مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16630|ئىنكاس: 111

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىلى دىيارى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 833
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 29449
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 05:18:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[paragraph]-سوئال : يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىم ؟
- ئۇيغۇرغۇ دەيمەن .
- قەشقەرلىك دەپ ئاڭلىغان .
- بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر موللام .
-ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىم  ئىكەن.
- تونۇمايمەن
-.........



2-سوئال :  ئەمسە بۇ رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بىرىڭلار ، بۇ ئادەم كىم ؟
- قولىدا تۇتۇۋالغىنى  قۇرئان كىتاپتەك قىلىدۇ ، قارىغاندا  بىرەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئوخشىمامدۇ .
- مەھمۇت قەشفەرىي
-ھېچكىم ئەمەس، پەقەت بىر سىزما رەسىم خالاس ..
- تونۇمايدىكەنمىز .
-...............

-سوئال  ۋوللىۋۇت كىنو چولپانلىرىدىن كىملەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلسىلەر ؟ جىكسۇن كىمۇ ؟ نىمە سەۋەبتىنم ئۆلگەن؟ چىڭلۇڭ ، لىلىيەنچى،  يۇلتۇز ئوسمان،
زىيادە، جاھانگىر توغرۇلۇق سۆزلەپ باقىدىغانلار بارمۇ ؟
- مەن مەن ...سۆزلەي....
-مەن مەن ....
- مەن مەن .. .سۆزلەي..
- مەن مەن ...
- مانا مەن ..مەن سۆزلەپ باقاي  ( ۋاراڭ چورۇڭ ئەۋجىگە چىقتى )

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مىللىتىمىز ئىچىدە بۇنداق قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ  .....ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى ئۈنتۇپ قالمايلى ....ئۇ بىزگە سىز چوقۇنىدىغان، بىراق شۇ چوقۇنغۇچىڭىز بىرەلمەيدىغان ۋە بەرمەيدىغان نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا گۆھەر « قۇتادغۇبىلىك »نىڭ مۇئەللىپى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولىدۇ ...



يۇقىرىقى سوئال جاۋابلادەك بىلمىگەنلەردە ئەيىپ يوق ، بىلگەنلەرنىڭ ئۇلارغا بىلدۇرۇش مەجبۇريىتىمىز بار ...
    مۇز تاغدىن قايتىپ كەلگىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى، ھاردۇقىڭلارمۇ چىقىپ قالغاندۇ، شۇڭا بۇ قىتىم بارلىق مىسرانىم ئەھلى بىلەن زىيارىتىمىزنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇتەپەككۇر، شائىرىمىزنى قايتا بىر قىتىم ياد ئىتىش. ئۇلۇغ ئايلاردا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش (بۇ قىتىممۇ ئوخشاش ھەقسىز ساياھەت يىتەكچىسى بولىمەن)





ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى1019-يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلغان ،ئىجادى پائاليىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ، مىلادى 1069-1070-يىللىرى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا 13290 مىسرالىق ئىپىك داستان « قۇتادغۇبىلىك » يېزىپ 18 ئايدا تاماملىغان ، داستان يېزىلىپ بولغاندا مۇئەللىپ ئۇنى خاراخانىيلار ھوكۇمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان ، تاۋغاچ بۇغراخان مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۇنىۋانىنى بەرگەن .



« قۇتادغۇبىلىك » داستانى چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئي ئەسەر ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى تارىخ ، سىياسىي ، ئىجتىمائي، مائارىپ ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، ئاستىرونومىيە ، ھەربىي قانۇن ، تىبابەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق ئىلمي ئەسەر بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر .  يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1085-يىلى 67 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان بولۇپ ، مۇشۇ ئورۇندىكى قاراخانىيلارنىڭ خاقانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ،كىيىن ئۇپىراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەچكە 1130-يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ئىزى ئۆچۇپ كەتمىسۇن دەپ يەنى 50 يىلدىن كيىن ئۇستىخان سۆگەكلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىككىنچى قىتىم مۇشۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلغان .




1957-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تارىختا 4 قىتىم چوڭ كۆلەمدە رېمونىت قىلىنىپ ياسالغان ، 5- قىتىم 1986-يىلغا كەلگەندە قايتا ياسىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 11988 كۇۋادىرات مىتىر ، قۇرلۇش كۆلىمى 1900 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، قەبرىگاھ ، مەسچىت ، خاتىرە مۇنارى ، كۆرگەزمىخانا ، كۇتىۋىلىش ئۆيى قاتارلىق 5 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قەبرىگاھنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 825 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، ئۇ كاھىۋان ، قەبرە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، كاھىۋان يايى شەكىلدىكى ئالدى ئوچۇق ، كىچىك گۇمبەزلىك 22 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇ ئۆيلەر شىمال ، شەرىق ، جەنۇپ تەرەپتىن 9 مېتىر ئارلىقتا ئاساسي قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كاھىۋاننىڭ تۆت تەرىپىدە يەنە ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر كېلدىغان تۆت مۇنار بار ، قەبرە ئۆينىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە ئۇزۇنلۇقى 17.60 مېتىر ، شىمالدىن جەنۇپقا قەدەر كەڭلىكى 11.30 مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرىپى 20 خىل گۈللۇك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، قەبرە ئۆيى ئىچكىركى ئۆي ، دالان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان ، ئىچكىركى ئۆي مەخسۇس قەبرە ئىچى بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 19.60 مېتىر ئېگىزلىكتە ، دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ، ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىدا چوڭ –كىچىك پەنجىلىك 10 نەچچە كۆزنەك دەرىزە بار ، دالان قەبرە ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، دالان ئارقىلىق قەبرە ئۆيىگە ، ئىككى ياندىكى ئىشىك ئارقىلىق كاھىۋانغا ، ئىككى ياندىكى ئۆي ئارقىلىق يەر ئاستىغا ۋە ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىدىن ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن بۇ قەبرىگاھى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكككە ئىگە بىر كۆركەم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ھەيۋەتلىكى ، پۇختا ، مەزمۇتلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سەيلى-ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ .  























يۇقارقىسى« قۇتادغۇبىلىك » دىگەن كىتاپنىڭ بىر قانچە تەرجىمە نۇسخىسى ، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى ھازىرغىچە تىپىلغىنى يوق بولۇپ ، چەت دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۆچۇرۇلمە نۇسخىسى بار .
1. ئاۋسىتىرىيىنىڭ ۋىنا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان ؛
2. نامەنگەن نۈسخىسى ئۆزبىسكىتاننىڭ شەرقى تەتقىقات ئورنىدا ساقلاقلىق بولۇپ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ؛
3 . مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى قىراۋ كۈتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ ، ئۇمۇ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان .





     ئالىم بۇ كىتاپنى ئۆزى  يازغان چىغىدا  رەسمي 13290 گىراپىلىق شەكىلگە كەلتۇرۇپ يازمىغان . ئالىم بۇ كىتاپنى يازغان چىغىدا خاراقانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا خانلىق تالىشىش ئىچكى بۆلۇنىش كىلىپ چىققان شارائىتتا يازغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتا تىنىچ ئوردىغا ، تىنىچ ۋەزىيەتكە ئىنتىلىش بىلەن غايىۋى ئوبرازلارنى ئۆزى يارىتىپ تۇرۇپ « ئۇدىگۇلىمىش ، ئۇدۇقۇرمىش »، « ئاي تۇلدى ، كۈن تۇغدى » قاتارلىق تۆت خىل ئوبرازلىق ۋەكىلىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى تۆتەيلەننىڭ دىئالوگىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بۆلەك -بۆلەك قىلىپ يىزىپ چىققان ، ئۈچ خىل كۆچۇرلمە نۇسخىسىنى باشقىلار كۆچۇرۇپ يازغاندىن كىيىن ( كۆچۇلمە نۇسخىسىنى بەزىلەر گىرمانىيەدە، بەزىلەر تۇركىيەدە دىگەنلەرمۇ بولغان ، بىراق ھېچقانداق دۆلەت تىخىچە بىزدە دەپ ئىتراپ قىلمىغان ) . كۆچۇلمە نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ تۇركىيەلىك  ئشتىراقمى ئارات دىگەن ئالىم 1947-يىلى 13290 مىسرا قىلىپ  شەكىلگە كەلتۇرۇپ يېزىپ چىققان ، 1984-يىلغا كەلگەندە ئېنگىلىس تىلى ، خەنزۇتى ، ياپون تىلى ، ئۇيغۇر تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلىپ ھازىرغا قەدەر 11 خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ بىسىلغان .
























































































چۈشەندۈرۈشىم مۇكەممەل بولمىدى، چۈنكى ئالىم توغرىلىق بىلدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا چۈشەندۈرۈشىمدە خاتالىق سادىر بولسا دەرھال تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار شۇنداقلا سىلەرمۇ ئالىم توغرىلىق بىلدىغان چۈشەنچىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ تىمىنىڭ مۇكەممەل تىما بولۇپ چىقىشىغا ئاز -ئازدىن بىر كىشىلىك تۆھپەڭلارنى قوشقان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم ( رەھمەت )


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


مۇنبەر ئەھلىنىڭ كېلەر قېتىم قەيەرنى زىيارەت ( ساياھەت ) قىلغۇسى بار ئىكەن ، كۆپ ئاۋازغا قاراپ شۇ تەرەپكە ئاتلانساق ....
                                           2011-يىل 8-ئاينىڭ 17- كۈنى (غۇلجا كۈنەس ناھىيە)


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
شەرەپ + 200 رەھمەت.
qakmak0998 + 10 ھەققەتەن ياخشى بوپتۇ تەشەككۇر
eslam-waresi + 500 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!    مەنمۇ غ
taxnayi001 + 1 رەسىملەر بەك ياخشى يوللىنىپتۇ  
toxkanjan + 100 نۇر چاچقان ئۆتمۈش.
ozuyghur + 100 رەھمەت
YuqunAdam + 555 ياخشى ئەسەر
sahar01 + 28 سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر......
mukaddam + 1 ھەقىقەتەنمۇ  بەك  يا
narkos + 100 ئېسىل، كېلەر قېتىم قەيەرگە سەپەر ؟

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1595   باھا خاتىرىسى

http://65933.com/10800 ئىنسانلارغا قايتا بىر يارىلىش ئىمكانيىتى بولسا ئىدى ، مەن اللادىن  يەنە ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇشنى تىلىگەن بولار ئىدىم !

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 10:36:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمنى ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرغىنىڭىز ۋە جاپالىق ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12178
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12920 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 10:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.

ئاستا ماڭساڭمۇ،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 1373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59256
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:03:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا   قۇلىڭىزغا،دەت بەرمىسۇن..

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ۋىجدانلىق غۇرۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50923
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 846
توردا: 1772 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:47:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئاپرىن يارايسىز ،رەسىمنىڭ قاتىلىكەن بۇ لېكىنزە بۇ قېتىم بىلەت پۇلى ئالمايدىغان بۇپسىزدە ئۇغۇلبالىنىڭ نوچىســــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــى شۇنداق بولسىمۇ ھەقسىز كورگىلى خىجىل بۇلىدىكەن ئادەم ،باشقىلار ھەقسىز كورسىمۇ مەن ھەقسىز كورمەي، بۇ مىنىڭ كوڭلۇم قۇبۇل قىلىڭ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،



يەنە بىر گەپ يەتمىسە خىجىل بولماي دەۋىرىڭ، قىز دوستۇم ئالدىنقى قېتىم سىز تارتقان ئۇچار جىسىمنى تەتقىت قىلىپ مىلىيونىر بۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ سايىسىدا مەنمۇ ھازىر مىلىيادىر بولدۇم دەڭە

‹‹ ئەركەك ئۈچۈن يىغلىماق نۇمۇستۇر ››

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21402
تۆھپە نۇمۇرى: 3694
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن مۇنبەرگە بىر بىرىدىن ئېسىل ، نادىر تىمىلار چىقىپتۇ....بايام تېخى ھۆكۈمىراننىڭ نادىر تىمىسىنى ئوقۇپ كىرىپ قارسام ، بۇ تىمىمۇ شۇنداق ئېسىل....

نادىر تىما!

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18460
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر . ئالىم توغۇرلۇق كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14154
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5663 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:10:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈندە ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە بۇ ئالىمنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىمەن، بۇ يەرگە كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ئازلىقىنى كۆرسەم تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، كىرىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك چەتئەللىكلەر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ناھايىتى ئاز قىسمىلا ئۇيغۇرلار. قەشقەردە تۇرۇپمۇ بۇ يەرگە كىرىپ باقمىغانلار كىشىلەر نۇغۇن ئىكەن، ئۇلار 30 سومغا چىدىمامدىغاندۇ ياكى نېمە سەۋەب باركىن ھېچ بىلەلمىدىم. بۇ قەبرىگاھنىڭ ئالدىدىن ھەر ئۆتسەم شۇنداق پەخىرلىنىپ كېتىمەن،  ئاللانىڭ مېنى  ئالىمىمىزنىڭ قەبرىگاھىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشقا نېسىپ قىلغىنىغا كۆپتىن تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن.

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا نادىر تېما ئىكەن،بولۇپمۇ  رەسىملەرگە قانچىلىك كۈچ سەرىپ قىلغىنى  رەسىمنىڭ رەڭ جىپسىلقىدا چىقىپلا تۇرۇپتۇ،رەھمەت سىلەرگە،دېمىسىمۇ ئۇيغۇر تورمۇنبەرچىلكىمزدە بۇ  ئىپتىخارىمىزنى مۇشۇ دەرىجىدە ئېنىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن يەنە بىرتېما بولمىغان.
______________________________________________________________________________

يەنە بىرتەكىلپىم،ئەسلى ئىككىنچى زىيارەت ئوبىكتىڭلار مەھمۇد كاشغەرى قەبىرسى بولسا بولاتتى،ئەمما بۇجاي باشقىلارغا خېللا تونۇشلۇق، بولۇپمۇ مۇنبىرىمىزدە بۇ زات قەبىرىسى ھەققىدە ئاللىقاچان بىرقانچە ئېسىل تېمىلا يوللىنىپ بولۇنغان.شۇڭا سەپىرىڭلارنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىنى ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكىلرىدىن بىرى،قەدىمىي تارىخي مەشھۇر شەھەر، تارىخى ئاستانە-
يەكەن
قىلىپ  يول ئالساڭلار قانداق؟!

يەكەن قەدىمدە بىرمەملىكەتنىڭ پايـتەختى،مۇقام،مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولسا مانا ئەمدىلىكتە دەۋىرچاقى بۈگۈنگە يەتكەندە بىرناھىيە، يەنى شىنجاڭدىكى ئەك كۆپ نوپۇسلۇق،ئەڭ قەدىمىي،ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان، يۇقىرى-سۈرئەتلىك يول، تۆمۇر يول ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشلىرى تۇتىششقا باشلغان قىسقىىسى ئەمدىلكىتە جاھان ئەھىلىگە  ئەسلىدىكى شۆھىرتىنى نامايەن قىلشقا  باشلىغان ئۆزگىچە بىريۇرىت.

ساياھەت ئوبىكتى بۇ يەردىكى سەئىدىيەھاكىمىيىتى خاقانلىرىنىڭ قەبىرىسى،مەشھۇر ئۇستاز ئاماننىساخان قەبىرىگاھى،شىنجاڭدىكى يەنە بىر چوڭ مەسچىد-يەكەن ئالتۇن جامەسى،تارىختا غۇلغۇلا قوزغىغان ئاپاق غوجا مۇرىتلىرنىڭ يەكەندىكى ئۇۋىسى بولغان ئالتۇن مازار ئەتىراپىغا ئورۇنلاشقان تىلەمچىلك بىلەن كۈن كەچۇرۇپ ئاپاق خوجىنى سېغىندىغان بەدھەيۋەت كىشىلەر،تارىخچى مىرزا ھەيدەر كوراگان تۇرالغۇس،جاللات خېىنم قەبىرسى...قاتارلىق سەئىدىيە خاندانلقىنىڭ گۈللىنىش،زوۋاللققا يۈزتۇتۇشقىچە بولغان بىر مەزگىللىك شانلىق، ھەم ئېچىنشلىق تارىخقا باغلانغان  بۇ ئەزىزانە ئۇيغۇر يۇرتىنى تور يۈزىدە قايتىدىن نامايەن قىلساڭلار قانداق....؟!


پايدىلانساڭلار بولىدىغان تېما(مېنىڭ تېمام):https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=14437

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال  سىزگە رەخمەت ئىيتاي .   ئاندىن بۇ تېمىنى زىيارەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ بارا بارا جىق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .  
تەھىرلىنىدۇ ....

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش