ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت 555rikabatqi كە 2011-09-03 12:02 PMئەۋەتىلدى :
بۇنداق ئەھۋاللار ناھايتى يامراپ كەتتى بۇ بىر قورقۇنۇشلۇق ئەھۋال ،يۇقىرىنىڭ سىياسىتىغۇ بولمىسا شۇنداق ياىشى لېكىن توۋەندىكى ئىش بېجىرىدىغانلار چاتاق ئۇلار دولەتنىڭ ئۇلىنى كولاۋاتقان مىتە قۇرۇتلار بەلكىم بىزنىڭ بۇ دەۋېردە بۇ پارى خورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۈمكۈن ئەمەس لىن .............
پارىخورلۇق يېقىندا پەيدا بولغان ئىش ئەمەس ، جۇڭخۇانىڭ 5000يىللىق ئۇزاق تارىخى ، خان-پادىشاھلارنى ،ئەمەلدارلارنى ئوچۇقىنى ئېيىتقاندا مۇستەبىتلىك ۋە پارىخورلۇقنى مەدھىيلەيدىغان، كاللىسى خۇشامەت ۋە ئەمەل سەۋدالىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ساراي تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا جۇڭگۇ تارىخىدا ھاكىمىيەت يىڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان نىسبەتەن ئادىل سىياسىتى تۈپەيلى چىرىكلىك پەسكويغا چۈشكەن مەسىلەن:خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى خەلىقنى ھاللاندۇرۇش سىياسىتى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇيۈەنجاڭنىڭ قاتتىق بولغان ئەمەلدار باشقۇرۇش تۈزۈمى دىگەنلەر بۇنىڭغا مىسالدۇر.
ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ،ئىگىلىكنىڭ گۈللىنىپ، خەلىقنىڭ ئازراق ھاللىنىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىسى خاندىن تارتىپ ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلار پارىخورلۇق قىلىشقا ، خەلىق ۋە دۆلەت بايلىقىنى تالاشقا چۈشكەن. مەسىلەن: تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن-جىنگۈەن يىللىرى دۆلەت تازا كۈچىيىپ ،خەلق جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭ مەمۇرچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان . لىكىن بۇ مەزگىلدە چىرىكلىكمۇ ئەۋجىگە چىقىپ ، تاڭ خاندانلىقىنىڭ زاۋالغا يۈزلىنىشىگە يول ئاچقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى -چىيەنلۇڭ يىللىرى تازا گۈللەنگەن مەزگىل ئىدى .بىراق بۇ مەزگىلدىكى چەكتىن ئاشقان چىرىكلىك ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگۇنى زەئىپلەشتۈرۈپ ، ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تاكى يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغىچە «شەرقىي ئاسىيا كىسەل كۆرپىلىرى»گە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
چىرىكلىك، زۇلۇم ،ئالۋان-ياساقلار چەكتىن ئېشىپ خەلق ھالاكەت گىردابىغا بىرىپ قالغاندا ، قەھرىمانلار مەيدانغا چىقىپ ، كونا ھاكىمىيەتكە جەڭ ئىلان قىلغان. لىكىن بۇ قەھرىمانلارمۇ ئەمەل -مەنسەپ ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان تەربىيدە چوڭ بولغاچقا ، چىن سۇلالىىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىردىكى دىھقانلا ر قوزغىلىڭى رەھبەرلىرى چېنشڭ، ۋۇگۇاڭ ،مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى لى زىچىڭ، چىڭ خاندانلىقىنى لىڭشىتىپ قويغان تەيپىڭ تىيەنگو رەھبىرى خۇڭ شىيۇچۈەنلەردەك تىزلا ئەسلىنى ئۇنتۇپ ، ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان خەلىقتىن يۈز ئۆرۈپ چىرىكلەشكەچكە ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان.
خەن گاۋزۇ -ليۇباڭ ، مىڭ خانلىقىنىڭ تۇنجى پىشۋاسى جۇيۈنجاڭلاردەك ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىرىمۇ ، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈنلا بىرئاز ئادىل سىياسەت يۈرگۈزگەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى تەخىتتە چىڭ ئولتۇرۋېلىپلا يەنە خەلىقنى تالاشنى باشلىغان.
چىرىكلىكنى چۈشىنىش ئۈچۈن جۇڭگۇنىڭ تارىخىنى ، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ. خۇددى كاپىتالىستلارنىڭ چەكسىز بايلىق قوغلىشىشى سەۋەبلىك باي-كەمبەغەللىك پەرقى چوڭىيىپ، ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىشى كاپىتالىزىم جەمئىيتىنىڭ ئۆز خاراكتىرى سەۋەپلىك پات -پات قوزغىلىپ تۇرىدىغان ساقايماس ،داۋسىز كىسىلى بولغىنىدەك، چىرىكلىكمۇ جۇڭگۇنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇستەبىت ، ئەشەددىي ھوقۇقچىلىق تەكىتلىنىپ، خەلىقنىڭ ھوقۇقى ۋە نوپۇزىنى پىسەنتىگە ئالمايدىغان ئالاھىدە «ھوقۇق مەدەنىيىتى ئەندىزىسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان زەھەرلىك ئۆسمە.
تارىختا ھەممە ھاكىمىيەتلەر بۇ ئۆسمىنى كىسىپ ئىلىۋىېتىدىغان خىسلەتلىك پىچاقنى ياساپ چىقىشقا ئاجىز كەلگەچكە زاۋاللىقتىن قۇتۇلالمىغان.
ھازىر پارتىيىمىز بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن بۇ ئۆسمىنى ئۈزۈل -كېسىل يوقىتىشقا بەل باغلىدى ۋە خېلى ئۈنىمى كۆرىلىۋاتىدۇ. بىراق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش- ئۇزاق مۇددەتلىك، قىلچە بوشاشماي-رەھىم قىلماي ئىلىپ بىېرىلغاندىلا ئاندىن نەتىجىسى چىقىدىغان بىر كۈرەش. بۇنىڭدائەڭ مۇھىمى جۇڭگولۇقلاردا ئوموميۈلۈك مەۋجۇت بولغان،« ھوقۇق ھەممىگە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى» دەيدىغان، ئۆز ئىنسانىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئەمەل-مەنسەپكە ئىرىشىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان، تىرىشىدىغان چىرىك ئىدىيەنى يوقۇتۇش ئەڭ ئالدىنقى شەرتتۇر.