مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ümütqilimen

1- دۇنيا ئۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57779
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 02:11:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

替考Q15530110南京代考成人高考,南京代考执业药师,北京代考研究生

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73312
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە !   :qiray18
بۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74115
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-1-28
ئاخىرقى: 2012-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 02:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 01:37:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78450
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3439
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 04:11:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نادىر تىمىدىن بىرىنى يولاپىسىز،

بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 05:51:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

موھەببەت   راسم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8286
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9245
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 09:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى    غەلبە   قىلغانلار  يازىدۇ  شۇنداقمو  مەغلوپ بولغانلارنىڭ  دۇمبىسىگە  دەسسەپ تۇرۇپ

ھەي  بېلەيتاش  سەن قاچانغېچە   تۇمۇرنې   'ئېتتېكلېتېسەن  لېكېن  ئۆزۆڭ   كەسمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36353
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3899
تۆھپە نۇمۇرى: 194
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 09:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساڭا تار كەلمەيدىغان قەۋرىلەرنى كىملەر يازسۇن؟
كۆمەيلى سېنى تارىخقا دىسەم پاتمايسەن !.......

مەخمەت ئاكىف ئاقسوي

   چاناق قەلئە - بۇ يەر، تۇپرىقىنىڭ ھەر زەررىسى قان بىلەن يۇيۇلغان مۇقەددەس تۇپراقلار.
   يىقىلغان بىر ئىمپېراتورلۇق بىلەن بىللە پۇتۇن ئۇمىدلىرىنى يوقاتقان ئوسمان تۇركلىرىنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىدەك ۋۇجۇت ھالىغا كەلگەن بىر مىللەتنىڭ ئوكيانلارنى تولدۇرغۇدەك قانلار ئېقىتىپ، يۇزمىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلىپ، يۇرتىنى قۇتۇلدۇرۇپ، خەلىقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى زامانىۋى، مەدەنى ۋە يېپ - يېڭى بىر دۆلەتنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يارىتىلىپ مىللەتكە ئۆتكۇزۇپ بېرىلگەن بىر تۇپراقلار.

    چاناق قەلئە - بۇ يەر، دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان بىر ئۇرۇشنىڭ يۇز بەرگەن، دۇنيا تارىخىدىكى بىردىنبىر ئاسماندا، يەردە، سۇدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش بولغان، ئەڭ تار يەردە ئەڭ جىق ئادەم قاتناشقان، ھەر بىر كۋادىرات مېتىرغا 6000 پاي ئوق چۇشكەن،  ھاۋادىكى ئوقلارنىڭ بىر -بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كۆزلەرنى قاماشتۇرغان، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا «ئەڭ مەشھۇر مۇداپىئە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان بىردىنبىر ئۇرۇش .!!!

بۇ ئۇرۇشنى پۇتۇنلەي سۆزلەشكە بۇ بەت ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش - ئوسمان تۇركلىرى تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ قىيىن بىر سىناق ئىدى. مۇسۇلمانلارنى يەريۇزىدىن مەڭگۇلۇك ئۇچۇرۇپ تاشلاشنى مەخسەت قىلغان كۇچلەرنىڭ، تۇركلەرنىڭ قەلبى بولغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەزىرى چۇشكەن مۇقەددەس شەھەر- ئىستانبۇلنى قولىغا كىرگۇزۇپ، قەھرىمان تۇرك مىللىتىنى تارىخ سەھنىسىدىن پۇتۇنلەي يوق قىلىش ئۇچۇن باشلانغان ئۇرۇش ئىدى......

    چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۇش ئۇچۇن، تۇركلەرنى يېڭىش ئۇچۇن جاھاندىكى پۇتۇن قۇراللارنى ئىشلىتىپ باقتۇق، پۇتۇن ۋاستىلارنى قوللىنىپ باقتۇق، ئەمما تۇركلەرنى يېڭىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۇشەندۇق. ئەگەر ھەقىقى ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدىغانلار تۇركلەر بىلەن ئۇرۇشسۇن... چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلمىدۇق !............(بىر ئىنگىلىز گېنىرال)  

    ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ تەخىت ۋارىسى Arshiduk Ferdinand ۋە ئايالىنىڭ 1914- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۇنى بوسنىيەدە ئۆلتۇرۇلۇشى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش سەۋەبى بولدى، ئەسلىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقدىسادى ۋە سىتراتېگىيەلىك مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، ئىقدىسادى ۋە تىجارەت رىقابەتلەرى، ھۆكۇمرانلىق تالىشىشلىرى، پارتىلاشقا ئاز قالغان بىر دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى، Ferdinand نىڭ ئۆلتۇرۇلىشى بولسا 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشى ئۇچۇن ئوبدان بىر سەۋەپ بولدى.

بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر، گىرمانىيە، ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيەسى ۋە ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانتانتا دۆلەتلەر دەپ ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندى. كېيىن ئىتالىيە ئانتانتا دۆلەتلىرىدىن چىقىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قوشۇلدى. بېلگىيە، سېربىيە، رۇمىنىيە، گرىتسىيە، پورتۇگالىيە، ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قوشۇلدى.

ئوسمان ئىمپىرىيەسى باشتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلدى، ئەمما ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىقدىسادى ۋەيران بولغان، ئارمىيەسى ئاجىزلىغان، دېپلوماتىيەسى يىتەرسىز بولغان، ئىقدىسادى ۋە ئۇرۇش كۇچى تۇگەي دەپ قالغان ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جىقىنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ تۇپراقلىرىدا كۆزى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوق بولىدۇ دەپ قارىغان ئوسمان دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشنى رەت قىلدى.

ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە قوشۇلالمىغان ئوسمان ئىمپىرىيەسى، بۇ دۇنيا ئۇرۇشىدا يالغۇز قالماسلىق ئۇچۇن ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشنى قارار قىلدى. بۇ قارار تۇرك تۇپراقلىرىدا مەنپەئەتى بولغان گىرمانىيە ئۇچۇن ئوبدان بىر پۇرسەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە ئاز - تولا قورال ياردىمى قىلدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى 1914- يىلى 2- ئاۋغۇست كۇنى گىرمانىيە بىلەن مەخپى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قوشۇلدى.

گىرمانىيە 1914- يىلى 1- ئاۋغۇست رۇسىيەگە، ئىككى كۇندىن كېيىن فرانسىيەگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ سەۋەب بىلەن ئەنگىلىيە 5- ئاۋغۇست كۇنى گىرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ 1- دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا باشلىدى.

گىرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى Goben ۋە Breslav ئىسىملىك ئىككى ئۇرۇش كېمىسى، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە كېمىلىرىدىن قېچىپ 1914- يىلى 10- ئاۋغۇست كۇنى چاناق قەلئە بۇغۇزىنىڭ يانلىرىغا كېلىپ تۇركلەردىن ياردەم سورىدى. گېنىرال ئەنۋەر ۋە جامال ئوسمان ھۆكۇمىتىگە خەۋەر بەرمەي، بۇ ئىككى كېمىنىڭ چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۇپ مەرمەر دېڭىزىغا كىرىشىگە رۇخسەت بەردى. كېيىن تۇركلەر بۇ ئىككى كىمىنىڭ ئىسىمىنى ياۋۇز ۋە مىدىللى دەپ ئۆزگەرتتى، ئۇستىگە تۇرك بايراقلىرى ئورناتتى. بۇ ئىككى كىمە بىلەن قارا دېڭىزغا چىقىپ، 29- ئۆكتەبىر كۇنى قارا دېڭىزدا رۇسلار بىلەن ئۇرۇشتى ۋە رۇسلارنىڭ پورتلىرىنى بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1914- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۇنى رۇسىيە ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە رەسمى ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە بىر كۇندىن كېيىن تۇركىيەگە شەرقتىن ھۇجۇم قىلدى. گىرمانىيەنىڭ 2 ئۇرۇش كېمىسىنى قوغلاپ كەلگەن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە كېمىلىرى چاناق قەلئە بوغۇزىنى بومباردىمان قىلدى ۋە 11- ئاينىڭ 5- كۇنى تۇركىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سولتان رىشات 11- نويابىر كۇنى ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەگە ئۇرۇش ئىلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى جىھادى - مۇقەددەسكە چاقىردى. ) مۇقەددەس ئۇرۇش (. بۇ چاقىرىققا ئىسلام دۇنياسىدىن بىر قوللاش كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئوسمان ئىمپىراتورلىقى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى.

ئوسمان ئىمپېراتورلىقى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا توققۇز سەپتە بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
1. چاناق قەلئە سېپى
2. شەرقى كافكاز سېپى
3. گالىچىيا سېپى
4. رۇمىنىيە سېپى
5. ماكېدونىيە سېپى
6. يەمەن-ئەرەبىستان سېپى
7. سىنا-پەلەستىن سېپى
8. ئىراق سېپى
9. سۇرىيە سېپى
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ قانلىق بولغىنى چاناق قەلئە ئۇرۇشى بولدى.



مەنبە: http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6596

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2215
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9249
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 06:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەخمەت، ھارمىغايسىز.     مۇنبەردە خەنزۇلارمۇ بارمۇنىمە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش