مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 27

ئاپېرىن سىزگە پەخرىيە ، سىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇقالسۇن ئاجىزل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14034
تۆھپە نۇمۇرى: 1919
توردا: 1955 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 10:57:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخرىيە ھەقىقەتەنمۇ بىز پەخىرلەنگۈدەك بىر قىز. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ماتېماتىكىدىكى تولۇق نومۇر ( 150 نومۇر ) ئېلىش ھادىسىسى شىنجاڭ تارىخىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان «مۆجىزە»(بەلكىم بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بۇنداق ئالاھىدە نومۇر ئېلىشىنى قايتا كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن). قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭدا مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سۇئالى ئىشلىتىلگەن 27 يىلدىن بۇيان تېخى ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس.
مەن پەخىرىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىمتىھان نەتىجىسى چىققان كۈنىلا كۆرگەن بولساممۇ ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. چۈنكى مەن بۇنىڭدىن گۇمانلانغان، توردىكى ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ راست بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بولۇپمۇ كىشىلەر ئۆز ئالدىغا تاراتقان ئۇچۇر تېخىمۇ شۇنداق. مەن پەقەت ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇنىڭ بارلىق نەتىجىسى چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر سۈرىتىنى كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ ئۇچۇرنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. بۇ ۋاقىت دۈشەنبە كۈنى كەچكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۆزئاراچانلىقى كۈچىيىۋاتقان كۈنلەردە مىكرو بلوگ، ئاۋام (مەكتەپ ئىچى)تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقىچانلىقى كۈچلۈك ۋاستىلاردا ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى بولۇپمۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تارىتىشى ئىشلاردىن ناھايىتى تىز خەۋەرلىنىشىمىزگە ناھايىتى پايدىلىق بولىۋاتىدۇ. پەخرىيەنىڭ نەتىجىسىنىڭ جەمئىيەتكە ئىنتايىن تىز تارقىلىشى، ھەتتاكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىر قەدەم كېيىن خەۋەر قىلغانلىقى تورنىڭ ھازىرقى ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مەن سەيشەنبە كۈنى (28 - ئىيۇن) پەخرىيە ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدىم. مەكتەپنىڭ ئىككى دەرۋازىسىغا ئېسىلغان پەخرىيەنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ شەرىپى چۈشۈرۈلگەن تاختاي ئېسىلغان، دەرۋازا ئۈستىگە بولسا ئۇ ھەققىدە پىلاكات تارتىلغان، مەكتەپ ئىچىدىمۇ ئوخشاش خىلدىكى پىلاكاتلارنى كۆرگىلى بۇلاتتى، ئوقۇتۇش بىنالىرى ئالدىدىكى دۈگىلەنمە ئۇچۇر كۆزنەكلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجە قازانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تولغان ئىدى. مەن تېخى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزۈمنى ئۇنى ئاخبارات نۇقتىسىدىن زىيارەت قىلغان تۇنجى ئادەم دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەپسۇسكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ماڭا نېسىپ بولماپتۇ. ئالدىنقى كۈنىلا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پروگراممىسى، چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى لىنىيىسى (خەنزۇچە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئورگان تورى) قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت قىلىپ بوپتىكەن، مېنىڭ ئۇ ھەققىدىكى زىيارەت ئۇرۇنۇشلىرىممۇ بىكار كەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماڭا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى، مەن يەنە پەخرىيەنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
پەخىرىيە ئوقۇتقۇچىسى ماھىنۇر مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئۇرۇق، ئېگىز بويلۇق قىز ئىدى. ئۇنىڭ كەمتەر، سىپايە بولغان مىجەزى بىر قاراشتىنلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى تېلېفون ئارقىلىقلا يەتكۈزۈپ بولغان ئىدىم، ئەسلىدە ئۆيىدە تاماق تەييار بوپتىكەن، ئۇ شۇنداق بولىشىغا قارىماي زىيارىتىمنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كۆيۈمچان قىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەكتەپ تەرەپ مېنى خېلى يېتەرلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولغاچقا پەخرىيەنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ يۈرمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازىدىغىنىم سۆھبەت خاتىرىسى ئەمەس ئىدى. مەن زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياتاققا قايتىپلا خەۋەرنى يېزىپ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە تاماملىدىم، شۇنداق بولغاچقا سۈپەت جەھەتتە سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالمىدىم.
پەخىرىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ كەڭ تارىلىشى، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنى توختىماي زىيارەت قىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئۇنى چۈشىنىشىمىزگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، زىيارەت داۋامىدىكى ئوخشاش نۇقتىدىن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئادەمنى سەل ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويىدۇ. مەن توردىن پەخرىيە ھەققىدە يېزىلغان ھەر بىر تېما ۋە ئىنكاس، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. گەرچە مەن پەخرىيەنىڭ ئەھۋالىنى تامامەن بىلىپ كەتمىسەممۇ، زىيارەت داۋامىدا ئېرىشكەنلىرىم ۋە باشقا زىيارەتلەر داۋامىدا ئۇنىڭ ئەھۋالدىن خېلى ئوبدان خەۋەر تېپىپ قالدىم، شۇ ۋەجىدىن پەخرىيەنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالى ۋە مېدىيالارنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئازراق توختىلىشنى، چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر تاپتىم.
1.    پەخرىيەنىڭ ئەسلى ئارزۇسى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى
بىر قىسىم تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا پەخرىيەنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تاللاش پۇرسىتى پەخرىيەگە نائىل بولمىغان. چۈنكى ئارزۇ تاللاش دائىرىسىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بولمىغاچقا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللاشنى لايىق تاپقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىر يىل تەييارلىقتىن كېيىن قايتا كەسىپ تاللايدىكەن. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ شۇ مەكتەپتە ئۇقۇشنى قارار قىلغان ھەم جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، بىز ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجە تىلەيمىز!
2.    پەخرىيە مىنكاۋخەن ئەمەس
بىر قىسىم تورداشلار ئۇنى مىنكاۋخەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ئۇ قوش تىدا ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ قوش تىل بويىچە تەبىئىي پەندە بەرگەن، يەنى ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا، تىل – ئەدەبىياتنى ئۇيغۇر تىلىدا بەرگەن. قوش تىل ئوقۇغۇچىسى بىلەن مىنكاۋخەننىڭ پەرقى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق. ئۇ تولۇق نومۇر ئالغان ئىمتىھان سۇئالىمۇ شىنجاڭ ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ سۇئالىغا ئوخشاش خەنزۇچە.
3.    پەخرىيەنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى بىزنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى
مەن پەخرىيەنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەشلەشتۈرمەي سۆزلىگەنلىكىگە ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. بۇ ھەقتە يەنە مىسرانىم ئەزاسى مۇرات ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:« ...گەپ سۆزلىرىدىن كىچىك پېئىل، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن قىز ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تىللىرىمىز ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە،ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر قىزنىڭ تىلىنىڭ شۇنچىلىك ساپ ،ئازراقمۇ غەيرىيلىك ،ئەبجەشلىك ئارلاشماي ھەقىقىي ئۇيغۇر تىلىدا پىكىر بايان قىلىشى مېنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈردى.... »، مىسرانىم ئەزاسى جاڭگال :« توۋۋا قىلدىم خۇدايىم!!! مۇشۇ كۈندە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن باللارنىڭ ئارىسىدىمۇ خەقنىڭ تىلىنى بىر ئېغىزمۇ ئارىلاشتۇرماي گۈزەل ئانا تىلىمىزدا ساپ سۆزلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن-ھە!!! پەخىرلىنىشكە بۇ تەرىپىڭىزمۇ يېتەرلىك ئىكەن قېرىندىشىم پەخىرىيە!!!!!» دېگەن. مەن ئاپتوبۇس ۋە كوچىلاردا دائىم پەخرىيە بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالغىنىمدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەنلەرنى ئۇچراتمىغان ئىدىم، راستىنى ئېيتسام ئۆزۈممۇ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا نىمىشقىكىن 充值  دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلاپ سېلىپ بەكلا خىجىل بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە پەخرىيە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش ئارقىلىق ھەممىمىزگە بىر ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئاتا قىلدى. تېلىكامىرا ۋە مىكروفون ئالدىدا تۇرغاندا كۆپىنچە ئادەتلىنىپ قالغان سۆزلەر چىقىپ كېتىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزگەرتىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى پەخرىيە ئادەتتىمۇ تىل ساپلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ بىز ھەممىمىزنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. پەخرىيەدىن ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىشنى ئۆگىنەلمىسەكمۇ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالايلى!!!
4.    پەخرىيەنى تەشۋىق قىلغاندا رادىيو – تېلېۋىزىيە – تورلار ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىغان بولسىمۇ، گېزىتلەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى
يۇقىرىدا دېگىنىمدەك مەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەخرىيەنى زىيارەت قىلغاندىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. ئۆزۈممۇ ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسى ئىچىدە دەپ قارايمەن.
پەخرىيە ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، ئەلكۈيى تورى، ئۈرۈمچى لىنىيىسى (خەنزۇچە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئورگان تورى) قاتارلىق بىر قانچە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما مەن ئاتايىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى گېزىت – ژۇرناللار قىرائەتخانىسىدىكى گېزىتلەرگە قارىغىنىمدا پەقەت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 29- ئىيۇندىكى خەنزۇچە نۇسخىسى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى لىنىيىسىنىڭ زىيارىتىگە ئاساسەن يېزىلغان زىيارەتنى خەۋەر قىلغان، ئۇيغۇرچە گېزىتىمۇ ئۆز مۇخبىرى (ئىسىمى ئىسىمدە قالماپتۇ) نىڭ پەخرىيە ھەققىدە يازغان خەۋىرىنى بەرگەن، گېزىتلىرىمىز ئىچىدە پەقەت مۇشۇ گېزىتلا پەخرىيە ھەققىدە خەۋەر بەردى، ئۇنداقتا باشقا گېزىتلەر نېمىشقا بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمەيدۇ؟ گەرچە گېزىتنىڭ ۋاقىتچانلىقى تور، رادىيو، تېلېۋىزورلاردىن ئاستىراق بولسىمۇ لېكىن پەخرىيەنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن گېزىتنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، تېلېۋىزىيە ۋە رادىيولار بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە پىروگراممىنىڭ ئەسلى ۋاقتى بويىچە بېرىلىدىغان بولغاچقا بىر قىسىم پروگراممىلارنىڭ زىيارىتى تېخىچە قۇيۇلمىدى، ئەمما گېزىتلەر بۇنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككىنچى كۈنى بېرەلەيتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلىنىپ، تاكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان ئوقۇغۇچىنى خەۋەر قىلغۇچە بولغان نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە گېزىتلىرىمىز توختىماي خەۋەر قىلىدۇ، ئەمما 27 يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكىسىدا تۇنجى تولۇق نومۇر ئالغان قىزنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز، ھېچ بولمىغاندىمۇ قىسقا خەۋەر بىلەن بولسىمۇ خەۋەر قىلغان بولسا، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، رادىيو ياكى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بىلەلمىگەن كىشىلىرىمىز خەۋەر تېپىپ قالغان بولاتتى.
5.    كىيىنكىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن پەخرىيەنىڭ ماتېماتىكىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنىڭ سىرى نەدە؟
پەخىرىيە ئۆزى ئېيتقاندەك ماتېماتىكىغا ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى ئاجراتقان، ھەم بۇرۇندىنلا ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىققان. ئىمتىھان سۇئالى ۋە مەشىق سۇئاللىرىنى ئىشلىگەندە زېھنىنى يىغىپ ئىشلىگەن. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قىزىقىش، ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن. باشقا پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماستىن، باشقا پەن ۋە ئومۇمىي پەنلەردىكى نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئەليۇلئەلالىق شەرىپىگە ئېرىشكەن.

ئاخىرىدا پەخرىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ خۇشال، ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىلىك، ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى كەلگۈسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدىغان ياراملىق ئادەمگە ئايلىنىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن!!!

پەخرىيە ھەققىدە بىر قىسىم يازما ۋە سۆھبەت ئەھۋالىنىڭ ئادرېسى:
پەخىرلىك قىز پەخىرىيە(تەڭرىتاغ تورى):
http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_151832.htm

تەڭرىتاغ تورىدا «پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن سۆھبەت » (تەڭرىتاغ تورى):
http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_152959.htm
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-54621.shtml

پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالدى(مىسرانىم) :
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-54621.shtml

ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليولئەلا پەخرىيە(ئالىم ئەھەت بلوگى):
http://www.alimahat.com/?p=423

پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيى ئىكرانىدا سۆھبەت(ئەلكۈيى):
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=10663

پەخرىيە بىلەن سۆھبەت(ئۈرۈمچى لىنىيەسى، خەنزۇچە):
http://www.wlmqwb.com/wlmqzxft/wlmqzxftzt/2011gkphly/

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
mamtimin0105 + 1
kilyang + 100 ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 101   باھا خاتىرىسى

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574675
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 11:54:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبىرىمىز ئەزاسى تاڭنۇرنىڭ شېئىرى:

كۈلدى ئەل،ئاپرىن ئوقوپ،ئاختى دەريا،شاۋقۇن ئورۇپ ،
پەخرىيە ئۇيغۇر قىزى ، خۇشال بۈگۈن ، شەرەپ قۇچۇپ .

ياغدى ئەلدىن ، تالاي ئالقىش ،ئۇيغۇر ئۈچۈن غەزەل قېتىپ ،
قۇشلار ئارا ، بەيگە قىلىپ ،تاپسۇن شەرەپ ، قانات قېقىپ .

ئەل ئۈچۈن ، مىللەت ئۈچۈن ، تۆھپە قوشۇپ ، سۈيىدە ئېقىپ ،
مىھىر بېرىڭ ،زەمزەم بولۇپ، قۇياش كەبى ، نۇرلار چېچىپ .

بىلىم ئېلىپ ، باغلاپ ئىمان ، ھەقنى كۆزلەپ ، ئەلنى كېزىپ ،
خۇشال قىلىڭ، ساپ ئەجىردە، مىللەت ئۈچۈن ، دەستە تىزىپ .

كەلسە تۆھمەت  ، ئۆسەك توقۇپ ، ھەق يولىنى ، تار قىلىپ ،
يەكسان قىلىڭ ،يەر چىشلىتىپ ،پەن - بىلىمنى ، خەنجەر قىلىپ .

ھايات سەرخىل ، قىسمەت تولا ، سىناپ تۇرار ، پۇرسەت بېرىپ .
كەلسە ئامەت ، كەلسە ئاپەت ،مەزمۇت تۇرۇڭ ،كەتمەڭ ئېزىپ .

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46160
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:04:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئش بولوپتۇ.......... بۇ راستىنلا بىر مۆجىزە.

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! تىما ئىگىسىگە رەھمەت  !
پەخىرىيە سىڭلىمىزغا تەشەككۇر  ھۆرمەتلىك   سىڭلىمىزنىڭ  كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ  دىگەن تەپەككۇر بويچە  
بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ بۇنىڭدىن كىيىنكى  ئەڭ قىيىن ۋەزىپىنى ئورۇندىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن شۇنداقلا
بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆز ئىسمىغا لايىق پەخىرلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن!

ئىمىنجان ھىدايەت

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24361
تۆھپە نۇمۇرى: 2766
توردا: 3980 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپاكەش ماتېماتىكا مۇئەللىملىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپتۇ بۇ قىز...ئاپىرىن!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

سەنسىزمۇ ئۆتىدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11309
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7242
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13592
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 10231 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارەيسەن  ئۇيغۇر قىزى ...

بۇندىن كىيىن ئىشلىرىڭىزنىڭ  ئۇڭۇشلۇق  ياخشى نەتىجىلەرنى  قولغا   كەلتۇرىشىڭىزگە  تىلەكداشمەن ..

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

بۇ جاھان ئۆتنە ج

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4360
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4230 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:40:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇسا مۇشۇندا ئوقۇسا بولىدۇ، بەزى تورلاردا بەزىبىر قالايمىقان گۆش يەيدىغانلار بۇ قىزنى ياراتماپتۇ،نوچى بولسا بىزنىڭ بۇيەردە بەرسۇن دەپ  مىنىڭ ئۇقۇشۇمچە ماتىماتكا سۇئالى پۇتۇن مەملىكەت ئىچىدە ئوخشاشتۇ؟
ئۇ قىزنى مەملىكەت بويىچە بىرىنجى بولمىدى دىسەكمۇ شىنجاڭنىڭ بىرىنجىسىغۇ؟ ماختىغۇدەك،پەخىرلەنگۇدەك قىز...كۆرەلمەيدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپكەن،ئەسلىغۇ مەن ئىنكاس يازمايتىم،لىكىن بەزى كۆرەلمەيدىغانلار ...بولدىلار... ئىت بىلەن تەڭ بولمىساقلا بولىدىغۇ...

تىخىمۇ تىرىشىڭ سىڭلىم، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1625
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 689 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ خۇش بولدۇم!يارايسىز پـﻪخىرىيـﻪ!ﺋۇيغۇرنىڭ ﺋـﻪقلى بۆلۈنمىسى،يـﻪھۇدىنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا باركى كـﻪم ﺋﻪمـﻪس!

ﺋـىشنىڭ ياخشى تـﻪرىپىنى ﺋويلىغانلار ﺋـايروپىلان ياساپتۇ،يامان تـﻪرىپىنى ﺋويلىغانلار پاراشوت ياساپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46362
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2011-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بولۇپتۇ  ،يارايسىز ،بۇندىن  كىيىن  سىزگە ھەر-ۋاقىت بەخىت-ئامەت يار بولسۇن ....ياخشى ئوقۇپ مىللىتىمىزنى  تونۇتۇڭ !

دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۇزەل!

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:51:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىدىن سىزنىڭ مىنكاۋ خەن ئەمەسلىكىڭىز ھاردۇقۇمنى چىقاردى مېنىڭ !  ئۇيغۇر مائارىپىغا ئىشەنمەيدىغان ، ھەتتا ئۆز مائارىپىغا ئىشەنمەي باللىرىنى مىنكاۋ خەن قىلىپ تەربىيىلەپ پەخىرلىنىپ كېتىدىغان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ( بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئاتا - ئانىلار مۇ بار )مۇ كۆرۈپ قوي ئويلىنىپ قالار ...
          ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ئاز ئەمەس ، ئەمما باللىرىمىزنى خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلىش مېنىڭچە تازا مۇۋاپىق ئەمەس . بىر - بىرىمىزنى قوللايلى ، ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ھەققىدە بىرلىكتە ئويلىنايلى ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلەيلى . مائارىپ - يەنى تەربىيە خىزمىتى مەڭگۈلۈك خىزمەت ، دېمەك مەڭگۈ ئىزدىنىشكە ، بۇ يولدا مەڭگۈ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ ...ھەمىمىز مەسئۇلىيەتتىن قاچساق ، تاشلاپ قويساق ، بىر -بىرىمىزگە ئىتتەرسەك  بىرسى كېلىپ ھەرگىز بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ ، شۇنداقمۇ؟
         بىزمۇ ( بولۇپمۇ ئىشخانىدىكىلەر ) نەچچە كۈندىن بېرى پەخرىيەنى مىنكاۋ خەن دەپ بىلىپ كەلگەن ، ھەممىمىز  مىنكاۋخەن بولمىغان بولسىچۇ ( بۇ يەردە ھەرگىز باشقا مەقسەت يوق ) دېيىشكەن ئىدۇق راستنى دېسەم ، پەخرىيەنىڭ مىنكاۋ خەن ئەمەسلىكى شەخسەن مېنى تېخىمۇ خۇش قىلدى . چۈنكى مەن بىر  ئوقۇتقۇچى ... ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، مەن باللىرىمغا ، ئۇيغۇر باللىرىغا ئىشىنىمەن ،  ئۇلاردىن سۆيۈنىمەن ، ئۇلار بەك ئەقىللىق !  كىچىكىدىن تەربىيىنى كۈچەيتسەك ، مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىيەت ئۆز - ئارا ماسلاشساق ، باللىرىمىزنىڭ ئىچىدىن يەنە پەخرىيەدەك باللار چىقىدۇ !
سىڭلىم پەخرىيە ماتىماتىكا ئۇيغۇر باللارنىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئەمەسلىكىنى بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردىڭىز ، شۇ تاپتا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ھاردۇقى چىقمايۋاتقان جاپاكەش ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ ھاردۇقى چىققاندەك بولغاندۇ ، ئۈمىدلىنىپ قالغاندۇ ؟ .......
سىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ، بىر ئېغىزمۇ باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلىگەنلىكىڭىزدىن شەخسەن مەن بەك پەخىرلەندىم ! مەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، ئانا تىلىمنى ئۆزۈمنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان ، غورۇرۇمنى قوغدىغاندەك قوغدىسام دەيدىغان ، ئۆز كەسپىمنى ھەقىقىي سۆيىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ، جەمىئيەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان كىشىلىرىمىزگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ . ئەمما شۇ نەرسە ئايانكى ، ھەقىقي بىلىم سەۋىيىسى بار ، ساپالىق ئادەملەرلا سىزگە ئوخشاش قىلالايدۇ ، چۈنكى  «يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاقلايدۇ »ئەمەسمۇ ؟   سىڭلىم پەخرىيە ، ئالدىڭىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ، ئۆتكەللەر بار  ، بەلكىم بۇ سىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىڭىز بولۇشى مۇمكىن ، كىيىنكى ئوقۇش ھاياتىڭىزدا قەتىئي بوشاشماسلىقىڭىزنى ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ تىرىشچانلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ! سىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ، سىڭلىم !..........

گۈلدەستىداشلارن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18575
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىزنىڭ پەخرىمىز سىڭلىم!!

كۈلۈپ ياشايمەن!

بۇ دۇنيادا چۈشنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46135
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2011-6-29
ئاخىرقى: 2011-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:03:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقلىڭىزگە بارىكاللا سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى پەخىرىيە. تېخىمۇ تىرشىڭ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تىلكى ھەر ۋاقىت سىز بىلەن بىرگە. [s:288]

بۇ دۇنيادا چۈشنىش ئەڭ قىيىن بولغان نەرسە ئادەمدۇ ..

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8186
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش پەخىرىيەگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن.
بولسا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن مۇشۇ قىزغا ئوخشاش رېكورت يارىتىدىغان، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلدىغان، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىدىغان ئىزباسارلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9466
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5673
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەمىتىلى تەۋپىقنىڭ روھى ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش