مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11259|ئىنكاس: 97

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9117
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10544
تۆھپە نۇمۇرى: 712
توردا: 4229 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 03:02:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى(janymusic-France)



سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى (jany)
ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى.

فرانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بېرىقى فرانسىيەدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان ئىجادىيەت دېسكىسى ”سەۋدا“ 2010-يىلى فرانسىيەدە نەشردىن چىقىپ، فرانسىيە مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. ژانى شۇ يىلى شىنجاڭغا قايتىپ، دېسكىسىنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. دېسكا فرانسىيەدە ئىشلەنگىنى ئۈچۈن، ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتىن ئالاھىدە ئەلا ۋە تەننەرخى بىر ئاز يۇقىرى. شۇڭا شۇنچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈرۈمچىدىكى دېسكىخانىلارنىڭ ئەرزان باھادا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فرانسىيەدە ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرىۋەتكەن. يېڭى ناخشىلىرىنى ئۈرۈمچىدە دېسكا شەكلىدە تارقىتىشقا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنى ئۈچۈن، ئىچىدىن تاللاپ، بىر قانچىلىرىنى ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقاتماقچىمىز.

”سەۋدا“ دېسكىسىدا جەمئىي ئون ئىجادى ناخشا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاشىق مىسراسى

ئۇنۇتالمىدىم

سەۋدا

ئەسلەرسەنمۇ مېنى

يوق-يوق

مۇھەببەت سىرى

كۆزلەر-سۆزلەر

باھاردا توزىغان چېچەك

ئېھتىمال

سەن

ژانىنىڭ تور يۈزىدىكى مۇزىكا ئامبارلىرىدىكى ئورنىدىن ئۇنىڭ كۆپەيتمە ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايمىز:














http://www.myspace.cn/janymusic

http://www.myspace.com/janymusique

http://www.reverbnation.com/jany

فېيىسبۇكتىكى ژانى ناخشىلىرى بېتى:

https://www.facebook.com/janymusic

مةنبة :جصك بلوگى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
UYGHURAAA + 100 رەھمەت.
toxkanjan + 100 بەك ياخشى تىما ئىكەن.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 09:03:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مىلىلىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلەنگىدەك مىللەت ،شەخسەن مەن ئۇزۇم مىللىتىمدىن ،ئۇزۇمنىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇرەلگىنىمدىن بەك پەخىرلىنىمەن،ھەم ئېلىجاننىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ،تېخىممۇ كۇپ شان-شەرەپلەرگە نائىل بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11505
تۆھپە نۇمۇرى: 3688
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2011-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 09:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشى  يۇرتىدا   سۇلتان  بولغىچە   ئۆز  يۇرتۇڭدا  ئۇلتان  بول

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1914
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25759
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4261 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 10:11:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فېيىسبۇكتىكى ژانى ناخشىلىرى بېتى ئېچىلمىدىغۇ ؟ ...

مەن تېخى فىرانسۇس تىلىدا ئېيىتىلغان ناخشىلارمىكىن دەپتىمەن ، ژانى - دىگەن گەپنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنىمۇ ئىزاھلاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن بىلىۋالساق ...

ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ  رىتىمى ۋە ئاھاڭىنى بەكلا ئۆزگەرىتۋەتكەندەك قىلىدۇ .
ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىدا ياۋرۇپاچە پۇراق بەك كۈچلۈك ، ئۇيغۇر مىللىيچە ناخشىلارغا سەل ماس كەلمىگەندەك قىلىدۇ .

ئاتكاچىلىق بولسىمۇ ئازراق ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى بىرىپ قويدۇم !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

مەندە نىمە كەم؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44399
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2479 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 10:58:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!

ئۇلۇغ اللاھنىڭ مىنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقىنىغا مىڭ قەتىرە شۈكىرى!

دىلى كور ئادەم ن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6219
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 2559 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياشنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن، تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمىز.

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

داۋاملىق تىرىشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16260
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4961
تۆھپە نۇمۇرى: 699
توردا: 2301 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:12:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئشقىلىپ فىرانسىيىدە ئۇيغۇر ئاۋازىنى ياڭرىتىپتۇ...  خېلى ياقتۇردۇم.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:19:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

توختا ئۇزەڭنىڭ ك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45666
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:33:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53535
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 562 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2011-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:57:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش