مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11147|ئىنكاس: 48

1- دۇنيا ئۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 07:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 2011- يىللىق مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى ئۈچۈن

                                        1- دۇنيا ئۇرۇشى

    1- دۇنيا ئۇرۇشى 20- ئەسىردە دۇنيادا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 1914- 6- 28- كۈنى ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ تەخىت ۋارىسى  Franz Ferdinand نىڭ Princip ئىسىملىك بىر سىرىپ مىللەتچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن باشلاندى.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۆت مەركىزى دۆۋلەتكە قارشى ياۋرۇپا ۋە باشقا قىتئەلەردىكى 25 دۆۋلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تارىختا كۈرۈلمىگەن تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋرۇپادا "ئىتتىپاق دۆۋلەتلىرى" İttifak Devletleri دەپ ئاتالغان گىرمانىيە، ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە بۇلغارىيە پادىشالىغى بىلەن "رەقىپلەر"  İtilaf Devletleri دەپ ئاتالغان بېرىتانىيە ئىمپىرىيەسى (ئەنگىلىيە)، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىمپىرىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىربىيە، قاراداغ ۋە بىلگىيە ئارىسىدا باشلاندى. ئۇرۇش باشلىنىپ كېيىنچە رەقىپ دۆۋلەتلەر تەرىپىدىن ئىتالىيە، ئامىركا، ياپۇنىيە، گىرىتسىيە، پورتىگالىيە ۋە رومانىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەر ئۇرۇشقا قېتىلدى.
    سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن Franz Ferdinand ئىككى دۆۋلەتنىڭ ئىتتىپاقىنى ۋۇجۈتقا چىقارغان  ئىنسان بولۇپ، Habsbourg Hanedanı نىڭ بىردىن- بىر تەخت ۋارىسى ئىدى. بۇ سۈيىقەستتىن كېيىن ئاۋۇستىريە ھۆكۈمىتى سىربىيەگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى لېكىن رۇسىيەدىن ئىھتىيات قىلىپ قانداق قىلىش توغرۇلۇق گىرمانىيەدىن مەسلىھەت سورىدى. گىرمانىيە مەخپى ھالدا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئاۋۇستىريە سىربىيەنى مۇستەقىل بىر دۆۋلەت دەپ قوبۇل قىلمايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ 48 سائەتلىك مۆھلەت بىرىلگەن بىر ئۇلتۇماتۇم تاپشۇردى. سىربىيە بولسا رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇلتىماتۇمغا مۈجىمەل جاۋاپ بەردى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئاۋۇستىرىيە 1914- 7- 28- كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سىربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە 7- 31- كۈنى ئۇمۇمى يۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. بۇندىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشخال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھوجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆۋلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئېنگىلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگىلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914- 8- 4- كۈنى گىرمانىيە، فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى. گىرمانىيە، رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە، سىربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
     دەسلەپتە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ دەپ ئويلاشقان ئىدى. گىرمانىيە
Schlieffen پىلانى (1905- يىلى تۈزگەن) بىلەن فرانسىيەنى ئالتە ھەپتە ئىچىدە مەغلۇپ قىلىدىغانلىغىنى ئويلىغان ئىدى. بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ گىرمانىيەنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. بىلگىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسۈتىشى بىلەن گىرمانىيەنىڭ پىلانى 12 كۈن كىچىكتى. بۇ پىلانى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن گىرمانىيەنىڭ باشقا بىر پىلانى يوق بولۇپ، بۇ كىچىكىشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىك ھازىرلىقىمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى. گىرمانىيەنىڭ چاقماق تىزلىكىدە ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەرقايسى دۆۋلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان مۇداپىئە كۈرۈش ئۇرۇشى باشلاندى.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئاساسلىق ئىككىگە ئايرىپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
    1- گىرمانىيەنىڭ غەربى قىسمىدا ئاساسەن بىلگىيە، گۇللاندىيە، ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەربى ياۋرۇپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش مەيدانى.
2- ئورتا ياۋرۇپا ۋە شەرقى ياۋرۇپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ شەرقىنى، رۇسىيە ۋە رومانىيەنىڭ غەربىدە قالغان شەرقى ئۇرۇش مەيدانى.
      بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆۋلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەلۇم ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى ۋە مەخسەتلىرى بار ئىدى.
    ئەنگىلىيە:
    19- ئەسىردە ئەنگىلىيە ناھايىتى چوڭ بىر سانائەتلەشكەن دۆۋلەت ۋە بېرتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلگەن ئىدى. ئاۋۇستۇرالىيە، كانادا، ھىندىستان، ئاپرىقىدىكى بىر قىسىم دۆۋلەتلەر، ئانتىل ئارىلى ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق دۇنيانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىغا تارقالغان غايەت چوڭ بىر كېڭەيمىچى ئىمپىرىيە ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. خانىش Victoria  نىڭ (1837- 1901) زامانىدا ئەنگىلىيە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ھالىغا كەلدى. 1877- يىلى ھىندىستان ئىشخال قىلىندى. 1882- يىلى مىسىرمۇ ئەنگىلىيەنىڭ قۇلىغا ئۆتتى. ئەنگىلىيە 1871- يىلىدىن باشلاپ گىرمانىيەنى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچۈگە قارشى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. چۈنكى كۈچلۈك بىر گىرمانىيەنىڭ ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئىختىسادى جەھەتتە بولسۇن، سىياسى جەھەتتە بولسۇن  تەرەققى قىلىشىنىڭ ئۆزى بىر ئۇرۇش سەۋەبى بۇلالايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇستەملىكە رايۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، دېڭىز يوللىرىنىڭ ئۆز كونتىرولىدا بولۇشى، خەلقارالىق چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ئىستىراتىگىيىسى تامامەن گىرمانىيە بىلەن زىت ئىدى.
فىرانسىيە:
    فىرانسىيە 17- ئەسىردىن باشلاپ 1960- يىلىغا قەدەر دۇنياغا بىر كېڭەيمىچى دۆۋلەت سالاھىيىتى بىلەن تۇنۇلدى ۋە 19- 20- ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئېلىپ بارغان كېڭەيمىچىلىك ھەركىتى فىرانسىيەنى ئەنگىلىيەدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ كېڭەيمىچى ئىمپىرىيە ھالىغا كەلتۈردى. فىرانسىيە بىلەن گىرمانىيە1871- يىلىدىن باشلاپ بىر- بىرلىرىنى تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. فىرانسىيە ئۈچۈن قولىدىن چىقىپ كەتكەن Alsace-Lorraine بۆلگىسى ھەم ئىختىسادى جەھەتتىن، ھەمدە ئەسكىرى جەھەتتىن بەكمۇ مۇھىم ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رېن دەرياسى كۆۋرۈكلىرى ۋە بىلگىيەنىڭ كۈچلۈك بىر مۇداپىئە سېستىمىسىغا ئىگە بولىشى فىرانسىيە ئۈچۈن باشقا بىر  ئەسكىرى ئىستىراتىگىيەسى بولۇپ ھېساپلىناتتى. فىرانسىيە ئۈچۈن گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى ياۋرۇپانىڭ مەركىزىدە بولىدىكەن مۇستەملىكىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر تەھدىت بولۇپ ھېساپلىناتتى. چۈنكى فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ئەسكىرى، ئىختىسادى ۋە سىياسى كۈچى فىرانسىيەنىڭ ئىشخالى ئاستىدىكى دۆۋلەتلەر زېمىنىدا ئىدى.
رۇسىيە ئىمپىرىيەسى:
    رۇسىيە 19- ئەسىردە پۈتۈن كۈچىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت نۇختىغا قاراتقان ئىدى.
ئا- غەربىدە پان سىلاۋىزىم سىياسىتى بىلەن سىلاۋ مىللىتىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىش شەرقى ياۋرۇپادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.
ب- جەنۇپتا ئوسمان ئىمپىرىيەسى، بوغازلار ۋە شەرقى ئانادولۇنى ئىشغال قىلىش ۋە ئىران نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى كونتۇرول قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.
ج- رۇسىيە 19- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى ئىشخال قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش.
د- شەرقتە ياپۇنىيە، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، ئامىركا ئارىسىدىكى كۈچ تەكشىلىكىنى ساقلاپ قېلىش.
    رۇس ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان رۇسىيە 1904- 1905- يىلى ئەنگىلىيە، رۇسىيە شەرتنامىسىگە قول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
    رۇسىيە غەرىپتە گىرمانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ پان گىرمانىزىم سىياسىتى، جەنۇپتا ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش، قارا دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزلاردا ئەنگىلىيەگە قارشى ئامىركا بىلەن ياردەملىشىش قاتارلىق ئىستىراتىگىيەسى سەۋەپلىك رەقىپ دۆۋلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قوزغىدى.
گىرمانىيە :
    گىرمانىيە 1871- يىلى 1- ئايدا Versailles شەرتنامىسى بىلەن قۇرۇلغان گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى ئاۋۇستىريەدىن باشقا پارچە- پارچە بولۇپ كەتكەن بارلىق كىچىك دۆۋلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1884- يىلىدىن باشلاپ باشقا دۆۋلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. گىرمانىيە ئىمپىرىيەسى 1914- يىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئىختىسادى، سىياسى ۋە ئەسكىرى جەھەتلەردە تەڭ تۇرالىغىدەك بىر نۇقتىغا كەلدى. ھەتتا سانائەتلىشىش ۋە ئىش كۈچى جەھەتتە ئەنگىلىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئىككىنچى Wilhelm دەۋرىدە باشقا ياۋرۇپا كۈچلىرىگە ئوخشاش ئىمپىرىيال بىر سىياسەت قوللاندى. بۇ ۋاقىتتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا پات- پاتلا باشقا خوشنا دۆۋلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىش ۋەقەسى يۈزبىرىپ تۇردى. بۇ ۋەقەلەر دوستلارنى ئۇزاقلاشتۇردى. نەتىجىدە گىرمانىيەگە قارشى فىرانسىيە، بېرىتانىيە ئىمپىرىيەسى ۋە رۇسىيە ئىمپىرىيەسى ئىتتىپاقلىشىپ بىر قۇتۇپ ھاسىل قىلدى. گىرمانىيە بولسا پەقەتلا ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى بىلەن ئىتتىپاق قۇرالىدى. 1900- يىللىرى ئىمپىرىيال ۋە ئىمپىرىيالىست دەۋرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتىدا گىرمانىيەنىڭ دۇنيادا بىردىن- بىر ئۈستۈنلۈك شۇئارى( گىرمان روھى دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ)  دىيىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ياۋرۇپا مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈكلىرى ھېساپلانغان بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى.
    1914- يىلى گىرمانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىدىن باشقا كۈچلۈكرەك بىر ئىتتىپاقدىشى يوق ئىدى. بەلكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىركى بۇ بوشلۇق ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ، گىرمانىيەنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىۋالغىدەك باشقا بىر پىلانى يوق ئىدى. گىرمانىيەنىڭ  باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بولسا ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن بۇلغارىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇرۇشتا ھەلقىلغۇچ رول ئوينىيالىغىدەك ئىختىسادى ۋە ئەسكىرى كۈچى يوق ئىدى. گىرمانىيە ئۈچۈن بىردىن -بىر ئىشىنەلەيدىغان كۈچ بولسا ئۆزىنىڭ كۈچى ئىدى.
ئاۋۇستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى:
    ئاۋىستىريە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت رۇسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ پان سىلاۋىزىم سىياسىتى ئىدى. رۇسىيەنىڭ شەرقى ياۋرۇپا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا كېڭىيىش نىيىتى بار بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئىچىدىكى بولسۇن، ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىچىدىكىسى بولسۇن باشتا سىلاۋ مىللىتى قاتارلىق بارلىق مىللەتلەرگە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ياردەم قىلاتتى. دۆۋلەت چىگرىسىنىڭ غەرىپ تەرىپىنى گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى يەنە بىر تەرەپتىكى رۇسىيەنىڭ تەسىرىنى يوقۇتۇشنى ئويلايتى.
    ئەسلىدە ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ  ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ھەر ئىككى ئىمپىرىيە ئۆز تەغدىرىنى تامامەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەلىبىگە باغلىغان ئىدى. يەنى بۇ ئىككى ئىمپىرىيە ئۈچۈن ئۇرۇش ھايات- ماماتلىق مەسىلىسى ئىدى.
ئىتالىيە:
    1870- يىلى رىم ۋە 1886- يىلى ۋېنېدىك ئىتالىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. بۇلارنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ مىللى بىرلىكى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىتالىيە بادىشاھلىغى قۇرۇلدى. ئىتالىيە رىم دەۋرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن دۆۋلەت ھالىغا كەلدى. يېڭى ئىتالىيە پادىشاھلىغىدا 20- ئەسىردە شىمالى ئىتالىيە تىزلىكتە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. جەنۇبى ئىتالىيەدە بولسا تىزلىكتە نوپۇس كۆپىيىشكە باشلاپ مىليونلارچە ئىنسان ياخشىراق بىر ھاياتتا ياشاشنى ئۈمۈت قىلىپ باشقا دۆۋلەتلەرگە كۈچۈپ كىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.   
    ئىتالىيەمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىگىرمە يىلىدىن باشلاپ باشقا ياۋرۇپا دۆۋلەتلىرىگە ئوخشاش كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە قارشى  Trablusgarp ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدى. غەربى تۈركىيەدە 12 ئارالنى، ئاپرىقىدا بولسا لىۋىيە، ئېپوئوپىيە ۋە سۇمالى قاتارلىق  دۆۋلەتلەرنى ئىشخال قىلىپ، كېڭەيمىچىلىك ھەركىتى ئېلىپ باردى.
    ئىتالىيە دەسلەپتە 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ دۆۋلەت بولغان بولسىمۇ 1915- يىلىدىن باشلاپ رەقىپ دۆۋلەتلەرگە قۇشۇلدى. ئەگەر ئىتالىيە ئۇرۇشقا قاتناشسا Trento, Trieste, Istria, Dalmaçya ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ بەزى جايلىرى بۆلۈپ بىرىلىدىغان بولدى. ئۇرۇش جەريانىدا 600.000 ئىتالىيە ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئىتالىيە ئىختىسادى ۋەيران بولدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن بۇرۇن بىرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقا ئاشمىدى. ئىتالىيە غالىپ تەرەپتە بولغان بولسىمۇ بىرىلگەن ۋەدىلەردىن پەقەتلا Trent, Trieste ۋە Bolzano قاتارلىقلارنىلا بەرگەن بولدى. بۇ ئەھۋال ئىتالىيە خەلقى ئىچىدە ناھايىتى چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.
    ئىتالىيەنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مەخسىدى مەۋجۇت مۇستەملىكە رايۇنلىرىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرىق، ياۋرۇپانىڭ شەرقى، جەنۇبى ۋە ئاپرىقىدىكى كۈچىنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئوسمان ئىمپىرىيەسى:
    ئوسمان ئىمپىرىيەسى 1699- يىلى Karlofça شەرتنامىسىدىن كېيىن داۋاملىق ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈز تۈتتى ۋە 1912- 1913- يىلى Balkan (شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپا) ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئىمپىرىيەدىن ئايرىلغان كىچىك دۆۋلەتلەرگىمۇ كۇچى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى مۇنداق: ئىختىسادى جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، ئىختىسادى ئەھۋالى يۈزدە 300 ئەتراپىدا چىكىنگەن، 1914- يىلى 7- 8- ئايلاردا يۈزدە 50% باشقا دۆۋلەتلەرگە تايىنىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، دۆۋلەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىمۇ بىرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
    سىياسى جەھەتتىن: بالقانلار ۋە مىسىرنى تارتقۇزۇپ قويغان، ئوتتۇرا شەرىق بۆلگىسىدىكى زىمىنى ئۈچۈن ئەنسىرەش ئىچىدە قالغان بىر دۆۋلەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەر خىل مىللەتلەر ئىچىدىكى مىللەتچىلىك ۋە بۆلۈنۈش ھەركەتلىرى سەۋەبىدىن ئانادولۇدىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە قارىتا نىيەتلىرىنى ۋە ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نېپىتنىڭ زامانىدىكى قىممىتىنى بەكمۇ ياخشى بىلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان رۇسىيەنىڭ بوغازلار ۋە شەرقى جەنۇبى ئانادولۇ رايۇنىغا بولغان نىيىتىنى ياخشى بىلەتتى.
    ئەسكىرى جەھەتتىن: بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆۋلەت ئارمىيەسى ناھايىتى بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ  İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئىككى يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدايېڭىدىن دۆۋلەت ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرتىپلىك بىر دۆۋلەت ئامىيەسىنى شەكىللەندۈرەلىگەن ھۈكۈمەت ئىختىسادى ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن تېخنىكا ۋە قورال- ياراق جەھەتتىن يېتەرسىز قالدى.
    İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قېلىشىنى بىلگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش بىلەن بىرگە گىرمانىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى ساخلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇ قەدەر ئەھمىيەت بەردىكى، ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇزاكىرىلەر داۋام قىلدى. ئەنگىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ  ئىتتىپاق ئۈچۈن ئاساسلىق تەلىپى بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن دۆۋلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈك تەلىۋى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ئۇرۇشتىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىمىز" دىگەن جاۋابى بىلەن ئاياغلاشقان بولدى. ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ساخلاپ قېلىشتىن تامامەن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن  İttihat ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى 1914- 8- 2- كۈنى گىرمانىيە بىلەن بىر مەخپى كىلىشىمنامە (ئوسمان ئىمپىرىيەسى- گىرمانىيە مەخپى كىلىشىمنامىسى) ئىمزالاپ ئىتتىپاق دۆۋلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا كىرىشنى قارار قىلدى.
بۇلغارىيە:
    ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ چىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ ۋە چاررۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈن بالقانلاردا (شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپا) بولغىنىدەك بۇلغارىيەدىمۇ مۇستەقىللىق ھەركىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. 93 Harbi دا مەغلۇپ بولغان ئوسمان ئىمپىرىيەسى بۇلغارىيەنى 1878- يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلىرىدە مۇستەققىل كېنەزلىك دەپ قوبۇل قىلغان بولسا 1908- يىلى رەسمى مۇستەقىل دۆۋلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
    بۇلغارىيە پادىشالىغى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن گىرىتسىيە، سىربىيە، قاراداغ، رومانىيە بىلەن غەرىپتە ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئارىسىدا قىسىلىپ قالدى. بۇلغارىيەنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى يىللاردا بالقان دۆۋلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا دۆشمەنلىكى بار بولۇپ، گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتىن باشقا بىر تاللاش يولى يوق ئىدى.
    1918- يىلى گىرمانىيە ئۈچۈن ھالاكەتنىڭ باشلىنىش يىلى بولدى. ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە يېمەك- ئىچمەك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى گىرمانىيەنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەدە باشلانغان ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشكە باشلىغان بولشىۋىك ھەركىتى گىرمانىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. خەلقنىڭ ئىش تاشلاش، نامايىش قىلىشتەك ھەركەتلىرى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. گىرمانىيە ھۆكۈمىتى خەلىق ئاممىسىنىڭ بۇ ھەركىتىنى تۇسۇپ قېلىش ئۈچۈن نامايىش قىلىش ۋە ئىش تاشلاش ھەركەتلىرىگە قاتناشقان خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ جازا سۈپىتىدە ئالدىنقى سەپلەرگە ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت بۇ ھەركىتى بىلەن ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئەسكەرلەر ئىچىدە دۆۋلەتكە قارشى قوزغىلاڭ قىلىش ۋە بۇيرۇققا بويسۇنماسلىقتەك ھەركەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 1918- يىلى ئۇرۇش تامامەن رەقىپ دۆۋلەتلىرىنىڭ پايدىسىغا قاراپ تەرەققى قىلدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر چىقىش يولى يوق ئىدى. بۇلغارىيە 1918- 9- 29- كۈنى Selanik  شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيەسى 1918- 10- 30- كۈنى Mondros شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئاۋۇستىرىيە، ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيەسى 1918- 11- 3- كۈنى Villa Giusti  شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئاخىردا گىرمانىيەنىڭ 1918- 11- 11- كۈنى Rethondes  شەرتنامىسىغا قول قۇيۇشى بىلەن 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
    1- دۇنيا ئۇرۇشى 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇش بەكمۇ رەھىمسىز ۋە قانلىق بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئەسكەرلەردىن باشقا نورمال خەلقلەرمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. خەلق ياشاشقا چارىسىز قالدى. بۇ ئۇرۇشتا بۇرۇن پەقەتلا ئىشلىتىلىپ باقمىغان زەھەرلىك گاز، ئايرۇپىلان، سۇئاستى ئۇرۇش پەرخۇتلىرى، بىرونېۋىك، تانكا، مۇساپىسى 15 كىلومىتىرغا يەتكەن ئېغىر توپلار، تانكا ئاتار ۋە يۇقۇرى تەخنىكىلىق ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قوراللار ئىشلىتىلدى.
    ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆۋلەتلەردىن جەمئى 65.038.810 مىليون ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتناشتى. جەمئى 8.556.315 ئادەم ئۆلدى. 21.219.452. ئادەم يارىدار بولدى. 7.750.945 مىليون ئادەم غايىپ بولدى ياكى ئەسىرگە چۈشتى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى دۆۋلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. تەڭسىز شەرتنامىلەر، ئۇرۇشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەسەبى مىللەتچىلىك، پاشىزىم ئىددىيەلىرى 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولاتتى.

                           <مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە>

مەنبەسى: http://tr.wikipedia.org/wiki/I._D%C3%BCnya_Sava%C5%9F%C4%B1

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 09:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت. بۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27171
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 09:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى جىق بىلىملەرگە ئىگە بولۋالدىم ، رەھمەت سىزگە !

بەختىمگە !

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 10:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخى كىتاپلاردا ئانچە مۇنچە ئوقۇغان بولساممۇ لىكىن ھازىرقىدەك چۈشىنىپ تەپسىلى ئوقۇش پۇرسىتگە ئىگە بولالمىغان ئىدىم.ياخشى يېزىلپتۇ.رۇسيەنىڭ بىرنجى دۇنيا ئۇرشىدا،ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدا تەلىينىڭ كېلشى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن زىمىنلارنى غالجىرلىق بىلەن ئىگەللىۋىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھەتتا 1978-يىلى تىنچ بولغان ئاففانىستانغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.رۇسيە دىگەن بۇ دۆلەت يەر يۈزدىن يوقالسا دۇنيامۇ بىر تىنچ بولۇپ قالار ئىدى.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8212
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8244 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 10:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ،كىيىن كۆرەي...!!!

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 10:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 3054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32214
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7275 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 02:55:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك ،
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شەمەيدىكى ۋاقتى دەل بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىغا توغرا كېلىپ قالغانمۇ ؟ شۇ سەۋەپتىن ۋەتەنگە قايتىپ 学堂 دا ئوقۇغانمۇ ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

تۆكۈلۈپ كەتكەن س

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3138
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9211
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 3820 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 09:56:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ياخشى يوللانغان تېما بوپتۇ ، ئەگەر مۇمكىن بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىمۇ يوللاپ قۇيغان بولسىڭىز

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى قورۇق چۈشمىگەن موماي ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ، ئېچىنىش بولمىغان ئۆتمۈش تۇرمۇشنى ھەرگىزمۇ باغلىيالمايدۇ .

ئۇيغۇر بۇلۇشتىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40379
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3354
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 771 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2011-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 07:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:231]
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇبۇ. رەھمەت كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم

اللهم اعز الاسلام والمسلمين .

ھايات بىر تىراگى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42204
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 53
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 07:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركىنلىك ھايات مەن ئۇچۈن ھەممىدىن قىممەت ، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت . لىكىن كىچمەن ھەر ئىككىسىدىن ، ئازاتلىق، ئەركىنلىك ئۇچۈنلا پەقەت .                            پىتوفى ساندورو
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش