بۈگۈن تويۇقسىزلا ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان تور تېلىفۇنىنى بىر تۇنۇشتۇرغۇم كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ ۋەكالەتچىسى ياكى خىزمەتچىسى ئەمەس، تور ئەسلىگە كىلىش بىلەن تەڭلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانتىم، مۇنبەر قۇرىغاندا شۇ مۇنبەرگە تەشۋىقات ئادرىسىنى ئېسىپ قويۇپ پۇل تېپىپ سۆزلىشىۋاتقان، ھازىر بولسا ئىمزايىمغا بىر رەسىم قويۇپ قويدۇم، شۇنى بېسىپ كىرىپ تېزىملىتىپ ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ خېلى باردەك قىلىدۇ، سۆزلىشىشىمگە يىتىپ ئېشىۋاتىدۇ، شۇڭا خالايدىغان،ئەمما ئىشلىتەلمەيۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ئۇنداق بولسا دۆرىسلىككە كىلەيلى:
بىرىنچى قەدەمدە KCتور تېلىفۇننىڭ
دېتال چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىمىز، مەن ئۆزەمنىڭ تەشۋىقات ئادرىسىنى قالدۇراي
http://www.keepc.com/voip/?t=kc&id=95241948ناۋادا بۇ يەردىن كىرىشنى خالىمىسىڭىز
http://www.keepc.com/دىن كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ،
http://www.keepc.com/voip/?t=kc&id=95241948دىن كىرسىڭىز 网路电话دىگەن تۈرنى چېكىپ دېتالنى چۈشۈرسىز، ناۋادا مەن تۇنۇشتۇرغان تەشۋىقات ئادرىسىمدىن كىرسىڭىز شۇ يەردىنلا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل دائىرىگە ئېلىنغان 下载KC电话软件 نى باسسىڭىز بولىدۇ،
2011-11-14 16:12:29 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (46.85 KB)
دېتال چۈشۈپ بولغۇچە تېزىملاتقاچ تۇرسىڭىز بولىدۇ، تېزىملىتىش ئورنى دېتالنى چۈشۈرگەن بەتنىڭ ئىچىدە، ئاستى تەرەپكە تارتسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل ئىستىرىلكىدا كۆرسىتىلگەن ئورۇن شۇ.
2011-11-14 16:12:36 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (28.58 KB)
بۇ خەتنى باسقاندىن كېيىن تېزىملىتىش بېتىگە ئۆتىسىز، بۇ يەردە ئىككى خىل تېزىملىتىش ئۇسۇلى بار، بىرىنچى خىلى يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل دائىرىگە ئېلىنغىنى تېلىفۇندا تېزىملىتىش، كۆك رەڭلىك دائىرىگە ئېلىنغىنى كومپىيۇتېردا KCنۇمۇرى تېزىملىتىش، مەن تېلىفۇندا تېزىملىتىپ ئىشلىتىپ باقمىغان بولغاچقا كومپىيۇتېردا ئىشلىتىدىغىنىنى تونۇشتۇرىمەن.
2011-11-14 16:12:43 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (19.71 KB)
كۆك رەڭلىك دائىرىگە ئېلىنغان ئورۇندىن KC号码 دىگەننىڭ ئۇدۇلىغا چىققان قىزىل رەڭلىك ساننى ساقلىۋېلىڭ، بۇ يەردە بىرىلگەن سان سىزنىڭ تور تېلىفۇنى ئىشلىتىدىغان ئابونت نۇمۇرىڭىز بولىدۇ، ئاستىدىكى ئىككى كۆزنەككە ئىشلىتىش مەخپى نۇمۇرنى ئوخشاش تولدۇرىسىز، ئەڭ ئاستىدىكى كۆزنەككە دەلىللەش كودىنى توشقۇزىسىز، ئاستىدىكى كاتەكچە ئادەتتە تاللانغان بولىدۇ، ناۋادا تاللاشنى ئېلىۋەتسىڭىز كىلىشىمگە قوشۇلماپتۇ دەپ قارىلىپ تېزىملىتىشقا يول قويمايدۇ، شۇڭا تاللانغان ھالەتتە تۇرسۇن، توغرا توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن 提交注册دىگەننى باسسىڭىز تېزىملىتىپ بولغان بولىسىز.
تېزىملىتىپ بولغۇچە دېتالمۇ چۈشۈپ بولىدۇ، ئىلگىرى قاچىلايدىغان ھالەتتە ئىدى، ھازىرقى يېڭى نەشىرىنى قاچىلىمىسىمۇ بولىدۇ، قوزغاتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ:
2011-11-14 16:12:39 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (14.7 KB)
بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى كاتەكچىگە تېزىملاتقاندا خاتىرلىۋالغان KCنۇمۇرنى، ئاستىدىكى كۆزنەككە تېزىملاتقاندىكى مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ سۆزلىشىش كۆزنىكىگە كىرىسىز، كىرگەندىكى كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
2011-11-14 16:12:48 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (24.62 KB)
تەلىيىڭىز ئوڭدىن كىلىپ قالسا 60مىنۇتلۇق ئوڭ كەلمەي قالسا 6 مىنۇتلۇق ھەقسىز سۆزلىشىش پۇرسىتى بولىدۇ، بۇ سىناشقا يىتىدۇ، بۇنداق دىسەم بايا ھەقسىز دىگەنغۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما جاھاندا ئۆزىڭىزنىڭ ۋىجدانىڭىزدىن باشقا ھەقسىز نەرسە بولمايدۇ، چوقۇم ئاز تولا بەدەل تۆلەيمىز.
بۇ تېلىفۇنغا قىممەت تولۇقلاپلا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، تېلىفۇن قىلىش نەگىلا ئۇرسىڭىز 0.1 دىن يەنى بىر مودىن ماڭىدۇ، ھەق تۆلەپ قىممەت تولۇقلىسىڭىز ئەرزانراق ماڭىدۇ، ئەمما دائىملا ئىشلىتىۋەرمىگەندىكىن ھەق تۆلەش بىھاجەت.
پۇل تۆلىگەننىڭ ئورنىدا تەشۋىقات قىلسىڭىزمۇ بىر ئادەم سىز بەرگەن ئادرىستىن تېزىملىتىپلا كىرسە سىزگە 0.5 دىن پۇل قوشۇپ بىرىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز مىنىڭكىگە قاراڭ، ھازىرمۇ 26.6 يۈەن پۇلى باركەن، بۇنى قانداق قىلىپ كۆپەيتىمىز؟
بۇنىڭ ئۇسۇلى: ئەزالىق نامىڭىزدا KCنىڭ تور بېتىگە كىرىپ )ئادرىسىنى ساقلاش بىھاجەت، دېتالنى قوزغاتقاندا ئوڭ ئۈستى تەرەپتە 帐户充值 دىگەن خەت بار، شۇنى چەكسىڭىزلا بېتىگە كىرىدۇ) 我的账号 دىگەننى چەكسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ماتېرياللىرى بار، سول تەرەپ ئۈستىدە 我要推荐 دەپ بىر خەت بار، شۇنى چەكسىڭىز سىزگە تەشۋىقات قىلىشقا بىر ئادرىس چىقىرىپ بىرىدۇ، شۇنى دوسىتلىرىڭىزغا، QQتوپلارغا، مۇنبەر،بلوگلارغا يوللىسىڭىز باشقىلار شۇ ئادرىستىن كىرىپ تېزىملىتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئاۋۇ قىزىل دائىرىگە ئېلىنغان خەتنى چېكىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇندىكى ئادرىسنى ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمدى ئىشلىتەلمىسىڭىز مەندىمۇ ئامال يوق، مىنىڭچە دەرىسلىك خېلىلا چۈشىنىشلىك بولدىغۇ دەيمەن.
مەنبە:
http://bilim.rohlan.biz/thread-10997-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇر0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 01:24 PM