بارچە كائىناتنى مول –ھوسۇلنىڭ قاينام –تاشقىنلىقىغا چۆمدۈرگەن، بارچە دىللارغا شادلىق ئەيلىگەن خاسىيەتلىك سېخىي كۈز ئۆزىنىڭ ئالتۇنرەڭ لىباسىنى يېپىنچاقلىغىنىچە ئاستا قەدەملەر بىلەن يېتىپ كەلدى، مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈندە ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مىسرانىممۇ جىم تۇرمىدى ئەلۋەتتە،روزا ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چېھرى ئاپتاپ ،كۈلگۈن چىرايلار خاسىيەتلىك كۈز پەسلىدىكى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغان روزا ھېيتقا جۆر بولۇپ، ئۆزىنىڭ نەغمە –ناۋا قوينىغا چۆمۈلگەن مەشرىپىنى ياڭراتماقچى بولىۋاتىدۇ ئەنە....! قاراڭ چېھرىدىن خۇشاللىق تەبەسسۇملىرى جىلۋە ئەيلەپ تۇرغان مىسرانىملىقلارنى...! مانا xiwas,hokimiran,، سەھرا ئوغلى،تۇز،ئەزىزىم،ئۇدۇن ئوغلى،arkzat.....قاتارلىقلار ،كۈلگۈن چېھرىلىرى بىلەن شادلىق ناۋاسى ئىچىدە مەشرەپكە كەلگەن گۈل چىراي ئەزىزلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ تۇرماقتا....
ئەنە قاراڭ دوستۇم !مىسرانىم مۇنبىرىدە مەشرەپ ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مۇنبەردىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ يۇقۇرلىقىنى، روھىنىڭ كۆتىرەڭگۈلىكىنى...!
مەرھابا جان دوستلار،كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا! مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چېھرى ئاپتاپ ساھىبخان مىسرانىم سىلەردەك ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ...!
مانا تەرەپ –تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارمۇ يىغىلىپ بولدى،مەشرەپ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى رەڭدار گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ،كەڭرى سەيناغا راسلاندى.
ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،تۆھپە مىراس،مىراس بىباھا مەشرەپ،
بوغۇلغان دەم نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.
كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام ،ئەلنەغمە،جانبازلىق،
ئەزەلدىن زادى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.......................................
ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتقان ‹‹مەشرەپ ›› ناخشىسى مىسرانىمدا ياڭرىدى،مۇنبەر سەھنىسىدە مىرشاپ زۇلپىقار ۋە توز پېيى قىستۇرۇلغان ،زەر ئۈنچە باسقان دوپپىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ،خان ئەتلەستىن يارىشىملىق كۆينەك كىيگەن رىياسەتچى كۆڭۈل قىز پەيدا بولدى.
- مەشرەپ باشلاندى.........،- مىرشاپ زۇلپىقارنىڭ گۈلدۈرمامىدەك بوغۇق ئاۋازىدىن سەھنىدىكى ئەمەس تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارمۇ چۆچۈپ كېتىشتى .زۇلپىقار ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن سەل جىجىل بولدىمۇ قانداق:
- مەشرەپ باشلاندى ،- دېدى يەنە بىر قېتىم تۆۋەن ئاۋازدا ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
-دىيارىمىز تور بەتلىرىنىڭ سەرخىل گۈلى بولغان مىسرانىم تورى تور بەت قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر ( مىسرانىم)نىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەل ھالەتكە يەتتى،مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىپ، ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشماقتا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ بىلىم ئېلىش سەينارىمىز بولغان ھەم شۇنداقلابۈگۈنكىدەك كاتتا مەشرەپ ئۈچۈن سورۇن، شارائىت ھازىرلاپ مىسرانىمدەك ئىللىق ماكاننى تەييارلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن ھەم بۈگۈنكى مەشرەپ سورۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئەجرىنى سىڭدۈرگەن مۇسىلىنە خانىمغىمۇ تەشەككۈر ئېيتىمەن.....
چاۋاك.........-چاك.....چاك...چاك...چاك......
-خوش جانابىي مىرشاپ،ئالدى بىلەن بۈگۈنكى مەشرىپىمىزنىڭ يىگىت بېشىنى مەشرەپ ئەھلىگە بىر تونۇشتۇرىۋەتسەك قانداق؟-دېدى كۆڭۈل زۇلپىقارغا.
- بولىدۇ ،بۈگۈنكى مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرىپىمىزنىڭ يىگىت بېشى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر باشقۇرغۇچىسى ھۆكىمىران ئەپەندىم بولىدۇ.
-ھەممىمىزگە مەلۇم ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى،مەشرەپ –ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنۋېرسال مەدەنىيەت - سەنئەت ،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ ئەدەپ –ئەخلاق ، قائىدە –يوسۇن سورۇنىدۇر ،مانا بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق ھېيت كۈنىدە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان بۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ مەشرەپ سورۇنىغا جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز، ئەمدى بىز بۈگۈنكى مەشرەپ سورۇنىمىزنىڭ يىگىت بېشى ھۆكىمىران ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قلايلى، قېنى ھۆكىمىران ئەپەندى،سەھنىگە مەرھەمەت.....
رىياسەتچى كۆڭۈل قىزنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ جاي –جايلىرىدىن ماشىنىلىق، ئاتلىق، ئېشەكلىك......كەلگەن مەشرىىپمىزنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇچلۇق چاڭموزا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بىر پېشى ئۇزۇن، بىر پېشى قىسقا مىللىيچە كىيىم كىيىۋالغان يىگىت بېشى ھۆكىمىران ،ئولتۇرغان تاماشىبىنلاردىن بولغان مەشرەپ ئەھلىگە چوڭقۇر ئېگىلىپ سالام بېرپ سۆزىنى باشلىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بۈگۈنكى كاتتا ھېيتىلق مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مەشرەپ ئەھلى بۈلغان چوڭ –كىچىك، توڭ –پىششىق، قېرى –ياش ، ئەر –ئايال، قىز –يىگىتلەر ،ھەممىڭلار تېنچلىق –ئامانلىق تۇرۇشتۇڭلارمۇ....؟مەنكى ھۆكىمىراندىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام، مانا مول –ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن خاسىيەتلىك كۈز ئايلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق روزا ھېيت كۈنلىرىدە بارچە مۇنبەر ئەھلى جەم بولۇپ كۆڭۈللۈك مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز،مەشرەپ ئەدەپ –ئەخلاق سورۇنى،قائىدە –يوسۇن سورۇنى،بىزدە ‹‹بالاڭنى ئاۋۋال مەشرەپە بەر، ئاندىن مەكتەپكە بەر ››دېگەن ھېكمەتىلك سۆز بار،مەشرەپ سورۇنى ئارقىلىق بىز بالىلىرىمىزغا ئەدەپ –ئەخلاق،قائىدە –يوسۇن،ئېسىل ئۆرپ –ئادەت تەربىيىسى ئېلىپ بارالايمىز، مەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن بۈگۈنكى كاتتا مەشرەپ سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر( مىسرانىم) ئەپەندىمگە ئالاھىدا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، بۈگۈنكى مەشرەپنىڭ كۆڭۈللۈك ،خۇشال –خۇرام داۋاملىشىشىنى ۋە مۇۋاپپەققىيەتلىك تاماملىنىشى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن......
چاۋاك......-چاك...چاك.....چاك.......
-رەھمەت ھۆكىمىران ئەپەندىم ، مەن ئابابەكرى مۇختەر( مىسرانىم)گە ۋاكالىتەن بۈگۈنكى مەشرەپكە قاتنىنىشقا كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .ئەمدى مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مۇنبەر ئەھلىنىڭ مەشرەپ سورىنىدا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن........،-دېدى كۆڭۈل چوڭقۇر ئېگىلىپ سالام بىلەن.
چاك...چاك....چاك...چاك......
- مەشرىپىمىز رەسمىي باشلاندى ،- دەپ جاكارلىدى مىرشاپ زۇلپىقار . مەشرەپكە قاتناشقانلارنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن چالغان چاۋاكلىرى ياڭرىدى......
مىسرانىمنىڭ سۆرەتچىسى مىرئادىل مەشرەپ كۆرۈنۈشلىرىنى سۆرەتكە ئېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى......
-مەشرىپىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئورۇندىلىدىغان نومۇرى چارىگاھ مۇقامدىن ئارىيە،- دەپ ئېلان قىلدى كۆڭۈل قىز .
كارۋان،قىزخۇمار،تۇخار،جىمغور،سورخان،كاپتالىست،yalpuz ,sir11,kahrizat,kuraxjan ،نۇربىيە،umak 88 tangxamili.ayziba.larzan,zulfay.gulbar5.xiren0997,...قاتارلىق مۇقامچىلارنىڭ ئېگىز –پەس،ئوڭ –تەتۈر ئاۋازدا ئېيتقان مۇقاملىرى قۇلاقنى ياردى....
ئايھاي....ما مۇقامغا ماسلىشىپ كەتكەن alrizibag,،رىفات،كۈلقىز،sazguri,gulbaxhkar,turkinaz,nazilla0998,...قاتارلىق ئۇسۇلچىلىرىمىزنىڭ مايماق –سايماق دەسسەپ ئوينىغان ئى ئۇسۇللىرىنى كۆرەڭلار....ئۇسۇل ئويناۋېتىپ ئۆزئارا بېقىشىپ چۆرگىلەيدىغان يېرىگە كەلگەندە ئا رىفات لەرزاننىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ كېتىپ ،نەق مەيداندىلا موللاق ئاتتى ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوڭغۇل –دوڭغۇل ئۇسۇللىرىدىن پەخىرلىنىپ ئاغزى كالچىيىشقان sazguri، nazilla0998 ،qabiljan ، ,xaxalim , suzuk nazيالپۇزلارمۇ بىر –بىرسىگە پۇتلىشىپ دۈم چۈشتى.......بوپ بېرىدۇ –دە بۇنداق تاماشا بىزنىڭ مىسرانىمنىدىكى ھابابامنىڭ بالىلىرىغا.....
چۇرت..چۇرت..چۇرت...
تۆۋەندە ئولتۇرغان sargarda,nazarbay,gunahmu,،ئۆگەنگۈچى،ھەسەل ھەرىسى ،tarjiman .....قاتارلىقلارنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى مەشرەپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان باغنى بىر ئالدىغۇ.... ما تاڭنۇرمۇ قىزىق.....ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماي مالارنىڭ ئىسقىرتىش جىدىلىگە ئارىلىشىپ يۈرگىنى كۆرۈڭ.....
مەشرەپنىڭ تەرتىبىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان,tanha204,qartekin,otyak,boraogli,soygum,يوچۇن ئادەم ......قاتارلىقلار قولىدىكى تەرتىپكە چاقىرىدىغان كالتەكلىرىنى پۇللاڭلىتىپ قۇلاقنى يارغۇدەك ئىسقىرتىۋاتقانلارنى ئاران بېسىقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۇسۇلمۇ تۈگىگەن بولدى.....
- نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ داڭلىق ئۇسۇلچىسى شاتئاينى يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز......
ئاھ ،بۇ سەتئايخاننىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ نەپىسلىكىنى،قانچە ئوغۇللارنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتاشتى بۇ نامەلۇم ....
-تۆۋەندە تاتلىق پىغان ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ ئېسىل لېرىك شېئىرىلىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.......
تاتلىق پىغان لېرىكىلىرى
سۈكۈتتە تۇرىمەن قاراپ يىراققا،
دىلىمدىن ئوخچۇيدۇ ئاھۇ-زارلىرىم.
ئېتىلپ چىقار ھەسرەتلىك تىنىق،
كۈتۈش ئىچىدە ئۆتەر كۈنلىرىم
كۆزۈمگە بىر رەت قويمۇدۇڭ قاراپ،
كۆرمىدىڭ ئازابلىرىم تۇرار تىزىلىپ.
سۈكۈنات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،
يۈرىكىم بولكىدەك كەتتى ئېزىلىپ.
تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۆتمەكتە كۈنۈم،
ئۆتۈنەي،ھەسرىتىمگە بىر رەت قاراپ باق.
ئېغىر ھەر قەدىمىم،ماجالسىز تېنىم،
ئىشقىڭدا بولۇپ قالدىم بىر تەلۋە سىياق.
ئېپقاچما كۆزۈڭنى،قاراپ قوي ماڭا،
قاراپ قوي،كۆز سېلىپ ئاغدۇرغىن نەزەر.
ئاھلىرىم بىر كۈن تۇتمىسۇن سېنى.
ئىلتىجالىرىمنى قوبۇل كۆرمىسەڭ ئەگەر.
2- لېرىكا
ئاڭلاندى يىراقتىن ناخشا ئاۋازى.
يۈرەكنى تىترەتتى مۇڭلۇق بىر سادا.
مۇڭلىرى تەگدى غەمكىن يۈرەككە،
ئېتىىلپ چىقتى ئوتلۇق بىر نىدا.
تۆكۈلدى ياشلار تىترىدى تىللار،
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۈنسىز يادىلاپ.
تالمىدى پۇتلار بېسىپ ئۇزاق يول،
ئەستىلىك ئىزلارنى نەچچە رەت ئاتلاپ.
كۆڭۈل شۇنىڭغا قالغانكەن كۆنۈپ،
ئەسلىمەسلىككە يوقتۇر ئىختىيار.
ھەر بىر ئەسلەشتە تىترەر ۋۇجۇد.
دىللارنى ئۆرتەيدۇ پىغانلىق ئاھ –زار.
ئىزدەيدۇ كۆزلەر تونۇش سىمانى،
لېكىن يىراقتۇر بۇ ۋەسلى دىدار.
شۇندىمۇ تەلمۈرەر بۇ ئاسىي كۆزلەر،
مىسكىن يۈرەكتە ئۆچمەس پىغان بار.
تاتلىق پىغاننىڭ بىر –بىرىدىن ئېسىل ،مۇڭغا تولغان لېرىك شېئىرلىرى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك –بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ چىقىشقا باشلىدى،‹‹يارايسىز....ياشاپ كېتىڭ، ئوخخو بالاڭزا....لېرىكا دېكىلماتسىيە قىلغان ئاغزىڭىز تالمىسۇن......قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن......››دېگەن ئىنكاس شەكىللىك ئالقىشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياڭرىغان چاۋاكلارمۇ ئايىماي چېلىندى.....
-نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا مۇنبىرىمىزنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى تاتىلقىم ئۆزىنىڭ ‹‹دەرتكە تولغان يۈرەك ››دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.....چاك...چاك....چاك.....
بۇ مۇڭ بىلەن تولغان ناخشىنى ئېيتىۋاتقان تاتلىقىمنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىۋاتقان قىزلارنى... .....
ما چاتاقنى ناخشىسى ئەمدىلا ئاياقلىشىپ ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئېرىپ تەسىرلىنىپ كەتكەن ,marhaba,kulkez,musilina216,sahra kizi.....قاتارلىقلار بۇرنىنى تارتىپ ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتىشىۋاتاتتى.
- دات....يىگىت بېشى،ئەرزىم بار.......،-دەپ توۋلىغىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى دەۋر.
- خوش، نېمە ئەرزىڭ بار، ئېيتقىن......،-دېدى يىگىت بېشى ھۆكىمىران .
-ما پەرۋىن دېگەن ئاداش مەشرەپ سورۇنىدا ئىززىتىنى بىلىپ ئولتۇرماي، قىزلارغا كۆز تاشلاپ ،قىز ماراپ ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىسا،مۇنبەردىنمۇ ۋاز كېچىپ،مەشرەپنىمۇ تاشلاپ، توكۇر خورىزىمغا مىنىپ ئۇدۇپ مىسرانىمنىڭ ئالدىغىلا ئەرزگە بارىمەن.......
- پەرۋىننىڭ ننىڭ گۇناھى ھەقىقەتەن ئېغىركەن ،ئۇنى دەرھال جازالىماق زۆرۈر...پاششاپ.....
-لەببەي......،- ئېلتېكىن بىلەنadil2052103 قول باغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى.
- پەرۋىننى دەرھال مەيدانغا ئەكىرىڭلار.......
پاششاپ ئېلتېكىن بىلەن adil2052103 پەرۋىننىڭ پۇت –قولىنى يەرگە تەككۈزمەي مەيدانغا ئېلىپ كىردى.
- گۇنايىڭنى بىلەمسەن؟-سورىدى يىگىت بېشى ھۆكىمىران بوغۇق،خىرقىراق ئاۋازدا.
- بىلىمەن يىگىت بېشى.....‹‹ياشلىق – شاشلىق››دەپ ،بىلىپ –بىلمەي ياشلىق قىپ ساپتىمەن،مەشرەپ ئەھلى گۇنايىمدىن ئۆتكەن بولسا...،-دېدى تۆگە يۇڭى سېلىپ تىكىلگەن پوسمىسىنى بېشىنىڭ يېرىمىغا ئەكىلىپ قويۇپ ،كۈلكىلىك قىياپەتتە بويۇن قىسىپ تۇرغان پەرۋىن.
- مەشرەپ ئەھلى،گۇناھكار پەرۋىن مەشرەپ ئەھلىدىن گۇناھىنى تىلەۋاتىدۇ،ئۇنى كەچۈرىۋېتىمىزمۇ.......،-ھۆكىمىران مەشرەپ ئەھلىدىن سورىدى.
- ئۇنىڭغا گۇناھى ئۈچۈن ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرەيلى ،-
arif،،شاتمەن،قاشتېشى،dilsiri,aptap104,xamxarka.....قاتارلىق قۇلاقكەستىلەرنىڭ ئالا –تاغىل توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
مانا پەرۋىن شاشلىق قىلغىنىڭغا تويە،ئەنە يۈز – كۆزلىرىنى ئالا –بۇلىماچ بويىۋالغان ئىككى خوتۇن ‹‹ماياققا قاراڭ سۆيۈملۈكۈم،سىز مېنىڭ›...›دېسە ‹‹سىز مېنىڭ...›› دەپ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى سوزۇپ ھالىنى قويمىدى،ئاخىرى ‹‹ۋاي داد ،بولدى ئىككى خوتۇن ئالغانغا تويدۇم...››دېگىنىچە قېچىپ چىقتى مەشرەپ سورۇنىدىن پەرۋىن.
-نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا شاتمەن،دەقىيانوس،ھېسلىرىم،پاۋىل،kunduz-ay،mehriay ....قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىشىدا ئېتوت‹‹تالاش –تارتىشىشلار مۇنبەرنىڭ جېنى››،دىققىتىڭلار بۇ ئېتوتىمىزدا بولسۇن....،-كۆڭۈل قىزنىڭ ئېلانى تۈگىمەيلا چاك...چاك.چاك.... چاۋاك ئاۋازى بىر ئالدى مەشرەپ سورۇنىنى......
- ھەي مۇنبەر.....ھەي مۇنبەر......
كىرمەي دېسەم تېخى كىرگۈم كېلىدۇ.
كىرىپ قالسام تېمىلارنى كۆرگۈم كېلىدۇ.
تېمىلارغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا ،
ھەي نېمە دەي،ئىچىم بەكمۇ سېرىلىدۇ........
-ھەي مۇنبەر ....،- ئۆز –ئۆزىگە سۆزلىگەن ھالدا سەھنىگە چىقتى دەقىيانۇس.
- ھەي ئاداش،نېمە ‹‹مۇنبەر..مۇنبەر....››دەپ ئۆزەڭلار بىلەن ئۆزەڭلار سۆزلىشپ كەتتىڭلار،كېچىدىن قارا بېسىپ قالمىغاندۇ سىلىنى....،- سورىدى ئارقىسىدىن كەلگەن ھېسلىرىم.
- ھەي ،نېمىسىنى ئېيتاي، مۇشۇ مۇنبەرنىڭ مېھرىنىڭ ئىسسىقىلىقىنى ئېيتايمۇ ياكى مۇنبەردىكى ئورۇنسىز تالاش –تارتىشىشلار بىلەن باشلانغان،جىدەلگە، كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەب بولغان ئىنكاسلارنى ئېيتايمۇ....؟!- دېدى دەقىيانۇس.
- تېخى مۇنبەردە ئۇرۇش –جىدەللەرمۇ بارمۇ...؟-سورىدى ھېسلىرىم.
- ۋاي بولمامدىغان، بار،تازا بار.....،- دېگىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى kunduz-ay...... مانا شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ‹‹تالاش –تارتىشىشلار مۇنبەرنىڭ جېنىمۇ – ئەمەسمۇ؟››دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن بىر پەدە تالاش –تارتىشلار بىلەن تولغان ۋە ئاخىرى چۈشىنىش ھاسىل قىلىنىپ، بىر –بىرىدىن ئەپۇ سورالغان ئېتوتىمۇ ئاخىرلاشتى.ئۇلار سەھنىدە تالاش –تارتىش قىلىۋاتقاندا مەشرەپ ئەھلى ئارىسىدىن يەنە بىر قىسىم ئەزالار مۇنازىرە دېگەننى باشلاپ ،تاس قالدى جىدەل چىققىلى،ئاخىرى بولماي …tanha204 قاتارلىق تەرتىپ ساقلىغۇچىلار ئۇيان –بۇيان چېپىشىپ يۈرۈپ ئاران بېسىقتى بۇ جىدەل......
مەشرەپ سورۇنى ئەسلىگە كەلدى.
- ئەمدى كىمدە –كىم جىدەل چىقىرىدىكەن مەشرەپ سورۇنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش بىلەن قالماي مۇنبەر تۈرمىسىگە قامىلىدۇ....،ئەمدى مەشرىپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.....- دەپ جاكارلىدى مىرشاپ زۇلپىقار گۈرگىرىگەن ئاۋازدا .
- نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسۇل ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ....، -دەپ ئېلان قىلدى كۆڭۈل .
بۇ ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىزلار شەبنەم،مەجنۇنتال،سۈزۈك ئاي،كۈلقىز،yalpuz0997.......قاتارلىق مۇنبىرىمىزنىڭ سەرخىل گۈللىرىدىن بولغان داڭلىق ئۇسۇلچىلىرى...........
ئاپلا ....! ما چاتاقنى .....! ئۇلار ئۇسۇل ئويناۋاتقان ۋاقىتتا كۈلقىزyalpuz0997 نىڭ كۆينىكىگە دەسسىۋېلىپ تاس قالىتى دۈم چۈشكىلى ،ھېلىمۇ ئۇستاتلىق بىلەن بىر پىرقىراپ ئۇسۇل ھەرىكىتى چىقىرىپ ،چېنىۋېلىشتىن ساقلىنىپ قالدى...
شۇنداقتىمۇ چاك.......چاك....چاك...... گۈزەل ئۇسۇلچى قىزىلىرىمىزنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى....
-نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا مۇنبىرىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزاسى زامانىنى ئۆزى يازغان ‹‹پاكلىق بەرگىمدىن سۆيگۈ گۈلشىنىمگە›› دېگەن نادىر ئەسىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكىلپ قىلىمىز،-كۆڭۈل قىزنىڭ تەكىلبى بىلەن زامانى قايناق ھېسيات بىلەن يۈرەكلەرنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورنىتىۋالغۇدەك ،ئادەمنى تەگسىز خىياللار قوينىغا باشلاپ كىرىدىغان ئېسىل ئەسىرىنى دېكىلماتسىيە باشلىدى.قىزغىن ئالقىشلار ياڭرىدى زامانىغا.
- نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا ھەققانى ساتېرالىرى.......،-ئېلان قىلدى كۆڭۈل قىز پۇتلۇشۇپ دېگۈدەك سەھنىگە چىقىپ،قارىغاندا رىياسەتچىلىك ئېغىر كەلگىلى تۇرغان ئوخشايدۇ.............ئۇچىسىغا كاستيوم –بۇرۇلكا، بېشىغا پىپىي تۇماق،پۇتىغا كۈزلۈك لاتا ئاياق كىيگەن ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانى) مەغرۇر ھالدا سەھنىگە چىقىپ كەلدى.
- - مىسرانىم مەشرەپ كېچىلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكى تورداشلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ۋە ھەرقايسىڭلارغا ئۆزەم كومپيوتۇر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغان ساتېرانى ئوقۇپ بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن بەكمۇ خوشالمەن، سىلەرگە ئوقۇپ بەرمەكچى بولغان ساتېرا ‹‹ پەيزى بار ››.مەنبەسى: ئۆزەمنىڭ كاللىسى.
پەيزى بار
شۇنداقلارنى ئۇچراتتىم،شىكايەتكە پەيزى بار،
ئۆزگىلەرگە تۆھمىتى،ھىكايەتكە پەيزى بار،
زېدە قىلۇر ساق جاينى،جاراھەتكە پەيزى بار،
لېكىن ‹‹ چوڭ ›› نى كۆرگەندە،خوشامەتكە پەيزى بار،
ساختا كۈلكە،ساختا سۆز -قىياپەتكە پەيزى بار.
غەيۋەت-پىتنە تارقىتىپ،ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلۇر،
ئاقىللارغا-ياخشىغا،يامانلىقنى قوش قىلۇر،
خەقنى غاجاپ بېھۆدە، تىنچ كۆڭلىنى غەش قىلۇر،
نامى تۇرسا ‹‹ ئەسكى ›› دەپ، تۆھپىسىنى پەش قىلۇر،
ھەسەتخورلۇق-نەسلىكتەك‹‹ ماھارەت›› كە پەيزى بار.
ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار،تاپسا زەررە ھوقۇقنى،
قان تەرىدە ئاۋامنىڭ،لىق تولدۇرۇپ يانچۇقنى،
ئەسلىتىدۇ چىدىماس پەيلى لالما قانجۇقنى،
بەرسە ئەگەر ئوسۇرۇپ،ھۇما قۇش دەر ھۆپۈپنى،
مەنپىئەتكە ھېرىسمەن، تاپاۋەتكە پەيزى بار.
شەخسىيەتچى ئاچكۆزدە،بەرھەق ئەسلا نۇمۇس يوق،
ھەسەتخوردا ئەزەلدىن،ھېچ خاتىرجەم تۇرمۇش يوق،
قىلمىشىغا زەن قويساق،زىغىرچىلىك دۇرۇس يوق،
تەبەسسۇمى ياسالما،ھەقىقى چىن كۈلۈش يوق،
بويۇن تولغار بىر ئۆمۈر،ئاداۋەتكە پەيزى بار.
-ۋاھ.......ۋاھ....ۋاھ......نېمە دېگەن ئېسىل ساتېرا......ياشاپ كەت ئوغابالىدەك گەپ قىپسەن... ۋاي –ۋۇي ........ما ساتېرا بەكلا ياقتىمۇ...،- sazguri,hekmat-uygur,argentina,peqat,owchiقاتارلىقلار داپقا سالغان چوكىدەك ئۆرلەپلا كەتتى ھاياجىنىنى باسالماي.
- ئەمدى دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز رۇستەم قاراسۇنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا‹‹سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك ››......
چاك....چاك...چاك.......قۇلاقنى پاڭ قىلىپ قويغىلى تاسلا قالدىغۇ چاۋاكلار.......
سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك
تەلمۈرۈپ يۈرگەنلەر كۆپ بولسىمۇ،
تىكسىمۇ گەرچە ئىلتىجالىق كۆز.
كۆڭلۈمگە سىغدۇرالماي ھېچبىرىنى،
ئوخشىتالماي ساڭا يۈرىمەن يالغۇز.
كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقتى،
دەرت - ئەلەمدە پۇچلاندى يۈرەك.
ئورناپ كەتكەچ يۈرەككە چوڭقۇر،
سىغمىدى كۆڭۈلگە سېنىڭدىن بۆلەك.
بىر ساڭا كۆنگەن ئىكەن بۇ كۆڭۈل ،
سەنسىز ھەر بىر كۈنۈم بولدىغۇ ماتەم،
چۈشەنسەڭ ئەگەر مېنىڭ كۆڭلۈمنى ،
سەن ماڭمىغان يولدا يوق مېنىڭ سايەم.
سۆيەي دەپ باقتىم ئۆزەمنى زورلاپ،
سۆيۈشكە مېنى سۆيىمەن دېگەننى.
لېكىن سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك،
مەجبۇرلاپ بولماسكەن كۆڭۈل دېگەننى.
ئۇھ....ئۇھ.....يۈرەككە تەككۈدەكلا مۇڭلۇق ناخشىكەنغۇ بۇ، مانا بۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان مۇنبىرىمىزنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى رۇستەم قاراسۇ،
ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئېرىپ ئەس –ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا ئۇنتۇلغان ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمگەن شىرىن،نۇرجۇلا،honqa......قاتارلىق قىزلار بۇرنىنى تارتىپ،مىشىلدىشىپ بىر –بىرسىنىڭ يېشىنى ئېيتىشقىلى قول ياغلىق ئىزدەشكە باشلىدى........
- نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا بىلەن ئورۇنلىشىدا لەپەر ‹‹توي ئوينايلى مەشرەپتە››......،- چاۋاك...................
توي ئوينايلى مەشرەپتە
چارتېكىن:جانۇ –تېنىم يايرايدۇ،
جانانىم سېنى كۆرگەندە.
Kapsiz kiz:ئاشىقىم بىر سەن ئۆزۈڭ،
شۇنچە يىگىت ئىچىدە.
چارتېكىن:گۈلۈم يۈرىكىمنىڭ قېتىدىن ،
چىن ئەقىدەم بار ساڭا.
Kapsiz kiz:ئىشەن سۆيگەن جانانىم،
مەنمۇ ئاڭا يار ساڭا.
چارتېكىن:ئەي دىلبىرىم گۈل بەدەن.
تىلىكىم ۋەسلىڭگە يەتمەك.
Kapsiz kiz:مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇدۇر،
سېنىڭ قېشىڭغا كەتمەك.
چارتېكىن،kapsiz kiz بىرلىكتە:
بەرگەن ۋەدە –ئەھدىمىز،
تېزراق ئاشسۇن ئەمەلگە.
ۋىسال پەيزىنى سۈرۈپ،
توي ئوينايلى مەشرەپتە.
چاك....چاك...چاك.......گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى بىلەن بىللە ۋىسال پەيتىنى ئويلاپ شېرىن دەملەرگە چۆمگەنkorkum,xahlaay,kapsiz,qaxmazulal…......قاتارلىق ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ ھاياجانلىق كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.......
- نۆۋەتتە مەشرەپ قائىدىسى بويىچە پوتا تاشلاش ئويۇنى ئوينىلىدۇ ،قېنى مەشرەپ ئەھلى مەرھەمەت...،- دەپ ئېلان قىلدى مىرشاپ زۇلپىقار .
سەھنىگە چىققان gherip herzaman غا پوتا سالدى، herzaman خىجىل بولۇپ ئورنىدىن تۇرمىدى.
Gherip:ئۆيگە كىردىم ئوتقا،
تالاغا چىقتىم چوغقا.
پوتا سالسام تۇرمايلا،
ئەتىلا بارىمىز سوتقا.
herzaman:ئادەم بەكمۇ كۆپ بولغاچ،
خىجىل بولدۇم كۆرمەملا.
ئورنۇمدىن تۇرمىغىنىمغا،
سوتقا بېرىپ يۈرەملا.
..........................
Nadira Tograk padixasi گە پوتا سالدى.
Tograk padixasi:ئۇ ئېتىزدىمۇ پاختا بار،
بۇ ئېتىزدىمۇ پاختا بار.
كەلسىلە پوتا ئوينايلى،
ئىككىمىزنىڭ بەختى بار.
Nadira:چىقتىم تېرەككە،
يىقىلدىم ئورەككە.
سىلە بىلەن پوتا ئوينىسام،
ئوت كېتىدۇ يۈرەككە.
..........................
Tanha bala:ئىشىك ئالدى باراڭلىق،
نوگوي چۈشتى چىرايلىق.
ھەممە قىزلار ئارىسىدا،
مۇشۇ خېنىم چىرايلىق
fatima:بازاردىن قوناق ئالسام ،
چېچىلىپ كەتتى.
سىلىنى مەشرەپتە كۆرۈپ،
كۆڭلۈم بەكمۇ ئېچىلىپ كەتتى.
......................................
پوتا سېلىش ئويۇنى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ ئاياقلاشتى........
-ئەمدى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز ئوپچە خور‹‹ مىسرانىم ھەمدەم سەن بىلەن››..........،- دەپ ئېلان قىلدى كۆڭۈل قىز........
تىرەننىڭ دىرىژورلىقىدا ھەيۋەتلىك خور باشلاندى.خورنىڭ مۇقەددىمىسىنى مىسرانىم ئۆزى باشلىدى.
dilbar،قوماندان،سەرۋىن،سابا،دىلنازۇك، فاتىمە، رىشتام، گۈزەل يۇرتۇم، ئەل قىزى،سەھرا ئوغلى، yalpuz0997 مۇڭسىراش،dadil007,obul0998,huxruh...قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئېگىز –پەس ئاۋازدا ئېيتىلغان ھەيۋەتلىك خور مەشرەپ سورۇنىنى زىل –زىلىگە سالدى.....پۈتۈن دىيارىمىزغا تونۇلدى بۇ ئوپچە خور ئارقىلىق مىسرانىم.......
مىسرانىم ھەمدەم سەن بىلەن
مىسرانىم بىز ھەمدەم سەن بىلەن،
سەن گۈل بولساڭ بىز گويا شەبنەم.
سەن ئۈچۈن بۇ جانلار تەسەددۇق ئاڭا،
دادىل ئالغا باس، بولغىن خاتىرجەم.
ئىللىق ئائىلە بولغاچ سەن ئۆزۈڭ،
بىزلەر بەختلىك،ئىناقمىز ھامان.
بېشىڭغا ئەگەر تىكلەنسە قېلىچ،
توسىمىز چوقۇم بولۇپ بىز قالقان.
ھايات بەيگىسىدە سەن گويا دۇلدۇل،
ئالغا چاپ، كەينىڭگە يانمىغىن زىنھار،
بەيگىلەردە سەن قازانساڭ ئۇتۇق،
خوشاللىقىمىزنى قىلىمىز ئىزھار.
مىسرانىم بىز ھەمدەم سەن بىلەن،
سەن ئۆزۈڭ بولدۇڭ بىزگە باش پاناھ.
ئانىغا ئوخشاش باش پاناھىمىزغا،
ئەرزىيدۇ قانچىلىك قىلساق جان پىدا.
توختىماي چاپقىن، ئالغا باس مىسران،
ھايات بەيگىسىدە ئۈزۈپ چىق دۇلدۇل،
خوشاللىقىڭغا جۆر بولۇپ شۇندا،
كۈيلەيمىز بولۇپ بىز تۈمەنمىڭ بۇلبۇل.
ئوپچە خور ياڭراۋاتقان ۋاقىتتا مەشرەپ ئەھلىگە تەييارلىنىۋاتقان مول نازۇ –نېمەتلەرنىڭ مېزىلىك پۇرىقى مەشرەپ سورۇنىنى بىر ئېلىپ ئىپتارلىققا ئىشتىھا ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرگەن ئىدى.....
-مەشرىپىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنبەر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان خاسىيەتىلك ھېيت كۈنلىرىدىكى ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ مىسرانىمنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مىسرانىم ھېيتلىق مەشرىپى››گە قاتنىشىپ بەرگەنلىكىگە ئابابەكرى مۇختەر( مىسرانىم) ۋە بىزگە مۇشۇنداق ئېسىل كۆڭۈل ئېچىش ،تونۇشۇش، سىردىشىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغان بۇ ئۇنتۇلغۇسىز مەشرەپنى ئويۇشتۇرغۇچى مۇسىلىنە خانىم نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم شۇنداقلا مۇسىلىنە خانىمغىمۇ پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن.......كۆپچىلىككە رەھمەت........،- سەھنىدە يىگىت بېشى،مىرشاپ زۇلپىقارنىڭ خىرقىراق ئاۋازى ياڭرىدى.
چاك....چاك...چاك..... چاۋاكلار ئايىماي چېلىندى....
-ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنى ئوپچە بىر مەيدان ساماغا چۈشىشكە تەكلىپ قىلىمەن،قېنى مەشرەپ ئەھلى سورۇنغا مەرھەمەت.........،- رىياسەتچى كۆڭۈل قىزنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئاخىرقى بىر مەيدان ساما ئۇسۇلى ئوينالدى..........
Kozum ,Rinatcin,apsana, ,asrari ,zulhumaer,kaisar,anihenim,تەكلىماكان، دەقەيانوس،تولۇنئاي، باياۋان ،كاررۋان،داخان،ئايپاتەم،مەلىكە،كامران، سۇبھانە، tanha 204،..........قاتارلىق ئۇسۇلچىلار ۋە مەشرەپ ئەھلى قوشۇلۇپ بىرلىكتە كوللىكتىپ ساماغا چۈشتى..........
ئاخىرىدا ھېيتلىق زىياپەت بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشرەپ ئەھلىنىڭ يەنە ئولتۇرغۇسى بولسىمۇ ئامالسىزلىقتىن ئاستا تارقىلىشقا باشلىدى....
- خەيرى –خوش،مەشرەپ ئەھلى، ئەمسە كېلەركى قېتىملىق مەشرەپتە كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار.........
‹‹مىسرانىم مەشرىپى›› ئاخىرلاشتى........
مەنبە : ئۆزۈمنىڭ بىلدىغانلىرى، كۆرگەنلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم.....
ئەسكەرتىش: ئەسلى مۇناسىۋەتلىك رەسىم ،ناخشىلارنى قىستۇرماقچى ئىدىم سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن قىستۇرالماي قالدىم،شېئىرلارنىمۇ بېزىمەكچى ئىدىم،تېما بېزەك رەسىملىرىنى چىقىرالماي قالدىم،ئەپۇ قىلغايسىلەر....