ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت atiwajan كە 2011-07-26 06:51 PMئەۋەتىلدى :
ـــ ئانا ........ دىلمۇرات شۇنداق دىگىچە تىلەمچى موماينى چىڭ قۇچاقلىدى ، موماينىڭ خۇشاللىقىدا تىلى گەپكە كەلمىدىمۇ ياكى ... ئىشقىلىپ بىر ئېغىز سۆزسىز دىلمۇراتنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، ئۇزۇن كۆرۇشمىگەن ئانا -بالىنىڭ كۆرۇشكەنلىكىگە خۇشال بولدىمۇ ياكى بۇ ئىككەيلەننىڭ يىغىسىغا باشلىرىغا كەلگەن شۇنچە كۆپ قىسمەتلەرگە ئىچ ئاغىردىمۇ شۇ ۋاقىتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ،ئۇلار شۇنداق قۇچاقلىشىپ قانچىلىك تۇردىكىن بىر چاغدا رەيھانگۇلنىڭ ئۇلارنى نۇقۇشىدىن دىلمۇرات موماينى قۇيىۋېتىپ ئۇ تەرەپكە قارىدى ، رەيھانگۇلنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار مۇنچاقتەك تۆكۇلمەكتە ئىدى ،
__ جۇرۇڭلار ،ئۆيگە قايتايلى ،_دىدى رەيھانگۇل ، موماي تەئەجۇپلەنگەن ، ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىدى ،
__ جۇرۇڭ ئانا ، ھازىرچە رەيھانگۇلنىڭ ئۆيىگە بارغاچ تۇرايلى ،_دىدى دىلمۇرات ئانىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ..
شۇنىڭدىن كىيىن رەيھانگۇلنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇ دىلمۇرات ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ، رەيھانگۇلنىڭ ئانىسىمۇ ئۇلارنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كۆتىۋالدى ، موماي ئۇزۇن مەزگىل يۇيۇنمىغاچقىمىكىن تېنى مەينەتلىشىپ بىر خىل بەتپۇي پۇراق چىقىراتتى ، ئەمما بۇ بەتپويلىقتىن رەيھانگۇلنىڭ ئانىسى قىلچىلىك سەسكەنمىدى ئەكىشچە دىلمۇراتنىڭ ئانىسىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەكىرىپ كەتتى.
__ يۇزلىرىڭىزنى سۇرىتىۋېلىپ يامغۇردا ھۆل بوپ كىتىپتۇ ،_دىدى رەيھانگۇل لۇڭگىنى دىلمۇراتقا تەڭلەپ ھەم يەنە سۆز باشلىدى ... ئۇ مېنىڭ ئانام دەپ كىسىپ ئېيتالامسىز ؟ قانداقسىگە ئۇ تىلەمچى موماينى مېنىڭ ئانام دەيسىز سىز چۇقۇم خاتالاشتىڭىز .
....... 
ئەگەر باشقۇرغۇچىلار بىلەشتۇرۇشكىمۇ ئامالسىزۆكەن بۇ ئەسەرىڭىزگە!
باشتىكى قىسمىدىمۇ بەزىبىر ۋەقەلىك، كىيىكى قىسمىغا ئوخشا تەكرالىنىپتۇ!
بىزىبىر تورداشلار، ئاخىرى قىسقا بولۇپ قاپتۇ دەپ ئىنكاس قالدۇرسا، ئاخىرىنى ئۇزارتاي دەپسىز....
بۇمۇ بولىدۇ......
مۇمكىن بولسا، ئاخىرىنى ئۇزارتىسىڭىز، ھەم ئاشۇ جاپاكەش تەلەمچى موماي ئوزىنىڭ بالىسى بولغان ‹ دىلمۇراتقا › دەپ بەرگەن سەرگۈزەشلىرىنى، ئوزىنىڭ قانداق جاپالاردا قالغانلىقىنى، بالىسىنى ئىزدىدىمۇ يۇق، شۇلارنى يازسىڭىز،ھەم ئايگۇل بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ، ئايگۇلنىڭ مومايغا بولغان مۇئامىلىسى قانداق، ھىكايىدە ياخشى بىر كىلىن دەپ ئالسىڭىز، چوقۇم باشقا كىلىنلەرنىڭ ئۇگۇنىش ئۇلگىسى بولايدۇ، ھەم قىيىنئانىغا قانداق قىلغاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كورسۇتۇپ بىرەلەيسىز!
موماينىڭ ئاخىرقى ساكراتقا چۇشۇپ قالغاندا‹ دىلمۇراتقا› نىمىلەرنى دىگەنلىكى، دىلمۇراتتىن قانچىلىك رازى ئىكەنلىكىنى، ھەم نىمىلەركۈتىدىغانلىقى يازسىڭىز..... بىر ئانىنىڭ ئوزى سەكراتتا تۇرۇپ تۇرسىمۇ ئوزىنى ئويلىماي بالىلىرىم دەپ يەنىلا بالىنىڭ غىمىنى يەيدىغان ئىسىل ئانىلارنىڭ تىپى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلايسىز!
دىلمۇراتنىڭ ئانىسى شۇلارنى دەپ بۇئالامدىن ۋىدالاشقانلىقىنى، ھەم دىلمۇراتقاننىڭ ئانىسىنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاش ئۇچۇن نىمىلەرنى ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى، ھەم ھىكايىڭىزغا قارىغاندا، دىلمۇراتنىڭ تۇرمۇشى خىلى ياىشى ئىكەنلىكىنى باياشات ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق!
شۇڭا سىز ئاشۇ باياشات تۇرمۇشۇ كوزدە تۇتۇپ، دىلمۇراتنىڭ ئانىسى ئۇچۇن قانداق ساۋاپلىق ئىشلارنىقىلغانلىقىن يازسىڭىز، ھىكايىڭىز تىخىمۇ مۇكەممەل چىقىدۇ دەيمەن!
.باشتىكى ھىكايىڭىز كومپۇيۇتىرىڭىزغا ساقلىۋالغان بولسىڭىز، ھەممىنى بىرلەشتۇرۇپ قايتىدىن ئەۋەتسىڭىز... تىخىمۇ رەتلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن... قايتىدىن تەستىقلىنىدۇ!
كەمىنە پىكرىمنى دەپ باقتىم.... بۇنىڭدىن كىيىن ئىلھامىڭىز كىلىپ تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزتىلەكداشمەن!