ئەزان ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازدىن بۇرۇن مەزىن ئۆز ۋاقتىدا ۋە كۆپ قېتىم تەكرارلاپ ، مۇسۇلمانلارنى نامازغا تەييارلىق قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ، چوڭراق مەسجىدلەردە ئەزاننى پەشتاققا چىقىپ ئېيتىدۇ ... ئەزان تىلغان ئېلىنسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنلىرىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ، ئۇلار بولسا : ھەزرىتى بىلال ، ئەمىر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ، سەئىد ئىبنى ئائىز ، ئەبۇ مەھزۇرە ، ئەۋس ئىبنى مۇغىرە ، قاتارلىق تۆت كىشى ئىدى ، ئۇ كىشىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۈتكۈل سەپەرلىرىدە بىرگە بولۇپ ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولغان . ھەزرىتى بىلال پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كىيىن قاتتىق دەرىد تارتىپ ، ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمەي مەدىنىدىن ئايرىلىپ شام تەرەپكە قاراپ كەتكەن ، ھەزرىتى ئۆمەر شامغا بارغاندا ھەزرىتى بىلالنىڭ ئەزان ئوقۇپ بېرىشىنى ئىيتقان ، ھەزرىتى بىلال ئەزان ئوقۇپ ئەتىراپتىكىلەرنى يىغلىتىۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ . |
|
نەقىل قىلىندىكى ، ئابدۇللاھ بىن زەيد مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قوڭغۇراقنى كىشىلەرنىڭ نامازغا يېغىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقا بۇيرىغاندا ، مەن ئۇخلاۋاتقىنىمدا بىر كىشى قولىدا قوڭغۇراقنى تۇتقىنىچە مىنىڭ ئەتراپىمدا ئايلاندى-دە ، مەن : " ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى ، قوڭغۇراقنى ساتامسەن ؟ " دىدىم. ئۇ : " ئۇنىڭ بىلەن نىمە قىلىسەن ؟ " دىدى . مەن : " ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرىمىز ." دىدىم .ئۇ : " ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نىمىنى كۆرسىتىپ قويمايمۇ ؟ " دىدى . مەن : " ھەئە . " دىدىم . ئۇ دىدى : " ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاندىن ئۇ مىنىڭدىن ئانچە يىراققا كەتمىدى . ھەمدە ئۇ : " نامازغا ئىقامەت قىلساڭ : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ، قەد قامەتىس سەلاھ قەد قامەتىس سەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." دىدى . شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى خەۋەر قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : « ئاللاھ خالىسا ، ئۇ راست چۈش . بىلال بىلەن تۇر ھەمدە ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىڭنى ئۆگەت ، ئۇ ئاشۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرسۇن ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى سىنىڭكىگە قارىغاندا بەكرەك مۇڭلۇق .» دىدى . شۇنىڭ بىلەن بىلال بىلەن بىللە تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە باشلىدىم ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىردى . ئۇمەر بىن خەتتاب ئۆيىدە تۇرۇپ ئۇنى ئاڭلاپ ، تونىنى سۆرىگىنىچە چىقتى ھەمدە : " سىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن كىم بىلەن قەسەم ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى ! مەنمۇ ئۇنىڭ كۆرگىنىگە ئوخشاشنى كۆردۈم . " دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : « مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن ! » دىدى . |
|
سوئال: ئەزاننىڭ تېكستى قايسى؟ |
جاۋاب: ئەزاننىڭ تېكستى تۆۋەندىكىلەر: |
اَللهُ أَكْبَرُ اَللهُ أَكْبَرُ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. |
اَللهُ أَكْبَرُ اَللهُ أَكْبَرُ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. |
أَشْهَدُ أَنْ لا إِلهَ إِلاَّ الله ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ. |
أَشْهَدُ أَنْ لا إِلهَ إِلاَّ الله ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ. |
أَشْهَدُ أَنَّ مُحمَّداً رَسُولُ اللهِ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ. |
أَشْهَدُ أَنَّ مُحمَّداً رَسُولُ اللهِ ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ. |
حَيَّ عَلىَ الصَّلاَةِ ھەييە ئەلەسسالاھ. |
حَيَّ عَلىَ الصَّلاَةِ ھەييە ئەلەسسالاھ. |
حَيَّ عَلىَ الْفَلاَحِ ھەييە ئەلەلفەلاھ. |
حَيَّ عَلىَ الْفَلاَحِ ھەييە ئەلەلفەلاھ. |
اَللهُ أَكْبَرُ اَللهُ أَكْبَرُ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. |
لاَ إِلهَ إِلاَّ اللهُ لائىلاھە ئىللەللاھ. |
يۇقىرىقىلار بامدات نامىزىدىن باشقا پۈتۈن پەرز نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئەزاننىڭ تېكستى. ئەمما بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى ئۈچۈن ﴿ حَيَّ عَلىَ الْفَلاَحِ ﴾ يەنى( ناماز ئارقىلىق نىجات تېپىشقا ئالدىراڭلار) دېگەن جۈملىدىن كېيىن ۋە ئاخىرقى ﴿اَللهُ أَكْبَرُ﴾ يەنى (ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر) دېگەن جۇملىدىن ئاۋۋال ﴿اَلصَّلاَةُ خَيْرٌ مِنَ النَّوْمِ، اَلصَّلاَةُ خَيْرٌ مِنَ النَّوْمِ﴾ يەنى (ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى) دېگەن جۈملىلەر ئوقۇلىدۇ. |
ئەزان ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى |
سوئال: ئەزان ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟ |
جاۋاب: ئەزاننىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: |
(1) ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى. |
(2) ئەزاننىڭ ئەرەب تىلىدا ئوقۇلۇشى. |
(3) ئەزاننىڭ ئۈنلۈنك ئوقۇلىشى. |
(4) ئەزان تېكىستلىرىنىڭ ھەممىسى بىر مۇئەززىن تەرىپىدىن ئوقۇلۇشى. |
(5) مۇئەززىننىڭ مۇسۇلمان، ئەر، ئاقىل، بالىغ بولۇشى. |
(6) ئەزاندا ئوقۇلىدىغان تېكىستلەرنىڭ تەرتىبلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇش. |
سوئال: ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا نېمە قىلىش كېرەك؟ |
جاۋاب: ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنىڭ مۇئەززىننىڭ ئېيتقانلىرىنى قايتىلىشى يەنى مۇئەززىن ئېيتىقان ئەزان تېكستىنىڭ ھەممىسىنى مۇئەززىن ئوقۇغانغا ئوخشاش شەكىلدە قايتىلاپ ئوقۇشى، پەقەت ﴿ حَيَّ عَلىَ الصَّلاَةِ ، حَيَّ عَلىَ الْفَلاَحِ ﴾ دېگەندە، ﴿ لاَحَوْلَ وَلاَقُوَّةَ اِلاَّ بِاللهِ ﴾ يەنى (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىز ھېچ ئىش كەلمەيدۇ )، دەپ ئىككى قېتىم قايتىلىشى مۇستەھەپتۇر. |
سوئال: ئەزاندىن كېيىن قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟ |
جاۋاب: ﴿اَللَّهُمَّ رَبَّ هٰذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاةِ الْقائِمَةِ آتِ مُحَمَّداً الْوَسِيْلَةَ وَالْفَضِيْلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَاماً مَحْمُوداً الَّذِي وَعَدْتَهُ ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇشۇ ئۇلۇغ چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شاپائەت قىلىش پەزلىنى بەرگىن ۋە ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان ئالىي ماقامغا ئېرىشتۈرگىن.»( ) |
|
|
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن |
ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكىدە بىر ماتىماتىكا ئالىمى ناھايىتى ئىنچىكە بىر تەتقىقات |
نەتىجىسىدە ھەركۈنى 24 سائەت بۇيىچە يەرشارىدا ئەزاننىڭ توختىماي ئوقۇلۇپ |
تۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دەيدۇ : ئىسلامنىڭ |
ناماز ئىبادىتىگە چاقىرىقى بولغان ئەزان پۈتكۈل يەرشارىدىن ھېچبىر ۋاقىت توختاپ |
قالماي ئۇقۇلۇپ تۇرىدۇ . دىمەك ، ئەزان بىر رايۇندا توختىغان ھامان يەنە بىر رايۇندا |
باشلىنىدۇ!!!!!!!!!!! |
بۇتەتقىقاتچى <<ئابدۇلھەمىد ئەلفادىل>> ئۆزپىكرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ : |
يەر شارى 360 پاراللېلگە بۆلۈنىدۇ ، ھەربىر پاراللېلدا مەلۇم بىر زامان ئۆتىدۇ، |
بىر پاراللېلنى بۇنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر پاراللېلدىن پەقەت 4 مىنۇتلام ئايرىپ تۇرىدۇ، |
ئەزاننىڭ قائىدىسى دەل ۋاقتىدا ئۇقۇلۇشتۇر ، مۇئەززىن تەخمىنەن بىرقېتىملىق ئەزاننى تەلەپكە لايىق ئۇقۇسا 4 مىنۇتتا ئۇقۇپ بۇلىدۇ. |
تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ ئېيتساق بىر پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىپ 4 مىنىۇت |
داۋاملاشسا ، 4 مىنۇت تۈگىگەن ھامان ئىككىنچى پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىدۇ |
ئىككىنچىسىدە تۈگىسە ئۈچىنچىسىدە باشلىنىدۇ ئاندىن تۆتىنچىسىدە ... دېمەك |
ئەزان يەرشارىدا كۈن بۇيى مانا مۇشۇنداق توختىمايدۇ بۇنى كىچىككىنە بىر ھېساب |
ئەمىلى بىلەن ئېنىقلاش مۇمكىن |
|
360پاراللىل X مىنۇت 4 = 1440 مىنۇت |
مىنۇت 1440 / مىنۇت60 =24سائەت |