ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت AzmatHan كە 2011-05-25 05:30 PMئەۋەتىلدى :
ۋاي ئاللا بۇ ئۆتكەن يىلىدىكى < ئىككى يىغىن > ھارپىسىدىكى بېلەت تاشلايدىغان پائالىيەت ئىكەنغۇ .................
مىنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم قاتتىق نازارەت تۈزىمىنى يولغا قۇيۇش كېرەك .
1. ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن < قوش تىل > بۇيىچە ئىمتىھان بەرگەن ياش ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇلارنىڭ پەقەت پىداگوگىكا ۋە پىسخىلوگىيە ئىمتىھان نەتىجىسى بولسىلا ، شەھەر ۋىلايەتلەردە ئالغان يەرلىك ئىمتىھاندا ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ۋە < ئارقا ئىشىك > قىلالىغانلار ( بۇلارنىڭ سانى ئاز نىسبەتتە ) خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنىمى ئويلىشىلمىغان ، بولۇپمۇ كىيىنكىسىنىڭ .
2. بەزىلەر دىگەندەك ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تۆمۈر تاۋاق قىلىۋالغان كىشلەرمۇ ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ بىر بولسا بىرەر باشلىق بىلەن كۆڭلى يېقىن ياكى بولمىسا پۇلىنى شۇلارنى مىھمان قىلىشقا خەجلەيدۇ . بۇ جەھەتتە ھۆكۈمىتىمىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، مەسلىنى تۇلۇق ھەل قىلالمىدى .
3. ئابدىكېرىم ئابلىزنىڭ < ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى ، شوجاڭ بولساڭ خانىم > دىگەن سۆزى مىنىڭچە كىشىلىمىزنى ئويغا سېلىشى كېرەك . مىنىڭچە بەزى مەكتەپنى مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس بەلكى شۇنىڭ < خانىمى > باشقۇرىدىغان ئەھۋاللار بار . يەنە يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كەلسە مەكتەپتىكى ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېلىپ چىقىپ بىللە تاماقلىنىدىغان ۋە .................... ئىشلارمۇ بار . ( بۇنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ) . ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرىدىغانلار پەقەت ئۆز مەنپەتىنى كۆزلەيدۇ ، ئۆسۈشنىڭ ۋە يۇقىرىدىكىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن شۇ ئاران خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئوقۇتقۇچىلارنى ھەرخىل ئالۋاڭ سېلىقلار بىلەن قىينايدۇ . تېخى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى يەرلىك سىياسەتكە بوي سۇنىدۇ . بۇنى ھۆكۈمىتىمىز ئويلاپمۇ باقمىدى .
.......
بىر قارىسا تەھلىلىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇقتەك كورىندىكەن ،لىكىن كۆپتۇرمە قىلىۋەتمەڭ ياخشىسى،بولۇپمۇ ئىمتىھان ئارقىلق ئۆتكەنلەرنى بەكمۇ ئارتۇق سوزلەپسىز،سىزچە قانداق ئادەمنى ئاسا خىزمەت ئۇنىمى يۇقىرى كۆتۇرلىدۇ؟پىسخولوگىيە پىداگوگىكا دىگەنلەرنى ھازىر ھەممە مەكتەپتە ئوتىدۇ.ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شۇ 10يىلدىن بۇيانقى ياشلار!بىرەر مەكتەپتە تايانچ بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياشلاردىن بىر نەچچىنى يۆتكىۋىتىپ باقايلى،سىز نى مىنى قاتارغا قوشقان شۇ پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىز قىلالامۇ ھازىرقى قوشتىل مائارىپىنىڭ ۋەزىپىسىنى!
ئاددىيسى كومپىيوتىر،ئارخىپ،تەجىربىخانا.... ئىشلىرىنى....~
يىقىردىن ئامال قىلالمايۋاتقان مائارىپ ساختىلىقىغا سىز ئامال قىلالايدىغان ئوخشىمامسىز؟
بىرتەرەپلىمە قارشىڭىزنى سوزلەۋەرمەڭ.
شۇئار بىلەن ئەمەلىيەت ئىككىسى ئىككى مەسىلە!