كەنىتتىن ئاتاقلىق ئادەم چىقىرىش
( فىلىيەتون)
ئاپتۇرى: سۆيگۈم
مەلۇم كەنىتىنىڭ تارىخىدىن بېرى نامى بار بىرەر ئادەم چىقىپ باقىمىغان ئىكەن. خوشنا كەنىتتىكلەر ئۇلارنى گوللەك دېسە بەزىدە خاۋارشلار دەپ چىشىغا تېگىدىكەن.چۈنكى خوشنا كەنىتلەردىن ھەرخىل ئىقتىساسلىق ئادەملەر يېتىلىپ چىقىپ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ئالىم ،يازغۇچى،شائىر، ئەمەلدار بوپتۇ. بۇ ئەھۋالغا ئۇزاقتىن بېرى ئىچى پۇشۇپ چىداپ تۇرالمىغان كەنىت باشلىقى بىر كۈنى كەنىتتە ئاشكارا بىر يېغىن ئېچىپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلماقچى بوپتۇ. شۇ قېتىملىق يېغىنغا ناھايىتى كۆپ ئادەم قاتنشىپتۇ. ئەڭ ئاۋۋال كەنىت باشلىقى سۆز قىپتۇ:
__كەڭ قارا قورساق دېھقان-چارۋچىلارنىڭ ئىدىيسى ئازاد بولمىغاچقا بالىلارنى تەربيلەشكە سەل قاراۋاتىمىز. ھازىرغىچە كەنتىمزدىن بېرەر ئالىم،يازغۇچى شائىر ئەمەلدار يېتىشىپ چىقىمدى. كۆپچلىك ئويلاپ باقايلى مۇشۇنداق ئادەملەر بولسا ئاندىن قولغا قول پۇتقا پۇت بولىدۇ. كەنتىمىزنىڭ ئابرويى بولىدۇ.شەھەرگە كىرسەك ئەڭ ئاۋۋال ئەزقاتىدىغان ئادەملەر دەل ئاشۇنداق ئادەملەر ئۇنداق بولمىسا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز تازا راۋاج تاپمايدۇ. بۈگۈن مۇشۇ يېغندا قانداق قىلغاندا ئاتاقلىق ئادەم چىقارغىلى بولىدۇ؟ دېگەننى مۇزەكىرە قىلساق. قېنى چاۋاك چالايلى!
تۆۋەندىن گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭراپتۇ. ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىپتۇ:
___ ھازىر دېقان -چارۋۇچىلار ھەدىسلا بالىلارنى ئېتىز ئىشلىرىغا سالىدۇ. مەكتەپكە بەرمەيۋاتىدۇ. مەكتەپ_بىلىم ماكانى.بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن كەنت باشلىقىمىز ئېيتقاندەك ئادەملەرنى يېتىشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.شۇڭا كۆپچىلىك بالىلارنى مەكتەپكە زورلاپ شارائىتنى ياخشلاپ بېرىشى كېرەك. بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيتى.
تۆۋەندە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپتۇ. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى مۇنداق دەپتۇ:
___ كەنتىمىز بىر تەبىئىەت. بۇ بىزنىڭ بايلىقمىز. بىز بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلىدۇرۇپ مەنىۋى قىممەت يارىتىشمىز كېرەك. بالىلارنى كەڭ تەبئىەتتىن ۋە رېئال تۇرمۇشتىن ئېلھام ئالغۇزۇپ ئۇلارنىڭ شېئىر ،ھېكايە،ۋەتەننى كۈيلەيدىغان نەرسىلەرنى يېزىشغا كەڭ دېھقان-چارۋۇچىلار ھەيدەكچلىك قىلىشى كېرەك.لىكىن بۇنىڭغا سەل قاراپ قالدۇق. بۇ كەنتىمزدىن ئالىم يازغۇچى شائىر ئەمەلدار چىقماسلىقنىڭ سەۋەبى.
تۆۋەندىن گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپتۇ.
ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دەپتۇ:
____ بىزنىڭ كەنىتنىڭ بالىلىرى تا ھازىرغىچە بىرنى ئىككىگە قوشۇشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلار ھەتتا ھېسابلاش ماشىنىسنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ھازىر پەن- تېخنكا تەرەققى قىلغان ئۇچۇر،كومپىيوتىر دەۋى...ھەي ھالبۇكى كەڭ دېقان-چارۋۇچىلىرىمىز بالىلارنى ئېتىز بېشىدا قوناق بىلەن بۇغداينىڭ مو سانىنى ھېسابلىتپ،پۇلنى سانىتىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ماتىماتىكلىق فورمىلالارنى ھېسابلاشقا يېتەكلىشى كېرەك.
تۆۋەندىن يەنە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپتۇ.
خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچى مۇنداق دەپتۇ:
___بالىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنش ئېڭى ۋە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشتە، ئەڭ ئاۋۋال كەڭ دېھقان-چارۋۇچىلار خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن پىششىق ئۆگىنشى بولسا بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگىشنى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ماتىريال كۆرۇش ،چۈشنىش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ مەملىكەتكە يۈزلەندۇرگلى بولىدۇ.
تۆۋەندە يەنە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپتۇ. سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دەپتۇ:
____ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تونۇشنى ئۆستۇرۇپ جىددى تەدبىرى ،يەرلىك سىياسەت قوللانماي بولمايدۇ. مېنڭچە بالىلارغا قارىتا:‹مايسنى تارتىپ تېز ئۆستۇرۇش› ئۇسسۇلنى قوللىنىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىساس ئىگلىرىنى يېتشتۇرۇش كېرەك.
تۆۋەندە يەنە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپتۇ. ئارقىدىن كەنىت باشلىقى يېغىن يېپىلىش ئالدىدا مۇنداق دەپتۇ:
____ يۇقارىدا يولداشلار ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى. بىز سىلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ كەنتىمىزنىڭ ئاجىز بولغان ئىقتىسادى ئۈستقۇرلمسنى تەڭشەپ، مائارىپنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ،ئىقتساس ئىگلىرىنى يېتىشتۇرۇپ،كەنتىمىزگە بولغان ياردەم مەبلىغىنى داۋاملىق قولغا كەلتۇرۇپ ھە،،، كەنتىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئالىم ،يازغۇچى ،شائىر، ئەمەلدار چىقماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىمىز!
تۆۋەندىن يەنە گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭراپتۇ. بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن سەھنىدىكلەر چاي ئىچىپ تاماكا چىكشكە باشلاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن كۆپنى كۆرگەن چاچلىرى ئۈچتەك ئاقارغان بىر دېقان بۇۋاي تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ دەپتۇ:
___كەنتىمىزدە سۇ ئىشى تېخى ھەل بولمىدى. توكمۇ دائىم توختاپ قېلىۋاتقان،ئىستولبۇللار لىڭشىپ تۇرىدۇ؛ ھەر يىلى كەنتىمىزدە قۇرغاقچلىق ئاپەتلىرى ۋە كەلكۈن ئاپتى يۈز بېرىپ مىڭ جاپادا تەرگەن ئاشلىقنى كەلكۈن ئېقتىپ كەتتى.بۇلادىن مۇداپىئە كۆرۇلمىدى. مەكتەپ دەيسلەر،بالىلارنىڭ ئوقۇش راسخۇتى ھەل بولمىدى.كەنتىمىزدە باشقا كەنتلەدەك بىرەر تىراكتور ،كومبايىن سېتىۋالغان ئادەم يوق. بالىلار ئورغاق بىلەن گۈرجەك كۆتۇرۇپ ئېتىزلاردا ئېڭشىپ ئشلمەكتە. بەزىلەر ئامالسىز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا كەنتلەرگە كۆچۈپ كەتمەكتە. ھالىمىز مۇشۇنداق تۇرسا بالىلارغا ئاۋۋال يەيدىغان قوۋۋەتلىك بىر ئاشلىق بولمىسا ھېلىقىدەك نەرسەڭلارنى قانداق چىقارغىلى بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەپتۇ. لىكىن ئەتراپتىن گۈلدۇرلىگەن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭراپتۇ.
مەنبە: مىسرانىم. 2011.8.16