مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 19

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر توغرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەل غىزا قۇۋەت م

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11619
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 01:19:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر توغرىسىدا



(بۇنى تور ئارىلاۋېتىپ تېپىۋالدىم، مۇنبىرىمىزدىكى مۇشۇ ھەقتىكى بىلىمى سەل ئاجىزلارغا پايدىسى تىگىپ قالار دەپ يوللىشىم. ئەلۋەتتە مەنمۇ بەزىدە تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتەلمەي قالىمەن.. ھەممىمىز ئۈچۈن شۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرىكەن. قېنى ئەمىسە پايدىلانغايسىلەر!!!)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
تۆۋەندە يازمىلىرىمىزدىكى ئوي-پىكىرنى، ئوي-پىكىرلىرىمىزنىڭ بۆلەكلەرگە ئايرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە توختىشىنى، ئۇرغۇ، ئىنتۇناتسىيەنى ئىپادىلەش، سۆزلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە رولىنى بىلدۈرۈشتە ھەر خىل مەنە مۇناسىۋىتىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگە — تىنىش بەلگىلەرنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى يوللاپ قويدۇم(بۇ تېمىنى بىر يىل بۇرۇن مۇئەللىپمۇ بىر قېتىم يوللىغان). تورداشلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا تىنىش بەلگىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا قوللىنىدىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. چېكىت ( . )
(1) خەۋەر جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۈگۈن قاشتېشى مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ.
(2) يېنىك ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىملانى توغرىلىغايسىز.
(3) قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئا.ئۆتكۈر
م.ھوشۇر
(4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مۇنبەر تۈزۈملىرى:
1. ساغلام تېما يوللاش؛
2. ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىش؛
3. مەنبەسى ئېنىق بولۇش؛
..........
(5) بەزىدە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بويىچە مۇنبەر مەسئۇلى، نازارەتچى، باشقۇرغۇچى، سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
مۇنبەر مەسئۇلى. مۇنبەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ....
نازارەتچى. مۇنبەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ...
باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى بارلىق تېما ۋە سەھىپىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....
سەھىپە باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى مەلۇم بىر سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....

ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.



2. سوئال بەلگىسى(؟)


(1) سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟
ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟
② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
(2) قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟
بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟



3. ئۈندەش بەلگىسى(!)


(1) ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن!
(2) كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
قولۇڭنى تارت!
(3) شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن!
(4) ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
(5) ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
« نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر،
نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟»
(ئا.ئۆتكۈر)
ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
«ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا،
دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!»
(ئا. خۇجا)



4. پەش( ، )


(1) جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى.
(2) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ.
(3) جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟
«خوش ئاتا، مېھرىبانىم،
غەمگۇزارىم، ياخشى قال.»
(نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن)
(4) جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر،
ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.»
(ئا.خۇجا)
(5) تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
(6) تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ. لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي.
(7) ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس.
بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
(8) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
« _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!»
(بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن)



5. چېكىتلىك پەش ( ؛ )

(1) مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە.
(2) چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.
چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ.



6. قوش چېكىت( : )


(1) ئاپتور سۆزى بىلەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە پېرسۇناژ سۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مۇنبەر مەسئۇلى: « باشقۇرغۇچىلار ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ بەرگەيسىلەر»،_ دېدى.
(2) ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
پېرسۇناژلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىجابىي پېرسۇناژ، يەنە بىرى سەلبىي پېرسۇناژ.
(3) قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۈنلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
(4) ئەسكەرتمىلىك سۆزلەردە قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
......
ئالاقىلاشقۇچى: ئەركىن
تېلىفون نومۇرى: 0991....




7. قوش تىرناق («»)


(1) جۈملە ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ناملىرى ۋە ماقالە–ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
مېنىڭ « مەن قانداق قىلاي؟» ناملىق ئەسىرىم تورنىڭ تاقىلىشى بىلەن غايىپ بولدى.
خەنجەر ماڭا: «مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بوپقالدىم» دېدى.
(2) بەزى تەنە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئەتىگەن ئۇچۇر يازسام ئەمدى جاۋاب يېزىپسىز، بەك «چاققان» جۇمۇ سىز!
(3) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن نۇقتىلىق سۆزلەر ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆزلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز «تار مەنىدىكى گرامماتىكا»، مېنىڭ ئېيتقىنىم «كەڭ مەنىدىكى گرامماتىكا».




8. يالاڭ تىرناق ( <> )


قوش تىرناق ئىچىگە يەنە تىرناق كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
سەركەردە ماڭا: «مەن ئاپئاق ئاينىڭ <مەن ۋە سەن> دېگەن تېمىسىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاپ ھېرىپ قالدىم» دېدى.




9. تىرناق ( () )


(1) جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ.
(2) كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت).
(3) دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ).
(4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.




10. سىزىقچە ( - )


(1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
كېچە-كۈندۈز، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار.
(2) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1-سىنىپ، 6-ئاي.
(3) سۆزلەردە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈشتە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارچە ئىل-
مىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم.»
(4) ئۆز ئارا يېقىن بولغان ئىككى ساننىڭ يانداش كېلىشىدىن تۈزۈلگەن مۆلچەر سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
چوڭ ئۆيدە بەش-ئالتە كۈن تۇرۇپ قالدىم.
(5) ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوڭ تەرەپتىن پاڭ-پۇڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى.
(6) تەكرار سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.




11. سىزىق ( _ )


(1) ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«كۆپىنچە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم»
(2) تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوغلۇمنىڭ سىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.
(3) دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
_ ياق، ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن.
_ نېمىشقا؟
_ يەنە نېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم.
(«مۇز تۇتقان دەرىزە»)
(4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
_ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.
(5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»



12. كۆپ چېكىت (....)

(1) ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەن يازمىساممۇ، كەلگۈسىدە ئۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەپ يازىدىغانلار چىقىدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ....»
(2) سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش، جىددىيلىشىش، دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۈزۈلۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
_ بايا كوچىدا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟
_ مەن....
(3)
دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالغان جايلارغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
دۈشمەن ئەسكەرلىرى بالىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى:
_ ئېتىڭ نېمە؟
_ .....
_ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟
_ .....

--------------------------------------------------------------------------------

پايدىلانغان ماتېرىيال: «ئومۇمىي يېزىقچىلىق» ناملىق كىتاب



مۇئەللىپ ناملىق ئەزايىمىزنىڭ تېمىسى :

تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتەيلى!


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
گۈزەل ھەدەمنىڭ ئىملا جەدۋىلىنى كۆرۈپ مۇنۇ تېمامنىمۇ يوللاپ قويسام بولغۇدەك ئويلاپ قالدىم. مۇۋاپىق پايدىلانغايسىزلەر!


تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتەيلى!

دوستلار ،بەزى چاغلاردا سۆز- جۈملىلىرىمىزدە قايسى خىل تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولۇقۇپ قالىمىز . مۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىپ ،پىكرىڭلارنى تىنىش بەلگىلىرنىڭ ياردىمىدە راۋان ئىپادىلەشنى خالامسىلەر؟ ئۇنداقتا مۇئەللىپنىڭ‹‹ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى›› كېلىش ئالدىدا سىزلەر ئۈچۈن تەييارلىغان بايراملىق سوۋغىسىغا مەرھەمەت قىلىڭ!

تىنىش بەلگىلىرى دېگەن نىمە؟
ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ئوي –پىكىرنى توغرا ،تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا ،يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يازما نوتۇقتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى تۆۋەندىكىچە.

1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى . (1)
چېكىت ‹‹.›› (2) سۇئال بەلگىسى ‹‹؟›› (3)ئۈندەش بەلگىسى ‹‹!›› (4) چېكىتلىك پەش‹‹؛››(5)تىرناق ‹‹()›› (6) پەش ‹‹،››(7) قوش تىرناق ‹‹ ‹‹›› ››(8) يالاڭ تىرناق ‹‹ ‹››› (9) سىزىقچە ‹‹-›› (10) سىزىق ‹‹ـــ›› (11) قوش چېكىت ‹‹:›› (12) كۆپ چېكىت ‹‹…››

2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى. 1.چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قويۇلىدۇ :
1) بايان جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
(1) گۈزەل خانىم بەك ئەستايىدىل .
(2) تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم.
2)بۇيرۇق ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
(1)يۇقىرىغا ئۆتۈڭ .
(2) ئۆيگە ۋاقتىدا كېتەي.
(3) كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ كەتمەڭ.
3) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:‹‹1.››،‹‹2.››،‹‹3.››…
4)قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) ز.قادىر
(2) ت.ئالماس
(3) ئا.ئۆتكۈر
5)يىل ،ئاي ،كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ .مەسىلەن:1918.10.01
1987.02.27
6)ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر سان ئارىسىغا ،سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
(1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)
(2) سائەت 8.00(سائەت سەككىز)

2.سۇئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى .
بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:
1) ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
(1) نىمە ئىش يۈز بەردى؟
(2)مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
2)كەينى –كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟
(2)سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ-
ئەمەسمۇ؟
3)جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ،ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) سەلەي چاققان (؟-1905)ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.
4)ئۈندەش ۋە سۇئال تەرىزىدە ئېيتىلغان جۈملىلەردە ئاۋال سۇئال بەلگىسى ،ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
(1) شەرۋان : ھوي ،سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ ؟!
(2)نىمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا بۇ؟!

3.ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئوي پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە.
1)ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
(1) سىرداشىم ئەسىرىڭىزنى يېزىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)
(2) ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار!(ئۈندەش)
(3) دىيارىم ئەھلى ! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار ! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن!(ئۈندەش ،بۇيرۇق)
2)ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئىملىق سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) توۋا ! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ!
(2) نىگار ! ئاللاھقا ئامانەت .
تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال ،ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى بولمايدۇ.

4.چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر .
تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا ،ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
(1)ــــ شاھىم ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆلگىنى ئېڭىشىپ تاغ كەينىگە پاتقىنى ؛يەرنىڭ ئۆلگىنى قار ئاستىدا قالغىنى (ياتقىنى)؛سۇنىڭ ئۆلگىنى مۇز ئاستىدا قاتقىنى ،ــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
(2) ھاياتلىق بولمىسا ،ئۆلۈم بولمايدۇ؛ ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

5. پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ،تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى ،ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :
1)جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى ،تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى ،چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ ،چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.
(2) تاغلار ،باغلار ،دالالار...قىسقىسى بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
2)مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
(1) مېڭىۋەردىم ،كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى ،بۇرۇلۇپ قارىسام ،ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كېلىۋېتىپتۇ.
3)جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى (قاراتما سۆز،قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆز)جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
(1) ئۇنىڭدىن باشقا ،رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.
(2)بەختكە يارىشا، شۇكۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى .
(4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
(1) قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ ،بىرىنچىدىن ،ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن ،ئىككىنچىدىن ،...

6. يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى .جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش ،كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:
ـــــ ۋاي قوۋۇرغامەي،‹‹چىراغپايدا چاي ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم ››دېگەندەك ،ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ ؟ئۇقۇپ قوي ئاشكار ،ئۇ دېگەن پەن ،دېدى كۈنقىز.

7.قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە.ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر ،جۈملىدىن كىتاب،گېزىت –ژۇرنال ناملىرى ،ماۋزۇ قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەكسى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.
(1) ئايجاھان ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.
(2) قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى ،شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ئوۋچى ›› دەپ ئىسىم قويىۋالغان ئىدى.
(3) ‹‹ غالىبىيەت ›› كوچىسى .
(4) سىنىڭ ‹‹ئەقىللىق››قىزىڭ تاپقان پالاكەت بۇ.

8. تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ .
1) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش ،ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ .مەسىلەن :
(1) بىز دىيارىم تور سىنىپىنىڭ (ھابابام سىنىپى)ئوقۇغۇچىسى .
(2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى (نۇر بەكرى )يىغىندا سۆز قىلدى.
2)سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەركىتى ،كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ . مەسىلەن :
(1) نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم سۈرەتلىك بۆرىلەر!
(2)(غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم تېنىمدە بولسا ،مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن .
3) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ،ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان خېتىدە :‹‹سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ ،ئۆي جاھازلىرى ،كارىۋات ياپقۇچ ،كىيىم –كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى ...›› (ئېلى راھىت :‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››دىن) دەپ يازغان .

9.سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن:
1)جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن :
(1) دەپتەر-قەلەم ،بۈگۈن-ئەتە ،قىش –ياز
(2)بۇ نېمىدىگەن ئەخمەق كىشى –ھە؟
2) سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە ،ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
پرولې- // ۋەتىنىمىز-//
تارىيات// دىكى
3) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
(1) بىز 28-بىنادا تۇرىمىز.
(2)كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە .
4) پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
ئولتۇر-،ماڭ-،كەت-،تۇر-يۈر-
5)سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا ،سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ كەينىگە قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
- ىچى ،-ىش ،-ۈش،-نىڭ ...
بى -،نا-،بەت-،دەر-...

10. سىزىق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى 1)
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ؛ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
ـــ نىگار بۈگۈن سېنى ھايۋانات باغچىسىغا ئېلىپ باراي ،دېدى ئۇ خۇش كەيىپ ھالدا ،قىزى بېشىنى چايقاپ :
ـــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم .
ـــ تۈنۈگۈن يېزىپ بولغانتىڭغۇ؟
ـــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى ،بۈگۈنكىسى سىنىپ باشلىقى سراجىلنىڭ .
2) زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ( ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :
(1) لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى .
(2)1990ـــ 1995-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
بۇنداق كەلگەن سىزىق (ـــ) ‹‹ۋە›› ياكى ‹‹ھەم›› مەنىلىرنى ياكى ‹‹دىن›› ،‹‹ -غىچە ›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
3) جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن (بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن )ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : (1) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ــــ يۈگۈرۈش ،سەكرەش ،گىمناستىكا ،پۇتبول ،ۋالىبول قاتارلىقلار بار .

11. قوش چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :
1) مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ ،شەرھلەپ كەلسە ،ئالدىنىقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
(1) بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :
1.ئەلانۇر
2.ھۆرىيەت
3.ئەكبەر
.....
2) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
(1) ھۆرمەتلىك گۈزەل ھەدە:
(2)ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە :
بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت –ئالاقىدە ،تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
3) سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:
(1) مۇئەللىم : ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ كەلدىڭلارمۇ ؟
4) بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن ‹‹مەسىلەن›› سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان بىر كۈن بولدى .
5) تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا ،ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ ،قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا ،مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :
(1) ئەتراپىغا قاراپ :
ـــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ،مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .
6) ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە ،ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
(1) مۇپاسسان :‹‹مارجان››
(2) زوردۇن سابىر :‹‹ ئارچا ياپرىقى ››
(3) ئا.ئۆتكۈر :‹‹ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك ››
12.كۆپ چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن :
1) جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا ،نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
(1) مەن نەگە بارىمەن ،نىمە ئىش قىلىمەن ؟! ...
(2) ... ‹‹ تەڭرى›› ،‹‹يوق نەرسە ››، ‹‹نۆل››دېگەندەك غەلىتە گەپلەرنى قىلدى .
(3) سىز تارتىنماڭ ،تېزدىن ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ!...
2) نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش ،دۇدۇقلاش ،جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن :
(1) سەن ... سەن ...بۇ يەردىن تېز كەت ...ئىش چاتاق ...
(2) نې... مە دەپ يۈرىسەن ؟ ۋاي ئەخمەق!
(3) كۆر...دۈڭلار...مۇ،گې... زىتكە بېسىپتۇ .
(4)ئې...ىسمدە قالماپتۇ.

مەنبە : مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى دوتسېنتى زەينەپ نىياز خانىم تۈزۈپ چىققان ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن ئومۇمىي ساۋات›› ـــــ فونېتىكا ۋە سىنتاكسىس قىسىمى .
ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zapar + 100
قىزغىن + 400 ئەھمىيەتلىك تېما
saman-yoli + 100 پايدىلىق تېما
moghal + 200 ئەھمىيەتلىك تىما.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 800   باھا خاتىرىسى

ھاياتقا بەزدە كۈلگۈم كىلدۇ خاتالىق ئوتكۈزسەم تۈزگۈم كىلىدۇ نە ئامال ھېچ كىشى مەندەك ئەمەسكەن شۇڭلاشقا ئۇن تۈنسىز يۈرگۈم كىلىدۇ

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2871
تۆھپە نۇمۇرى: 136
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 05:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى پايدىنلىنىش ماتىريالى ئىكەن بۇ ساقلىۋالاي بىرنجى بولۇپ

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 09:35:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تىگىشلىككەن، تەۋسىيە تېمىغا چىقىرىلغان بولسا نۇرغۇنلىغانلار بىلۋالسا بولاتتى. چىكىتنى نەگە قۇيىمىز، پەشنى نەگە قۇيىمىز دىگەندەك.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 10:11:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ، ئۈزەمدىكى  كەمچىلىكلەرنى بىلىۋالدىم .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20097
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 8021 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 10:26:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېمىكەن، ساقلىۋېلىپ دائىم كورۇپ تۇراي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5408
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 5869 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 11:29:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يىزىقىم ئۇيغۇر يىزىقى ئۇچۇن جىنىمنى پىدا قىلغۇم كىلۇر.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32270
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3090 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 11:46:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز. نۇرغۇن تورداشلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك. قۇرۇق شۇئارنى ھەممىمىز توۋلايمىز، لېكىن بۇنداق ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن تىل يېزىقىمىزنى قوغداشقا ھەسسە قوشىدىغانلار ئاز جۇمۇ.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1246
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 12:13:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلى قىممەتكە ئىگە مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ بازىرى كاسات دىسە. مۇنبەردىن كۆڭۇل خوشلىقى ئىزدەش بىلەن بىرگە بىلىم تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بىرەيلى دوستلار.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

سابىق سەلكىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27836
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 12:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە........ساقىلىۋالدىم ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.....مۇنبەر ئەھلى.
سالام سابىق سەلكىندىكى مۇنبەرداشلار!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16221
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5860
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1948 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 12:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىنى يۇللاپسىز، ياخشى پايدىنلىنىش ماتىريالى ئىكەن، مەن ساقلىۋالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش