285) . پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى اﷲ غا ۋە اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى.(ئۇلار) « اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىلىرىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: « بىز (دەۋېتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر » دەيدۇ
(286) . اﷲ ھىچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ (جازاسىمۇ)ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) « پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز!بىزدىن ئىلگىركىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قېيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۇرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن » دەيدۇ
سۈرە بەقەرە 285_286_ئايەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ئايرىم قىرائىتىنى تاپالمىدىم ، سۈرە بەقەرەنى پۈتۈن چۈشۈرسىڭىز
http://www.hakiket.com/qiraet/quran/2010-10-11/117.html#ecms بۇ ئادىرىسقا كىرىڭ