مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4658|ئىنكاس: 25

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 12:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        «بىزگە لۇشۇن كېرەكمۇ ، خاس ھاجىپمۇ ؟ » دېگەن تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۇزاققىچە ئويلۇنۇپ قالدىم . زادى كىم كېرەك ؟ ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،  جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق يازغۇچىسى فېڭ جىسەينىڭ تۆۋەندىكى يازمىسىنىڭ تەرجىمىسىنى يوللاپ قويدۇم . ئېھتىمال جاۋابى چىقىپمۇ قالار .

جۇڭگولۇقلار بەتبەشىرىمۇ ؟

                                          فېڭ جىسەي

بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ مۈرىسى سوقۇلۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ، مەسىلەن ، بەيياڭ ئىككىمىزگە ئوخشاش .
1984-يىلى نيې خۋالىڭ بىلەن ئەيىنجرىس(Ingres) رىياسەتچىلىك قىلغان «ئەيئوۋا ئۇنۋېرسىتوتى خەلقئارا يېزىقچىلىق پىلانى» مۇنبىرىگە  مېنى تەكلىپ  قىلغان ئىكەن . ئېيتىشلارغا قارىغاندا شائىر شۈچېمۇ مەن بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا  بارماقچىكەن ، شۇنداقلا  تەيۋەندىن  بەيياڭ  ئەپەندىنىمۇ تەكلىپ قىلغانىكەن . لېكىن جىددى ئىشىم چىقىپ قېلىپ بارالماي قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى يازغۇچى بىلەن دېدارلىشىش پۇرسىتىنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن بېرىپ قويدۇم ھەمدە شۇندىن باشلاپ قايتا  ئەسرارلىشىش پۇرسىتى بولمىدى . كىشىلىك ھايات ھەمىشە بىر قېتىملىق كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى مەڭگۈ ئۆكۈنۈشتە ئۆتىدىغان گەپ ئىكەن .
      كېيىنكى يىلى نيې خۋالىڭ يەنە تەكلىپنامە ئەۋەتىپتۇ . مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ، مەن ئامېرىكىدا ھەر قايسى چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە سەييارە نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە  ،  ئۇچراشقانلىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ  ھە دېسىلا بەيياڭ ئەپەندىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەنلىكى بولدى .  سەۋەبى ،  ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ ئەيئوۋا ئۇنۋېرسىتوتىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تېمىسى كىشىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ۋە قۇلاققا يېقىمسىز تېما : بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار ئىكەن . بىر نۇتۇق قوزغىۋەتكەن دولقۇننىڭ بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پەسەيمەسلىكى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئەيىپلەش ۋە سۆكۈشنىڭ كەسكىنلىكىدىن ،  بەيياڭ ئەپەندى بۇ نۇتۇقنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىنى قانداق يورۇتقانلىقى ، بىر تال تاشنىڭ تىپتنچ تۇرغان كۆل سۈيىنى قانداق داۋالغۇتۇپ تاشلىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ !  ئەمىلىيەتتە  يازغۇچىنىڭ سۆكۈش مەزگىلىدىلا قىممىتى بولىدۇ .  مەن بەيياڭ ئەپەندىنىڭ سۆز ئارگىنالىنى تېپىپ كۆرۈپلا ، ئالدىنقى يىلى مۈرىمىزنىڭ سوقىلىپلا ئۆتۈپ كەتكىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم . سەۋەبى ، شۇ چاغدا مەن دەل «ھېكمەتلىك  قامچا»  ۋە «بەش ئېلىك كىچىك پۇت» نى  يېزىۋاتاتتىم  ،  ئويلىنىۋاتقىنىممۇ  مىللىيەت مەسىلىسى ئىدى .
مىللىيەتلىك  ھەزارەتشۇناسلىقتا  ئەڭ چوڭقۇر  قاتلاملىق  مەسىلىلەرنىڭ  بىرى .  مىللىيەتلىك مىللەتتىكى ئورتاقلىققا ئىگە ھەزارەت پىسخىكىسىنى كۆرسىتىدۇ . بىر خىل ھەزارەت كىشىلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان بولسا ، ئۇ مۇستەھكەم ۋە جاھىل نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ . پىسخىكا كۆپىنچە ھاللاردا ئاڭلىق بولمايدۇ ،  شۇڭا بۇمۇ بىر خىل «كوللىكتىپ ئاڭسىزلىق» بوپقالىدۇ . يازغۇچىغا نېسبەتەن بىرخىل كوللېكتىپ خاراكتېر ھېساپلىنىدۇ . يازغۇچىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى تەنقىدچان كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن  ،  بۇ يەردە دەۋاتقان مىللىيلىك تەبىئىكى مىللىيەتنىڭ سەلبىي تەرىپى ، يەنى چاكىنىلىق بوپقالىدۇ . لۇشۈن ئەپەندىنىڭ  موھىم  نەتىجىسى جۇڭگولۇقلاردىكى چاكىنىلىقلارنى پاش قىلىش ئىدى ؛  بەيياڭ ئەپەندىنىڭ «بەتبەشىرە جۇڭگو- لۇقلار» دا كەسكىن تەنقىت قىلغىنىمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىيىتىدىكى سەلبىي تەرەپ .  شۇنى  ئېيتىپ  ئۆتۈش كېرەككى ،  ئۇلارنىڭ  ئۇسۇلى ئىلىم  ئەھلىلىرىنىڭ  ئۇسۇلى ئەمەس ، ئىنتايىن ئېھتىياتچان لوگىكىلىق ھالدىكى ئەقلىي تەھلىلمۇ ئەمەس بەلكى يازغۇچىنىڭ  سەزگۈرلىكى  بىلەن ئۆتكۈرلىكىگە تايىنىپ ،  بىئىختىيارلىق  بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ  خاراكتېرىدىكى  ساقايماس كېسەللىككە دەل جايىدا تىغ ئۇرغان ئۇسۇل . لۇشۈن بۇ خىل مىللىي خاراكتېر- دىكى ئېلمېنتلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىلىرىدىكى  پېرسوناژلارنى  يارىتىشتا زادىلا  كۆرۈلۈپ  باقمىغان ئوبراز  ئا Q نى ياراتتى ،  بۇ ئوبراز چوڭقۇر ھەمدە ئۆزگىچە بىلىش قىممىتىگە ئىگە . ئەلۋەتتە لۇشۈن ئەپەندىمۇ بۇ خىل مىللىيەتنى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن فېليەتونلىرىدا تەنقىت قىلغان ئىدى . بەيياڭ فېليەتوندىن ئىبارەت بۇ ژانىر نى خۇددى «خەنجەرگە ئوخشاش» مەسىلىنىڭ  دەل «يۈرىكى» گە  ئۇرغىلى بولىدۇ ___ بۇمۇ ئۇنىڭ ئەينى  يىللاردىكى  ھېكايىچىلىقتىن قول ئۈزۈپ ،  فېليەتونچىلىقىغا  ئۆتكەنلىكىنىڭ  سەۋەبى  بولسا كېرەك ___ دەپ قارىغانلىقتىن ،  ئۇ  مىللىيەتنى ھېكايە قىلىپ  يازمىغان ،  بەلكى فېليەتون ئۇسلۇبى  بىلەن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەپ ،  ھەممىنى ناھايىتى ئايدىڭ  ھالدا كىشىلەر ئالدىغا  تاشلاپ  قويغان . ئۇ بۇلارنى يازغان ۋاقتىدا  ياپتا گەپ قىلمىغان ،  نىمە بولسا شۇنى دەپ پۇخادىن چىققان ،  ھېچقانداق پەدەزمۇ بەرمىگەن ،   نەرىمىزنىڭ مەينەت ، نەرىمىزنىڭ سەتلىكىنى ئېنىق كۆرىۋېلىش ،  قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلۇنۇشىمىز ئۈچۈن پاقىراق بىر ئەينەكنى ئالدىمىزغا  تىكلەپ قويغان .  مانا بۇ لۇشۈن بىلەن بەيياڭنىڭ ئوخشىماسلىقى .
ئادەمنىڭ ئوسال تەرەپلىرىنى باشقىلار كۆرسىتىپ بەرسە ئۇنىڭغا چىدىماق تەس . بۇ 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى غەرپلىكلەر- نىڭ «دىن تاراتقۇچىلار ئەدەبىياتى» ___ ئەينى چاغدا جۇڭگوغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن غەرپلىك پوپلار يازغان ھەر خىل كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى بىلەن خاتىرىلىرى ___ نى ئەسكە سالىدۇ .  دىن  تاراتقۇچىلار  غەيرى  ھەزارەتكە  بولغان  قىزىقىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، جۇڭگو ھەزارىتى فورمىسىنى قىزغىن ھېسسىياتتا تەسۋىرلىگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىيىتىگە قارىتا ئىزدىنىش قىزىق نۇقتا بوپقالغان . دىن تاراتقۇچىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىپ  بېرىلگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ  چاكىنىلىقلىرى  ناھايىتى مۇرەككەپ . ئۇنىڭ ئىچىدە تەنقىتمۇ بار ، ھەزارەتنى چۈشەنمەسلىكمۇ بار ،  مەنسىتمەسلىك ۋە كەمسۇندۇرۇشمۇ بار ؛  بولۇپمۇ كېيىنكىسى كۆپىنچە ھاللاردا غەرپ  مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇق پىسخىكىسى  بىلەن  مۇناسىۋەتلىك . كىشىلەر 1840- يىلدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشدىن  كېيىنكى  ھاقارەتلىك  تارىخىي ئەسلىمىنى قەلبىدە  مەھكەم  ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، غەرپلىكلەرنىڭ قەلىمىدىكى بۇنداق تەنقىتلەرگە جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بەكمۇ ئاز ئىدى .  بۇ خىل دىن تاراتقۇچىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئەكسىنچە غەرپلىكلەر- نىڭ ئۆزلىرىگە نېسبەتەن بەكمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن بولغان ،  شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەرقلىقلەرگە قارىتا قارىشىدا ئۆزگەرمەس قاراش سۈپىتىدە  ساقلانغان . بۇ باشقا بىر مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك تېما .
بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەنقىت قىلىشنى نىمە ئۈچۈن قوبۇل قىلالمايمىز ؟ مەيلى لۇشۈن ئەپەندى بولسۇن ياكى بەيياڭ ئەپەندى  بولسۇن ، ئۇلارنىڭ  مىللىيىتىمىزدىكى چاكىنىلىقلارنى تەنقىت  قىلىشىغا نېسبەتەن سالقىن قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىدۇق . ئۇلارنىڭ دېگىنى سەپسەتىمۇ يا قەقەشنى چىڭراق تاتىلىۋەتتىمۇ ؟  چىڭراق تاتىلىمىسا ئاغرىمايدۇ ، ئاغرىمىسا قانداقمۇ مېدىرلىغىلى بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق دۆلەت ۋە رايوندا كوللېكتىپ خاراكتېرلىق چاكىنىلىق بولىدۇ . چاكىنىلىقنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىك  ئەۋزەللىكنى  ئىنكار قىلغانلىق  ئەمەس ،  بىر  مىللەتنى ئىنكار قىلغانلىقمۇ  ئەمەس .  شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ،  چاكىنىلىقنى ئېچىپ  تاشلاش ،  چاكىنىلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ،  دەل ئۆز مىللىتىنىڭ  ئېسىل تەبىئىتىنى ساقلاپ قالغانلىق .
ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ مىللىيىتىمىزدىكى چاكىنىلىققا قارىتا قايتا ئويلىنىشىمىز«4-ماي»ھەرىكىتىدىن باشلاپ باشلانغان. بىر تەرەپتىن دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىلىپ ، جۇڭگو بىلەن غەرپ ئۇچراشقان ،  ئىككى خىل ھەزارەت  ئوخشمىغاچقا  سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن . سېلىشتۇرۇش ھەر تەرەپلىمە بولۇپ ، چوڭقۇر قاتلامدىكى مىللىيەتنىڭ كوللېكتىپ خاراكتېرىنى تەبىئى ھالدىلا ئۆز ئىچىگە  ئالغان .  يەنە بىر تەرەپتىن ، جۇڭگو بىلەن غەرپنىڭ  توقۇنۇشىدا جۇڭگو  ئىزچىل ھالدا ئاجىز  ئورۇندا  تۇرۇپ كەلگەن .  مەسئۇلىيەت  تۇيغۇسىغا  ئىگە زىيالىلارنىڭ بۇ خىل ئاجىزلىق ۋە ئامالسىزلىق  ئالدىدا زېرىكمەي- تېرىكمەي  ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا  ئىنتىلىشى ،  مۇقەررەر ھالدا ئۆزىگە نەزەر سېلىش ،  ئۆزىمىزنىڭ  قۇدرەت تاپالماسلىقتىكى سەۋەپنى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىن ئىزدىشىگە سەۋەپ بولغان .  بۇ جەمىيەتنى كۈزىتىشتىن ھەزارەتنى كۈزىتىشكىچە ،  تۈزۈلمە بىلەن كۆز قاراشتىن مىللىيەتنى كۈزىتىشكىچە بولغان . ئەمما ھەزارەت نۇقتىسىدىن كۈزىتىش بىلەن مىللىيەتنى تەھلىل قىلىش ئالاھىدە نەزەرگە مۇھتاج  ،  تەنقىدى روھ بىلەن خەلقنىڭ خاراكتېرىدىكى ساقايماس كېسەللىكنى ئېچىپ بېرىشكە جاسارەت بولمىسا بولمايدۇ .  شۇنىڭ ئۈچۈن ،  مەن بەيياڭ ئەپەندىنىڭ بۇ خىل تەنقىتلەش روھى بىلەن جاسارىتىگە ئىزچىل قايىل بوپكېلىۋاتىمەن . بولۇپمۇ مانا بۇ ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان تېما ___ بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار ___ كىشىلەرگە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇدۇ ئەمەسمۇ ! لېكىن بىز  پەقەت مانا مۇشۇ  ئەيىپلەش ئىچىدىكى بىر يازغۇچىنىڭ  مىللەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايدىغانلا بولساق ، ئۇ ئېيتقان «بەتبەشىرە»لىك ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشى مۇمكىن .
مانا بۈگۈن ، جۇڭگو جەمىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە گۈللەنمەكتە . خۇددى  بىز يەنە خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە  ئويلانمىساقمۇ  بولىدىغاندەك ، «بەتبەشىرە ياكى بەتبەشىرە  بولمايدىغاندەك» ، گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن ئىشەنچتىن تېرىمىزگە سىغماي قېلىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس . ئەمما بىرھەقىقى مەدەنىيەتلىك مىللەت ، مەيلى ئۇ نامرات بولسۇن ياكى باي بولسۇن ،  ھامان ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىپ تۇرىشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشى كېرەك . نامراتلىق ۋە بايلىق مەدەنىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس . بىز ئەتىكى جۇڭگونىڭ يەرگە قاراپ قالماي كەلگۈسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، ئۇنداقتا تارىخ قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقىدەك لايغەزەللىكلەرنى يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلاشنى  ئۇنۇتماسلىقىمىز ،  خاتالىقىنى تونۇيدىغان ئەينەك بىلەن ھەر ۋاقىت  ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ ، تەنقىتكە نېسبەتەن كەڭ قورساقلىق  ۋە  جىددى مۇئامىلە قىلىپ  ھەمدە  بۇنىڭ ئارقىلىق سەگەكلىك بىلەن توغرا ھەمدە مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك .
مۇشۇ  ۋەجىدىن  بولسا كېرەك ،  بەيياڭ  ئەپەندىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ كىتابى قايتىدىن ئۈستىلىمىز ئۈستىگە قويۇلىشى مۇمكىن .

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى
  فېڭ جىسەي ، جېجياڭ سىشىدىن ، 1942- يىلى تيەنجىندە تۇغۇلغان . ئاتاغلىق يازغۇچى ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ھېكايە-رومان ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىيات-سەنئەت جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، تيەنجىن ئۇنۋېرسىتوتى ئەدەبىيات –سەنئەت تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى ، «ئەدەبىي ئەركىن پاراڭلار» ژۇرنىلى ، «سەنئەتشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى .
ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن : «ئاھ !» ، «نەقىشلىك غاڭزا» ، «سىرلىق قامچا» ، «دارازا خېنىمنىڭ پەتەك ئېرى» ، «بەش ئېلىك كىچىك پۇت» قاتارلىقلار بار .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
soygum + 15

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 15   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9891
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2075 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

پايدلىنىش، بىلىش قىممىتىگە ئىگە تىمىڭىزدىن سۆيۇندۇم. ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. رەھمەت

توققۇز تارا مۇنبىرى سىزنى قىزغىن ئالىدۇ. تەڭرى تاغ باغرىدىكى ئەڭ  گۈزەل ماكانغا بارغۇىڭىز بارمۇ ئەمسە توقققۇزتارا تورنى زىيارەت قىلىڭ بىزنىڭ ئادرسىمىز:www.tokuztara.com

بۇ دۇنيادىن رەنج

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45878
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 907 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

پايدلىنىش، بىلىش قىممىتىگە ئىگە تىمىڭىزدىن سۆيۇندۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12996
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6371 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:18:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

خەنزۇ تىلىدىكى 丑陋 تاشقى قىياپىتى سەت،بەدبەشىرە دېگەننى ھەم كۆڭلى پەس، رەزگى، زېدىپەسلىكنى كۆرسىتىدىكەن. بەدبەشىرە دېگەن سۆز ئادەتتە تاشقى قىياپىتى، چىرايى سەت، كۆرۈمسىز دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا ، 丑陋 نى رەزگى دەپ تەرجىمە قىلسا بولامدىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5323
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە لۈشۈن توغۇرلۇق سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان،چۇنكى،ئالدىنىقى تېمىدىكى ئاپتۇر‹‹خاس ھاجىپ ۋە لۈشۈن››دەك ئىككى ئادەمنى سېلىشتۇرغان،بۇ سېلىشتۇرۇش ماڭا زوق ئاتا قىلمىدى،ئىلگىرى مۇنبەر،‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژۇرناللىرىدا ئابدۇخالىق بىلەن لۈشۈن،زۇنۇن قادىرى بىلەن گوركىينى سېلىشتۇرغان،؟ئۆز ئەسەرلىرى،ئىككى كىشىنىڭ ياشىغان دەۋرى ئوخشاش،ھەممە كىشى ئەركىنلىك،ئازادلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان دەۋر بولغاچقا،سېلىشتۇرۇرما تەتقىقات خېلى ياخشى بولغان،لۈشۈن بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرسىدا 1000يىلغا يېقىن پەرق بار،ئۇلار ياشىغان ئىدىلوگىيە ،دۇنيا قاراش،ئېتىقاد ئاسمان -زېمىن پەرقلىنىدۇ،ئالدىنقى قېتىملىق ئاپتۇرىمىز بەلكىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئوخشاش دەۋردە ياشىغان ،بىلىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا تەڭ كەلگۈدەك خەنزۇ ئالىملىرىنى تاپالمىغاچقا،ئامالنىڭ يوقىدىن لۈشۈن ئەپەندىنى سېلىشتۇرۇپ قويغان،يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابىنى 1984-يىلى5-ئايلاردا مىللەتلەر نەشرىياتى 25مىڭ تىراژدا چىقاردى،بۇ چاغلاردا،قەشقەر ھېيتگاھتا كىتابلارنى بۇرۇن بەك كۆيدۈرۋاتقاچقىمۇ،بۇنداق كىتابلارنى ئۇقۇمىغان،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلاشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان،ئەپسۇس،10.8يۈەنلىك كىتابنى بىچارە ئۇيغۇرلىرىمىز 20يۈەنگە ھاراق ئىچسە ئىچىدۇكى،ئۇ كىتابنى ئالمىغان،تاكى ھازىرغا كەلگۈچە يايما دۇكانلاردا،قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى كىتابلار يەنىلا ئۇيغۇرلارغا تەلمۈرۈپ تۇرماقتا،10مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ 25مىڭ كىتابنى 2011-يىلغىچە بازاردىن ئۆز ئائىلىسىگە ئەكىرالماي قېلىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،ئاشۇ كىتابنى 2.5%ئۇيغۇر ئۆز ئائىلىسىدە ساقلىدى،قالغانلارچۇ؟قالغان 90%دىن كۆپرەك ئۇيغۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنى سورىسا،ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن بىلەن،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىرخىل روھنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ،شۇڭا،بىزدىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھى تۇلۇق ئەمەس،لۈشۈن جوڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس سىما بوپ قالدى،شۇڭا،ئۇ ھەر دائىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدە كىرگۈزۈلۈپ،لۈشۈننىڭ ئابرۇيىنى يوقۇرى كۆتۈردى،بىزچۇ؟بىز ئالىمدىن پەخىرلىنىمىز،ھازىر ئەمەس،(شۇ ئالىم ئۆلگەندىن كېيىن پەخىرلىنىمىز،بۇ بىزنىڭ قېنىمىزغا سىڭگەن ئادەت،ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ)بىزگە ئەلۋەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېرەك،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرى ،ئەلشىر نەۋائى باشقا مىللەتكەن دەپ قويسا،قېنىمىز قىزىپ كېتىدۇ،مۇنبەردىكى،ئەزىز دوستلار،بىز ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتابخانىدا چاڭ باستۇرۇرۇپ يۈرسەك،باشقا مىللەتنىڭ تالىشى مۇقەررەر،شۇ ئالىمدەك روھ شۇ مىللەتتە بولسا،قېنىدا ئۇرغۇپ تۇرسا،باشقا مىللەتمۇ يالغان سۆزلەشتىن تارتىنىدۇ،لۈشۈن ئەپەندى ئۇ جوڭگۇ تارىخىدا مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇردى،ئەمدى،مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئادەملەرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە،زامان،ماكان چەمبىرىگە قۇيۇشنى،ئارىسىدا 1000يىلغا يېقىن پەرق ئەتكەن ئادەمنى سېلىشتۇرماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن،ئەگەر قايسىلا تېما ئېگىسى بولسۇن،مەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويسام،لۈشۈن ئەپەندى بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نۇقتىسىدا كۆزىتىڭلا،‹‹كىرپە بالام يۇمشاق،قاغا بالام ئاپپاق››دېگەندەك،ھەممە مىللەت ئۆز قەھرىمانلىرىدىن،ئالىملىرىدىن پەخىرلىنىدۇ،ئاندىن باشقا مىللەتتىكى ئادەمگە قارايدۇ،مانا،بۇ ئىلگىرى سوۋىت ئىتىپاقىدا يۈز بەرگەن مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئۈلگىسى،ئىككى مىللەت ئالىملىرى ،يازغۇچىلىرى ئارىسىدا قايسى مۇھىم دېيىشمۇ پىرىنسىپقا ئۇيغۇن ئەمەس،مۇمكىن بولسا،ئالدىنقى تېما ئېگىسى ۋە بۇ تېما ئېگىسىنىڭ سېلىشتۇرما ئەدەبىياشۇناسلىققا دائىر ماتىرياللارنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
57gulyar + 11

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33226
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4552
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:24:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

دۇنيادابۇنىڭدىنمۇ ئىسىل،ئەخلاقلىق،دىيانەتلىك،پەزىلەتلىك،مەدەنيەتلىك،بىلىملىك مىللەتىن يەنە بىرنى تېپىش مۈمكىن ئەمەس ،ماختاشتا تىل بايلىقىم كەمچىل بۇلۇپ قالدى مىنى كەچۈرۈشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18085
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5916 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

خەپ مەن بىرنى ئېلىپ كۆرمىسەم  شۇ كىتاپتىن .

ئىناق،ئصتتصپاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15124
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 04:09:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنىنى قوي. تورداش سىز دىگەن «جۇڭگولۇقلارنىڭ بەتبەشىرىسى» دىگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بوياڭ دەپ تەرجىمە قىلىمىز، رەھمەت. ئۇ كىشى تەيۋەنلىك يازغۇچى. كىتابتا ھەر گىزمۇ خەنزۇ مىللىتىنى سۆكۈش بولمىغان، پەقەتلا ئەدەبىي تىل ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ناتوغرائۆرپ-ئادەتلىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق  بىلەن مىللەت سۆيەر  ھالەتتە كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 05:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

توغرا دەيسىز ! يازغۇچى مىللەتكە ئەمەس ، مىللەتتىكى رەزىللىكلەر ، ئىللەتلەرگە قاراتقان . ئىسمىغا كەلسەك ، بەزىلەر بوياڭ دەپ ئالغان ئىكەن ، ۋە بەزىلەر بەيياڭ دەپمۇ ئالىدىكەن . بۇ ئەدىپنىڭ ئەدەبىي تەخەللوسى خالاس . مەنىسى تەيۋەندە كۆپرەك ئۆسىدىغان بىر خىل ئارچا ئىمىش . تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 06:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگولۇقلار بەدبەشىرىمۇ ؟

كەچۈرۈڭ ، خەنزۇ تىلىدىكى 丑陋  نىڭ مەنىسى بەك كۆپ ئىكەن . مىسالەن ، ئوسال ، نومۇسسىز ، شەرمەندە ، رەسۋا ، بېزەپ ، تېتىقسىز ، رەزىل ، بەدبەشىرە دېگەندەك . كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن . ئەمما تەيۋەنلىك بىر قانچە يازغۇچىنىڭ (ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) «جۇڭگولۇقلار سىلەر نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلانمايسىلەر» ، «ئوسال جۇڭگولۇقلار» دېگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانىدىم . تېمىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى ھەمدە سىپايىراق بولىشى ئۈچۈن «بەدبەشىرە جۇڭگولۇقلار» دەپ تەرجىمە قىپقويدۇم . كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش