ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار
1-بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
2-رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.
3-نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.
4-نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر.
5-ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.
6-روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
7-روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن ياكى چاڭ- توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
8-ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.
9-ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.
10-ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
11-رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ. شۇھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
12-روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.
13-شەك كۈنىدە (يەنى كىشىلەر شەبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن- شەباننىڭ 30- كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.
14-دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھ سانالمايدۇ.
15-رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.
16-رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
17-رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.
18-كاپارەت- بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىرۋاخ تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
19-رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەپىي مەزھىبى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.
20-ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بىراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.
21-ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.
22-رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
23-سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستۇر.
24-جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر.
25-مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.
26-روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ90 كىلومېتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر.
27-روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.
28-زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر.
29-رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا، ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كېلىدۇ.
30-رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇش شەرت ئەمەس. بەلكى پارچە- پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.
31-كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ.
32-نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقتىن قازا لازىم كەلمەيدۇ.
33-روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنجى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.
34-يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.
35-ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.
36-روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۈيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر.
37-روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئۆز تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
38-روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدىنىگە ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
39-روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئېغىزىغا، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.
40-روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
مەنبە:
www.oginish.com