مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kvyqi

سۆيگۈ ئارخىپىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 04:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈ ئارخىپىم داۋامى:

كۆڭلۈم باشقىچە بىر شۇملۇقنى سەزگەندە ھېس قىلىپ ئۆزەمچە شۈركىنىپ كەتتىم ئاستا ئورنۇمدا ئولتۇردۇم ، ھاراق ئايلىنىپ ماڭا كەلدى ، مەن ئۆزرە بىلەن ئىچمەيمەن دېدىم ،
-ھۇي ئۇكا ، بۇيەردە قاراپ ئولتاماي ئېىچپ قۇيسىڭىزا ،
-مەن راسىت ئىچەلمەيمەن ، ھەم ئىچىپ باقىمىغان ،شۇڭا ......
-بولدى دېدى غەيرەت بىر خىل سۇغۇق تەلەپپۇزدا ؛-ئارتۇقى يوق بۇنىڭ ، ئىچمىسە مەيلى ، لىكىن بىزگە گىتتار چېلىپ ئولتۇرۇشۇپ بەرگىن ،
شۇنداق دەپ بولغىچە ساقى يولدا گىتتارنى قۇلۇمغا تۇتقازدى ،مەن ئاستا چېلىشقا باشلىدىم ، شۇ تاپتا ئۆزۆمنى دۇنيادا ئەڭ بىچارە ئادەم ھېساپلايتىم ، مەن نىمە قىلغىنىمغا  بۇنداق خارلىنىمەن بۇيەردە ؟ كەچ كىرگەنسېرى سۇغۇق ھەدەپ ئەدەپ كىتىپ بارتتى ، گىتتار تۇتقان قۇلۇم بىردەمدىلا  توڭلاپ -ئۇيۇشۇپ ،پەدىنى تۇتۇشقا كەلمىدى، لىكىن  ئۇلار خىيالىدا يۇق ئۆزىنىڭ ئىشى،ئۆزىنىڭ گىپى بىلەن ئىدى ، بىر زامانلاردا ئاشىقلىق ، خۇشاللىق ئىلكىدە گىتتار چالغان مەن ئدىم ، كىين زىرىكىش ئىچىدە گىتتار چالغان مەن ئىدىم ، تەڭلىلىك ئىچەدە گىتتار چالغان مەن ئىدىم ، مۇھەببەت ئۈچۈن گىتتار چالغانمۇ مەن ئىدىم ، لىكىن مەن بۈگۈن بۇيەردە .......
شۇلارنى خىيال قىلىپ قۇلۇم توختاپ قاپتۇ ، ئۇلار بۇنى سېزىپلا ماڭا گەپ ئاتتى :-
-نىمە توختاپ قالدىڭغۇ ؟
-قۇلۇم بەكلا توڭلاپ كەتتى ، چىدىمىدىم .
-ھۇھاھاھا !! ماگەپنى ، چىدىمىدىم دىگىن ، ئوغول بالا ئەمەس ئوخشايسەن ،شۇ ھالىڭغا كۆتۆڭنى قسىپ جىم يۈرسەڭچۇ بۇيەردە ئاتىكاچىلىك قىلپ يۈرگىچە ،
مەن تىرىڭڭىدە بوپ قالدىم ، بۇ نىمە گەپلەر ئۆزى ،مەن نىمە قىپتىمەن ،
-سىنىزە دېدى يەنە بىرى ماڭا قۇلىنى چىنەپ قۇيۇپ:- بۇيەرگە ئەكەلسەك مىنى ھەممە ئادەم ئەزىزلەيدىغان  بوپ كىتىپتۇ دەپ قالدىڭما؟ نىلىپ قۇي سەندەك چۈپرەندىنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىمغا تەڭ قىلمايمەن مەن !
مىنىڭ راستىنىلا ئەجىلىم قاتتى ، باشقا بىرسىب بولغان بولسا ئاللىقاچان  مۇش كۆتۆرۆپ چىقىپ بولاتتىم ،ئاچچقىمدا گىتتارنى جۇزىغا قاتتىقراق قۇيۇپ ساپتىمەن ، بۇ ماۋۇ غەيرەت دىگەنگە بولوپ بەردى :
-ھەي ھارىمى ، ئۆزۆڭنە نىمە چاغلاپ قالدىڭ ، ھىخ! مەنچۇ قارا سەندەك ماڭقىلار چالغان بۇ بىرنىمنى ؛-دەپ ئۈستەلگە قۇيۇلغان گىتتارنى  بىر تىپىلا يەرگە چۈشۈرۋېتىپ :- پاچىغىم بىلەن چالىمەن ، جۇمۇ ! مىنڭ ئالدىمدا يۇغانلىق قىلپ مەن بىلەن ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرغىدەك بولدۇڭما ھەي تۈك! ،ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بىگىز بارمىقى بىلەن بۇرنىمنى نۇقۇپ مىنى كەينىمگە بىر قەدەم داجىتتى ، مەن غەزەپ ئاچچىقىم بىلەن مۇتۇمنى تۈگدۈم ، ئەمما بۇلارنىڭ ئەلپازىدىن سەل قۇرقتۇم ، مۇش تۈككۈنىمنى كۆرگەن غەيرەت تېخىمۇ چىچاڭشىپ كەتتى ، تۈز مۇش بىلەن مىنىڭ يۈزۈمگىلا بىرنى سالدى ، مەن تەڭپۇڭلىقىمنى يۇقىتىپ ،ئارقامدىكى ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ يەرگە يقىلدىم، كەينىدىن ئۇيەنە مىنى بىر نەچچىنى تىپىۋەتتى،
-ھەي ھاراملىق ، ئاڭاڭ قارغاي بۇ مەكتەپنىڭ نوچىسى ، نەچچە يىلدىن بۇيان  زۇلخۇمارنى دەپ  تەنھا يۈرگەنمەن ،نەدە بىر تۈك مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئادەمنى ئاشخنىغا باشلاپ ، يېشىنى سۈرتۈپ ! مەن باشتا سىنى بىلسە كۆتىنى قىسىدۇ دەپ گەپ قلمىدىم ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇنى ئاشخنىنىڭ ئالدىدا سەتلەشتۇرۇپسەن ، شۇنداق قىلىدىغانغا سەن كىمتىڭ زادى ! گەپ قلە ھەي ھارىمى !
مەن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ،  ئازراق چۈشەندۈرمەكچى بولوپ ئاغزامىنى ئۆمەللەپ تۇرشۇمغا ئۇيەنە بىر نى تەپتى ، مەن قۇرسىقىمنى تۇتۇپلا قالدىم ،-ھۇت ئاناڭنى سەن ھارىمى مىنىڭ يۈزۈمنى تۆكۆپ بولدۇڭ بىلەمسەن ، شۇنداق دىگەنچە يۈزۈمگىلا بىرنى تېپىۋەتتى ، بۇرنۇم قاناپ بېشىم قايغاندەك بولدى ، مەن قاننى كۆرۆپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، كىين نىمە ئىشلار بولغىنىنى بىلمىدىم ، بىر چاغدا ھۇشۇمغا كەلدىم ، پۈتۈن بەدىنىم مۇز بولپ قاتقان ، ئەزالىرىم چانىۋەتكەندەك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى ، مەن ئۆزۆمىنىڭ زادى قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن ، ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ باقتىم .ئەمما پۇتۇم ئۆزۆمنىڭ ئەمەس ، ئەتراپ بىرخىل سۇس يۇرۇق ، چېھكىم يۇق بولوپ ، سۇنغان گىتتار بېشىمدىلا تۇراتتى ، ئۈستەلمۇ يۇغۇشتۇرۇلمىغان بولوپ  قالايمىقان تۇراتتى .
مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ يانچۇقۇمدىم تېلفۇنىمنى ئېلىپ نىجاتقا تېلفۇن قىلدىم ،تىزلا ئۇلاندى .
-ۋەي......، كۈتۈپخانىنىڭ كەينىدە، ئاران شۇنىلا دېيەلىدىم ،
توۋۋا ،دەيتتىم ئىچىمدە ، چىن دىلىمدىن سۆيگەن ئادەم مىنى تاشلاپ كەتسە ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىم يىراقلاردا ، مەن ۋىسال ئۇتىدا پۇچىلىنىپ بۇيەرلەردە يۈرسەم ، ئەمدى بولغاندا باشقىلارنىڭ  ماڭا تاۇغان مۇھەببىتننى دەپ مەن بۇيەردە كوچىدىكى لالما ئىشتلاردەك يەر باغرىلاپ ، باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستدا ئىزىىلپ يۈرسەم ، ئى ئولوغ ، كەرەملىك ئىگەم ، سەنمۇمنىڭ جېنىم بىلەن قالساڭ ، يا پەرۋەردىگار، مەن ئالدىنقى ئۆمرۈمدە نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم ، نىمىمۇ قىلغان بولغىيتىم ، مىنىڭ پەقەت شۇ... پەقەت شۇ  گىتتارچالغان گۇنايىم بارغۇ ؟مەن نىمانچە شور پىشانىدۇرمەن ! مەڭە بۇ نىمە كەلگۈلۈك ، يۈزۈمنى بۇيلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ھەسرەتكە تولغان سۇغۇق كۆز يېشىم مەڭزىمنى بۇيلاپ ئۇدۇل يۈرۈكۈمنىڭ ئۈستىگە تامچىلىماقتا ئىدى ،
شۇنداق ئاللاغا نىدا قىلىپ تۇرسام بىجات ياتاقىكىلەرنى باشلاپ  يېنىمغا كەلدى ،ئۇمىنىڭ ھالىمنى كۆرۆپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى :
-بىچارە ئۇكام ساڭا نىمە بولدى ؟ مىنى كەچۈرگىن ، ئۇ شۇنداق دەپ مىنى باغرىغابېسىپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ،مەنمۇ بىر ھازاغىچە يىغلاپتىمەن .كىيىن باشقىلار مىنى يۈدۈپ ياتاققا ئەكەلدى ،سائەت ئاللىقچان كىچە ئىككىلەر بولوپ كەتكەن ئىدى ،دىمەك مەن شۇيەردە ساق 6 سائەت يېتىپتىمەن .
باشقلار ماڭا بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ بەردى ، مەن بىر يۇتۇم ئىچىپلا قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم ، باشقىلار مىنىڭ مەيدەمنى تۇتېۋىلىشتى، مەن شۇ يۆتەلگەنچە قان تۈكۈرۈپ توختدىم ، باشقىلار بۇنى كۆرۆپ قۇرقۇپ كېتىششتى، نىجات مىنى دوختۇرغا ئاپارماقچى بولدى، مەن ئۇنىماي تۇرۇۋالدىم ، سەۋەبى ئۆزۆمىنىڭ راستىنلا شۇنداق كىسەل ئىكەنلىكلىمنى «بىلگۈم» يوق ئىدى، مەن بەك توڭلاپكەتكەچكە نىجات مەن بىلەن بىرگە تاتتى ، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇيغانسام دوختۇرخانىدا  يېتىپتىمەن ، ئۇلارنىڭ دىيىشچە مەن بەك قىززىپ كىتىپتىمەن ، قۇرقۇپ دوختۇرخانغا ئەكەلگەنىمىش ، كۈن ئاللىقاچان كەچ بوپ كىتىپتۇ، دۇختۇرلار مىنى بىر قۇز تەكشۈرگەندىن كىين مەكتەپنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلسەم «ب تىپلىق ئۇلتۇرا ئاۋاز ئۈسكىنسى »دە تەكشۈرەرمىش ، مەن قەتئى ئۇنىماي تۇرۋالدىم، مىڭ تەستە تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ ، دوختۇرخاندىن بىر يەشىك دۇرا ئىلىپ ياندىم ، [mp3=1]http://file.basbas.cn/musicfile/mp3/mominjan2009/muzligan-yurak07.wma[/mp3]

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 04:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:سۆيگۈ ئارخىپىم داۋامى !

ياتاققا كىرىپ بىرنىچى بولوپ قىلغان ئىشىم ئۆزۆمنىڭ ئەڭ ئامراق گىتتىرىنى چېقىش بولدى ، باشقىلارمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى، شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۆزۆمنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق تۇلا ئۇيلايدىغان ، ھېلىلا ئۆلۆپ كىتىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم .

كىيىن نىجات ماڭا دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈنى زىلەلەنىڭ ماڭا تىلفۇن قىلغنىنى ،ئۆزىنىڭ ئەينە ئەھۋالنى دىگەنلىكى قاتارلىقلارنى دېدى، توۋۋا ، نەچچە كۈننىڭ ياقى ماڭا تىلفۇنمۇ قىلىپ قۇيماپتۇغۇ ئەسە ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كىيىن ؟ كۆڭلۈم بىر خىل چىۋىن يەۋەغاندەك سەسكىنىپ كەتتى ، كۆڭلۈمگە بىر خىل گۇمان چۈشتى ، ئۇ ئۇ يەرلەرگە بېرىپلا ئۆزگىرەپ كەتمىگەندۇ ؟ ياق ،ياق ،بۇ مۇمكىن ئەمەس ، ھەرگىز ، گۇمان ئىماننى بۇزار دەپ مەن ئارتۇق ئويلىماي بولدى ،شۇنداق دەپ بۇ ئۇيۇمدىن ۋاز كەچتىم ،
نەچچە كۈن ئۆتۆپ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم28  .ئۆكتەبىر  كەلدى ، خۇداغا شۈكرى ، ئۇ ھەرنىمە بولسا ماڭا بىر پارچە ئۇچۇر يوللاپتۇ ، تىلفۇن قىلسام ئالمىدى«بۈگۈنلا ئەمەس خېلى بولغان ئىدى ».
نىجات شۇ كۈنى زۇلخۇمارنىڭ منىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى سۇراپ تېلفۇن قىلغانلىقىنى ، دەپ بەرمىگەندىن كىيىن مىىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ قۇشۇمىنى دېدى . مەن يەنە بىر قېتىم «سەگىپ » قالغان ئادەمدەك بوپ قالدىم ،
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

سىز ئۆپكە راكىنىڭ .ئاخىرىقى باسقۇچىغا بىرىپ قاپسسز، ئەمدى دوختورخانىدا يىتىپ داۋالانمىسىڭىز ھاياتىڭىزنى  ساقلاپ قىلىش بىر قىيىن مەسىلە !!  
مانا بۈگۈن مەن ئۇزۇندىن بىرى ئەندىشە قىلىپ يۇرگەن ئىش ئىدى . بۈگۈن مەكـتەپ تەنھەركت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ئىدى .مەن مىجەزىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىزنىڭ سىنىپ تىكىلەرنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسدە قاراپ تۇرۇپلا شۇنداق كەتكۈزۇپ قۇيۇۋاتقانلىقىغا چىدىماي مەنمۇچۈشتۇم،سىنىپ مۇدىرىمىز مىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە باشتا ئۇنىمىدى .ئاخىر ئۇمۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيىدىغىنىغا كۆزى ئلگەن بولسا  كىرەك،ماقۇل بولدى ،
مانا مەن كىرىپلا 3نۇمۇرلۇق توپتىن 2نى تاشلاپ نۇمۇر پەرقىنى 10غا چۈشۇردىم. باشقا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىممۇ مەن بىلەن ماسلىشىپ كىتىپ باراتتى، مەن تۇيۇقىسز بىقىنىمنڭ ئاغراۋاتقانلىقىنى سەزدىم ،ئاغرىق بىراقلا ئەۋجىگە چىقىپ قاتتىق يۆتىلىپ ،پۈتكۇل جاھان قاراڭغۇلاشقاندەك بىلىنىپ كەتتى ،يۆتىلىپ ئاغزىمدىن قان كىلىپ ئاپئاق مايكامنى قىپقىزىل بۇيىدى
ساۋاقداشلىرىم مىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ،سىنىپ مۇدىرىمىز :
  - كەيىر، (ئەسقەردىمەكچى )، نىمە بولدۇڭ، بۇنىمە ئىش دەپ سورىدى ، مەندە جاۋاپ بەرگىدەك ماغدۇر نىمىش قىلسۇن،كۆزئالدىم بارا-بارا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ،
كۆزىمنى ئاچسام دوختۇخانىدا يىتىپتىمەن .ياتاقدېشىم ۋېنفىڭ ۋە باشقا بىرنەچچە كونا ئوقۇغىچىلار كارۋىتىمنىڭ يىنىدا ئۆرە تۇراتتى .
نىجات ماڭا :  
-كەچۈر ئىنىم ھەممىنى قىلغان مەن ،باشتىلا سىنى زورلىمىسام بوپتىكەن ،
مەن گەپ قىلماقچى بولدۇميۇ ئەمما لىۋىم مىنىڭ ئختىيارىمغا باقمايۋاتاتتى ،. شۇچاغدا بىر نەچچە دوختۇر كىرىپ .ئۇلارنى چىقىپ كىتىشكە بۇيرىدى ،ۋە مىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كىيىن ،چىقىپ كەتتى ،مەن يەنە بىر قىتىم يۆتىلىپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، بۇقىتىم يىنمدا زۇلخۇمار بىلەن سىنىپ مەسۇلىمىز تۇراتتى ، زۇلخۇمار چىقىپ مەسئۇل دوختۇرنى باشلاپ كىردى .مەن شۇچاغدىلا ئۆزۆمنىڭ قىياسىنڭ توغرا .ئكەنلىكىنى بىلدىم . دوختۇر يەنە داۋاملىق خىمىيىلك داۋالاش قىلسا ياخشى بوپكىتىدىغىنىمنى ،ئەمما تۈپتىن ساقايمايدىغىنىمنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈردى ،ئۇ يەنە خىمىليلىك داۋالاش قىلىشقا ناھايىتى كۆپ چىقىم كىتىدىغىنىنى ،ئەگەر قىممەت كۆرۇپ داۋالاتمىسام مىنىڭ يەنە يېرىم يىلدەك ياشىيالىشىم مۇمكىنلىكىنى ئېيتپ چىقىپ كەتتى
****************************************************************
مەكتەپنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆيگە ھەقىقى ئەھۋالنى دېدىم ، دادام ئاناملار بۇنى ئاڭلاپ ئۈنى ئۆچۆپلا كەتتى ، مىنىڭ دەرھال قايتىپ كىلشىمنىتەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى ، نىجات ئۇلارغا بۇيەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ، ھەم مەكتەپنىڭ داۋالاش ھەققىنى ئاچچوت قىلدىغانلىقىنى ، مەندى خەۋەر ئالىدىنى دەپ ئولارنى ئاران نىيتىدىن ياندۇردى ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسى دادام ماڭا تېلفۇن قىلىپ كارتامغا 30 مىڭ يۈۋەن سېلىپ قۇيغانىلىقىنى ، خاتىرجەم داۋالىنىشىمنى ئىييتتى ، مەن مەكتەپ تەرەپنىڭ رەسمىيەت بىجىرىپ بىرىشى بىلەن بۇيەردىكى دۇختۇرخانىدا بىر يېرىم ئاي خىمىيلىك داۋالاش قىلدۇرۇدۇم .
خاربىندا خىمىيىلىك داۋالنىش قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە مەن بىر كۈنى ئىچىم پۇشۇپ  زىلالەگە تىلفۇن قىلدىم ، ئەمىلىيەتتە مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇنىڭ ئاشۇ بىر پارچە ئۇچىرىدىن باشقا ھېچقانداق خەۋېرىنى ئالامىغان ئىدىم ،ئەمما بۈگۈن نىمە بولغان ئۇ تېلفۇننى ئېلىپ قالدى؛
تىلفۇن دىگەن ئاجايىپ نەرسە ، يالغان دىگەن ئۇنداق كىلەمدۇ !
مەن تېلفۇندا  ھازىر ياتاقتا ، بۇ تەتلدە بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىم ، ئۇ مىنىڭ گىپىمگە بىرخىل .ېتىبارسىزلىق بىلەن ھە دەپلا كەلدى ئاخىرىدا ئۇچۇق گىپىنى قىلىپ: «مەن ھازىر ئالى مەكتەپتە، بۇندا مۇھەببەتلىشىكە مەن كۆنەلمىدىم،ئىككىمىز ئىككى چەتتە، سىز مىنڭ ئاۋازىمنىلا ئاڭلايسىزخالاس ،راست گەپنى قىلسام مىنىڭ بۇ يەردە يۈرگۈنىم بار ، سىزنى قىينىغۇم يۇق ،ھەم مىنىڭ ئىككى كىمىگە تەڭ دەسسەم ئۆزۆمنى . سىزنى ،«ئۇنى»ئالدىغۇم يۇق ، مەن چۇقۇم بىرسىدىن ۋاز كىچىشىم كىرەك ..................».
شۇ گەپلەر بولىۋاتقاندا تېلفۇنى پولغا كۈچەپ ئېتىپ چېقىۋەتتىم !
-تۈفى !!! قىز بالا دىگەن شۇنچىلىككەنغۇ ئاران ، ئىسىست ساڭا قىلغان ئەقىدەم !
***************************************************************
داۋالاش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەدىم ، مىنڭ ئىشىم پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتكەچكە ماڭىدىغان كۈنۈم ئۇيغۇر خەنزۇ ھەممە دوستىلىرىم  مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە، بەزىلەر ئايرىپورتقىچە ئۇزۇتۇپ كەلدى ، پەقەت غەيرەت باشلىق بىرنەچچەيلەن ۋە زۇلخۇمار كۆرۆنمەيتتى .

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 04:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈ ئارخىپىم ، خاتىمە:

ئۆي كۈزۈمگە ئەزەلدىن بۇنداق ئىسسىق كۈرۈنمەيتتى ، بۇ دۇنيامۇ ھەم شۇنداق ، ھەممە كىشى ماڭا بىرخىل يېقىملىقتەك تۇيۇلوپ ، دۇنيا ماڭا بىرخىل تېخىمۇ گۈزەللىىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بىرىشكە باشلىدى ، مەن بۇنىڭ زادى نىمە ئۈچۈنلۈگىنى كىيىن بىلدىم ،

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىين ئورۇق-تۇققان دوسىت بۇرادەرلەر مىنى يۇقلاپ كىلىشتى ، مەن كۈندە دىگۈدەك ئۆيدە بىكار يۈردۈم ،داداملارمۇ نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى ، ئۆيدە كۈندە تىلۋېزۇر كۆرۆپ ، تورغا چىقىپ زىرىكتىم ، دادامغا مىنىڭ باشقىچە بىر قىلىش ئۇيۇم بارلىقىنى دېدىم ، داداملا مۇ قۇشۇلدى ، ئاز كۈندىن كىيىن مەن ناھىيە بازىىغا كىچىك بىر كىتاپخانا ئاچتىم ، كۈنلىرىم تور ۋە كىتاپلار قاينىمى بىلەن «مۇھەببەت»تە ئۆتىۋاتاتتى،
بىر كۈنى كىچدە مەن تۇيۇقسىز چۆچۆپ ئۇيغۇنىپ كەتتىم ، مىنى قارا بېسىپ قاپتۇ،چۈشۈمدە مەن رەيھان بىلەن بىر گۈزەل باغچىدا سەيلە قىلىپ يۈرۈپتىمەن ، كىيىن تۇيۇقىسز زىلالە پەيدا بولوپتۇ ، ئىككىسى مىنى قولتۇقلاپ ماڭغانمىش ، مەن ،بىز بىر كۆۋرغكنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىۋاتقاندا پۇتۇم بىر ئورككە كىرىپ كتىپتۇ،مەن تارتالماي قالدىم ،ئۇلار مىنى تاشلاپ كىتىپ قىلىشىپتۇ، تۇيۇقسز ياندىن بىر توپ بۆر چىقىپ   مىنى تالاشقا باشلىغانمىش.....
تۇيۇقسىز مەن ياتقان ئۆينىڭ دېرىزىسى ئىچىلىپ قالدى ، كىچە بىراقلا كۈندۈزگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىلىدى ، ئەمما مەن بەدىنىمنى مىدىرلىتالمايتىم،يۈرۈكۈم توختاپ قالغان بولوپ كۆز چانىقىمدا ئىككى تامچە ياش قېتىپ قالغان ئىدى !


                   تۈگۈدى !

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىر تۈگەپتۇ -دە ،ئەسقەرنىڭ سوغۇق كېچىدە گىتتار چېلىپ تاياق يېگىنىنى ،دوستلىرىنىڭ كېلىپ ئۇنى ياتاققا ئېلىپ ماڭغىنىنى ،بولۇپمۇ نىجاتنىڭ ئەسقەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ يىغلىغنىنى ئوقۇپ مېنىڭ كۆڭلۈممۇ بەك يېرىم بولدى .مېنىمۇ يىغا تۇتتى .
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ،ئارتۇق ھېچنىمە دىيەلمىدىم تىلىمغا باشقا گەپمۇ كەلمىدى ھازىر .
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن .

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر،دۇنيادا ياخشى قىزلار تېخى جىق،تىجارىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56781
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2011-9-16
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆلۈپ كەتتىما؟

مەن بىر يىگانە ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5336
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6983
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1074 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  كىتابخانا  ئېچىش  بىلەن  شۇغۇنلىنىۋاتامسىز ؟؟؟؟؟

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە ، سېنى  سۆيگەننىڭ  گۈلى  بول  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 07:28:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر خاتا چۈشنىۋالدىڭلارمۇ  قانداق،مېنڭچە  ھېكايە باش قەھرىماننىڭ كۆز يۇمۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7526
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5636
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 07:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۇمدىن ئاققان ياش يۇزلىرىمنى بۇيلاپ ئىغزىمغا كىرگەندىلار ياشنڭ ئاچچق تەمنى يەنە بىر قىتم تىتپ باقتىم،سزنىڭ ماڭا مۇشۇنداق پۇرسەتنى ئاتا قلغنڭزغا كۆپ تەشەككۇر ئىيتمەن.دۇنيا مھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 10:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر باش قەھرىمانىنى بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى دەمسىزلەرمۇ ۋە ياكى شۇنداق ئىجابى يېزىلغان پىرسوناژ دەمسىزلەرمۇ ،بۇ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ دىل رايى، ئەمما مەن ئەسەرىمنى مۇۋەپىقىيەتلىك تاماملىغىنىمغا ۋە ھەممىڭىلارنىڭ ياختۇرۇپ ئۇقۇغىنىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن !

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش