ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 51قەۋەت Xabnam كە 2011-09-05 04:00 AMئەۋەتىلدى :
مىسرانىم مۇنبىرىدە بۇ مەشرەپنىڭ بولغىنى ياخشى بوپتۇ. لىكىن مىنىڭ مىسرانىم بىكىتىنىڭ باشلىقىغا ھەم مۇشۇ تىمىنى يازغۇچىغا ئازراق يۈرەك سۆزىم بار. يەنى: بۇ مەشرەپ پىروگىراممىسىنى تۈنجى بولۇپ باشقا بىر تور بېكەت يەنى( مۇنبەر ) تور دۇنياسىغا بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. لىكىن ئۇشبۇ بېكەتنىڭ بۇ خاسلىقىنى ھازىر نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر ئۆزىگە بىر كۆرۈك قىلىۋالدى. مەن ئويلايتىم مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ بىر بېكەتنىڭ بۇ قىلغان ئىشى مىنىڭچە ھەممە تورداشلارغا تازا يارمايدۇ. چۈنكى بۇ دىگەن بىر كۆچۈرمىكەشلىك ۋە دورامچىلىق. دورىدۇق دەپ ئەمدى شۇ بىر تىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىمۇ دورايدىغان ئىش بارمۇ؟ مىسرانىمنىڭ بىر شۇئارى «تور دۇنياسىدىكى باشلامچى»،« ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ سەركىسى » مانا مۇشۇنداق شۇئارلارنى بېكەت باشلىقى بولغان كىشى توۋلىغان ئىكەن.ئەلۋەتتە شۇنىڭغا خاس ئىش قىلىپ، مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەزالار ۋە كۆرۈرمەن تورداشلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي بولغان بىر خاسلىقىنى ياراتقان بولسا بۇ مىنىڭچە مىسرانىم ئۈچۈن زور بىر خۇشاللىق ئىدى. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى دىگەن بۇ شۇئار مىسرانىمدا بەكمۇ ئەۋىج ئالغانغۇ؟ ھەتتا مىسرانىمدىكى بىر قىسىم تىمىلار باشقا مۇنبەرلەرگە چىقىپ شۇ مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلسا ، شۇ بېكەتنى مىسرانىم ئەپەندىم ئۆزى مىسرانىمدا سازايى قىلغان. مانا مۇشۇنداق خاسلىققا ئىگە بىز دەپ قاراپ كىلىۋاتقان مۇنۇ مۇنبەرنىڭ بۇ قىلغىنى مىنىڭچە قەتتى بىر ياخشى ئىش ئەمەس. شۇئارنى توۋلاپ قويغان بىلەنلا ھېساپ ئەمەس. شۇنىڭغا خاس ئىش قىلىپ مېڭىش بۇ مىنىڭچە ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى .
مىنىڭ بىر تەكلىۋىم مۇشۇنداق نۇمۇسسىزلەرچە قىلىنغان ئوغۇرلۇقنى مۇشۇنداق ھەممىمىنىڭ كۆزى تىكىلگەن مۇشۇنداق بىر چوڭ توربېكەتتە قىلمىغان بولساق. توۋلىغان شۇئارىمىزغا لايىق ئىش قىلغان بولساق. بەلكىم مۇشۇ بىر ئىنكاسىم نۇرغۇن تورداشلار ھەتتا مىسرانىم ئەپەندىمنىمۇ خاپا قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن. لىكىن ھەق سۆزلىگەننىڭ مىنىڭچە زىيىنى يوقتۇ؟ بۇ توردىكى «...... پالانى مەشرەپ » تىن ئىبارەت بۇ ئىسىمنى ئەڭ ياخشىسى بىرلام بېكەت ئىشلەتسە. بىزمۇ مىسرانىممۇ كۆچۈرمىكەشلىككە قارشى تۇرساق. بۇ بىر كۆڭۈل ئېچىش تىمىسى بۇنىڭ پايدىلنىش قىممىتى يوق ، شۇڭا بۇنى بۇنداق دوراش بىر نۇمۇسسزلىقتۇر.
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=6577&fpage=2
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=7266&fpage=2
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=8649&fpage=2
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=9249&fpage=2
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=11344&fpage=2
بۇ ئادرېسلارنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مەشرەپ تېمىسى قاچاندىن باشلاپ باركەن؟....
شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى،بۇ قېتىمقى يوللىغان روزا ھېيتلىق مەشرەپتىكى مەزمۇنلاردىن ئابدۇۋەلى راخماننىڭ ساتېراسى بىلەن بېشىدىكى شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇبلىتى كۆچۈرۈلگەن،قالغانلىرى ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرى .....
مەشرەپ پىروگىراممىسىنى مىسرانىم تور بېكىتىدە يوللاش كۆچۈرمىكەشلىك،نومۇسسىزلىق دېيىشىىڭىزنىڭ ئاساسى نېمە؟
سىز ئوغرۇلۇق،نومۇسسىزلىق دېگەننى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنسىز قارىغاندا، ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسىتىپ، بىلمىگەن نەرسىنى ‹‹بىلىمەن ››دېيىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ نومۇسسىزلىق ،شۇنى چۈشىنىۋېلىڭ....
مېنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنازىرلەشمەكچى بولسىڭىز،جاۋاب ئىنكاس يازماسلىقىم مۈمكىن،ئەگەر پىكرىڭىز بولسا قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ....