ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ،نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئاجىرتىپ نېمە ئۈچۈن ئورۇقلىماقچى بولغانلىقىڭىزنڭى ،ئۇزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن زىلۋا بولماقچى بولغانلىقىڭزنىڭ سەۋەبىنى،باشقىلار سىزنىڭ زىلۋا بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئورۇقلىماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئويلاڭ . سىزنىڭ قارارىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ،ھەقىقى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەقەت ئۆزىڭىزدىن كىلدۇ .
سىز بەلكىم تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە تولۇشىڭىزنى ئويلايدىغانسىز،بۇنداق بولغاندا سىز يولدىشىڭىز ( ياكى ئايالىڭىز) بىلەن بىللە ۋېلىسپىت مىنىپ بالىلىرىڭىزغا يېتىشىۋېلىشىڭىز مۇمكىن ، بەلكىم بەدىنىڭىزدىكى بەزى ئىلللەتلەرنى يوق قىلۋېتىشنى ئويلايدىغانسىز ،بۇ ئىللەتلەر ئاتا-ئانىڭز ياكى ھەدە-سىڭىل،قېرنداشلىرىڭىزغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن،ئۆزىڭزنىڭ قانائەتسىزلىكىدىن زىرىككەن، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ھېسىياتىڭىزنى ئىزدەۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
مەيلى سىز قانداق سەۋەپتىن بونداق قارارغا كېلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى چوقۇم يېزىپ قالدۇرۇڭ ھەم تىزىملىكنى دائىم كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قۇيۇڭ .دۇرا ئىشكابىڭىز ياكى توڭلاتقۇڭىزغا چاپلاپ قۇيۇڭ .يەنە كۆچۈرۈۋېلىپ بىر نۇسخىسىنى پورتىمالىڭىزغا ،بىر نۇسخىسىنى ئىشخانىڭىزغا قويۇپ قويۇڭ ،ۋاقتىڭىز چىقسىلا ئۇنى كۆرۇڭ ۋە ئورۇقلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تاپسىڭىز تىزىملىككە قوشۇپ قويۇڭ .
ھەر قېتىم ئورۇقلاش تىزملىكىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئورقلاش قارارىڭىزنى بىر قېتىم جەزىملەشتۇرۇڭ ھەم ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان بىر ئىشنى تاللىغىنىڭزدىن سۆيۇنۇڭ .بۇنىڭدىن كىيىن ساغلام بولمىغان كونا ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ ،ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېڭى بىر كېلەچەك يارتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
سىز چوقۇم تېخمۇ خۇشال ،تېخمۇ ساغلام ،تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇيغۇغا مۇھتاج.خۇددى باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ئۆزىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشقا قارار قىلالىسىڭىز چۈقۈم مۇۋەپپەقىيەت قازنالايسىز .ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ،نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇرۇقلاش جېڭىدە يېڭىپ چىقىتى ،سىزمۇ يېڭەلەيسىز.
توغرا نىشان بەلگىلەڭ
ئەگەر نىشانىڭىز توغرا بولسا،ئۇ سىزنى توغرا نىشانغا قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردۇ . لېكىن سىز نىشاننى قانداق بەلگىلەيسىز؟ھەم ئۇنى قانداق ئەمەليەتكە ئايلاندۇرالايسىز؟
كىچىك نىشاندىن باشلاش كىرەك . كۈندىلىك ياكى ھەپتىلىك نىشان بەلگىلەڭ .بۇ ئارقىلىق ئۇرۇقلىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىڭ . مەسلەن ،تېلۋىزور كۆرگەچ دائىم يەيدىغان پەمىدۇر قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا ئاق بالداق (باقىلداق) يېيىش ياكى كۈندە بالىڭىزنى ماشىنا بىلەن مەكتەپكە ئاپارماستىن پىيادە ئاپىرىش.
ئەھۋالىڭىزدا مەلۇم ياخشىلىنىش ھېس قىلغاندا ،تەبئى ھالدا تېخىمۇ يۇقۇرى نىشان بەلگىيەلەيسىز،بەلكىم سىز پەمىدۇر قىيامىنى قەتئى يېمەسلىكىڭىز ياكى پىيادە مېڭىش ۋاقتىڭىزنى كۈندە يېرىم سائەت ياكى بىر سائەتكە ئۇزارتىشىڭىز مۇمكىن. ئالغا ئىلگىرلىگەن ۋاختىڭىزدا نىشانىڭىزنى يېڭىلاش ناھايتى ياخشى ئىش .لېكىن ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشىڭىز ئىنتايىن زۆرۇر.
نىشان بەلگىلەشنىڭ ئىككىنچى قائىدىسى نىشانىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇڭ. ئۇنى دائىم كۆرۇپ تۇرۇڭ،ئۇنى ئابستراكىت نەرسىلەردىن كونكىرېت نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇڭ .مېنىڭ بىر دوستۇم بار، ئۇ ئۆز نىشانىنى قەغەزگە يېزىپ ،مونچىنىڭ ئەينىكىگە چاپلاپ قۇيغان .نىشان ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئورنىدىن قوپقاندا كۆردىغان تۇنجى نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ نېمىلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى .
مەيلى سىز قانداق نىشان تاللاڭ ،نىشانىڭىزغا قاراپ تۇختىماستىن ئىلگىرلەڭ ھەم ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.
تېخىمۇ كۆپ يەڭ
تېخىمۇ كۆپ يېيىش ئارقىلىق ئورۇقلاش ؟توپتۇغرا!سىز تەخسىڭىزنى سۇ تەركىبى مول،تاتلىق،مەزلىك بولغان مېۋە-چېۋلەر ياكى رەڭدار بولغان سەي -كۆكتاتلارياكى ئاسانلا قورساقنى تويغۇزۇپ،كىشىنى رازى قىلدىغان دانلىق زىرائەتلەر بىلەن توشقۇزۇڭ .زىلۋا بۇلۇش ھەرگىز ئاچ قورساق يۈرۈش ياكى تاماق يېمەسلىك ئەمەس ياكى ئەتىدىن كەچكىچە تەمى يوق نەرسىلەرنى يېيىش ئەمەس.
سىز تېخىمۇ كۆپ يەپلا قالماي يەنە تەكرار يەڭ،تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا كۈنىگە ئىككى ئۈچ قېتىمغىچە مول بولغان ساغلام يېمەكىلىك يېيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا مېتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئىسىسىقلىق قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردۇ.ئۇ يەنە زېھنىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ، بۇ چاغدا سىز ھەر قاچان سىرىتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەلەيسىز.
يېمەكلىكىڭىزنى تېخىمۇ تەملىك ۋە يېيىشلىك قىلىڭ ،سىز ئىلگىرى يەپ باقمىغان مېۋە-چېۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنى يەپ بېقىڭ.ھازىر نۇرغۇن تاللا بازىرىداچەت ئەلنىڭ ھەر خىل مەھسۇلاتلىرى سېتىلدۇ.ئونىڭدىن باشقا يەنە دورا-دەرمەك،خۇش پۇراقلىق ماتېريال ۋە ھەر خىل تېتىقۇلارنىمۇ سىناپ بېقىڭ ،ئۇلارمۇ بەدەنگە ھېچقانداق ياغ،ئىسىسىقلىق قوشمايدۇ.
سىز تىرىشىپ ئورقلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا،يېمەكلىك سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىڭىز بولالايدۇ. يېمەكلىكنى ئاقلانىلىق بىلەن تاللىسىڭىز تېخىمۇ زىلۋا ،ساغلام كوتۇرەڭگۇ روھلۇق بولالايسىز.سەمىرىپ كەتكەنگە ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ .بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندىن كېيىن قايغۇرۇش،پۇشايمان قىلىش ۋە ئۆكۈنۈش شۇنداقلا ئۆزنى ئەيبلەشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق .پەقەت داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەش،كېلەر قېتىمقى چېنىقىشتا يېرىم سائەت ئارتۇق چېنىقىش ياكى نەچچە كۈنلۇك تاماقتا ئېھتىيات قىلىش_ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى.
مەنبە:شىجاڭ خەلىق سەھىيە نەشرياتى ئورۇقلاش جېڭى