ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت guzal~yurtum كە 2011-07-27 11:18 AMئەۋەتىلدى :
ئەگەر باشقۇرغۇچىلار بىلەشتۇرۇشكىمۇ ئامالسىزۆكەن بۇ ئەسەرىڭىزگە!
باشتىكى قىسمىدىمۇ بەزىبىر ۋەقەلىك، كىيىكى قىسمىغا ئوخشا تەكرالىنىپتۇ!
بىزىبىر تورداشلار، ئاخىرى قىسقا بولۇپ قاپتۇ دەپ ئىنكاس قالدۇرسا، ئاخىرىنى ئۇزارتاي دەپسىز....
بۇمۇ بولىدۇ......
مۇمكىن بولسا، ئاخىرىنى ئۇزارتىسىڭىز، ھەم ئاشۇ جاپاكەش تەلەمچى موماي ئوزىنىڭ بالىسى بولغان ‹ دىلمۇراتقا › دەپ بەرگەن سەرگۈزەشلىرىنى، ئوزىنىڭ قانداق جاپالاردا قالغانلىقىنى، بالىسىنى ئىزدىدىمۇ يۇق، شۇلارنى يازسىڭىز،ھەم ئايگۇل بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ، ئايگۇلنىڭ مومايغا بولغان مۇئامىلىسى قانداق، ھىكايىدە ياخشى بىر كىلىن دەپ ئالسىڭىز، چوقۇم باشقا كىلىنلەرنىڭ ئۇگۇنىش ئۇلگىسى بولايدۇ، ھەم قىيىنئانىغا قانداق قىلغاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كورسۇتۇپ بىرەلەيسىز!
....... 
مەنمۇ مۇشۇنداق دىمەكچىتىم ... باشتىكى سۆزلىرىڭىز بىلەن ئاخىردىكى ئىش ھەركەت سەل چىچىلاڭغۇ چىقىپ قاپتۇ .. يەنى سىز دىلمۇرات بىلەن مۇماينى يۈز كۆرۇشتۇرۇپ بولۇپ مۇماينى يۇيۇندۇرۇپ تۈزەشتۇرگەنلىكىڭىزنى يەنە دىلمۇراتنىڭ خىزمىتىنى ئۆز يۇرتىغا يۇتكەپ بولغانلىقىنى يەنە رىھانگۇل بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى يىزىپ بولۇپ يەنە باشتىن باشلاپ كىتىپسىز ئاخىردا يوقىردا دىگەنلىرىمنى قايتا يىزىپسىز ... سىز باشتا ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ يەنە ئىلھامىڭىزغا قارتا داۋامىنى يازغان ئوخشىمامسىز .... بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم خالاس.... خالىسىڭىز ئۆزىڭىز قايتا قايتا ئوقۇپ باقارسىز . ئەگەر خاتالاشقان بولسام كەچۇرۇم سورايمەن ....بولمىسا سىزگە يوللاپ بىرەي ::::«ـــ ئانا ........ دىلمۇرات شۇنداق دىگىچە تىلەمچى موماينى چىڭ قۇچاقلىدى ، موماينىڭ خۇشاللىقىدا تىلى گەپكە كەلمىدىمۇ ياكى ... ئىشقىلىپ بىر ئېغىز سۆزسىز دىلمۇراتنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ،ئۇلار شۇنداق قۇچاقلىشىپ قانچىلىك تۇردىكىن بىر چاغدا رەيھانگۇلنىڭ ئۇلارنى نۇقۇشىدىن دىلمۇرات موماينى قۇيىۋېتىپ ئۇ تەرەپكە قارىدى ، شۇنىڭدىن كىيىن رەيھانگۇلنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇ دىلمۇرات ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇيۇندۇرۇپ تاراندۇرۇپ يېڭى كىيىملەرنى كەيگۇزدى ،مانا شۇنداق قىلىپ بۇ بەتبەشىرە تىلەمچى موماي كىلىشكەن سۇمباتلىق مومايغا ئايلاندى ، دىلمۇراتمۇ خىزمىتىنى مۇشۇ جايغا يۆتكەپ كەلدى ،ئەلۋەتتە رەيھانگۇل بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بۇ ئائىلە بىرلىككە كەلدى ۋە خۇشال تۇرمۇش قۇرۇشقا باشلىدى . o&45y&
rPaUDR4U »»»» دىمەك ھىكايە ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ .. لىكىن سىز مۇشۇ يەردە توختاتماي «« جۇرۇڭ ئانا ، ھازىرچە رەيھانگۇلنىڭ ئۆيىگە بارغاچ تۇرايلى ،_دىدى دىلمۇرات ئانىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ .. .b'o}DLa
شۇنىڭدىن كىيىن رەيھانگۇلنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇ دىلمۇرات ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ، رەيھانگۇلنىڭ ئانىسىمۇ ئۇلارنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كۆتىۋالدى ، موماي ئۇزۇن مەزگىل يۇيۇنمىغاچقىمىكىن تېنى مەينەتلىشىپ بىر خىل بەتپۇي پۇراق چىقىراتتى ، ئەمما بۇ بەتپويلىقتىن رەيھانگۇلنىڭ ئانىسى قىلچىلىك سەسكەنمىدى ئەكىشچە دىلمۇراتنىڭ ئانىسىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەكىرىپ كەتتى. 9WN 4eC$
__ يۇزلىرىڭىزنى سۇرىتىۋېلىپ يامغۇردا ھۆل بوپ كىتىپتۇ ،_دىدى رەيھانگۇل لۇڭگىنى دىلمۇراتقا تەڭلەپ ھەم يەنە سۆز باشلىدى ... ئۇ مېنىڭ ئانام دەپ كىسىپ ئېيتالامسىز ؟ قانداقسىگە ئۇ تىلەمچى موماينى مېنىڭ ئانام دەيسىز سىز چۇقۇم خاتالاشتىڭىز . ,\\*PpcU
__ ياق رەيھانگۇل ، مەن خاتالاشمىدىم ، ئۇ چۇقۇم مېنىڭ ئانام ، مەن سىزىپ تۇرۇپتىمەن ئۇ مېنىڭ ئانام ،_دەپ دىلمۇرات بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقىغىنە قىلىپ سۆزلەپ بەردى ، رەيھانگۇلمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى موماينىڭ دەل دىلمۇراتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ، بۇ ۋاقىتتا ئىككى موماي قولتۇقلاشقىنىچە چىقىپ كەلدى ، دىلمۇرات بىلەن رەيھانگۇلنىڭ ئالدىدا بەتبەشىرە ، قۇرقۇنۇچلۇق تىلەمچى موماي ئەمەس ، سۇمباتلىق ، كىلىشكەن ، چىرايىدىن مېھىر يېغىپ تۇرىدىغان موماي تۇراتتى ، دىلمۇرات ئۇنىڭغا قاراپ بۇرۇنلارد چۇشىدە كۆرگەن ھېلىقى چىراينى ئەسلىدى ، دىلمۇرات چۇشىدە دەل مۇشۇ ئايالنى دەل مۇشۇ چىراينى كۆرگەن ، چۇشلىرىدىن ئويغۇنۇپ قېشىدا يوقلىقىنى كۆرۇپ بىلگىنىدە ئىسەدەپ يىغلاپ كىتەتتى ، مانا ئەمدى ئۇ چىراينى چۇشىدە ئەمەس ئوڭىدا كۆردى ھەمدە يۇگۇرۇپ بېرىپ «ئانا...»دىگىنىچە چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، بۇ ئانا-بالا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قۇچاقلىشىپ تۇردى ،شۇ كىچە ئۇزۇندىن كۆرۇشمىگەن ئانا-بالا كۆپ مۇڭداشتى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلىرىنى سكزلەشتى ، بەزىدە ئىشەدەپ يىغلاشتى بەزىدە قاقاقلاپ كۆلۇشتى ، ئەتىسىدىن باشلاپ دىلمۇرات شۇنداق جۇشقۇنلۇق بىلەن خىزمەتكە چۇشتى ،ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆلكە چۇشمەتتى ،ھەتتا بۇ جايدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئانىسىنى يېڭى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرىدى ، مانا شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئايرىلغان ئانا بالا قايتىدىن جەم بولۇپ بىرگە خۇشال -خۇرام ياشىدى . 4w p5ghe
b [+G+V »»» بۇ يەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يىزىپسىز ... يەنە ئاخىرنى باشتىكى مەزمۇنغا .ئوخشاش «««
كىينكى كۇنلەردە دىلمۇرات يول مېڭىپ خىزمىتىنى ئۆز يۇرتىغا يۆتكەپ كەلدى ، ھەمدە رەيھانگۇل بىلەن توي قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ خۇشالىقىغا تېخىمۇ خۇشاللىق قاتتى ، نەچچە يىللىق بالىسىدىن ئايرىلىش ئازابىدا جۇدەپ كەتكەن موماي ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى ،»»» دەپ يىزىپسىز ... سىزچە ئۇلار زادى قانچە قىتىم تۇرمۇش قۇرىدۇ ؟؟ ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بىقىڭ !!!!