ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 25قەۋەت ئىمكان كە 2011-08-28 03:02 PMئەۋەتىلدى :
مۇشۇ پىلاستىنكىلارنى كۆپەيتىپ ساتىدىغانلارنى ئەچىقىپلا ئېتىۋەتسە بولىدۇ. «ھۆرىيەت» ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ «مىليون گۈل» نامىدىكى فىلىمنىڭ بېشىنى ئەمدى ئىشلەپ تارقىتىشىغا ھايانكەشلەر كۆپەيتىپ تارقىتىپ بۇ كىنونىمۇ يېرىم يولغا توختاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى. ئەگەر مۇشۇ فىلىم تۇللۇق ئىشلەنگەن بولسا ئىشىنەتتىم، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا چوڭ بىر بۈسۈش بولغان بولاتتى، ئەمدى بولمايدۇ، ھەم مۇمكىن ئەمەس. پىلاستىنكا كۈچۈرۈپ ساتقۇچىلار ئەڭ چوڭ ئوغرىدۇر، ئۇلار ئەمگەك ئوغىرسى.
يۈرۈكىمدىكى گەپ، جەمئىيەتتىن مۇشۇنداق ئوغىرىلارنى تەكشۈرىدىغان، پاس قىلىدىغان خالىس پىدائىيلار ئەتىرىتى قۇرۇلغان بولسا مەن بىرىنچى بولۇپ قاتنىشاتتىم، ھەم رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر ئۈن-سىن ئىشلىرىنىڭ دۈشمەنلىگە قانۇننىڭ پەشۋاسىنى تېتىتىپ قويۇش ئارزۇيۇم بار.
كوچىلاردا قاراپ مۇشۇ ئۈن-سىن شىركەتلىرىگە ئۈنسىز ياش تۆكىمەن ھەم ئاشۇ ھايانكەشلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن نەپرەتلىنىمەن.
كۆڭلىمدىكى گەپنى قىلىپسىز قېرىندىشىم.