلا_ ئۇيغۇرچە مەنىسى « نەزەر تاشلىماق » .
خاتا ؛ مەنىسى كويلا ، يەنى تۈگمەننىڭ كويلىسى . بۇ شەھەر كۈنچى دەرياسى قېنىنى ئوزگەرتكەنلىك سەۋەبى بىلەن بىر قېتىم خاراپ بولۇپ ، ئەسلى ئورنىدىن كۈنچى دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى تۈگمەن كويلىسىنى مەركەز قىلىپ قايتا قۇرۇلغانلىغى سەۋەپلىك شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مومكىن .

18. ئۈرۈمچى_ تارىخى ھەمىدىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەسەردە بۇ نامنىڭ ئەسلىدە رومچە دىگەن سوزدىن كەلگەنلىكى ، بۇ شەھەر روم شەھىرىنىڭ كىچىگى دىگەن مەنىدە رومچە دەپ ئاتالغانلىغى . كېيىن تەلەپپۇز  ئوزگىرىپ ئۈرۈمچە بولۇپ قالغانلىغى يېزىلغان .

19. سانجى _ ئەسلى ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى جانبالىق بولۇپ بولۇپ ، جاندەك ئېزىز شەھەر دىگەن مەنىدە . ھازىرقى نامى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا سىڭىپ كىرگەن .

20. جىمسار _ تېنچ شەھەر ، جىم شەھەر ، سار - شەھەر .

21. قۇتۇبى_ ئەسلى قۇتبەي ، قۇت=بەخىت ، بەي=بەگ . قۇتلۇق بەگ .

22 .ماناس_ قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى قەھرىماننىڭ ئىسمى . بۇ نام قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىدا تىلغا ئېلىنغانلىغى بىلەن ، قەھرىمان ماناسنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر .

23 . تاشساي_ شىخەنزە ، بۇ يەر نامى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا ، ئاندىن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا قايتىمەن دەپ تولا چوگىلەۋېرىپ قىيىپ كەتكەن .

24 .مارالبېشى _ ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى دىگەن مەنىدە .
بۇ يۇرتنىڭ  قەدىمقى نامى  بارچۇق ، (خەنزۇچە ئاتىلىشى ئازراق يېقىن كېلىدۇ ، لېكىن قىسقارتىلغان ) بارچۇق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى .

25 . تاشقورغان_ ئۇيغۇرچە تاش شەھەر دىگەن مەنىگە ئىگە .

26. قارا قاش _ ئۇيغۇرچە « قارا رەڭلىك قاشتىشى »  دىگەن مەنىگە ئىگە .

27 . لوپ _  ئۇيغۇرچە « تاغاق سوڭىكى » ، يەنە لوپنۇرلۇقلار دىگەن سوزدىن ئوزگەرگەن دىگەن قاراشمۇ بار .
خاتا ؛ لوپ بىلەن لوپنۇر دىگەن بىر گەپ . لوپنۇر دىگەن لوپ كۆلى دىگەنلىك .  نۇر قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچىدا كۆل  دىگەن مەنىدە . ئىككىلىسى لوپ كولىنىڭ نامىدىن كەلگەن .

28. چىرىيە_ ئۇيغۇرچە چىلان دىەەن مەنىدە .
خاتا ؛ ئۇيغۇرچە چىرىيە دەپ يەر نامى يوق ، خۇتەن ئۇيغۇرلىرى بۇ يەرنى چىرا دەيدۇ . ئۇيغۇرچە چىرا  چارا ،يەنى چوڭ قاچا ،يەنى تەڭنە-تەڭلە دىگەن سوز .

29 . پوسكام_ تاجىكچە مەنىسى «ئالتۇن دەرياسى» ، ئۇيغۇرچە مەنىسى « مۇنبەت توپراق» .
ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خەنزۇچە ئات قويۇشتا بەك قىيىنلاشقان . ئەسلىدە زەرەپشان دىگەن سوز  تاجىكچە زەر ئاقىدىغان دەريا دىگەن سوز بولۇپ بۇ ياركەنت دەرياسىنىڭ پارس-تاجىكچە ئىسمى . بۇنى زىلۇپۇشىيەن دەپ يېزىپ بۇ نامنى  زىپۇ دەپ قىسقارتىپ پوسكام دىگەن يەرگە قويغان . ياركەنت دىگەن سوزنى قىسقارتىپ پوسكام دىگەن يەرگە قويغان . ياركەنت دىگەن دىگەن سوزنى قىسقارتىپ يى ئېر چىياڭ دوپ يېزىپ يېچىڭ دەپ قىسقارتىپ قاغىلىققا قويغان . يوقارقىلار خەنزۇچە تەرجىمە جەريانىدىكى ئويدۇرۇپ چىقىلغان ، يول قويۇشقا بولمايدىغان خاتالىقلار .بۇ خىل يېتەرسىزلىكلەر ھەتتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ۋېۋېسكىسىدىمۇ روشەن كورىلىدۇ .

30 . يەكەن_ قەدىمقى تۈرۈك تىلىدا « تىك قىيا (يار ) دىكى شەھەر » .
يار سوزىنى مەھمۇد  قەشقىرى  دوست ، مەھبۇپ دەپ ئىزاھلىغان . بەلكىم دوست شەھەر ياكى يار بويىدىكى شەھەر دىگەن مەنىدە بولىشى مومكىن .

31. چۆگىر چوققىسى _ ئەسلى توغرىسى چاغرى ، چوغرى چوققىسى بولىشى كېرەك . چاغرى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا لاچىننىڭ بىر تۈرى .

32. قارا شەھەر _ «ئۇلۇغ شەھەر » دىگەن مەنىدە .

33 . يېڭىسار _ ئەسلى يېڭى ھىسار ، ھىسار «شەھەر ، قورغان » دىگەن مەنىدە ، خۇددى جىمسار دىگەندىكى ھىسارغا ئوخشاش .

34 . چۆچەك _ قاچىلارنىڭ بىر تۈرى .

35 . ئالتاي _ ئالتۇن دىگەن مەنىدە . يەنە بىر قەھرىمانىمىزنىڭمۇ ئىسمى ئالتاي بولغانىكەن ، تۈركىيەدە بۇ ئىسىم بەك كوپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسنا قەبىلىسى مۇشۇ يەردىن تارقالغان دەپ سوزلىنىدۇ .

36 . بورتالا _ ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بۆرتالا دەيدۇ .  بۇ خاتا ، ئەسلىدە بورتالا بولۇپ ، ئاق دالا دىگەن مەنىدە . غۇلجىدا كوك دالا دىگەن يەرمۇ بار . بۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ئۈزۈمنىڭ مىۋڭسىنى كورسىتىدۇ . ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى بور ، ياغىچىنى ئۈزۈم دىگەن . تۇرپاندىكى بويلۇق ئەسلىدە بورلۇق دىگەن سوزدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۈزۈمگەن مەنىدە .

37. تەكلىماكان_ ئەسلى تەلەپپۇزى تەركلى ماكان بولۇپ ، تەرك ئېتىلگەن ماكان دىگەنلىك بولىدۇ . بەزىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن گەپكە ئەگىشىپ «ھالاكەت دېڭېزى » دەپ يۈرىشىدۇ . ئېنىقكى تەكلىماكان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھالاكەت دېڭىزى ئەمەس . خەلقىمىز ئامالسىز تاشلىنىپ قالغان بۇ توپراقلارنى ئەزىزلەپ كەلگەن . قۇملۇق باشقىلار ئۈچۈن ھالاكەت دېڭىزى بولغان بىلەن ، قوملۇق بويىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەسىدۇر . شۇڭا خەلقىمىز قۇمغا كومۇپ داۋالاشنى كەسىپ قىلغان .

38. تارىم_ بۇ ئىسىم تارىم دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . خۇددى لوپ دىگەن نام دىگەن لوپنۇر كولىنىڭ نامىدىن كەلگەنگە ئوخشاش . مەھمۇد بوۋېمىز خان جەمەتىدىكى ئېتىبارلىق خانىشلارنىڭمۇ تارىم دىيىلىدىغانلىغىنى يازغان .

39 . قارا قۇرۇم_ قارا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ئۇلۇغ ، بۈيۈك ، كۈن پېتىش دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە . شۇڭا قارا قۇرۇم ، ئۇلۇغ قۇرۇم ، ئۇلۇغ قىيا دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .

40 . كوئىنلون _ بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچە قورۇم سوزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرلىرىمىز  ئۇيغۇرچىسىنى ئۇنتۇپ خەنزۇچىسىنى قوللىنىۋالغان . قۇرۇم ، قورھم تاش ، يەنى بۈيۈك تاش ، بۈيۈك قىيا دىگەن مەنىدە . قارا قۇرۇم قۇرۇم تاغلىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بولغاچقا بوۋېلىرىمىز بىرىگە قۇرۇم يەنە بىرىگە قارا قۇرۇم دەپ نام بەرگەن بولىشى مومكىن ، ياكى كىچىكرەكىنى قۇرۇم ، چوڭراقىنى قارا قۇرۇم دىگەن بولىشى مومكىن .

41 . يۇرۇڭقاش _ يۇرۇڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ئاق دىگەن مەنىدە . بۇ قارا قىش دىگەنگە تەڭداش بولۇپ ئاق تاش چىقىدىغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان .

42 . جۇڭغار _ مانجۇلاردىن مەغلۇپ بولغان يۇرتىمىزغا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قېچىپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىسىنىڭ ئىسمى . بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىسمى يارىش ، مەنىسى بەيگە ، بەيگە مەيدانى . ئادەتتە يارىش يازلىقى دىيىلگەن . يازلاق يازلايدىغان يەر .

43 . مۇز  ئارت _ ئارت داۋان دىگەن مەنىدە ، مۇز ئارت دېمەك ، مۇز داۋان دېمەكتۇر  .

بۇ ماتىريالنىڭ ئىلمى ئاساسى باركەن شۇڭا بىر دوستۇمنىڭ تور بوشلىقىدىن رەتلەپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن سۇندۇم، ئاپتورنىڭ ئىسمى يوقكەن، كوپچىلىكنىڭ يوچۇق قالغان يەرلىرى بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. )

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Ruin + 100 ئەھمىيەتلىك تىما  رەھمەت!
دەقيانوس + 109 ئەھمىيەتلىك
باھادىر + 20 كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 229   باھا خاتىرىسى

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47808
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3772
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 11:12:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئوقۇپ نۇرغۇن بىلىمىلگە ئىگە بولدۇم . تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

(شىخۇ خەنزۇچە نامى ۋۇسۇ ، بۇ قاراسۇ دىگەن ئۇيغۇرچە نامى بىلەن ئاھاڭداش . )
ئاھاڭداش دىمەي مەنىداش دەپ ئالسىڭىز بولامدۇ نېمە ؟

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 11:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىداش سوزلەر مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن سوزلەر بولۇشى كېرەك ، بىراق خەنزۇچە乌苏 دىگەن بۇ سوز قاراسۇ بىلەن ئاھاڭداش ،مەنىداش ئەمەس .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11234
تۆھپە نۇمۇرى: 1866
توردا: 2323 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 11:44:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ھالدا بىلمەيدىغان بىلىمدىن بىرىگە ئىگە بولدۇم ... رەھمەت سىزگە ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 11:50:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر يازغاندا  مۇشۇ ئىسىملارنى قوللىنىپ ئەسكەرتىشلەرنى بەرگەن بولسا ئىسىمىزدىنمۇ چىقىپ قالماستى ````
رەھمەت سىزگە```

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 11:52:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7282
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3857 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:02:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  بىلۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇم نامىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالدىم. بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش ھېلىھەم كۆپ.

ئادەم بولماق تەس

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

كۆپرەك  دوستۇم بولسا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش