تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى،
ئۇيغۇرچە Android يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە تورداشلارغا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ
يانفون سېستىما بولاقچىسى ئاخىرى ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتخانىسى تەرىپىدىن رەسمى تارقىتىلىپتۇ!
بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىزتۆۋەندىكى ئۇچۇرلار ئەسلى مەنبەدىن ئەينەن ئېلىندى:
تەجرىبىخانىمىز نەچچە رەت سىناقلار ئارقىلىق گۇگىل يانفۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە رومنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇپ چىقتى. سىناشقا قاتناشقانلار بايقىغان مەسىللەر ئاساسەن ئوڭشالدى، چالا تەرجىمىلەر تولۇقلاندى، ئىملاسى تۈزىتىلدى. مەخسۇس قوزغىلىش ئېكرانى ياسالدى، ئېكران تەگلىك رەسىملىرى قوشۇلدى.
قوزغىلىش ئېكرانى
بۇ نامدىكى يانفۇن بارلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ھەم كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىزگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاسى ۋە سىستېما يېڭىلىنىشغا ئەگىشىپ روم ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ.
دىققەت:
يانفۇنغا ROM ھۆججىتى قاچىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات! مەشغۇلاتىڭىز توغرا بولمىسا يانفۇنىڭىزنى بۇزۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن. كومپيۇتېر ۋە يانفۇن مەشغۇلاتىغا پىششىق بولمىسىڭىز ROM قاچىلىماڭ.
ROM ھۆججىتىنى قاچىلىسىڭىز يانفۇنىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار يوقاپ كىتىدۇ. مەشغۇلاتتىن ئىلگىلىرى ئۇچۇرلىرىڭىزنى زااپاسلىۋىلىڭ. ROM قاچىلاش جەريانىدا كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.ئۇيغۇرچە Android سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. بۇ توردىكى سودا بازىرىنىڭ ئاندروئىد ئۈسكىنىلىرى تۈرىنى تەجرىبىخانىمىز تېخنىكىلىق قوللايدۇ.
مەنزىلى:
دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بازىرى
بۇ نەتىجىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە Android بەلگىسى بېسىلغان مايكا تەييارلاندى. خالىغانلار دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىدىن سېتىۋالغايسىلەر، بۇ خاتىرە بۇيۇمىدىن ئۇيغۇرچە ئاندروئىد ئىشلىرىغا 5 سوم كىرىم بۇلىدۇ.
ئەگەر خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئۇلانمىنى چىكىپ، بۇ خىزمەت ئۈچۈن 5 سوم ئىئانە قىلىڭ.
ئىئانەئاخىرىدا Android دەك بۇ مۇنەۋۋەر سىستېمىنى روياپقا چىقارغان ھەم ھەقسىز تارقاتقان گۇگىلغا، Android تارىخىدىكى گىگانت ساينوگىن، باشقىلاردىن موداكو ۋە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان MIUI لارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە Android ئىشلىرى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق ئەزىمەتلەرگە، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئاخىرقى سۆز
نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ROM بولىقى پەقەت Google Nexus One يانفونى ئۈچۈنلا ياسالغان بولۇپ، باشقا Android سېستىمىسىدىكى يانفونلارغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق تەمىنلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇ خىلدىكى يانفون ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى ۋە سىناق نەتىجىسىنى تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Nexus One ROM ھۆججىتى |manba:
http://www.torhumar.com/uyghuroid.html